ھاجىتىم يوق بولغىلى جاندىن پەخەس سەن بولمىساڭ،
بولسىمۇ زەردىن ئۆيۈم مەنچۈن قەپەس سەن بولمىساڭ.
زەرلىكىمدە بار ئىكەن زەرگەرلىكىڭنىڭ ھەسسىسى،
ئۆزگىلەرنىڭ بىلمىكى قەدرىمنى تەس سەن بولمىساڭ.
بەزلىمەك مۈشكۈل ماڭا سەنسىز ئۆزۈمنى شاد قىلىپ،
يەتتە ئىقلىم بايلىقى بىر دۆۋە خەس سەن بولمىساڭ.
مېنى دەپ كەچتىڭ جىمىيدىن،سېنى دەپ كەلدىم ياشاپ،
شۇ سەۋەب بار-يوقلىقىم ھېچ ئەرزىمەس سەن بولمىساڭ.