خۇش قىلىپ كۆڭلۈڭنى يار، چالما مېنى،
ئالما،گۈل مەن،كۆرمە خار-چالما، مېنى.
سازغا راممەن،مەن لېكىن چالغۇ ئەمەس،
سەن قىلىپ دۇمباق- دۇتار، چالما مېنى.
چال،يۈرەكنىڭ چەككىدەك زىل تارىنى،
سەن ئېشىپ تېرەمدە تار، چالما مېنى.
ئەسلە، مەندىن چوغ سوراپ يۈرگەنلىرىڭ،
ئەمدى بەلدىن ئۆتسە پار ،چالما مېنى.
خارلىشىڭ بىر ياقتا تۇرسۇن ۋاي«تۈزۈك»،
سۆزلىمەي چىن، سالما جار، چالما مېنى.
گەر دېسەڭ ياشلىق باھارىم ياشنىسۇن،
كۆكلىمىمگە تۆكمە قار، چالما مېنى.
كىر كۆتۈرمەس بۇ خىروستالدەك كۆڭۈل،
مەن ۋاپاغا ئىنتىزار ،چالما مېنى.