ماڭا سەۋدايى ھال كىردى
قەلەم قاشقا يولۇققاندىن بۇيان باشقا خىيال كىردى،
قارا كۆزنىڭ قاراقىدىن بۇ ئاق چاچقا ئامال كىردى.
مىسالى قىشتىكى قاردا ئېچىلغان گۈلنى كۆرگەندەك،
كۆرۈپ ھۆسنىنى ئەقلىم لال،سەھەرمۇ يا زاۋال كىردى؟
تومۇزدا چۆلدىكى كارۋان بويىغا ياغدى بىر يامغۇر،
نەپەس بوغقان دىمىق ئۆيگە ۋەيا سالقىن شامال كىردى.
جۇنۇنلار كەينىدىن چۆچەك توقۇلغان ئەل ئارا لەكمىڭ،
ھوشۇمدىن ئايرىغاچ ۋەسلى،ماڭا سەۋدايى ھال كىردى.