Article Center - ماقالە مەركىزى - {ئابدۇقادىرجالالىدىن} دۇنيادىن يىراق
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:ئەنگىلىيە تەتقىقاتچىلىرىنىڭ تەتقىق قىلىشىچە، ئەرلەرنىڭ ياسىنىشقا سەرپ قىلىدىغان ۋاقتى ئاياللارنىڭكىدىن كۆپكەن
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:مۇستەقىل كۆز قارىشى يوق «ئېمىزگىلىك»يىگىت مۇھەببىتىدىن ئايرىلىش خەۋوىگە دۈچ كەلدى
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:ئەنگىلىيلىك ئايال چاچ بويىقىنى ئىشلىتىپ ھۇشىدىن كېتىپ، ھازىرغىچە ھۇشىغا كەلمىدى
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:قىشتا يىسە پايدا قىلىدىغان 3 خىل يىمەكلىك
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:ئۇلۇغ قۇربان ھېيىتنىڭ كېلىپ چىقىشىنى بىلىۋېلىڭ!
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:نېمە ئۈچۈن ئاياللار توڭغاق كېلىدىغانلىقىنى بىلەمسىز
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:ئۇخلاشتىن بۇرۇن يىيىشكە بولمايدىغان يەتتە خىل يېمەكلىك
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:ئاچچىق ئانار ئىچ سۈرۈشنى توختىتىدۇ
 

تېمىسى مەزمۇنى باھا
 

ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:ئۈزۈك تاقىغان ئورۇنغا مىكروبلار ئوڭاي يۇشۇرۇنۇۋالىدۇ
ئۈزۈك تاقىغان ئورۇنغا..
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:يازدا ئاياللاردا دائىم كۆرۈلىدىغان پىسخىكىلىق كېسەللىكلەر
يازدا ئاياللاردا دائى..
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:خانىم – قىزلار كۈندە ئۈچ قېتىم قاقاقلاپ كۈلۈپ بېرىش كېرەك
خانىم – قىزلار كۈندە ئۈ..
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:تاماقتىن كېيىن قىلىشقا بولمايدىغان يەتتە ئىش
تاماقتىن كېيىن قىلىشق..
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:دېھقان
دېھقان
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:ئەرلەر قىلىشنى ئەڭ خالايدىغان 9 خىل خىزمەت
ئەرلەر قىلىشنى ئەڭ خال..
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:ئەنگىلىيەدە ئەر-ئاياللار بىر يىلدا 312 قېتىم ئۇرۇشىدىكەن
ئەنگىلىيەدە ئەر-ئايال..
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:كۆز قاپىقىنىڭ بىشارىتىگە سەل قارىماڭ
كۆز قاپىقىنىڭ بىشارىت..
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:ئەڭ ياخشى ياش باسقۇچى
ئەڭ ياخشى ياش باسقۇچى
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:سەۋزىنى كۆپ يەپ بەرسە ، ئۆپكە راكىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ
سەۋزىنى كۆپ يەپ بەرسە ..
 
 

    


{ئابدۇقادىرجالالىدىن} دۇنيادىن يىراق

 

دۇنيادىن يىراق

يازغۇچىسى : ئابدۇقادىر جالالىدىن

پەسىللەرنىڭ پەزىلەتلىرىدە ياراتقۇچىنىڭ ھىممىتى بىلىنىپ تۇرىدۇ . مەن ھاياتلىق دۇنياسىدىكى ھەربىر ھادىسىدىن بۈيۈك روھىي ئارقا كۆرۈنۈشنى كۆرگەندەك بولىمەن . بۇ ئارقا كۆرۈنۈش قانداقتۇر بىر روھىي مەركەزنى يوشۇرغان ھالدا گويا ئاللىبۇرۇن ۋايىغا يەتكەن پرىنسىپنىڭ تەنتەنىسىگە ئۇلۇغۋار نەزەر بىلەن قاراپ تۇراتتى . بۇ دۇنيادىكى بارلىق پەسكەشلىكلەر ، ھىيلىگەرلىكلەر ، ياۋۇزلۇقلار ، تەڭسىزلىكلەر كەبىي جەمىيەت ئىللەتلىرى بىپايان كائىناتنىڭ ھەرىكىتى داۋامىدا بەربات بولۇپ ، ئاشۇ ھەرىكەت پرىنسىپىنى مەنبە قىلغان دۇنيا قاراش ۋە ئېتىقاد غەلىبە كاپالىتىگە ئېرىشىپ كەلمەكتە ئىدى . دەرھەقىقەت ، بىز كۆرۈۋاتقان تەبىئەتتىكى پەسىللەر ۋاقىت ئۆزگىرىشلىرىدىكى قانۇنلارنى چۈشىنىشلىك تىل بىلەن ئاشكارا قىلىدۇ . بىز بىلىدىغان قايسىدۇر قۇرۇلۇشلار ئۆرۈلۈپ ، يېڭى بىنالار قەد كۆتۈرىدۇ ؛ قايسىدۇر بىر كۆۋرۈكنىڭ ياغىچىنى قۇرت يەپ بۇزۇلىدۇ ؛ بىز تونۇيدىغان مويسىپىتلەر ۋاقتى كەلگەندە كېتىپ قالىدۇ ، ئۇنىڭ ئورنىغا يېڭى بوۋاق ، يېڭى سىمالار مەيدانغا كېلىدۇ . روشەنكى ، تەبىئەتكە قارىساڭ ئىجتىمائىيەتتىكى مەسىلىلەرنىڭ ئەپچىل بېشارەتلىرىنى كۆرەلەيسەن ، ئويلانساڭ ، ئۇ ھايات ھەقىقەتلىرىگە دائىر ئىخچام تەمسىلگە ئايلىنىدۇ .
شۇ تاپتا مەن پەرىشان كۈزنىڭ قۇچىقىدا تۇرۇپتىمەن . بۇنداق چاغلاردا شەھىرىمىزدە كۆيدۈرۈلگەن غازاڭلارنىڭ ئىس - تۈتەكلىرى ھاۋانى قاپلايدۇ . باھار ، ياز پەسىللىرىدە مۇھىتىمىزغا زىننەت بولمىش ياپراقلار سارغىيىپ تۆكۈلگەن ھامان "" ئەخلەت "" قاتارىغا ئۆتۈپ قالىدۇ . ئاشۇ زەپىران غازاڭلار نېمىشقىدۇر ماڭا دەۋرىمىزدە پېنسىيىگە چىققان كادىرلاردەك كۆرۈنۈپ كېتىدۇ . شۇڭا سۈپۈرۈلۈۋاتقان ۋە كۆيدۈرۈلۈۋاتقان غازاڭلارنى كۆرسەم بەربات بولغان ئەقىدىلەر ئۈچۈن نادامەت چېكىمەن . پەسىللەردە قانۇنىيەت بار ، ھېسسىيات يوق ، سىياسەتتە تەرغىبات بار ، يۈز - خاتىر يوق . سىياسەت قۇربان قىلىش ئارقىلىق ھاياتىنى داۋاملاشتۇرالايدۇ . تەختى ئادالەت خۇرۇچلىرىدىن پۈتمىگەن سىياسەت بەئەينى ئەقىل خارابىلىرىدە ئۈنگەن ئوغرى تىكەن .
غازاڭلار سۈپۈرۈلمەكتە . سۈپۈرۈپ تازىلانغان كوچىلاردا قۇۋۋەت دورىلىرىنى تەشۋىق قىلىدىغان ئېلان ۋەرەقىلىرى ئۇچۇپ يۈرەتتى . قايسىدۇر بىر رومانتىك كىنودىن ئالتۇندەك غازاڭغا كۆمۈلگەن ۋىنا كوچىلىرىدا سەيلە قىلىپ كېتىۋاتقان بىر جۈپ ئاشىق - مەشۇقنى كۆرگەنىدىم . مۇزارتنىڭ ھەيكىلى كۈز ياپراقلىرى ئارىسىدىكى نازۇك تىۋىشلارغا ھۇزۇر بىلەن قۇلاق سېلىۋاتقاندەك قىلاتتى . مۇزىكا مۇڭ ئارىلاش كۈز مەنزىرىسىنىڭ گۈزەللىكىنى تېخىمۇ ۋايىغا يەتكۈزەتتى .
ۋادەرىخ ، بىزدە كۈز باشقىچە . . . مېنىڭ ئۆيۈم بىرىنچى قەۋەتتە بولۇپ ، ئۆيۈمنىڭ كەينىدە بىرقانچە تۈپ تاش ئالما دەرىخى بار . باھار ئايلىرىدا ئۇنىڭ چېچەكلىرىنى كۆرگىلى بولىدۇ . بىراق ئۇنىڭ مېۋىلىرى چېچىكىدىن ئايرىلىپ نۇقۇتتەك بولغاندا ، باشلانغۇچ مەكتەپ بالىلىرى ئالما شاخلىرىنى يىرىپ يېيىشكە باشلايدۇ ، شۇڭا ئۇ مېۋىلەرنىڭ كۈزدىكى ھالىتىنى بىلگىلى بولمايلا كەلدى . راستىنى ئېيتقاندا ، ئۇنىڭ تاش ئالما ئىكەنلىكىنى قورۇدىكى پېشقەدەملەردىن ئاڭلاپ جەزم قىلغانىدىم . بىزدىكى مائارىپ تەبىئەتنىڭ گۈزەللىكىگە شەيدا ئەۋلادلارنى قاچان تەربىيىلەيدىكىنتاڭ . بىز ھازىرچە بۇ گەپنى قويۇپ تۇرايلى . . . قانداقلا بولمىسۇن شاخ ۋە يوپۇرماقلىرى شالاڭ ئاشۇ بىرقانچە تۈپ تاش ئالما دەرىخى خىيال سۈرگەن چاغلىرىمدا قارايدىغان ئەمەكلىرىم . ئەپسۇسكى ، خىيالىمغا بوشلۇق ئاتا قىلغان ئاشۇ كىچىككىنە ھۇزۇرى جەننەت يەنىلا دەخلىسىز ئەمەس . ئەگەر مەن بالكوندا تۇرۇپ يىراققا ئەمەس ، ئالدىمغىلا قارايدىغان بولسام ، قەغەز پورۇپكىلار ، سۇلياۋ ( يالتىراق ) خالتىلار ، سېرىق چۈمۈلە ئولاشقان شاپاقلار كۆرۈنىدۇ . تېخى يېقىندىلا تاۋۇز چاغىنى بولىۋىدى ، ئايتوقاچنىڭ قەغەز قۇتىلىرى تاشلىنىپ ، يۇقىرىقىلارغا تېخىمۇ "" ھۆسن "" قوشتى . ئۈستىدە ئولتۇرىدىغان بەزى قوشنىلارنىڭ ۋاننىسى بار ، ئۇلار يۇيۇنۇپ بولغاندىن كېيىن شىلانكىلىرىنى بالكونۇمنىڭ تۈۋىگە ساڭگىلىتىپ ، يۇندىلىرىنى بىر ئەپلىك قۇيىۋېتىدۇ . يالقۇن روزى "" كامالتۈرۈك ۋە ئۈرۈمچى "" دېگەن ماقالىسىدە ( "" شىنجاڭ مەدەنىيىتى ""نىڭ 1998 - يىل 2 - ، 3 - ( قوشما ) سانىدا ئېلان قىلىنغان ) ئۆينى "" ئالىي ئاپتونومىيە "" دېگەنىكەن . بىراق مېنىڭ "" ئالىي ئاپتونومىيەم "" بالكوندىن سىرتقا قارىغىلى بولمايدىغان ئاپتونومىيە ئىدى ، چۈنكى سىرتقا قارىساملا يېقىمسىز كۆرۈنۈش ۋە بەتبۇي پۇراقلار تۈپەيلىدىن ئىچىم ئېلىشىدۇ . ئامال يوق ، دېرىزىلەرنى ھىم ياپىمەن - دە ، يېزىق شىرەيىمنىڭ ئالدىغا كېلىپ قايسىدۇر بىر كىتابنى قولۇمغا ئالىمەن . كاللامدا كىتاب بىلەن رېئاللىق ئوتتۇرىسىدىكى زىت دۇنيا تىكەنلىك قاناتلىرىنى ئاستا - ئاستا يېيىشقا باشلايدۇ .
ئۆيمۇ ئادەمگە ئوخشاپ كېتىدىغان نەرسە ، ئۇ ئۆزىدىن تاشقىرى دۇنياغا دېرىزە ئارقىلىق قارايدۇ . ئۇنىڭ ئادەملەرگە ئوخشاش تىنىپ كەتكەن مەڭگۈلۈك دۇنيالىرى بولىدۇ ، ئۇنىڭ ئىچىدە ئولتۇرىدىغان ئادەم بولسا ، ئۆينىڭ سوقۇپ تۇرىدىغان يۈرىكى . مېنىڭ ئۆيۈمچۇ ؟ مېنىڭ ئۆيۈم جەمىيەت ۋە ئادەملەرگە نىسبەتەن سوۋۇپ كەتكەن بىر يۈرەكنىڭ ئىگىسى ئىدى .
مەن ئۈچۈن ئۆي "" ئالىي ئاپتونومىيە "" ئەمەس ، بەلكى غىلاب . كىشىلەر بېلىكوفنى بېكىنمىچى ، شۇڭا ئۇ غىلابنىڭ ئىچىگە كىرىۋالغان ، دېيىشىدۇ . بۇنداق كىشىلەر "" غىلاب بەندىسى "" دېگەن ھېكايىدىن باشقا يەنە چېخوف دەۋرىدىكى روسىيىنى ئوقۇپ باقسۇن .
مەن ئۆيگە كىرسەملا تۇرمۇشنىڭ بېسىملىرىنى ۋاقتىنچە ئۇنتۇغاندەك بولىمەن . ئىككى ياشلىق ئوغلۇمنىڭ سەبىي قىلىقلىرى قاراڭغۇ ئۆيگە چۈشكەن نۇر سىزىقلىرىدەك ماڭا قۇياش ۋە تەبىئەتنىڭ ئىللىق مېھرىنى ھېس قىلدۇرىدۇ . بۇ چاغدا ، كۆز ئالدىمدا تاگورنىڭ شېئىرىي دۇنيالىرى يېيىلىپ ، كېپىنەكلەرنىڭ قاناتلىرىغا ، ئورمىچىلارنىڭ جۇشقۇن ناخشىلىرىغا ، كەپسىز بالىلار پۈۋلىگەندىكى سوپۇن كۆپۈكچىلىرىگە سىڭىپ كېتىمەن .
شەھەردىكى كۈز بىلەن سەھرادىكى كۈز زادىلا ئوخشىمايدۇ . سەھرادا كۈز ئەلۋەك كېلىش بىلەن بىرگە مەنە ۋە ھېسسىياتقا باي بولىدۇ . ئۇ ، زەپىران چىرايى بىلەن ئۆزىدىكى ئىچكى تىنىقلارنى تىڭشاۋاتقاندەك كۆرۈنىدۇ . ئۇ ۋايىغا يېتىپ پىشقان رەڭگارەڭ مېۋىلىرى ۋە ھوسۇللىرى بىلەن كىشىلەرگە ئەڭ سەمىمىي ۋەسىيەتلىرىنى ئېيتىۋاتقاندەك كۆرۈنىدۇ . خۇددى بويىغا يەتكەن قىز ئىچ - ئىچىدىن كېلىۋاتقان تەبىي پۇراقلىرى بىلەن يىگىتلىك ھېسلىرىمىزغا مەدەتكار بولغاندەك ، كۈزمۇ جىمجىت تارتىنچاقلىقى ۋە خۇش پۇراقلىرى بىلەن تەڭرى ئاتا قىلغان ھاياتلىقنىڭ نۇسرىتىنى تونۇتۇپ ، دىللارنى سۆيۈندۈرىدۇ . خىسلەتلىك ۋەھىيلەرنى پەيغەمبەرلەر خۇدادىن قوبۇل قىلىدۇ ، شائىر تەبىئەتتىن قوبۇل قىلىدۇ ، سىياسىيونلار جەمىيەتتىن قوبۇل قىلىدۇ ، خۇدا دەل ئاشۇ تەبىئەت ، جەمىيەت ۋەھىيلىرىنىڭ بۈيۈك تاكامۇلى .
سەھرادىكى ئاشۇ چىرايىق كۈز بالىلىقىمغا كاتتا مەنىلەرنى قوشقانىدى . زەڭگەر ئاسمان تېخىمۇ سۈزۈلۈپ ، ئادەتتىكىدىن ئېگىزلىشىپ كېتەتتى . سەھرادىكى كۈز ئاسمىنىغا قارىساڭ ، لۇغەتلەردىكى "" ئەھەد "" ، "" يۈكسەك "" دېگەن ئىبارىلەرنىڭ مەنىسىنى جالالىدىن رۇمى كەبىي سىرلىق رەۋىشتە مۇتالىئە قىلالايسەن .
ئىسسىق ئىقلىملارغا كۆچۈۋاتقان تۇرنىلار سېپى سېنىڭ نەزەرىڭنى ئەگەشتۈرۈپ ، يىراق - يىراقلارغا ئېلىپ كېتىدۇ ، ئاسماننىڭ كەينىدە يەنە بىر ئاسماننىڭ بارلىقىنى شۇ چاغدا غۇۋا كۆرۈپ قالىسەن . گەرچە سېنى تاغلار ۋە ئورمانلار ، كۆزۈڭ تېلىپ ئاران يېتىدىغان ئۇپۇق سىزىقلىرى ئوراپ تۇرغان بولسىمۇ ، ئەنە شۇنداق دەقىقىلەردە دۇنيانىڭ ئىنتايىن كەڭلىكىنى سېزىسەن - دە ، قەلبىڭ ئارمانلارغا لىق تولىدۇ . جەسۇر ئاتلىرى بىلەن تاغ - داۋانلار ئېشىپ ئولۇسلارنى تۇتاشتۇرغان ، قوۋملىرىمىزغا ئىناقلىق ۋە قۇۋۋەت رىشتىلىرىنى چاتقان ئوغۇزخان ، سەئىدخان ، بابۇرخان كەبىي ئاتىلار قىسسە ۋە تەزكىرىلەرنىڭ ئاراچلىرىدىن چىقىپ سەن تەرەپكە كېلىۋاتقاندەك تۇيۇلىدۇ .
بىراق ، تۇرنىلار كېتىپ قالغاندىن كېيىن تولىمۇ كىچىك بىر مۇھىتتىكى ناتىۋان ھالىتىڭ ئەسلىگە قايتىپ ، تەسۋىرلەپ بولغۇسىز مەيۈسلۈك يۈرىكىڭنى قىسىشقا باشلايدۇ .
"" قىزىل قىيا "" رومانىدا تەسۋىرلەنگەن مەھبۇس ليۇسىياڭ جازا لاگېرىدا شامالداشقا چىققاندا ، تۈرمىنىڭ سۈرلۈك سەيناسىدا چۇرۇلداشقان قۇشقاچلارنىڭ تىكەنلىك سىملار تارتىلغان تامنىڭ ئۇ تەرىپىدىكى ئەركىن دۇنياغا ئۇچۇپ كېتىشكەنلىكىنى ھەسرەت بىلەن تاماشا قىلىدۇ - دە ، قەلبىدىكى باھار تەلپۈنۈشلىرىنى باسالمايلا قالىدۇ . مەھبۇسلۇقتا تۇغۇلغان ، مەھبۇسلۇقنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى بىلمەي تۇرۇپ ھەپسىگە تۇتۇلغان لوبۇ باش بالا تۈرمە قورۇسىغا ئېزىپ - تېزىپ كىرىپ قالغان كېپىنەكنى قوغلىسا ، باشقا مەھبۇسلار پەنجىرىدىن تىكىلىپ تاماشا قىلىشىدۇ . شۇنداق ، ئىنسان ھاياتلا بولىدىكەن ، ئۇ ئۆزى تۇرغان مەھكۇملۇقنىڭ قانچىلىك ۋەھشىي بولۇشىدىن قەتىينەزەر ، ئاددىي ، مەنىۋى جەننىتىنى قۇرۇپ چىقىشقا قادىر بولالايدۇ .
تارغىنا ياتاق ئۆيۈم مەن ھەم ئايالىم ئۈچۈن ئېيتقاندا ياتاقلا بولۇپ قالماي ، يەنە كۇتۇپخانا . بەزىدە چېچىلىپ ياتقان كىتابلارنى كۆرۈپ ئايالىممۇ چېچىلىپ قالىدۇ ، ئەمما ئۇ ئۆز نۆۋىتىدە ئاشۇ كىتابلارنى رەتلەيدىغان ، توپا بېسىپ كەتسە سۈرتىدىغان چىن پەرۋىشكار . شۇ تاپتا ئالدىمدىكى ئۈستەل سائىتى بىر خىل رىتىمدا چىكىلداپ ماڭماقتا . ئۇنىڭ دەقىقىلەرنى كۆرسىتىدىغان ئىسترېلكىسى پۈتكۈل سائەت يۈزىنى بىر ئايلىنىپ چىققۇچە قاراپ باقتىم ، گويا يۈرىكىمنى ئاشۇ ئىسترېلكىنىڭ ئۇچىغا قاداپ قويۇپ بەردىم . يۈرىكىم چەكسىز ۋاقىت دېڭىزىغا غەرق بولۇپ كەتتى . بۇ دېڭىز ماڭا سىياسەت ، تۈزۈم ، مىللەت ، ئىرقتىن ھالقىغان بىر ئومۇمىيلىقنى ھەدىيە قىلاتتى . بۇ ئومۇمىيلىقتا سائەتلەر دۇنيانىڭ كۆرۈنمەس ھۈجەيرىسىگە ئايلىنىپ كەتتى . مەن ئىككىگە بۆلۈندۈم . مەنىۋى ئۆزۈم خۇدانىڭ ھىماتى ئاستىدىكى 18 مىڭ ئالەمگە قاپلاندى ، جىسمانىي ئۆزۈم يېزىق شىرەسىنىڭ ئالدىدا تۈگۈلۈپ ئولتۇراتتى . مەنىۋى ئۆزۈم بىلەن جىسمانىي ئۆزۈمنىڭ بىرلىشىپ قالىدىغان چاغلىرى بەكمۇ ئاز ئىدى . مەن مۇشۇ ئۆيدە ئولتۇرۇپ پۇشكىننىڭ دېڭىز ۋە ئەركىنلىك ھەققىدىكى شېئىرلىرىنى ئوقۇغانمەن ، ناۋائىينىڭ مۇھەببەت شاماللىرىنى پۇرىغانمەن ، پەرىدىدىن ئەتتارىنىڭ كامالەت ئىزدىگەن قۇشلىرىنى تەقلىدىي سىزىپ چىققانمەن . قارىسام ، قۇش ھەققىدە شېئىر يازمىغان شائىر يوقتەك تۇرىدۇ ، مېنىڭ شېئىرىمدىمۇ "" قۇش "" دېگەن سۆز كۆپ ئۇچرايدۇ .
يەنىلا ئىقلىملار كېزىپ باھار ئىزدىگەن قۇشلار ئېسىمگە كەلدى . قۇشلارنىڭمۇ سىنىپىي كۈرەشكە تارتىلىشىدەك غەلىتە تارىخى تېخى يېقىندىلا بولدى . ئەمما قۇش بەرىبىر قۇش بولغاچقا ، ئىنسانىيەت تاڭغان تۈزۈمنى ئېتىراپ قىلىشمىدى . ئۇلار پەسىل ئاتلاپ ئۇچۇۋېرىشتى .
جىبران خەلىل جىبران ئېيتقاندەك ، قۇشلار ئىنسانلا مۇيەسسەر بولالمىغان بەختتىن بەھرىمەن بولالايدۇ . ئۇلاردا پاسپورت دېگەن نەرسە بولمايدۇ ، ئۇلاردا پاسپورت ئۈچۈنلا يول ماڭىدىغان ياكى پارا بېرىدىغان ئىشلار بولمايدۇ . ئۇلاردا ئىنسانلارغا ئوخشاش ئۆزى قانۇن تۈزۈپ ئۆزى خىلاپلىق قىلىدىغان ، ئۆزى پاسىل بەلگىلەپ ئۆزى سىقىلىدىغان ئادەت يوق . ئۇلاردا تەڭرى بەلگىلەپ بەرگەن بىرلا قانۇن بار .
مەن سىزگە مۈجىمەل كەيپىياتتا دەپ بېرىۋاتقان ئاشۇ تارغىنا ئۆينى مەنىلەر بۇرجلىرىنى كۆرسىتىدىغان رەسەتخانام دېسەممۇ بولىدۇ . پىكىر يۇلتۇزلىرىم كۆپ ھاللاردا غەم تۇمانلىرى تۈپەيلىدىن خىرەلىشىپ قالىدۇ ، ھەتتا بەزىدە چورت كۆرۈنمەيلا قالىدۇ . ئۆي سېتىۋېلىش ۋە قەرز قايتۇرۇش غوۋغالىرى ئويلىنىش ئۈچۈن قۇرۇپ چىققان خۇسۇسىي قورغىنىمنى پات - پات ئىگىلىۋالىدۇ . باشقىلارغا ئىزاھلاپ بەرگۈسىز تەڭقىسلىق لېۋىمنى چىشلەپ تۇرۇپ سېتىۋالغان كىتابلىرىمنىڭ تاشلىنىپ قېلىشىغا سەۋەبچى بولدى .
دېئېل كارنىگ ، نامراتلىقتىن مۇزىكا چىقىدۇ ، دېگەنىكەن . مۇزارت نامراتلىقى تۈپەيلى ئىنسانىيەتنىڭ چەتكە قېقىلغان ۋىجدانىنى كۆرەلىگەنىكەن . مېنىڭچە ، نامراتلىق ئىجتىمائىي تۇرمۇشنىڭ سەۋرى چېكىدىن بەك ئېشىپ كەتسە ، نامراتلىقتىن مۇزىكا ئەمەس ، بەلكى يۆتەل ئاۋازى چىقىدۇ .
تاشقى دۇنياغا قارىتا ھەۋىسى ۋە قىزغىنلىقى ئۇرغۇپ تۇرغان ياشلار ئۆيىگە بەنت بولۇپ تۇرۇشنى خالىمايدۇ . ئۇلاردا كولومبودىكى تەۋەككۈلچىلىك قۇتراپ تۇرىدۇ . ئۇلار ماڭسام ، چاپسام ، ئۇچسام ، يېڭى قۇرۇقلۇقلارنى تاپسام ، دەيدۇ . نوقۇل بىر ئورۇنغا باغلىنىپ قېلىش ئۇلارنىڭ روھىي دۇنياسىغا ساقايماس جاراھەت ئېلىپ كېلىدۇ . ئۇلار جۇشقۇن ھېسسىياتنى خىلمۇخىل دۇنياغا سىممېتىرىك ھالدا قويۇپ بېرىشنى ياخشى كۆرىدۇ . دېمەك ، مەنمۇ ئاشۇنداق ياشلارنىڭ بىرى . لېكىن مەن تولىمۇ خىيالچان . بىر تەرەپتىكى تامغا دۇنيا خەرىتىسى چاپلانغان ، بىر تەرەپتىكى تامغا كىتاب ئىشكاپى ، بىر تەرەپكە كارىۋات ، بىر تەرەپكە ئاددىي كىيىم ئىشكاپى ، ئوتتۇرىغا يېزىق شىرەسى قويۇلغان ئۆي بارلىق شوخلۇقلىرىنى شائىرانە تەسەۋۋۇرلىرى بىلەن قىلىدىغان ماڭا ئوخشاش مۈلۈكسىز ياشنىڭ دۇنياسى .
مەن بۇ ئۆيدە كۆپ ئولتۇرىمەن ، شۇڭلاشقا ، بۇ ئۆينى كىيىمىمگە ئايلىنىپ قالغاندەكمۇ ھېس قىلىمەن . مەن ئاساسەن دېگۈدەك بۇ كىيىمنى سېلىۋېتەلمەيمەن ، سالسام يالىڭاچلىقىمنى ھېس قىلىشتىن قورقىمەن . فرانس كافكانىڭ گېئورگىي سامسا دېگەن قەھرىمانى بىر كېچىدىلا قوڭغۇزغا ئايلىنىپ قېلىپ ، ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ قاتتىق يەكلىشىگە ئۇچرايدىكەن . مەلۇمكى ، بىر ئادەم بىر يەرگە باغلىنىپ ياشاۋەرسە قۇرتقا ئايلىنىپ كېتىپ ، پۈتكۈل دۇنيانى قۇرتچە نەزەر بىلەن كۆزىتىدىغان ، ئۆزى قىمىرلاپ ماڭغاچقا ، جاھاندا راكېتا دېگەن نەرسىلەرنىڭ بارلىقىنى ئېتىراپ قىلغۇسى كەلمەيدىغان بولۇپ قالىدۇ .
بىر ئادەمنىڭ ئۆيدىن چىقماي پىكىر قىلىپ يولۋاسقا ئايلىنىشى مۇمكىنمۇ ؟ نەدىمۇ ئوۋ ئوۋلاشنى بىلمىگەن يولۋاس بولسۇن !
توڭۇپ كەتكەن ئادەمنىڭ كىيىمى يېلىڭ بولسا ، ئاخىر ئۆيگە كىرىۋالىدۇ ، "" سىقىلغان يۈرەك كېڭىيىش ئىلاجىنى قىلالمىسا ، ئىچكى دۇنيانى قېزىشقا باشلايدۇ "" ( ھيۇگو ) .
پاسپورتى يوق ئادەم دۇنيانى ئۆزىنىڭ ۋەتىنى ئارقىلىق چۈشىنىشكە مەجبۇر بولىدۇ . پاسپورت دۇنيادا تېخى سىياسىي قىمارنىڭ ئاخىرلاشمىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدىغان بەلگە . دەل پاسپورت دېگەن نەرسە مەۋجۇد بولغاچقا ، كىشىلەرنىڭ مىللەت تۇيغۇسى كۈچەيگەن ، ۋەتەن ئۇقۇمىنىڭ كېڭىيىشى توختاپ قالغان ، دۇنيا چۈشەنچىسى تارايغان ، شۇنداق بولغاچقا ، ئادەم ئاتىنىڭ بالىلىرى بىر - بىرىگە دۈشمەنلىك قىلىدىغان بولغان . كىشىلەر ئارا دوستانە نەزەر بىلەن قاراش گويا زامانىمىز تارىخىغا يىراق مەۋھۇم مەسلەككە ئايلىنىپ قالغان .
مەن ۋەتىنىمدىن ئۆزگە دۇنيانى كۆرۈپ باقمىدىم . گەرچە پۈتكۈل ئىنسانىيەتنى بىردەك قۇچاقلىغۇم كەلسىمۇ ، ئۇنداق قىلالمىدىم . بۇنىڭ نېمە ئۈچۈنلىكىنى بىلەلمىگەن چاغلىرىمدا ئىختىيارسىز ھالدا دۇنيا خەرىتىسىنىڭ ئالدىغا بېرىپ قالىمەن . مانا ئالدىمدا خەرىتە ، لېكىن ئۇنىڭدىن دۇنيانى ئەمەس ، بەلكى دۇنيا ھەققىدىكى غۇۋا ئۇقۇمنى كۆرگىلى بولىدۇ . ئەنە ئاۋۇ كۆپكۆك تۇرغىنى دېڭىز ، لېكىن ئۇنىڭدىن چوڭ بېلىقنىڭ كىچىك بېلىقنى يېگەنلىكىنى ، سۇلارنىڭ شىددەتلىك نەرە بىلەن قىيا تاشلارغا ئۇرۇلغانلىقىنى كۆرگىلى بولمايتتى . ئەنە ئاۋۇ توخۇنىڭ كۆزىدەك تۇرغانلىرى شەھەر ، لېكىن ئۇنىڭدىن تۇرمۇش رىقابىتىنىڭ شەپقەتسىز مەنزىرىسىنى كۆرگىلى بولمايتتى . كۆز ئالدىمدىكى ھەربىر رەڭ بىر دۆلەتكە _ ئورتاق مىللىي ئىرادە ۋە ئەقىدە ئۈستىگە قۇرۇلغان خوجايىنلىققا ۋەكىللىك قىلاتتى . بۇ رەڭلەرنىڭ دائىرىسى بىر - بىرى بىلەن تەڭ بولمىسىمۇ ، بەزىسى زىيادە چوڭ ، بەزىسى كىچىك بولسىمۇ ، ئۇلار بىر - بىرىنىڭ خوجايىنلىق ھوقۇقىغا ئوچۇق - ئاشكارا زەرەر يەتكۈزەلمەيتتى . خەرىتىگە ئۇزاق قاراپ كۆزۈم تورلاشقاندەك بولدى ، بارلىق رەڭلەر بىر - بىرىگە ئارىلىشىپ ، رەڭ تۈركۈمى ئېنىق بولمىغان بىر دۇنيا مانانلىق كۆزلىرىمدە ئەگىشكە باشلىدى . مەن كۆزۈمنى بىر ئۇۋۇلىۋېتىپ ، خەرىتىگە يەنە قارىدىم . توۋا ، چېگرىلارنى بىلدۈرىدىغان سىزىقلار ئاساسەن تۈز بولمايدىكەن . باراۋەر ئىرادىلەرنىڭ كېلىشىمى ياكى مۇستەملىكىچىلەرنىڭ ئىرادە ئۈستۈنلۈكى بىلەن سىزىلغان پاسىللار تۈزدەك قىلاتتى . بۇنداق تۈز سىزىقلار كانادا ، ئامېرىكا ۋە ئافرىقا زېمىنلىرىدا بار ئىدى . رەڭ رەسساملارنىڭ نەزەرىدە ئېستېتىك مەنىگە ئىگە بولسا ، جۇغراپىيونلارنىڭ نەزەرىدە سىياسىي مەنىگە ئىگە ئىدى . مەن ئېستېتىكا ئەھلى بولۇش سۈپىتىم بىلەن ۋانگوك ، سىزانلارنىڭ رەسىملىرىدىن زوق ئالغاندا ، رەڭ ئىچىدىن رەڭ ئاختۇرۇپ ئادەتلىنىپ كەتكەنىدىم . چۈنكى شۇنداق قىلغاندىلا سەنەتكارلارنىڭ رەڭ ئىچىگە يوشۇرۇنغان ئىندىۋىدۇئال دۇنياسىنى تاپقىلى بولاتتى . شۇ ئادىتىمنى بەزىدە خەرىتە ئالدىدىمۇ جارى قىلىپ تاشلايمەن . تەبىئەتتە يىلپىز جەرەن ئوۋلاپ يېسە ، ئادەملەر يىلپىزنى ئوۋلاپ يېيەلەيدۇ . ئەمدى ئادەملەرنىڭ ئادەم ئوۋلىشىنى ئالساق ، بۇ ، ئىجتىمائىيەت سەھنىسىدىكى ھادىسىلەر قاتارىغا ئۆتۈپ قالىدۇ . ھاياتلىق تۈركۈملىرى بىر - بىرىنى سىڭدۈرىدۇ ، ئاپپاق قىش يېشىل كۆكلەمگە سىڭىپ كەتكەندەك ، رەڭ رەڭگە سىڭىپ كېتىدىغان ئىشلارمۇ بولىدۇ .
تەبىئەتنىڭ خاھىشى بويىچە ئالمىشىدىغان پەسىللەر قىر - دالىلارنىڭ قىياپىتىنى ئۆزگەرتكەندەك ، تارىخنىڭ خاھىشى خەرىتىدىكى رەڭلەر ۋە سىزىقلارنىڭ ئورامىنى ئۆزگەرتىپ تۇرىدۇ . فرانسىيىلىك شەرقشۇناس گېروسىنىڭ "" بوز قىر ئىمپېرىيىسى "" ناملىق تارىخ ئەسىرىگە قوشۇمچە قىلىپ بېرىلگەن تارىخىي خەرىتىلەرنى كۆرۈپ ، ھەرقانداق خەرىتىنىڭ ئادەملەر تەرىپىدىن سىزىلىشىدەك ئاددىي ھەقىقەتنى مۇرەككەپ كەيپىيات ئىچىدە يېڭىباشتىن تەستىق ئەتكەنىدىم .
كىشى ئۆز رېئاللىقىدا تۇرۇپ قايمۇققان چاغلىرىدا ئاسانلا ئۆتمۈش تارىخىغا باغلىنىپ قالىدۇ ، شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئاللىقاچان مۇئەييەنلىشىپ بولغان تەجرىبىلەرنىڭ دولقۇنىدا ئۈزىدۇ . بىراق نامەلۇم تەجرىبىلەر كىشىگە يۈز - خاتىر قىلمايدىغان تەرىزدە كۈتۈپ تۇرغان بولىدۇ . ئۆزىنىڭ بۈگۈنىگە خوجايىن بولالمىغانلارنىڭ ئەتىسى تەشۋىشلىك تۈننى ئۆزىگە ھەمراھ قىلماي قالمايدۇ .
2- دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن ، مەن كۆرۈۋاتقان ئاشۇ خەرىتىدىكى رەڭلەرنىڭ مۇناسىۋىتىدە كۆپ ئۆزگىرىش بولدى . يالتا يىغىنى ۋە پوتسىدام كېلىشىمى خەرىتىدىكى رەڭلەرنىڭ ئۆزگىچە بىر تەرتىپىنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرگەن بولۇپ ، كىشىلەرنىڭ ئىجتىمائىي قۇتۇپلار ھەققىدىكى كۆز قارىشىنى رەھىمسىزلىك بىلەن ئاستىن - ئۈستۈن قىلىۋەتتى . بىراق ئىنسانىيەت ئۆزى تۈزگەن كېلىشىم ۋە قائىدىلەردىن يۈز ئۆرۈمەي قالمايتتى ، چۈنكى كېلىشىم ئۈستۈن كۈچلەرنىڭ بىر خىل كۆڭۈل ئېچىش ئويۇنىدىن ئىبارەت ئىدى . بىز ئېيتقاندەك ، 1990 - يىلىنىڭ ئالدى - كەينىدە ، ئەينى ۋاقىتتىكى ئۈستۈن كۈچلەر باش قاتۇرۇپ سىزىپ چىققان پاسىللار بىكار قىلىندى . ئوتتۇرا ئاسىيا خەلقلىرىمۇ قولىغا قەلەم ئالدى ، ئۇلار بۇ قەلەمنى يۈرىكىنىڭ چوڭقۇر قاتلىمىدىكى سىياھلارغا چىلاپ تۇرۇپ ، ئۆزلىرىنىڭ پاسىللىرىنى سىزىپ چىقىشتى . تىنىمسىز ئىلگىرىلەۋاتقان ئىنسانىيەت ئۈچۈن بۇرۇنقى تارىخ ھامان خاتا يېزىلغان بولىدۇ ، شۇڭا ئۇ ئۆزگەرتىلىدۇ .
مانا ، ئالدىمدىكى خەرىتە تىپتىنچ تۇرۇپتۇ ، ئۇ شۇ تاپتا پىكىرلەر داۋالغۇپ تۇرغان قەلبىمدىكى دۇنياغا باققاندا ، تولىمۇ ئەرزىمەس كۆرۈندى ، چۈنكى ئۇنىڭ ئاشۇ تىپتىنچ ھالىتى رېئال دۇنيادىكى ئۇرۇش ئوتلىرى ۋە ئۇنىڭدىن قېلىۋاتقان جاراھەتنى مەڭگۈ ئېيتىپ بېرەلمەيتتى . مەن خەرىتىگە قاراپ دۇنيا ئىزدەيمەن ، خەرىتە مېنىڭ پىكىرلىك قەلبىمگە قاراپ مەنە ئىزدىمەكتە . ئېنىقكى ، مەنىلىك بىر دۇنيا ھامان مېنىڭ ئىسسىق قان ئۇرغۇپ تۇرغان ئالمىدەك يۈرىكىم بىلەن بىللە تۇغۇلىدۇ .
خەرىتىدىكى پاسىللار ماڭا قان ئېقىپ تۇرغان جىلغىدەك كۆرۈنۈشكە باشلىدى . "" مەن ئافېنا پۇقراسى ئەمەس ، بەلكى دۇنيا پۇقراسىمەن "" دەپ توۋلىغان سوقرات ھازىرنىڭ ئۆزىدە ھايات بولسا ، "" پاسىل ""دىن ئىبارەت قانلىق جىلغا ئالدىدا توسۇلۇپ قالار بولغىيمىدى ؟ !
سوقرات ئادالەتسىز قانۇن تەرىپىدىن ئۆلۈمگە بۇيرۇلدى . مانا بۇ قانۇننىڭ قانۇنسىزلىقى . لېكىن سوقرات قېچىپ كېتەلەيدىغان تۇرۇقلۇق ، قانۇن دېگەن ئۇقۇمنىڭ مۇقەددەسلىكى ئۈچۈن ئۆلۈمگە رازى بولدى . بۇنى نېمە دەيمىز ؟ مانا بۇ قانۇننىڭ ۋىجدانى . قانۇن بىلەن ۋىجدان بىر - بىرىنى تولۇق چۈشەنمىدى ، شۇڭلاشقا ئىنسانلار تۈزگەن قانۇنلار ھەقىقەتنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىيالمىدى .
ئىنساننىڭ شەخسىيىتى تەنھا بولىدۇ ، لېكىن ئىنسانىيەتچىلىك تەنھا بولمايدۇ ، شۇڭلاشقا ئىنسان ئۆزىدىن ھالقىپ پائالىيەت قىلىشقا موھتاج . بۇ مەنىدىن ئېيتقاندا ، بارلىق كىشىلەر بىر - بىرىنىڭ دوستلۇقى ئارقىلىق ئۆزلۈكنى كېڭەيتىدۇ ۋە مۇشۇ كېڭىيىشنىڭ ئۈزلۈكسىزلىكىدە ئورتاقلىقنى يارىتىدۇ . مانا بۇ تەبىي ئىنساننىڭ ئىجتىمائىيلىقى .
مەن بىر ئۇيغۇر يىگىتى ، بىراق مەن بۇ يەردە تولىمۇ يىراق ئامېرىكىدا ياشىغان ۋالت ۋېتمان بىلەن ئورتاقلىق تاپالايمەن . ئۇ كۈيلىگەن تەبىئەتنىڭ ئاۋازىنى كىچىكىمدىن تارتىپ 12 مۇقامدىن ئاڭلاپ چوڭ بولدۇم . ئىنسانىيەتنى باغلاپ تۇرىدىغان رىشتە ئەنە شۇنداق چىگىلىدۇ . ئەلىشىر ناۋائىي بىز "" ئىنتېرناتسىئونالىزم "" ( بەينەلمىنەلچىلىك ) دەپ ئاتايدىغان دۇنياۋى رىشتىنى خوتەن يىگىتى فەرھاد ۋە ئەرمىنىيە گۈزىلى شېرىننىڭ مۇھەببىتى ئارقىلىق يۈكسەك پەللىگە يەتكۈزگەن ئەمەسمىدى ؟ !
ناۋائىي پاسپورت ھەققىدە بىرنەرسە دېمىگەن ، چۈنكى ئۇ زامانلاردا مەنىۋىيەتنى يۈگەنلەيدىغان زامانىۋى چەكلەر كۆپ ئەمەس ئىدى . ناۋائىينىڭ قەلىمى ئاستىدىكى فەرھاد زامانىمىزدا بولىدىغان بولسا ، پاسپورت ئالالمىغان بولاتتى - دە ، بىستون تاغلىرىنى يېرىپ ، سۇغا تەشنا خەلقنى خۇرسەن قىلالمىغان بولاتتى .
مەن بۇ يەردە غايىۋى بىر دۇنيانى چۈشەۋاتقىنىم يوق ، بەلكى ئەمەلگە ئېشىشتا رېئال ئاساسلىرى تولۇق تۇرۇپ ، مەڭگۈلۈك ئارمان سۈپىتىدە ئاداپ كەتكەن كىشىلىك ئىستىكىم دۇنيانى ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆرۈش ھەققىدە سۆز ئېچىۋاتىمەن . بۇ ، نورمال بىر ئىنساندا بولىدىغان ئەڭ ئاددىي تەلەپ بولۇپ ، ئۇ ، قاندۇرۇلمىغان ئەھۋال ئاستىدا ئىززەت - ھۆرمىتىڭنى قولدىن بېرىپ قويغان بولىسەن .
كىچىكىمدە ئانام ، ئۇ تام بەك خەتەرلىك ، ئۇنىڭغا ياماشمىغىن ، دەيتتى . لېكىن مەن ئۇنىڭغا يامىشىپ ، ئۇنىڭ كەينىدىكى نەرسىلەرنى كۆرەتتىم . ئانام مېنى ، ئۇ تاغلار بەك يىراق ، بارغۇچە ھېرىپ قالىسەن ، دەپ ئاگاھلاندۇراتتى . لېكىن مەن ئانچە ئۇزاق ئۆتمەي دوستلىرىم بىلەن بىرگە شۇ تاغلارغا بېرىپ ، تاغلارنىڭ كەينىدە تاغ بارلىقىنى بىلگەنىدىم .
[ھېكمەت : ئولتۇرۇپ تۇرۇپ بىلگەن بىلىملەرگە قارىغاندا ، ھەرىكەت قىلىپ تۇرۇپ ئالغان بىلىملەر جانلىق بولىدۇ
تەلەپچان ئادەملەر رېئاللىقنىڭ چەكلىمىسىگە كۆپرەك ئۇچراپ ، ئاخىر جىمىغۇر بولۇپ قالىدۇ . يىگىتلەردىن زىلۋا بوي ، شوخلۇق كۈتىدىغان قىزلار بۇنداق جىمىغۇرلۇقنى چۈشەنمەيدۇ . پىكرىي شوخلۇقنىڭ سۆرۈن پوستى بولمىش جىمىغۇرلۇق ھازىرقى ئاممىۋى مۇناسىۋەت ئارقىلىق قولغا كېلىدىغان ئامەتتىن قۇرۇق قالىدۇ .
بىراۋ دېڭىزدىن شۇنداق سوراپتۇ :
_ ئەي دېڭىز ، سېنىڭدە زادى ئوت يوق تۇرۇقلۇق نېمىشقا قاينايسەن ؟ قايناپ تۇرۇقلۇق سۈيۈڭ نېمىشقا سوغۇق ؟
_ ئەي دەردلىك ئىنسان ، شۇنىمۇ بىلمىدىڭمۇ ؟ سەن قورقىدىغان دوزاخ ئوتى دەل مېنىڭ ئاستىمدا كۆيىدۇ ، شۇڭا قايناپ - تېشىپ تۇرىمەن ، ئوت بەك ئازابلىق بولغاچقا سۈيۈم سوغۇق
مەن مەشھۇر كىشىلەرنىڭ ساياھەت خاتىرىلىرىنى ئوقۇشنى ياخشى كۆرىمەن . مۇستەقىل خاراكتېر ۋە دۇنيا قاراش يېتىلدۈرگەن كىشىلەر كۆرگەن - بىلگەنلىرىنى خاس مەنىۋى دۇنياسى بىلەن يۇغۇرۇپ ، ئۆزىگە لايىق قىممەتنى ھېس قىلالايدۇ . سەمىمىي يازغۇچىلار ئۆزلىرى ئۇچراتقان يېڭى نەرسىلەر بىلەن قەلبى ئوتتۇرىسىدا روي بېرىۋاتقان زىددىيەتلەرنى ئەينەن خاتىرىلەپ ئوقۇرمەنلەرگە تاپشۇرىدۇ ، بۇ جەرياندا ئۇلار ساددا كىشىلەردە كۆرۈلىدىغان تەئەججۈپلىرىنى يوشۇرمىغان بولىدۇ . بۇنداق ئەسەرلەرنىڭ ئىچىدە گيوتىنىڭ "" ئىتالىيە مەكتۇپلىرى "" مەندە ئالاھىدە تەسىر قالدۇردى . ئەدەبىي گۈللىنىش ھەرىكىتىنىڭ ئوچىقى ھېسابلىنىدىغان ئىتالىيە گيوتى ئۈچۈن ئېيتقاندا ، گويا پايانسىز كەتكەن سەنەت مۇزېيىدەك كۆرۈنگەنىدى ، بۇ يەرنىڭ كەچكى شەپىقى ، بولزانۇ كوچىلىرىدىكى قايناق بازارلار ، چېركاۋ تاملىرىدىكى ھەيۋەتلىك دىنىي رەسىملەر گيوتىنىڭ ئۆز - ئۆزىنى يېڭىۋاشتىن بايقىشىدىكى ئوبيېكتلاردىن بولغانىدى . ئىتالىيىدىكى ئىككى يىللىق زىيارەت گيوتىنىڭ ئىجادىيىتىدە كۆرۈنەرلىك بۇرۇلۇش ھاسىل قىلغانىدى .
كىتاب ئوقۇش ياخشى ئادەت ، بىراق ئەمەلىيەتچىل پىكىرلەر نوقۇل كىتاب ئوقۇشتىن كەلمەيدۇ ، كىتاب دۇنيانى ھەرىكەت جەريانىدا كۆزىتىۋاتقان كىشىلەر ئۈچۈن ئېيتقاندا ياخشى دوست ، ئۆزىمۇ توختاپ قېلىش بىلەن بىرگە دۇنيانى تۇرغۇن ھالەتتە چۈشىنىدىغان كىشىلەر ئۈچۈن ئۇيقۇ دورىسى . قەدىمكى رىمنىڭ مۇتەپەككۇرى سېنىكا ساياھەت قىلىشنىڭ ئەھمىيىتىنى ئىنكار قىلغاندەك تۇرسىمۇ ، لېكىن ئۇ ياشلىق چاغلىرىدا كۆپ جايلارنى كەزگەن . ھىندىستاندا موغۇل ئىمپېرىيىسىنى قۇرغان كاتتا ئەربابىمىز زوھۇرىددىن مۇھەممەد بابۇر "" بابۇرنامە "" دېگەن ئەسىرىدە ئىقلىملار ۋە تەبىئەتكە بولغان شەيدا قەلبىنىڭ دۇردانە ھېكمەتلىرىنى قالدۇرۇپ كەتكەنىدى . بىز قەيت قىلىۋاتقان بۇ شەخسلەر ئاخىرلىشىپ قېلىۋاتقان مۇشۇ ئەسىرىمىز ( 20 - ئەسىرنى دېمەكچى )دىن خېلى ئىلگىرى ياشاپ ئۆتكەن كىشىلەر . 20 - ئەسىردە ياكى 20 - ئەسىرنىڭ كېيىنكى يېرىمىدا چەت ئەللەرنى زىيارەت قىلىش ئومۇمىي يۈزلىنىشكە ئايلاندى ، ھەتتا ساياھەتچىلەرنى جەلپ قىلىش ئارقىلىق ئۆرە تۇرىدىغان بىر قىسىم دۆلەتلەرمۇ بار بولدى . ئۇنىڭ ئۈستىگە يۇقىرى سۈرەتلىك ئۇچۇر لىنىيىلىرىنىڭ دۆلەتلەرنى تۇتاشتۇرۇشى يەر شارىنى كىچىكلىتىۋەتتى . دەرۋەقە ، بۈگۈنكى شارائىتتا بىر رايوننىڭ تىنچلىق ، تەرەققىيات مەسىلىسى پۈتكۈل دۇنيا بىلەن زىچ باغلىنىشلىق بولۇپ قالدى . بىر رايوننىڭ ئىجتىمائىي پاراۋانلىقى ، سىياسىي مۇھىتى ، تەبىئىي مۇھىتى ، دېموكراتىيىنى يولغا قويۇش - قويماسلىقى پۈتكۈل دۇنيانىڭ ئورتاق مەسىلىسىگە ئايلاندى . بۇنىڭغا قاراپ دۇنيانى كىچىك دېمەي ئامال يوق .
ئەمما ، دۇنيا بىز ئۈچۈن يەنىلا بەك چوڭ ، چۈنكى تەرەققىي قىلغان دۇنيانىڭ ھەقىقىي رۇخسارى بىزدىن بەك يىراقتا ، بىز ئۇنى پەقەت رەڭ ۋە ئىش قوشۇلغان تېلېۋىزىيە فىلىملىرىدىن ، تەشۋىقات ئېھتىياجىدىن كېلىپ چىققان ئاخباراتلاردىنلا كۆرەلەيمىز . بىز ئۆزىمىزدىن تاشقىرى دۇنيانى ئۇقۇم ، غايە ، مەسلەكتىن ئىبارەت يات كۆزەينەك ئارقىلىق كۆرۈپ كەلدۇق . شۇڭا ، دۇنيانى ئۆز كۆزىمىز بىلەن كۆرۈپ دىتلاپ بېقىشتىن تولىمۇ يىراقتىمىز . بىز ئۈچۈن نيۇ - يورك ، توكيو دېگەنلەر ئاي شارىدىنمۇ يىراق . بىزنىڭ بۇ يەر گارسىيە ماركوسنىڭ ."" يۈز يىل غېرىبلىق "" ئەسىرىدىكى ماكاندو كەنتىگە ئوخشاپ كېتىدۇ . جاھان كۆرمىگەن ئادەملەرگە چەت ئەلنىڭ نەرسىلىرى سىرلىق ھەم ئەتىۋار نەرسىگە ئايلىنىپ قالىدۇ . خۇددى دىيارىمىزدىن ئاپىرىپ سېتىلغان تۈرك ئاتلىرى تاڭ پادىشاھىنى ھاڭ - تاڭ قالدۇرغاندەك ، سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ پەلتولىرى ، ھەرەمنىڭ خورمىلىرى ، گېرمانىيىنىڭ شىلەپىلىرى بىزنىڭ ئەڭ مەلۇماتلىق كىشىلىرىمىزنىڭ روھىنى زىلزىلىگە سالدى . "" يۈز يىل غېرىبلىق "" رومانىدىكى سىگان كىشىسى مېرگادىس ئېلىپ كەلگەن ماگنىت ماكاندو كەنتىدىكى لاخشىگىر ، مەش قاتارلىق نەرسىلەرنى ئوڭدا - دۈمدە قىلىۋېتىپ ، خالايىقنى ھەيرانۇھەس قىلىۋېتىدۇ . "" ئىلىم - پەن ئارىلىقنى قىسقارتتى ، _ دەيدۇ مېرگادىس ، _ پات ئارىدا كىشىلەر بوسۇغىدىن چىقمايلا دۇنيانىڭ ھەرقانداق بىر يېرىدە بولۇۋاتقان ئىشنى كۆرەلەيدىغان بولىدۇ "" . مېرگادىس بۇ گەپنى دەۋاتقاندا ، ئېزىلىش ، تالان - تاراج ۋە كەمسىتىش ئىچىدىكى لاتىن ئامېرىكىسى ئۆزىنىڭ بىچارە ھاياتىنى داۋام قىلدۇرۇۋاتاتتى .
بۈگۈنكى لاتىن ئامېرىكىسى غېرىب ئەمەس ، ئۇ ئەمدى ھەرگىزمۇ ماگنىتقا ھەيران قالمايدۇ ، ئەكسىچە ئۇلار يېڭى - پارلاق ئىستىقبالى ئارقىلىق باشقىلارنى ھەيران قالدۇرماقتا . بۈگۈن ئۇلاردا دۇنياۋى ئەدەبىياتنىڭ ياراتقۇچىلىرى ئەڭ كۆپ ، ئۇلارنىڭ پۇتبول تارىخىدىكى تەسىرلىك ھېكايىلىرى "" ئىللىئادا "" ، "" ئودېسسا "" جەڭنامىلىرىدەك قوزغىتىش كۈچىگە ئىگە .
بىزدە بىرەر يازغۇچىنىڭ بىرەر پارچە ئەسىرى چەت ئەلدە ئېلان قىلىنىپ قالسا ھاياجانلىنىپ كېتىمىز . بىز ئۆزىمىزنىڭ باشقىلار تەرىپىدىن مۇئەييەنلەشتۈرۈلۈشىمىزنى بەك ئارزۇ قىلىمىز ، ئۆزىمىز ئۆزىمىزنى مۇئەييەنلەشتۈرۈشكە جۈرەت قىلالمايمىز . كونسېرتلىرىمىزدا بىر - ئىككى نەپەر چەت ئەللىك ئولتۇرۇپ بەرسە ، ئۇلارنى گەۋدىلەندۈرۈپ سۈرەتكە ئالىمىز . بىزگە چەت ئەل مەدەنىيىتىنىڭ شەكلەن قىسمىلا كىرىدۇ ، ئىجادچان روھى كىرمەيدۇ ، بۇلارنىڭ ھەممىسى نېمە ئۈچۈن ؟
بىر ئېغىز گەپ بىلەن جاۋاب بەرگەندە ، بېكىنمە رايون كىشىلىرىگە نىسبەتەن چەتتىن كەلگەن بۇيۇملار سېھرىي كۈچكە ئىگە بولىدۇ .
بېكىنمىچىلىك باشقىلار ئېيتقاندەك ، تارىخنىڭ مەھسۇلىمۇ ؟ بىز بۇنداق دېگۈچىلەردىن : "" سىز دەۋاتقان تارىخ قانداق تارىخ "" دەپ سوراشقا مەجبۇرمىز . بىز ياشاۋاتقان بۇ رايوننىڭ تارىختا مەدەنىيەت دوقمۇشى بولۇپ كەلگەنلىكىدىن ئىبارەت پاكىتنى ھېچكىم رەت قىلمايدىغۇ ؟ جۇڭگودا تارىخ دېگەن ئۇقۇم ئۆزىنى ئاقلاش ۋە تەسەللى بېرىشنىڭ گۇماشتىسى بولۇپ قېلىشتىن خالىي بولالماي كەلدى .
بىر قېتىم كىتابخانىغا بارغاندا جۇڭگو يازغۇچىلىرىنىڭ چەت ئەل زىيارىتى ھەققىدە يازغان ئەسەرلىرى مەجمۇئەسىنى كۆرۈپ قالدىم . بۇ يازغۇچىلار ۋاڭ مېڭ ، ليۇ شىنۋۇ ، جاڭ جېي ، جاڭ كاڭكاڭ قاتارلىقلار ئىدى . مەن ۋاڭ مېڭنىڭ شىنجاڭ تېمىسىدىكى ئەسەرلىرىنى ياقتۇراتتىم ، شۇڭلاشقىمىكىن ، ۋاڭ مېڭنىڭ كىتابىنى قولۇمغا ئالدىم . كىرىش سۆزىنى ئوقۇپلا ياقتۇرۇپ قالغاندەك بولدۇم - دە ، سېتىۋالدىم . كىرىش سۆز 1959 - يىلى يانۋاردا يېزىلغان بولۇپ ، ئاپتور شۇ چاغقىچە جەمىي 40 قېتىم چەت ئەلگە چىققانلىقىنى قەيت قىلىپ ئۆتكەنىدى . ئۇنىڭدىن باشقا ، دەي خۇييىڭنىڭ ئامېرىكىدا تۇرۇپ يازغان مەكتۇپلار توپلىمىنى كۆرگەنىدىم . جاڭ شيەنلياڭ قاتارلىق نۇرغۇن يازغۇچىلارنىڭ چەت ئەلگە لېكسىيە ئوقۇغىلى چىققانلىقىنى ماتېرىياللاردىن كۆرگەنمەن . دېمەك ، ئۇلار ئۈچۈن چەت ئەل قوغۇنلۇقنىڭ يولى ئىدى .
بىزدە ئۇنداق ئىشلار يوق دېسەك ، "" مېتافىزىك "" خاتالىق ئۆتكۈزگەن بولىمىز . بىز چەت ئەللەرگە زىيارەتكە چىققان يازغۇچىلارنى بارماق بىلەن ساناپ بېرەلەيمىز . ئىلىم تەھسىل قىلىش ئارزۇسىدىكىلەر چەت ئەلگە ئوقۇشقا چىقماقچى بولغانلارغا مۆجىزىگە قارىغاندەك قارايدۇ ، ئۇلارنى ئالاھىدە ماتېرىيالدىن ياسالغاندەك ھېس قىلىدۇ .
يازغۇچى زوردۇن سابىر 1997 - يىلى كۈزدە ئىچكىرىگە قىلغان سەپىرىمىزدە ماڭا چەت ئەلگە چىقىش نىيىتىنىڭ بارلىقىنى ، ئەمما پاسپورتى بولمىغاچقا بارالمايۋاتقانلىقىنى ئېيتىپ ھەسرەتلەنگەنىدى . ئىزدىنىش روھىغا باي بۇ ئۇستاز يازغۇچىمىزمۇ بىز بىلەن خۇددى قېيىدىغاندەكلا ئۇشتۇمتۇت خوشلىشىپ ، پاسپورت تەلەپ قىلمايدىغان يەرگە كەلمەسكە كەتتى .
زوردۇن ئاكىنىڭ ۋاڭ مېڭ بىلەن يېقىن ئاغىنە ئىكەنلىكىنى ئوبدان بىلىمەن . ئۆتكەن يىلى كۈزدە بېيجىڭدا زوردۇن ئاكا بىلەن مەھمۇت مۇھەممەت ئىككىسى ۋاڭ مېڭنى ئالاھىدە يوقلاپ كېلىشكەنىدى ، ۋاڭ مېڭ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ بېيجىڭدىكى ئىش بېجىرىش باشقارمىسىغا كېلىپ بىز بىلەن چۈشلۈك تاماق يېگەندە ، زوردۇن ئاكا بىلەن ۋاڭ مېڭ ئىككىسى چاقچاقلىشىپ يانمۇيان ئولتۇرۇشقانىدى . مانا بۇ ئىشلارغىمۇ ھەش - پەش دېگۈچە بىر يىل بولۇپ قاپتۇ . ۋاڭ مېڭ ئەپەندى زوردۇن ئاكىنىڭ ۋاپاتىنى بەلكىم ئاڭلىغاندۇ ، بىراق چەت ئەلگە 40 قېتىمدىن ئارتۇق زىيارەتكە چىققان بۇ مەشھۇر زات زوردۇن ئاكىنىڭ ماڭا ئېيتقان ھەسرىتىنى بىلەمدىغاندۇ ؟ بەلكىم ئۇ بۇنى بىلسە ھېسداشلىق قىلار ئىدى ، چۈنكى ۋاڭ مېڭ جاپا تارتقان ئىسيانكار زىيالىي .
زوردۇن ئاكا ، بىز ئاۋۋال ماۋدۇن مۇكاپاتىنى ئېلىشقا تىرىشىشىمىز كېرەك ، نوبېل مۇكاپاتىنى ئېلىش كېيىنكى ئەسىردىكىلەرنىڭ ئىشى ، دەيتتى . بىراق ماۋدۇن مۇكاپاتىنى باھالىغۇچىلار بىزدىكى ئەدىبلەرنى ئويلاشتىمۇ - يوق ، بۇنى تېخى بىلمىدۇق ، ئۇنىڭ ئۈستىگە بىزدە خەنزۇ تىلىدا بىۋاسىتە ئەسەر يازىدىغان غوللۇق يازغۇچىلارنىڭ تايىنى يوق .
قارىغاندا ، ئالدىمىزدىكى مەسىلە مۇكاپاتقا ئېرىشىش مەسىلىسى بولماستىن ، بەلكى تەرەققىي قىلىش پۇرسىتىنى قولغا كەلتۈرۈش مەسىلىسىدىن ئىبارەت بولسا كېرەك . شۇ چاغدىلا ئىقتىسادىي بېكىنمىچىلىكتىن تارتىپ روھىي بېكىنمىچىلىككە قەدەر ئىجتىمائىي ئىللەتلەرگە خاتىمە بېرەلەيمىز . بەزىدە بېكىنمىچىلىك تەبىي بولمايدۇ ، ئەكسىچە سۈنىي ھالدا كەلتۈرۈپ چىقىرىلغان بولىدۇ . بىز بۇنى چۈشىنىشىمىز ۋە چۈشەندۈرۈشىمىز كېرەك .
"" ئاساسىي قانۇن "" ھەربىر پۇقراغا باراۋەر ھوقۇق بېرىدىغانلىقىنى ۋەدە قىلغانىدى . ئاشۇ ھوقۇقنىڭ ئىچىدە كىشىلەرنىڭ تەرەققىي قىلىش ئۈچۈن زۆرۈر بولغان پۇرسەتنىڭ باراۋەرلىكىمۇ بولىدۇ ، ئەلۋەتتە . ئۇنىڭ ئۈستىگە قانۇننى قانۇن تارماقلىرىلا ئىجرا قىلىدۇ ، دېسەك خاتا بولىدۇ ، چۈنكى قانۇن تارماقلىرىدا ئىشلەيدىغان كىشىلەرمۇ نان يەيدىغان كونكرېت ئادەملەردىن ئىبارەت . دۇنيا تارىخىدا قانۇننىڭ مۇكەممەللىشىشى ئىككى باسقۇچنى بېسىپ ئۆتكەن ، بىرى ، قانۇن ۋە قانۇن مۇئەسسەسىلىرىنىڭ تۈزۈلۈشى ، يەنە بىرى ، قانۇننى ئىجرا قىلدۇرۇش ئۈچۈن خەلق ئاممىسىنىڭ كۈرەش قىلىشى . قانۇن تۈزۈلسىمۇ ئۇنىڭ ھەققانىي يۈرگۈزۈلۈشىنى نازارەت قىلالايدىغان ، قانۇن ئۈچۈن كۈرەش قىلالايدىغان خەلق بولمىسا ، قانۇن مۇئەسسەسىلىرى چىرىپ كېتىدۇ . جۇڭگودا قانۇننىڭ بارلىقىغا گەپ كەتمەيدۇ ، بىراق قانۇن روھىنىڭ بارلىقىغا بىرنېمە دېمەك تەس . مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى ھېلىھەم دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى تەكىتلەۋاتمامدۇ ؟ !
ئىقتىسادىي تەرەققىيات جەھەتتە رايونلار ئوتتۇرىسىدا كېلىپ چىققان زور پەرقنى تەبىي جۇغراپىيىلىك ئەۋزەللىك ۋە تارىخىي سەۋەبلەر بىلەن ئىزاھلاشقا بەك كۆنۈپ كەتتۇق . بىراق قانۇننىڭ ئىجرا بولۇشىدىمۇ رايون پەرقى بولۇشى كېرەكمۇ ؟ قانۇن بۇنىڭدا "" ھەئە ! "" دەپ جاۋاب بەرمەيدۇ ، ئەلۋەتتە .
قانۇن ئابستراكت مەزمۇندىن ئىبارەت . قانۇن روھى ئادەم سۇبيېكتىغا ئايلانغان ھەرىكەتتىن ئىبارەت . قانۇن قانۇننى ئىجرا قىلىدىغان كىشىلەر تەرىپىدىن كونكرېتلىشىدۇ . شۇنداق ئىكەن ، قانۇن دۆلەتنىڭ باش تېمىسى بولغان خەلقنىڭ قولىغا تاپشۇرۇلۇشى ، ئۇ ، خەلقنىڭ روھىي ساپاسى تەرىپىدىن يۈكسەلدۈرۈلۈشى كېرەك . ئەپسۇسكى ، بىزدە خەلق تۈرلۈك ھوقۇقنىڭ جاپاكەش دەۋاگەرلىرى سۈپىتىدە قانۇن دەرۋازىسىنىڭ ئالدىدا تەلمۈرۈپ تۇرماقتا .
ئۈچ يىل ئىلگىرى قۇددۇس ھاپىز جامائەتنىڭ غۇلغۇلا قىلىشى ۋە ھۆكۈمەتنىڭ قوللىشى بىلەن تىلشۇناسلىق ساھەسى بويىچە ستوكھولىمدا چاقىرىلغان خەلقارا مۇھاكىمە يىغىنىغا قاتنىشىپ كەلدى . شۇ چاغدا شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى بۇ ھەقتە مەخسۇس خەۋەر بېرىپ قۇددۇس ھاپىزنى "" مەھمۇد قەشقەرىيدىن كېيىن بىزدە مەيدانغا كەلگەن ئىككىنچى بۈيۈك تىلشۇناس "" دەپ تەرىپلىدى . شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ قۇددۇس ھاپىزنىڭ ئىلمىي پائالىيىتىگە كۆڭۈل بۆلۈپ ، ئۇنى تەشۋىق قىلىشى خۇشاللىنارلىق ئىش ، قۇددۇس ھاپىزنىڭ جاپالىق شارائىتتا ياراتقان بىر قىسىم ئىلمىي نەتىجىلىرىنى ھەقىقەتەن تەشۋىق قىلىشقا ئەرزىيدۇ . بىراق ئۇنىڭغا بېرىلگەن باھا ئويلانمايلا قىلىنغان تەۋەككۈلچىلىكنى ئاشكارىلاپ قويدى . "" مەھمۇد قەشقەرىي كىم ؟ ئۇ ، تىلشۇناسلىقتا نېمە ئىشلارنى قىلدى ؟ ئۇنىڭ تۈركولوگىيە ئىلمىدىكى ئورنى نەدىن كەلگەن ؟ "" ئاۋۋال بىز ئاشۇ مەسىلىلەرگە قانائەتلىنەرلىك ئىلمىي جاۋاب تېپىشىمىز ، ئاندىن قۇددۇس ھاپىزنىڭ شۇ چاغدىكى دېسسىرتاتسىيىسىنىڭ ئىلمىي ۋەزنىنى خەلقارا نۇقتىدا تۇرۇپ باھالىشىمىز ، ئەگەر مۇۋاپىق كەلسە يۇقىرىقى باھانى بېرىشىمىز كېرەك ئىدى . بىز ئەدىبلىرىمىز ۋە ناخشىچى - مۇزىكانتلىرىمىزغا "" تالانتلىق "" ، "" مەشھۇر "" دېگەن ناملارنى توپ باھادا باھاسىنى چۈشۈرۈپ سېتىۋېرىدىغان بولۇپ كەتتۇق . ھېلىمۇ بىز "" ئۇلۇغ "" ، "" تالانتلىق "" ئادەملىرىمىزنىڭ كۆپلۈكىدىن ئاسمانغا چىقىپ كەتمىدۇق . بەلكىم ھەممىمىز ئاشۇنداق كىشىلەرنىڭ ئارىمىزدىن كۆپلەپ چىقىشىنى ئارزۇ قىلساق كېرەك . بىراق ئۇنداق گۈزەل رېئاللىقنى ھەقىقىي ئارزۇ قىلىدىغان كىشىلەر تالانت بارلىققا كېلىشتىن ئىلگىرى يارىتىشقا تېگىشلىك شەرتلەرنى ئويلىشى زۆرۈر .
بىز گاھىدا ئۆزىمىزنى زىيادە ماختاپ كېتىمىز . مەھمۇد قەشقەرىيدىن پەخىرلەنگىنىمىزدە : "" كىمنىڭ بار مۇشۇنداق ئالىمى قېنى ؟ "" دەپ ناخشا توۋلىدۇق . باشقىلارنىڭ نېمىدەپ جاۋاب بېرىدىغانلىقىنى ئويلاشمىدۇق . گاھىدا ئۆزىمىزنى كەمسىتىپ ئادەم قاتارىغا ئالماي كېتىمىز . بۇ ، نېمە ئۈچۈن ؟
ئاناتومىيە ۋە بىئولوگىيە ئالىملىرى روھىي قاتماللىقنىڭ گېنىتىك ئەنەنە ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدىغان كەشپىياتلارنى ئوتتۇرىغا چىقارغىنى يوق . ئۇنداق بولغاندا ، تارىختىكى فېئودال ھۆكۈمرانلارنى ئەيىبلەشنىڭ ھاجىتى بولمايتتى . شۇنداقلا ئاق تەنلىكلەر تەرىپىدىن قۇل قىلىنغان نېگىرلاردىن سويىنكا ، مىكائىل جېكسون ، ماندېلا قاتارلىقلارنىڭ چىقىشىنى تەسەۋۋۇر قىلغىلى بولمايتتى . روشەنكى ، بىزدىمۇ تۇغما قاششاقلىقنىڭ بولۇشى مۇمكىن ئەمەس . روھىي قاششاقلىق ۋە بېكىنمىچىلىك يەنىلا جەمىيەتنىڭ ئىنسان تەبىتىگە خىلاپ ھالدا ئىشلەپچىقارغان مەھسۇلاتلىرىدۇر .
قارىغۇلارچە چوقۇنۇش ، قارىغۇلارچە يەكلەش ، ئۆزىنى ھەم ئۆزگىنى بىلمەي لاپ ئۇرۇش ، ئاسماننى قۇدۇقتىن چىقماي كۆزىتىش ، بۇرنىنىڭ ئۇچىنى كۆرۈش ، دوپپىسىنى ئەكەل دېسە كاللىسىنى كېسىپ كېلىش ، يۇرتۋازلىق ، مەھەللىۋازلىق ، غەيۋەتخورلۇق ، پىتنىخورلۇق ، چېقىمچىلىق ، يالغانچىلىق قاتارلىقلار سىياسىي ، ئىجتىمائىي بېكىنمىچىلىك كەلتۈرۈپ چىقارغان ئىللەتلەردۇر .
بېكىنمە رايون خەلقلىرى ئۈچۈن يەر شارى ئىللىق ئائىلە بولماستىن ، بەلكى سىرلىق لاگېر ، بۇنداق يەردىكى خەلقنىڭ تارىخنى ھەرىكەتلەندۈرىدىغان كۈچ بولمىقى ئاسانغا توختىمايدۇ ، ئۇلار كۆپ ھاللاردا ۋەزىيەتنىڭ تەجرىبە ماتېرىيالىغا ئايلىنىپ قالىدۇ .
ئۆزۈمنى ئالسام ، چەت ئەللەردە ئىلىم تەھسىل قىلىشنى ، بىلىم ئىگىلىكىنى ئاساس قىلىدىغان 21 - ئەسىرگە دۇنياۋى ئاڭغا ئىگە زىيالىي سۈپىتىدە كىرىشنى ئىنتايىن ئارزۇ قىلىمەن .
مەن پۈتكۈل دۇنيانى ، ئىنسانىيەتنى ، ئىنسانىيەتنىڭ ئەقىل - پاراسىتىنى سۆيىمەن . بىراق بۈيۈك مۇتەپەككۇرلارنىڭ كىتابىنى ئوقۇپ ، ئۇلارنىڭ ئىدىيىسىگە قامىلىپ قېلىشنى خالىمايمەن . شۇنىڭ ئۈچۈن دۇنيانى كۆرۈشۈم ، ئايلىنىشىم ، ھەربىر يېڭى نەرسىنىڭ ئىلھامى ئارقىلىق ئىدىيىمنى تۈزىتىشىم ، ئۆزۈمنىڭ ھېچكىمگە ئوخشىمايدىغان خاس تەپەككۇرۇمنى قۇرۇپ چىقىشىم كېرەك .
"" سۆي ھەم سۆيۈل ، بەخت دېگەن ئەنە شۇ "" دېگەن گەپ بار . مەن ياشلىقنىڭ ھارارىتى تېپىپ تۇرغان ئىسسىق لېۋىمنى كۈزنىڭ سوغۇق ھاۋاسىغا سوزدۇم .

         كۆرۈلۈشى:552     قوشۇلغان ۋاقتى:2010-3-31 12:50:56يوللىغۇچى ئەزا:RIWAYAT2002

    
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يوللانمىدى ، سىزنىڭ تۇنجى ئىنكاس يوللىغۇچى بولىشىڭىزنى قارشى ئالىمىز !

ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:سىرلىقلىقىڭىزنى يوقاتماڭ
سىرلىقلىقىڭىزنى..
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:چاچ چۈشۈشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئامىللار
چاچ چۈشۈشنى كەلت..
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:ھەددىدىن زىيادە رومانتىكلىقمۇ كىشىنى بىزار قىلىدۇ
ھەددىدىن زىيادە ..
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:سەۋزە ئۆپكىنى ئاسرايدۇ
سەۋزە ئۆپكىنى ئا..
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:مېۋە پوستى بىلەن...
مېۋە پوستى بىلەن..
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:دۇنيادىكى ئەڭ توغرا پىسخېكا سىنىقى
دۇنيادىكى ئەڭ تو..
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:ئاياللارنىڭ جورا تاللاشتىكى يېڭى چارىسى
ئاياللارنىڭ جورا..
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:«ئەر-خوتۇنلار ئوخشىشىپ كېتىدۇ» نىڭ ھەقىقىي سىرى
«ئەر-خوتۇنلار ئو..
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:ئەر -ئاياللار ھەققىدە قىزىقارلىق پاراڭلار
ئەر -ئاياللار ھەق..
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:ھازىرنىڭ ئۆزى بەخىت
ھازىرنىڭ ئۆزى بە..
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:تەنھالىق ئىنسانغا نىسبەتەن‹‹يۇشۇرۇن قاتىل ››ئىكەن
تەنھالىق ئىنسانغ..
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:ساپما كەشنىڭ زىيىنى تولا
ساپما كەشنىڭ زىي..

ئالدىنقى ماقالە:كەينىمدىكى غەيۋاتلەر
كېيىنكى ماقالە:جالالىدىن رومنى ئەسلەپ
{ كۆچۈرۈش } { بېسىپ چىقىرىش }
 
بۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭ

شىرىنىم ئەسەر سەھىپىسى (2010 - 4 - 16)  新ICP备10001556号