ئۇيغۇرلار ئۆزىنىڭ ئەقىل - پاراسىتى ، ناخشا - ئۇسسۇلغا ھىرىسمەنلىكى ۋە ماھىرلىقى بىلەن دۇنياغا تونۇلغان . شۇڭا شىنجاڭمۇ ئەزەلدىن تارتىپ "ناخشا - ئۇسسۇل ماكانى " دەپ ئاتىلىپ كەلگەن . ئۇيغۇرلار ئۆزىنىڭ قايغۇ - ھەسرىتى ، ئارزۇ - ئۈمۈدى ، مۇھەببەت - نەپرىتى ھىسىياتلىرىنى ئۆزىنىڭ ئاشۇ مۇڭلۇق سازلىرىغا ، لىرىك - چاققان ئۇسسۇللىرىغا سىڭدۈرىۋەتكەن .
بۇرۇندىن تارتىپ ، ئۇيغۇرلاردا توي - تۆكۈن ، ھىيىت - بايرام ، ئولتۇرۇشلار دا ئاتالمىش " كەيپ " قىلمايمۇ ، سورۇنلارنى شۇنداق جانلاندۇرۇپ كەلگەن . بىزنىڭ ئەنئەنىمىزدىمۇ ئۇنداق سورۇنلاردا "ھاراق " چەكلىنىپ كەلگەن . ئۇ چاغلاردا " ھاراق " ئشلىتىلمەيمۇ توي - تۆكۈن ، ئولتۇرۇشلارمۇ جايى - جايىدا ئۇزىتىلىپ كەلگەن ، ئۇنداق سورۇنلاردا ئۇرۇش جىدەلمۇ چىقمىغان ئىدى ، چىقتى دىيىلگەندىمۇ ، ئاتالمىش " كەيپ " توغىرىسىدىن چىقمىغان ئىدى . ھازىر جەمىيەتنىڭ تەرەققى قىلىشىغا ئەگىشىپ ، كىشىلەرنىڭ ئىدىيسىدىمۇ " چوڭ سەكرەپ ئىلگىرلەش " لەر يۈز بەردى . ھازىر بولسا ھاراق بولمىسا توي - تۆكۈن ئولتۇرۇشلارمۇ جانلانماس بولۇپ قالدى . ھەتتا ئۆز قىزىنىڭ تويىدا ئاتىسى بولغان ئادەم ئۆز سۈپىتىنى ساقلىماي ، ئۆزى باش بولۇپ مىھمانلارغا ھاراق تۇتۇپ يۈرىيدىغان ئشلارمۇ ئاز ئەمەس .
يول ھەقىقەتەنمۇ نۇرغۇن ئشلارغا شاھىت ، ئۇنىڭدا مەسمۇ ، ئەلەسمۇ ماڭىدۇ ، توغرىمۇ ، خاتامۇ ماڭىدۇ ... ئشقىلىپ ئۇششاقى - چوڭ ، پىششىقى - توڭ ھەممىسى ماڭىدۇ .ئچىنىشلىقى ، بۇ يولدا ئۆيىنى تىپىپ بىرىشقا ئۈلگۈرمىگەن بىر ئادەم ئەسكى چاپاننىڭ پىشىدەك سوزىلىپ ياتىدۇ . ئەڭ ۋەھىمىلىكى شۇكى ، بۇ يولدا " مىللەتنىڭ ئانىسى بولغان ، بىر قولىدا بۆشۈكنى تەۋرەتسە ، يەنە بىر قولىدا دۇنيانى تەۋرىتىدىغان قىز - ئاياللىرىمىز " ۋالاقلىشىپ - كۈلىشىپ ، پالاقلىشىپ - يىقىلىپ ، ئۆز ئۆيلىرىنى ئۇنتىغان ھالدا نامەلۇم كوچىلارغا شەيتاننىڭ تويىغا ئۇچرىغان قامغاق گۈلىدەك قاڭقىپلا كىرىپ كېتىدۇ . شۇنداق ، ئاشۇ يول بۇلارنىڭ ھەممىسىنى كۆرۈپ تۇرىدۇ . ئەمما نە ئامال ؟ ئۇ پەقەت شۇ ئشلارنى كۆرۈپ ئۆكسۈگەن ھالدا سۈكۈتكە چۆكىدۇ . بۇ زادى نېمە ئۈچۈن ؟ شۇنداق ، بۇنىڭ سەۋەبى ھەممىگە ئىنىق ، بۇ دەل ئاشۇ " ئادەمنىمۇ مايمۇنغا ئايلاندۇرىدىغان " ھاراقنىڭ " كارامىتى " .
يىقىندا بىر دوستۇم ماڭا ئۆزىنىڭ ئولتۇرۇشقا بارىدىغىنىنى ئىيتتى . بۇ ئەلۋەتتە ەىچقانداق ھەيران قالارلىق ئەمەس ، ئەمما ئۇ يەنە ماڭا " بىز ئەسلى سورۇندا ھاراق ئچمەيلى دېگەنىدۇق ، لىكىن بىر ئايال خىزمەتدىشىم ئەرلەر ھاراق ئىچمىسە قانداق ئوينايدۇ ؟"دېگەنلىكىنى ئىيتتى . بۇ گەپنى ئاڭلاپ چۆچۈپ كەتتىم ، چۆچىگەندىمۇ قاتتىق چۆچىدىم . كۆز ئالدىم قاراڭغۇلىشىپ ، بىشىمدىن تۈتۈن چىكەتتى . توۋا ، جاھان تەتۈر ئايلىنىۋاتامدۇ نېمە ؟ ئاياللار بۇنداق ئشلارنى توسىماقتا يوق ، تېخى قوللاپ – قۇۋەتلەپ بەرسە ، ئەمدى زامان نېمە بولماقچى ؟ بۇرۇنلاردا سازلىرىمىزنىڭ تۈرى ئاز تۇرۇقلۇق ، سورۇنلارنىڭ كەيپىياتىنى كۆتۈرۈپ كەلگەن يەردە ، ئەمدىلىكتە ئاشۇ " ھاراق " بولمىسا سورۇننىڭ كەيپىياتىنى كۆتۈرگىلى بولماسمۇ ؟ ياق ! مېنىڭچە ھەرگىز ئۇنداق ئەمەس . ھاراق بولمىسىمۇ سورۇننىڭ كەيپىياتىنى كۆتۈرگىلى ، ھەتتا ئۇنىڭدىنمۇ قىزغىن ئۆتكۈزگىلى بولىدۇ .
ئەسلى بىزنىڭ يىگىتلىرىمىز شۇنداق زەبەردەس ، قىز – ئاياللىرىمىز شۇنداق ھايالىق ئىدى ، پاكلىق ئاسمىنىمىزدا يۇلتۇزلار چاقناپ تۇراتتى ، ساداقەتمەنلىك ، ھۆرمەت ، مۇھەببەت – نەپرەت ، قايغۇ – ھەسرەت كۈيلەنگەن ناۋالىرىمىزمۇ شۇ قەدەر مۇڭلۇق ھەم يېقىملىق ئىدى .
بۇزدى ، ھەممىنى ھاراق بۇزدى ، ھازىر ئەتراپنى ئەسلى ھالەتتە ساپ ۋە پاكىزە كۆرۈش تولىمۇ تەسلىشىپ كەتتى .
قانداق دوستۇم ، سىزمۇ بەلكىم بۇ قىتىملىق ئولتۇرىشىڭىزدا ھاراق ئچىىشنى ئويلىغان بولغىيىتتىڭىز ؟ ئەمدى بىرەر قىتىم بولسىمۇ ھاراق ئچمەي سورۇن تۈزۈپ بېقىڭ !
قىنى ھەممەيلەن ئەقىل دۇلدۇلىنىڭ چۇلۋۇرىنى مەھكەم تۇتۇپ ، مىللىي ئەنئەنىنى قالقان ، ۋىجدان – غورۇرنى نەيزە قىلىپ ، ھاراق سورۇنىنى يوقىتىش ئۈچۈن ھۇررا !