|
ئۈزۈك تاقىغان ئورۇنغا.. | يازدا ئاياللاردا دائى.. | خانىم – قىزلار كۈندە ئۈ.. | تاماقتىن كېيىن قىلىشق.. | دېھقان | ئەرلەر قىلىشنى ئەڭ خال.. | ئەنگىلىيەدە ئەر-ئايال.. | كۆز قاپىقىنىڭ بىشارىت.. | ئەڭ ياخشى ياش باسقۇچى | سەۋزىنى كۆپ يەپ بەرسە .. | |
|
|
|
|
|
| |
چىرايلىق ئاكا ۋە سەت سىڭىل
|
|
|
بۇرۇن بىر باينىڭ بىر ئوغلى بىلەن بىر قىزى بولغانىكەن . ئوغۇل سۇمباتلىقتا ، قىز كۆرۈمسىزلىكتە كىچىكىدىنلا داڭق چىقارغانىكەن . ئۇلار ئاستا ئاستا چوڭ بوپتۇ . بى كۈنى ئاكا سىڭىل ئىككىسى ئۆيدە ئويناۋېتىپ ، تۇيۇقسىز گىرىم ئۈستىلنىڭ يېنىغا كېلىپ قاپتۇ . ئاكىسى ئەينەكتىن ئۆزىنى كۆرۈپ ، چىرايلىقلىقىدىن كۆرەڭلەپ كېتىپتۇ . سىڭلىسىنىڭ كۆزلىرىدىن تاراملاپ ياش تۆكۈلۈپتۇ ھەم ئاكىسىنىڭ كۈلگىنىنى كۆرۈپ ، مېنى زاڭلىق قىلىۋاتىدۇ ، دەپ ئويلاپ قاپتۇ . سىڭلىسى خاپا بولۇپ ، ئاكىسىدىن ئۆچ ئالماقچى بولۇپتۇ ۋە يۈگۈرۈپ بېرىپ ، ئاپىسىغا : ـــ ئاپا ، ئاكام مېنى بوزەك قىلىۋاتىدۇ ، ـــــ دەپ دەرد ئېيتىپتۇ . ــــ ئوغلۇم ، سېنىڭ سۇمباتلىقىڭدىن مەن تولىمۇ پەخىرلىنىمەن ، ـــــ دەپتۇ دادىسى بۇ چاغدا ئوغلىغا ، ــــــ ئەمما سەن يامان قىلىق بىلەن گۈزەللىكىڭگە نۇقسان يەتكۈزىۋالساڭ ئەپسۇسلىنارلىق ئىش بولىدۇ . ئىچكى گۈزەللىك بىلەن تاشقى گۈزەللىك بىرلەشكەندىلا ، ئاندىن مۇكەممەل گۈزەللىككە ئايلىنىدۇ . قىزىم ، گەرچە سىز چىرايلىق بولمىسىڭىزمۇ ، ئاق كۆڭۈل ۋە ئەقىللىق . بۇ ئالتۇن بېرىپ تىگىشىۋالغىلى بولمايدىغان گۈزەل پەزىلەت . سىز پەزىلىتىڭىز بىلەن تاشقى قىياپىتىڭىزدىكى كەمچىللىكنى تولدۇرۋالالايسىز ھەم دۇنيادىكى مۇكەممەل ئادەمگە ئايلىنالايسىز . تىجارەت ھېكمىتى : كارخانىچىنىڭ قول ئاستىدىكىلىرىگە ياخشى رىقابەت مۇھىتى ھازىرلاپ بېرىشى ئۇلارنىڭ ئاكتىپلىقى ۋە خىزمەت نەتىجىسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشتە مۇھىم رول ئوينايدۇ . شۇڭا كارخانىچىلار دائىم خىزمەتچىلىرىنى مۇۋاپىق مۇكاپاتلاپ تۇرۇشى كېرەك . |
كۆرۈلۈشى:655 | قوشۇلغان ۋاقتى:2010-2-15 12:17:06 | يوللىغۇچى ئەزا:admin |
|
| | بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يوللانمىدى ، سىزنىڭ تۇنجى ئىنكاس يوللىغۇچى بولىشىڭىزنى قارشى ئالىمىز ! |
سىرلىقلىقىڭىزنى.. | چاچ چۈشۈشنى كەلت.. | ھەددىدىن زىيادە .. | سەۋزە ئۆپكىنى ئا.. | مېۋە پوستى بىلەن.. | دۇنيادىكى ئەڭ تو.. | ئاياللارنىڭ جورا.. | «ئەر-خوتۇنلار ئو.. | ئەر -ئاياللار ھەق.. | ھازىرنىڭ ئۆزى بە.. | تەنھالىق ئىنسانغ.. | ساپما كەشنىڭ زىي.. | |
|
|
|
|