ئۈچ بېقىپ چېھرىڭنى ئوخشاتتىم چىمەننىڭ ھۆسنىگە،
تۆت نەزەردە بولدى يۇلتۇزلار ئايان، ئۇيغۇر نېنى.
بەش نەزەر سالسام ساڭا شەيدا ئىكەن، موھتاج ئىكەن،
مەيلى باي، مەيلى گاداي، مەيلى خان، ئۇيغۇر نېنى.
ئالتە تەلمۈردۈم، كۆزۈم قارچۇقىدا گۈلگۈن شەپەق،
نۇر جۇلاسى سۈپ سۈزۈك تاڭدىن نىشان، ئۇيغۇر نېنى.
ئەپتىڭ ئالتۇن تاغمىدۇ ۋە ياكى يالقۇن تاغمىدۇ،
سىڭدۈرۈپتۇ تەپتىنى تەكلىماكان، ئۇيغۇر نېنى.
يەتتە باقتىم، يەتتە ئىقلىمدىن تېپىلماس سەن كەبى
بىباھا دۇررۇ – گۆھەر قەدىردان، ئۇيغۇر نېنى.
مۆھتەرەمسەن، مۆتىبەرسەن نازۇنېمەت بابىدا،
ھەر قاچان ھەمراھ ماڭا، بارسام قايان، ئۇيغۇر نېنى.
نە ئەجەب، ئەمچەكتىن ئايرىلغان سەبىينىڭ لەۋزىدىن
‹‹ئانا، نان››دەپ چىقتىلەر تۇنجى زۇۋان، ئۇيغۇر نېنى.
بۇ ھاياتلىقتا سېنىڭسىز تەندە ئاز قۇۋۋەت مادار،
سەن قوشۇپ كەلدىڭ ئەزەلدىن جانغا جان، ئۇيغۇر نېنى.
بار يەنە ئالەم ئارا قايدا بۇ يەڭلىغ مۆجىزە؟
بىر ساڭا ھەيرانۇ – ھەس ئەھلى جاھان، ئۇيغۇر نېنى.
كىم ئۇلۇغ بىلمەس سېنى، كىم ئەتىۋار كۆرمەس سېنى،
تەلپۈنەر گاھ ناتىۋان، گاھ پەھلىۋان، ئۇيغۇر نېنى.
بۇ جاھاندىن مېھرىنى ئۈزگەن كېسەل ئاغرىقمۇ ھەم
دەيدىكەن سەكراتتا‹‹سۇ››، سەكراتتا‹‹نان››، ئۇيغۇر نېنى.
سېنى خار كۆرگەن كىشىنىڭ كۈنلىرى ئىتنىڭ كۈنى،
ۋاي ئۇنىڭ ھالى خاراب، رەڭگى سامان، ئۇيغۇر نېنى.
قات قېتىڭدا جان ئانامنىڭ ئەجرى، ئىللىق مېھرى بار،
مەن شۇڭا جاندىن ئەزىزلەيمەن ھامان، ئۇيغۇر نېنى.
قايدا سەن، سەندەك كۆيۈپ پىشقان ئانام، ئىشچان ئاتام
تەرمىسە قان تەر تۆكۈپ دۇردانە دان، ئۇيغۇر نېنى؟
بىز كېتەرمىز بىر كۈنى، ئەمما قالۇرسەن مەڭگۈلۈك،
نەسلىمىزگە يادىكارسەن ھەر زامان، ئۇيغۇر نېنى.
پۈتكىنىڭ راست مىڭ مۇشەققەت ئىچرە مىڭ قولدىن ئۆتۈپ،
تۆھپىكار ھەقدالىرىڭ بولسۇن ئامان، ئۇيغۇر نېنى.
ئاپتۇر؛ ئابدۇلئەھەد ئىسمائىل ئوغلان