ۋىسالغا بەرمىسەڭ ئىمكان
ساڭا دىلبەر سوئال تاشلاپ ئۆزۈم بەردىم جاۋابىنى،
نېچۈن سۇندۇڭ ئوقۇش مۈشكۈل بۇ ھەسرەتنىڭ كىتابىنى؟
ھەمىشە ئېيتقىلى تەييار سەۋەبنىڭ ناخشىسى سەندە،
ئاچالماي قالمىدى ھالىم سەۋەبلەرنىڭ نىقابىنى.
نامازخانلىق،دۇئاگۇيلۇق تىلەر جەننەتسىمان ۋەسلىڭ،
ئىجابەت بولمىغاچ،كۆردۈم جەھەننەمنىڭ ئازابىنى.
مۇھەببەتتىن زامان كۈرمىڭ سەنەمنى ئىمتىھان قىلدى،
سەنەملەر بوينىغا يازمىش غېرىبلارنىڭ ھېسابىنى.
ئېتىڭنى سىڭدۈرۈپ ئىمان كەبى قەلبىم ئارا مەھكەم،
ۋىسالغا بەرمىسەڭ ئىمكان،ئۆزۈڭ تاپقىن ساۋابىنى!