(مۇخەممەس)
ساتىرا
ئىنژىنېرى ئىدى ئەسلى ئۇ زىمىنغا بىر قۇياش،
بولمىسا ئۇ دۇنيادا ھوكۈم سۈرەر قاغجىراش،
نۇر ئۆكسۈيدۇ ئالەمدە سەبىي دىللاردا چاڭقاش،
لايىق ئىدى ئۇستازلار ھەمدۇسانالارغا ماختاش،
ئەسلا ياتتۇر مۇئەللىمگە جاپاغا زارلىماق قاقشاش.
ئەپسۇس!
بىر جاناپ چىقىپ تۆرگە ئۇستاز شەنىگە تەگدى،
‹‹ئەپەندى›› ئۇ روھى كېسەل ‹‹چۆگەي››دەپ لەقەم بەردى،
گەپ يوغلىتىپ ئۆزىچە ئۇستاز تۇغىنى ئەگدى،
بۇ ھاقارەت ھەممىنىڭ غورور ۋىجدانىغا تەگدى،
بۇ قانداق يىغىن بولدى، قويۇپ قويۇپ قوڭنى ئېغىزدا ساڭقاش.
ئۇ مۆتىۋەر مەقسىدى ئەپەندىنى باپلىماق،
پۇتاق چىقىرىپ ھۆل شاختىن ئۆز پالتىسىنى ساپلىماق،
مەينەت قولى،كۆڭلىنى ئاق خەسىگە كاپلىماق،
شۇ ئارقىلىق ئۆزىنىڭ گۇناھىنى ئاقلىماق،
بىلىپ قال مۆتىۋەر باشلىق! ئۇستاز ئۇ ئەمەس گۆشۋاش.
تەندە ھەرگىز كەم ئەمەس كالتسىمۇ سىنىكمۇ،
بىلى ھەرگىز بوش ئەمەس، ئۇستىخانمۇ يىلىكمۇ،
ۋە يا‹‹ تەرەت بوش›› ئەمەس لىق تۇرۇپتۇ بىلىگمۇ،
پەقەت كەمچىل ئىشىنىش توت-بەش باشلىق تۇرۇپمۇ،
سەن دىگەندەك ئەمەستۇر ئۇستاز زىنھار قاپاقباش.
ئۆيىمىزمۇ كۆنگەيدە ئۈچ ۋاق يەيمىز تائامنى،
بەكمۇ ئېنىق ئايرىيمىز ھالال بىلەن ھارامنى،
شۇڭا قەدەم توققۇزدا ئىلىك ئالىمىز سالامنى،
ئەل جامائەت بىلىدۇ ياخشى بىلەن ياماننى،
ئۇستاز بىلەن دىيانەت بىلىپ قالغىن سەپەرداش.
خىجىل بولماي شەرەپنىڭ سەھنىسىگە چىقىسەن،
ھەق سۆز قىلسا بىرى گەر كۆزىگە ياغاچ تىقىسەن،
ھەقۇق ئۈچۈن نام ئۈچۈن دوست-يارەندىن كىچىسەن،
پارتىيەنىڭ ئالدىدا ياغان قەسەم ئىچىسەن،
بىلىپ يەتتۇق،ئىكەنسەن شەيتان بىلەن ساۋاقداش.
يىغىن بولسى چالۋاقاپ ئاللا كىمنى تىللايسەن،
سورۇنلاردا ئۆزۈڭگە ھاياسىزنى خىللايسەن،
سەت كۆرۈنسە بىرى گەر چا پۇتلىماي قالمايسەن،
ئەتراپىڭغا بىر ئوچۇم گوپپاڭچىنى چىللايسەن،
شۇڭا لايىق سەن ئەمەس بىزگە رەھپەر ھەم يولباش.
پەرۋىش قىلىپ تەر ئاققۇزغان بىر بۇلۇڭدا سەن تۆردە،
ئۆزۈڭ باغدا ياشايسەن پۇقرالىرىڭ چۆلدە،
دەرس ئۆتتۈڭ بەك جاپالىق ئىشخانىدا ئۆيدە،
شۇڭا ئۆزۈڭ قەلبىمىز ،قەلىپ تۆرىدە نۆلدە،
بىز ئەمەس سەن دىگەندەك كۆزى كور نادان پوۋاش.
شۇنداق ئۇرۇق مۇئەللىم بەلكى‹‹ چۆگەي ›› ئۆزىمۇ،
ئۇزى مەشئەل تۇرۇقلۇق نۇرنى سەزمەس كۆزىمۇ،
پاساھەتلىك ئەمەستۇر باشلىقلاردەك سۆزىمۇ،
ئابرويىمۇ نامىمۇ چوڭ ئەمەستۇر يۈزىمۇ،
بىراق ئۇستاز زۇلمەتتە بالقىپ چىققان بىر قوياش.
كىمكى ئۇستاز شەنىگە ھاقارەتلەر كەلتۇرسە،
ئىلىم-ئېرپان يولىنى قارا تاشتا ئەتتۈرسە،
تەرەققىيات ،يۈكسىلىش پۇرسىتىنى كەتۈرسە،
ئۇلۇغلۇقنىڭ بابىغا مالامەتلەر يەتكۈزسە،
ئاشۋۇ ئۆزى بىر قۇزغۇن قىش-زىمىستانغا قولداش.
دىلشىكار