بەزىلەر دىيىشەر مىنى بىر مېيپ
لىكىن بۇ ئەمەسقۇ مەندىكى ئېيىپ
ياراتقان ئىگەمنىڭ ئىرادسى بۇ
زاڭلىق قىپ كۈلمىگىن ھاسامنى كۆرۈپ
ھاسامغا تاينىپ ئالسام مەن قەدەم
كۆرگەنلەر ۋاي ئىسىت دەيدىغۇ ھەردەم
ھەرگىزمۇ دىمەيمەن ئۆزۈمنى مېيپ
شۇ ھالدا سەندەككە قىلىمەن ياردەم
بەزىلەر دەيدىغۇ سەن مېيىپ ئەمەس
سەن ، مېيىپ دىگەنلەر .شۇنىڭ كۆڭلى پەس
سەن ھەرگىز ئۆزۇڭنى مېيپ دەپ قارىما
«ساق»لارمۇ سنىڭدەك يۈرمىكى بەك تەس
ياراتقان بولسمۇ مىنى مېيىپ قىپ
ھەممىدە جاپاغا دەرتكە يار قىلىپ
تەقدىرگە تەن بەرمەي ساقتەك ياشايمەن
ئىجادىم تەرىمدىن يوقنى بار قىلىپ
مەن مېيپ بولساممۇ كۈلۈپ ياشايمەن
ئۈمۈت ۋە ھىسلارغا تولۇپ ياشايمەن
چەكسەممۇ قانچىلىك جاپا-مۇشەققەت
غەيرەتتە ساقلاردىن ئېشىپ ياشايمەن
2009-يىلى قەشقەر يېڭىشەھەر ئارال