مەن كۆڭۈل پەرۋەر ئىدىم
ئىزدىگەن كۆڭلۈڭنى چۇنكى مەن كۆڭۈل پەرۋەر ئىدىم،
ئۈركۈسەڭ قۇشتەك،سېنىڭدىن مەنمۇ ھەم بەتتەر ئىدىم.
روبىرو كەلمەككە كۆزنىڭ قۇربى ئەسلا يوق ئىدى،
سەن لېۋەن يۈزى تۆۋەن ھەم مەن يۈزى شەلپەر ئىدىم.
تەم كىرەتتى ھېسلىرىمغا غورا ھال بولغان كەبى،
مېۋە مەي بولغان بېغىڭغا تەلمۈرۈپ ھەپسەر ئىدىم.
بېدە كۆك تەرگەندە بولدۇڭ تۆتقۇلاق ئىزدەيدىغان،
سەن قەدەم باسقان يېرىڭدە پوستتىكى ئەسكەر ئىدىم.
بىر سىنىپ، بىر پارتىدا ياندىشىپ، سىرداشمىغان،
سەن يېتۈك ھىكمەت كىتابى، مەن قۇرۇق دەپتەر ئىدىم.
سەن ئۇچۇپ كەتتىڭ يىراققا،ھاڭ بېقىپ قالدىم ئۇزاق،
يەردە بولدۇم چالما-داڭگال،كۆكتىكى ئەختەر ئىدىم.
مەن سەمەرقەنت ئالمىسىدەك چۆلگە تاشلاندىم بۈگۈن،
شاھ كۆڭۈلنىڭ كەينىدىن ئات سالغىلى سەرۋەر ئىدىم.
سەن ئېگىز،مەن پەستە،ھەتتەڭ،ئۆتۈشۈپ كەتتۇق مانا،
كۆرمىدىڭ،كۆرمەسكە سالدىم،مەن كۆڭۈل ئىزدەر ئىدىم.