سەن ھىچنىمە ئەمەس، سەن ھىچنىمە قىلالمايسەن، نىمە قىلالايتتىڭ؟قىلىپ باقتىڭمۇ ؟ قانچىلىك ئەمەلى قىممىتى ۋە ئۇنۇمى بولدى؟ ئۇنى كىملەر ئىتىراپ قىلدى؟ كىملەر پايدا ئالدى؟ياق،ياق ..سەندە غايە،ئارزۇ ،قىزىقىشلا بار .ئۇندىن باشقا زادى نىمەڭ بار؟باشتىن كىلەيلى:
1) سەن باي ئائىلىدىن كىلىپ چىققانمۇ ؟ ياق.ئاتا-ئاناڭ مىلىيونىر ئەمەس.ئۇلار ئەمەلدارمۇ يە؟ شىۋىتسارىيە بانكىسغا قويغان 10مىليوندىن ئارتۇق فوند -سىتىرلىڭ پۇلۇڭ بارمۇ؟شەھەرنىڭ ئەڭ ئسىل يىرىدە كاتتا داچاڭ بارمۇ؟بىل گەيتىسنى تەسەۋۋۇر قىلىپ باقە!!ياق ،ياكى سىنىڭ ئاتا-ئاناڭنىڭ پۈتۈن سۈرۈك ھوقۇقى ئۆتىدىغان رەئىس جۇمھۇر مۇ .ئەگەر ئۇنداق بولمىسا سەن بۇ تەرەپلەردە قەتئى پو ئاتما.
2) سەن بىلىمدارمۇ ؟ نىمىنى بىلىم دەيمىز؟ نىمىگە ئشلەتتىڭ ؟ قانداق نەتىجە ياراتتىڭ؟ نوبىل مۇكاپاتىغا ئىرشەلىدىڭمۇ؟ ئاسان ئەمەس..سەن تىخى ئۆز دائىرەڭدىن ھالقىپ كىتەلمىدىڭ ،سىنى تىخى يەرلىك كەسىپ ئەھلى تىخى ئىتراپ قىلىپ بولالمىدى.شۇڭا سەن ھالقىش باسقۇچىدا ئەمەس. سىنىڭ ئۇ گۇۋاھنامىلرىڭنى قوي...پەقەت قەغەز..ئانچە-مۇنچە پايدىسىمۇ بار .ئەمما ئۇ سىنىڭ (ئسكىلات )ئىكەنلىكىڭدىن باشقا نىمىنى ئسپاتلايدۇ؟كىتاب يازدىم ،ماقالە تەرجىمە قىلدىم دىمە...ئىلمى مۇھاكىمە يىغىنى ئاچتىم ...نىمىدىگەن ئاسان ،نىمىدىگەن ئەمەلى قىممىتى يوق ئىش ئۇ ھازىر قى جاھاندا؟شۇڭا ئۆزۇڭنى دوكتۇر-ئاسپىرانىت ياكى باكالاۋۇر دەپ ئانچە يايراپ كەتمىگەيسەن.....
3) سەن مايكىل جىكسوندەك ۋە ياكى كىڭ مارتىندەك قارشى ئىلىنىشقا ئىرىشكەن چولپانمۇ ئەمەس...ۋە ياكى كىلىشكەن ئەرلەر ،دۇنيا خىنىمىلىرى مۇسابىقىسدە چىمپىيۇن بولغانلاردەك ئۇنچىۋالا كىلىشكەن ..ياكى گۇزەل ئەمەسسەن....شۇڭا سەن تاشقى قىياپەت بىلەنمۇ كىرىلىشكە لايىق ئەمەس.
4) سەن ئۆزۇڭنى تەقۋادار ياكى مۆمىن بەندە دەپ تۇرىۋالما ..مۇسۇلمان بولۇش دوكتۇر بولۇشتىنمۇ تەس..ئۇنداق سەمىمى روھ، ساپ ، بۇلغانمىغان قەلىب ،ھەقىقى ئىخلاس تىخى سەندىن يىراق. سەن ھىچقانداق ئىجتىمائى ئۇنۇم،بەدەل ،خوسۇسى مەنپەئەت ،ھىچقانداق بىسىم كۇتمەي،ئۆزۇڭنىڭ كىملىكىڭنى بىلدۇرمەي تۇرۇپ ،بىرەر ساۋاپلىق قىلىپ باققانمۇ؟ گەپ جىق..دىنى بىلىم توغرىلىق گەپ ئاچساق ..سەن بەيزاۋىنى ياكى فى زىلالنى چالا-پۇلا ئوقۇۋىلىپ،بۇخارىدىن 10-20 ھەدىسنى يادقا ئىلىۋىلىپ ،نەھۋى-سەرىپتىن سۆزلەپ،ئەرەب تىلىنى يىرىملاشتۇرۇپ تەرجىمە قىلىپ ، خۇدانىڭ كالامىدىن ،شاراپتىدىن ئىغىز ئاچساڭ....... ئاللاھنىڭ ئۇلۇغلۇقى ،كائىنات قانۇنىيتنىڭ ماھىيتى ھەققىدە دىننىڭ تىخى ئنسان بىلەن بولغان قاتلاملىق مۇناسىۋىتى ،روھى ۋە غەيبى ئالەمنىڭ ماددى ۋە رىئال ئالەم ھەققىدە بىلىدىغىنىڭ چاغلىق تۇرسا ....بولدى سەن دىنى ئالىم ئەمەس،،ھەقىقى تەقۋادارمۇ ئەمەس..شۇڭا بۇ ھەقتە ...يەنىلا پو ئاتما......
5) سەن ئويۇن -تاماششنى بەھۇزۇر ئويناۋاتىمەن، جاھاننىڭ ئەرك سەركىسى دەپ ئويلاۋاتامسەن؟ سەن ئارقىمۇ-ئارقا بىر ئاي 5 يۇلتۇزلۇق مىھمانخانىدا نادىر سەتەڭلەر بىلەن ئويناپ باققانمۇ؟ ياق بىر كۇن ياتساڭ ئەتىسى <<ئىغىر >>كىلىدۇ. كۆزۇڭ كىمگە چۇشسە،ھىسياتىڭ قاچان قوزغالسا شۇ چاغدا شۇنىڭ بىلەن قاندۇرالامسەن؟ئەڭ لىرىك، لەرزان كەيپىياتتا 9 كۇن يۇرۇپ باقتىڭمۇ؟ياق ساڭا ،بولۇپمۇ ساڭا مۇمكىن ئەمەس.....سەن ھىسياتىنى ئەڭ تۆۋەن دەرىجىلىك ئۇسۇللار بىلەن قاندۇرۇپ كىلىۋاتقان بەندىسەن...ئۆزۇڭنى دىپلومات،ھەممىگە مەلۇملۇق زات دەپ ئويلىما...سىنى تونۇيدىغانلار ھەممىسى بىر تۇركۇم <<نادان مۇخلىسلار >>دۇر خالاس...
6) سەن ياكى تارىختىكى مىللى قەھرىمانمۇ ياكى ئۇلۇغ قۇتقۇزغۇچىمۇ ئەمەس...سەن مىللەتكە ئەمەس،ئاتا-ئاناڭغا ،ئۇرۇق-تۇققانلىرىڭغا قانداق ئەمەلى ئىش قىلىپ بەردىڭ؟ھىچنىمە..سەن پەقەت بىر ئادەم ئۈچۇنلا باشتىن-ئاخىر (مەيلى ئۇ رەزىل بولسۇن ياكى ئالىيجاناپ بولسۇن)قانچىلىك چىن مېھرى-مۇھەببەت بىغىشلىدىڭ؟.
ھۇرمەتلىك ئوقۇرمەن،،بۇلار مىنىڭ ئۆزۇمنى يېقىندىن بۇيان پات-پات ئەيىپلەپ تۇرىدىغان تورمۇزلۇق گەپلىرىم ئىدى.
مەن تورداشلارنىڭ ھوزۇرىغا تۆۋەندىكى ئۈچ سۇئالنى تاشلاپ قويماقچى، تورداشلارنىڭ ئويلىغانلىرىنى تىما شەكىلدە يوللىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. ياكى بولمىسا پىكىر-تەكلىپ يازىدىغان يەر بولسىمۇ بولىدۇ.
1- ئنسان <<تەلپۇنگۇچى>>بولۇش سۇپىتى بىلەن ئۇنىڭ نەپسى مەڭگۈ قانمايدۇ.شۇنداقلا چەكسىز ئارزۇسىغا قانمىسىمۇ ئىرىشىمەن دىگىنىگە ئەڭ يۇقىرى چەكتىكى تىرىشچانلىقىنى چىقارسىمۇ ئىرىشەلمەيدۇ. شۇڭا ئۇنىڭ نەپسىنى قاندۇرۇشنىڭ بىر ئۇسۇلى بولۇش كىرەك ..ئويلىنىپ باقسىڭىز ،ئۇ نىمە ئۇسۇل؟
2- ئنسان دائىم ھورۇنلۇقى ،داۋىخورلۇقى سەۋەبلىك ،قانائەت بىلەن بىر ئىزدا توختاپ قالىدۇ.تىرىشمايدۇ.چۇنكى ئۇنىڭدا ھەقىقى ھەرىكەتلەندۇرگۇچى كۇچ يوق..ئويلىنىپ باقسىڭىز قانداق ھەرىكەتلەندۇرگۇچ كۇچ بىزنى مەڭگۇ ئىزلىنىدىغان قىلالايدۇ؟
3- ئەگەر ئنسان يۇقىرىدىكىلەر بىلەن پەخىرلىنىشكە لايىق بولمىسا ،ئنسان زادى نىمە بىلەن پەخىرلىنىشكە لايىق؟