
ئەتىگەندىن كەچكىچە ئاشۇ جايدا سىزنىڭ پەيدا بولۇشىڭىزنى كۈتۈپ تۇرۇپ كېتىمەن .
نەتىجىدە يەنىلا ئۈمىدسىزلارچە قايتىشقا مەجبۇر بولىمەن .
ناۋادا ھاۋا ئۆزگۈرۈپ قالسا سىزنىڭ ئەھۋالىڭىزدىن ئەنسىرەشكە باشلايمەن .
دائىم سىز ئامراق ناخشىلارنى ئاڭلاپ تۇرۇپ ، مۇڭ ئىچىدە سىزنى سېغىنىمەن .
. . . . . . . . . . . . . . .
ئۆز - ئۆزەمگە :
تېلىفون قىلما !
ئىزدىمە !
ئۆتمۈشنى ئەسلىمە !
دىگەن سۆزلىرىڭنى ئۇنۇتما !
ھەرقانچە ئازاپ بولسىمۇ چىدا !
- دەپ ئاگاھلاندۇرۇپ تۇرىمەن .
( مانا بۇ مېنىڭ ئايرىلغاندىن بۇيان ھەركۈنى ئەتىگەندە قىلىپ كېلىۋاتقان بىرىنچى ئىشىم )
. . . . . . . . . . . . . . . . . . . . .
ئەمىلىيەتتە بىلىپ تۇرۇپتىمەن .
پەقەت ئەخمىقانە خىياللىرىمنى توختاتساملا رىئاللىقنى قوبۇل قىلالايمەن .
ئەمما قاچان بۇنداق قىلالايدىغانلىقىمنى بىلمەيمەن .
چۈنكى ،
ئايرىلغاندىن بۇيان خىياللىرىمدا پەقەت سىزلا بار
. . . . . .
