پۇتۈلمىگەن پۇتۇكلەر
«ئالمىدەك يۈرەكتە ئالەمچە سۆيگۈ» ناملىق تۇنجى شېئىرلار توپلىمى بىلەن كۆزگە كۆرۈنگەن تالانىتلىق شائىر ئوسمانجان ساۋۇت ئەپەندى بىلەن ئۇچۇراشماق بولۇپ يۈرەتتىم . بىر كۈنى ، مۆھتەرەم مېجىت ناسىر ئەپەندى بىلەن تاسادىپەن يولۇقۇپ قالدىم .
مېجىت ناسىر ئەپەندى ئامان - ئىسەنلىك سوراشقاندىن كېيىن ؛
ـ ئوبدان ئۇچراشتۇق ، - دېدى خۇرسەن بولۇپ ، - ئوسمانجان ساۋۇت سىزنىڭ «پۈتۈلمىگەن پۈتۈكلەر » ىڭىزنى گېزىتتىن قىيىۋىلىپ ساقلاۋىتىپتىكەن . ئارىدا بىر سان گېزىتتىكىسى كەم بولۇپ قېلىپ ، شۇنى سوراپ تېلېفون بېرىپتۇ . مەن گېزىتلىرىمنى تۈپلەپ ئارخىپ قىلىپ قويغانلىقىم ئۈچۈن ، ئۇ ساننى چىقىرىپ بېرەلمىدىم .
ـ كىم ھەققىدە يېزىلغىنى ئىكەن ؟
ـ مۇزەپپەر ئاكا ھەققىدە يېزىلغىنى دەيدۇ .
ـ ھە ، ئۇ سان گېزىت مەندە بار .
ـ ئەمىسە ، ياخشى . شۇ گېزىتىڭىزنى بېرىپ قويارسىز .
ـ ئوبدان !
ئارىدا بىرەر كۈن ئۆتتى ، ئوسمانجان ئەپەندى بىلەن ئالاقىلىشالمىدىم. چۈنكى شائىرنىڭ ئۆيىنىمۇ، تېلېفون نومۇرىنىمۇ بىلمەيىتتىم . « تارىم » ژۇرنىلى تەھرىراتىغا تېلېفون قىلدىم ، تېلېفون ئالغان قىز ئوسمانجاننىڭ پېنسىيىگە چىقىپ كەتكەنلىكىنى ، ئۆيىنىڭ تېلېفون نومۇرىنى بىلمەيدىغانلىقىنى ئېيتتى . مەن ئاخىر تېلېفوندا مېجىت ناسىر ئەپەندىنىڭ ئۆزىگە مۇراجىئەت قىلدىم . مېجىت ئەپەندى بىر دەمدىلا تېلېفون نومۇرىنى تېپېپ بەردى .
ئىشلار ئوڭغا تارتتى . شائىر ھايال قالماي ئاپتوبۇس بېكىتىدە ھازىر بولدى ، ئالدىغا چىقتىم . مېنىڭ ئائىلە كىتابخانەمدە ئۇزۇن ئولتۇرۇپ پاراڭلاشتۇق . ئىستۇدېنىتلىق ئىپتىخارلىق چاغلار، كۈرەش قاينىغان كۈلپەتلىك يىللار، ئارامغا چىققان ئازادە كۈنلەر ھەققىدە پۈتۈكسىز پۈتۈكلەرنى ئېيتىشتۇق ، مەشھۇر كىشىلىرىمىزنى ئەسلەشتۇق . شېئىرىيەت ، ئىجادىيەت بابىدا پۈتمەس - تۈگىمەس پارڭلارغا چۈشۈپ كەتتۇق ...
شائىرنىڭ ئۆيىدە
سۆھبەت داۋامىدا ، ئوسمانجان ئەپەندى شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇۋاتقان چاغلىرىدا بولغان بىر ئىشنى ئەسلىدى .
ـ 1965ـ يىلى يازدا مەشھۇر شائىرىمىز تېيىپجان ئېلىيوفنىڭ بىر شېئىرى پىپەن قىلىنىۋىتىپتۇ ، دېگەن خەۋەر تارىدى . ئۇنىۋېرسىتېتتىكى تېيىپجان ئاكىغا چوقۇنىدىغان ھەمدە ئۇنىڭ شېئىرلىرىنى سۆيۈپ ئوقۇيدىغان ھەۋەسكار ستۇدېنىتلار بۇ خەۋەرگە ھەيران قالدى . ئۇلار ئارىسىدا غۇلغۇلا كۆتىرىلدى ؛
ـ ئۇ شېئىرنىڭ نامى نىمىكەن ؟
ـ« " ئاساسەن " نىڭ شىكايىتى » دەيدۇغۇ .
ـ تېيىپجان ئاكا ئۇنداق شېئىر ئېلان قىلمىغانىدىغۇ ؟
ـ تېيىپجان ئاكا ئۇ شېئىرىنى « تارىم » ژۇرنىلى تەھرىراتىغا ئەمدىلا سۇنۇپتىكەن .
ـ دېمەك،« پىپەنچىلەر» ئۇ شېئىرنى بۆشۈكىدىلا بوغۇۋىتەيلى دەپتۇ - دە !
بۇ گەپلەرنى ئاڭلاپ ، تېيىپجان ئاكىغا ئىچىم ئاغرىدى ۋە چۇڭقۇر ھىسداشلىق قىلدىم . شۇنىڭ بىلەن « يۈرىكىمنى قاپتەك قىلىپ » ، بىرنەتچچەيلەن بىلەن ئۇنىڭ ئۆيىگە يوقلاپ باردىم .
ئۆيگە كىرسەك ، شائىر كىتاپ ئوقۇپ ئولتۇرۇپتىكەن . بىزنى كۆرۈپ ئورنىدىن تۇرۇپ ، ئولتۇرۇشقا تەكلىپ قىلدى . ئۇنىڭ كەيپى تۆۋەن ئىدى . بىز ئۆزىمىزنى تونۇشتۇردۇق .
ـ ھە ، ئەدەبىيات ھەۋەسكارلىرى دەڭلار! - شائىر سۇسقىنا كۈلۈپ قويدى ، - بولغۇسى شائىر ئىكەنسىلەر .
ـ تېىپجانكا، سىز تالانىتلىق شائىر ، - دەپ ئىززەت - ئىكرام بىلەن سۆز باشلىدىم، - سىز شېئىرىيەتتە قايسى شائىرغا چوقۇنىسىزكىن ؟
ـ مەن ناۋايىغا چوقۇنىمەن .
ـ بىز سىزنىڭ تالانتىڭىزنىڭ تەرەپدارى! ئاڭلىشىمىزچە ، سىزنىڭ ئېلان قىلىنمىغان بىر يىڭى شېئىرىڭىز بار ئىكەن . شۇ شېئىرىڭىزنى كۆرۈپ باقساق بولامدۇ ؟ـ دېدىم .
تېيىپجان ئاكا بۇ سوئالغا جاۋاپ بەرمىدى، سەل ئويلىنىپ قالدى . ئاندىن بىزگە باشتىن ئاياق سەپ سېلىپ قاراۋىتىپ ؛
ـ مەن سىلەرنىڭ «ۋەتەن ھەققىدە غەزەل » « ماۋجۇشىغا » ، «پىشقەدەم جەڭچىنىڭ نەسىھىتى»، «يۈيخۇاتەيگە زىيارەت» دېگەن شېىئىرلىرىمنى ئوقۇشۇڭلارنى تەۋسىيە قىلىمەن ، - دېدى . ئېلان قىلىنمىغان شېئىرىنى تىلغا ئالمىدى ، بىز بىلەن ئانچە ئېچىلىپ - يېيىلىپ سۆزلىشىپمۇ كەتمىدى . بىز كۆپ ئولتۇرماي ، مەكتىپىمىزگە قايتپ كەتتۇق .
ئارىدىن يىگىرمە نەچچە يىل ئۆتكەندىن كېيىن،تېيىپجان ئاكا بىزگە ساۋاقدىشىمىز بوغدا ئابدۇللانى «ئەلچىلىككە» ئەۋەتىپ ، « شۇ ۋاقىتتا سىلەر يوقلاپ كەلگەندە ، مەن سىلەرنى تەنقىدچىلەر ئەۋەتكەن تىڭچىلارمىكىن دەپ، ياخشى كۈتۇۋالالماي قاپتىمەن ، كەچۈرۈڭلار » دەپ ئۆزرىخاھلىق ئېيتقانىدى .
ئەينى يىللاردا ، تېيىپجان ئاكىنىڭ تېخى ئېلان قىلىنمىغان داڭلىق ھەجىۋىي شېئىرى بۆشۈكىدە بوغۇلۇپ، ئۆزى ئۇنىڭ ئۈچۈن ئۇرتوقاي قىلىنىۋتقاندا، ئەدەبىيەت دۇنياسىغا ئەندىلا قەدەم قويغان بىزمۇ يازمىغان شېئىرلىرىمىز ئۈچۈن ھىساپ بېرىپ ، سۈرتوقاي قىلىنغانىدۇق .
مېنىڭ يۈكسەك پەللەم
ئوسمانجان ئەپەندى مىسرالىرىدىن مېلودىيىلەر يېغىپ ، نەزمىلىرىدىن رەڭدار سۆز مارجانلىرى تۆكۈلۈپ تۇرىدىغان ، تەپەككۈرلىرىدىن چۇڭقۇر پەلسەپىۋى پىكىر چاقناپ ، ئىجادىىيەتلىرىدىن يېڭىچە يۈكسەكلىك كۆرىنىپ تۇرىدىغان لىرىك شائىر .
ـ شائىر ئەپەندى ، - دېدىم شائىرنى چېكىپ باققۇم كېلىپ ، ـ ئاتنىڭ ئىزىنى تاي باسىدۇ ، دەيدىكەن . سىز تاي چېغىڭىزدا چوڭ ئاتلارنىڭ ئىزىنى بېسىپ ، شېىرىيەت دۇنياسىغا ئۆز يورغىڭىز بىلەن كىرىپ كەلگەنىدىڭىز . سىز ھازىر ئۇيغۇر شېئىرىيىتىدە غۇنانمۇ ، دۆنەنمۇ ياكى قىرانمۇ؟