كىشى جانانىغا يەتسە
«خۇش بەخت-سائادەتتۇر كىشى جانانىغا يەتسە،
چېكىپ جەۋرۇ-جاپالارنى كۆزى مەستانىغا يەتسە.»
ۋاپا ئىزدەپ جاپا چەكسە،ئەجىر ھېچ قالمىغاي يەردە،
كىشىلىك ئالتۇنى يارنىڭ كۆڭۈل مىزانىغا يەتسە.
كى جەننەت كەۋسىرى ئىچتى گۈلۈم، دەپ ئىپتىخار ئەيلەر،
كۆزى مەستانىنىڭ قەلبى ۋىسال پەيمانىغا يەتسە.
مۇقەددەم ئەيلىگەي كوزا،دېمەي ئابىھايات قايدا،
ئەگەر ئاشىق بىلەن مەشۇق ئىشق خۇمدانىغا يەتسە.
مۇساپە تەن ئارا مىڭ يول،مۇھەببەت مەككىسى مەنزىل،
سېخى زەمزەم نېسىب ئاخىر قەدەم ئاستانىغا يەتسە.