ئىنتىزار قىلدىڭ نىگارىم ، ئىنتىزار قىلدىڭ ئەجەپ ،
شادلىقىم قاتتى زىناختا ، غەمگە يار قىلدىڭ ئەجەپ .
بىر بېسىپ ئىككى بېسىپ كەلدىڭ يىراقتىن توز سۈپەت ،
سايدىكى تورغاي ، تۇمۇچۇقنى بىكار قىلدىڭ ئەجەپ .
بىر قەدەم كەلسەڭ يېقىنلاپ ، مىڭ قېتىم ئۆلدۈم نىگار ،
ئىككى تال ئۆرۈم چېچىڭنى ماڭا دار قىلدىڭ ئەجەپ .
بىر قەدەم كەتسەڭ يىراقلاپ ، مىڭ قىتىم ئۆلگۈم كىلەر،
ئىنتىزارلىق ئارىلىقىنى مۇنچە تار قىلدىڭ ئەجەپ .