ئاق بېلىق،ئاپئاق بېلىق،ئاپتاپتا ياتقانىڭ قېنى؟
مېنى يامان دەپ بېرىپ،ياخشىنى تاپقانىڭ قېنى؟
سەن يامان كۆرگەن پېقىرمۇ تاپتى ياخشى يارىنى،
تاللا-تاللا تاق يۈرۈپسەن،بەللى،غەمخانىڭ قېنى؟
تەگمىگەن كۈن ئاپتىپىدىن تۈندە ئايدىڭ ياخشىراق،
دەپ كېچىپ كۈندىن،كېچە كۆرگەن نۇرىستانىڭ قېنى؟
خالىساڭ ئۇچماقنى قىلدىڭ ئەرشى-ئەلانى دەۋا،
ئايرىلىپ تەمكىن قاناتتىن،ئەمدى جەۋلانىڭ قېنى؟
توققۇزۇڭنىڭ تەللىكى تەردىن دېسەم،چىنپۈتمىدىڭ،
كۆكلىگەن ھەسرەت يېشىڭدىن باغۇ-بوستانىڭ قېنى؟
ئوينىماق كۈلمەك ئۈچۈن سەن چەللىدە ئات چاپتۇرۇپ،
ئاتتى يەرگە ئات سېنى،ۋاي! كۈلكە-خەندانىڭ قېنى؟
پەرلىمەي تەپتىڭ چىراقنى،كۆيگىدەك،كۆيدۈرگىدەك،
بولغىلى پەرۋانە ئوتقا بارمۇ دەرمانىڭ قېنى؟