|
ئۈزۈك تاقىغان ئورۇنغا.. | يازدا ئاياللاردا دائى.. | خانىم – قىزلار كۈندە ئۈ.. | تاماقتىن كېيىن قىلىشق.. | دېھقان | ئەرلەر قىلىشنى ئەڭ خال.. | ئەنگىلىيەدە ئەر-ئايال.. | كۆز قاپىقىنىڭ بىشارىت.. | ئەڭ ياخشى ياش باسقۇچى | سەۋزىنى كۆپ يەپ بەرسە .. | |
|
|
|
|
|
| |
|
بىزدە شۇنداق قىزلار بار
ئاپتۇرى: مەمەت تۇرسۇن
تازا مەھكەم ئورالغان پەردىسىگە ھايانىڭ،
ئۇ بىلىدۇ،ھاياسىز-باشلامبېشى بالانىڭ،
ۋاپاسىدا كۆكلەيدۇ،ئۇ بولغاچقا چىنارىڭ،
گۆھەرگىمۇ بەرگۈسىز بىزدە شۇنداق قىزلار بار.
گەپ-سۆزلىرى بەك ئىللىق كۆڭۈللەرگە ياقىدۇ،
ئۇھسنماسىن بىر ئۆمۈر پەقەت ساڭا باقىدۇ،
تەتۈر قاراپ ماڭساڭمۇ بەخت تىلەپ قالىدۇ،
جان بەرسەڭمۇ ئەرزىيدۇ،بىزدە شۇنداق قىزلار بار.
قىلىقلىرى يېقىملىق جانغا ئاپەت كەلتۈرەر،
ۋاپاسىزنى قەھرىدە قان يىغلىتىپ ئۆلتۈرەر.
كىيمىگەننى كۆيدۈرۈپ يۈرىكىدىن سۆيدۈرەر،
گۈزەللىكتە تەڭداشسىز، بىزدە شۇنداق قىزلار بار.
ھۆرمىتى بار چوڭلارغا،بالىلارنى ئاسرايدۇ،
زارلانمايدۇ تۇرمۇشتىن ئۈمىد بىلەن قارايدۇ،
ئۆينى تاشلاپ قاتار چاي،تانسىلارغا بارمايدۇ،
پەقەت سىنى ئويلايدۇ ، بىزدە شۇنداق قىزلار بار.
قولىدىن كەلسە ياخشىلىق، ئايىمايدۇ سىنىڭدىن،
ئاغرىپ قالساڭ پەرۋانە،يىراق كەتمەس يېنىڭدىن،
دىلدىن ئۇنى سۆيىسەن، ھەتتا كىچىپ جېنىڭدىن،
مىھرى ئاتەش بۇلاقتەك، بىزدە شۇنداق قىزلار بار.
ئەزىز بىلىپ بىر ئۆمۈر، سۆيۈپ ئۆتەر ۋەتەننى،
دۈشمىنىگە شەپقەتسىز،پىدا قىلىپ بۇ تەننى،
ئۆزى يالغۇز كۈلەلەمەس،تەڭ كۈلمىسە ۋەتىنى،
خەلقى ئۈچۈن پىداكار ، بىزدە شۇنداق قىزلار بار.
ئەنە شۇنداق ئۇلۇغ روھ ،ئەجدادىدىن قېپقالغان،
پەرزەنتلەرنىڭ ۋۇجۇدى ئاشۇ روھتا چايقالغان،
مەرىپەتسىز يۈرۈشنى ئۆلۈمدىنمۇ ھار ئالغان،
جاكا بولسۇن جاھانغا ، بىزدە شۇنداق قىزلار بار. |
كۆرۈلۈشى:1009 | قوشۇلغان ۋاقتى:2010-4-25 1:29:19 | يوللىغۇچى ئەزا: |
|
| | بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يوللانمىدى ، سىزنىڭ تۇنجى ئىنكاس يوللىغۇچى بولىشىڭىزنى قارشى ئالىمىز ! |
سىرلىقلىقىڭىزنى.. | چاچ چۈشۈشنى كەلت.. | ھەددىدىن زىيادە .. | سەۋزە ئۆپكىنى ئا.. | مېۋە پوستى بىلەن.. | دۇنيادىكى ئەڭ تو.. | ئاياللارنىڭ جورا.. | «ئەر-خوتۇنلار ئو.. | ئەر -ئاياللار ھەق.. | ھازىرنىڭ ئۆزى بە.. | تەنھالىق ئىنسانغ.. | ساپما كەشنىڭ زىي.. | |
|
|
|
|