دەردلەرگە چىدالماستىن دەرمان قالمىدى تەندە،
يارىمنىڭ پىغانىدا قانلار يۇتىمەن كۈندە.
يالغۇز باشقا كۈن چۈشتى،ئەلنىڭ مەڭزىگە ئاپتاپ،
ياردىن ئايرىلىپ ئايغا ئاھ دەيمەن يەنە تۈندە.
مەشرەپكە قاتار كەلدى توققۇز قىز باھار باشلاپ،
يارىمدىن ئەسەر بولماي چاندۇردۇم بوغۇق ئۈندە.
ئەگمەكچى قونۇپ شەيتان تۈز كۆڭلۈم نىھالىنى،
يۈزلەنسە دونايلىققا سالدى يار ئوتى رەندە.
جاندىن كەچمىدىم چۇنكى جانان ئەركىدە مۈلكى،
يوق،باغرىم يېرىپ چىتقا يايماق رەۋىشى مەندە.
رىشتىدىن كەمەر باغلاپ،تاغ-دەريا،داۋان ئاتلاپ،
كەلدىم مەيلىنى چاغلاپ،ئىزدەپ چېھرىدىن خەندە.