سېنىڭ چەكسىزلىكىڭ قالدى
مېنىڭدىن دەرگۇمان بولدۇڭ،سېنىڭ شەكسىزلىكىڭ قالدى،
ئۆزۈمنى ئاقلىسام كۈلدۈڭ،بىغەم-دەردسىزلىكىڭ قالدى.
دېرەكلەپ يۈرگىنىم،توۋا،يولۇڭنى ئەيلىگەنمىش تار،
يۈزۈڭنى ئۆرۈدۈڭ مەندىن،يەنە چەكسىزلىكىڭ قالدى.
ساماننىڭ نەرخى بۇ جاننى ۋىسال تاۋكاسىغا تىكسەم،
قارارىڭ بولمىدى ھاتەم،قەۋەت چىڭگىزلىكىڭ قالدى.
ئۆزۈمنىڭ مەيلىنى ئۇتتۇم،كېچىپ قۇمدەك ھېسابلاردىن،
يۈرەكتىن ئوت،كاۋاب تۇتسام،سوغۇق ئەڭگىزلىكىڭ قالدى.
قۇمۇشتەك سۆلىتىڭ ئۆستى،كۆرەر دۆلەتلىرىڭ مەجھۇل،
ھوسۇلدىن ئىمتىھان كەلمەي تۇرۇپ ئەنسىزلىكىڭ قالدى.
كاككۇك ئاشىقى- زەينەپ،بىرى تاغدا،بىرى باغدا،
كۆڭۈلنىڭ قەدرىنى بىلمەي،ئېست!يەكتىزلىكىڭ قالدى.