تۆت ياشلىق جىيەن ئوغلۇم بىلەن بەش ياشلىق جىيەن قىزىمنىڭ ئۇ ئۆيدىن بۇ ئۆيگە يۈگۈرۈشۈپ، كىيىم ئىشكاپىنىڭ ئىچىگە، شىرەنىڭ ئاستىغا يوشۇرۇنۇپ مۆكىمۆكىلەڭ ئويناشلىرىغا قارىسام، ئەينى يىللىرى مەن ۋە ئاكا – سىڭىللىرىم قىيغىتىپ ئويناپ چوڭ بولغان ئاسمىنى كەڭ ئەگۈنلۈك ھويلىمىزنى ۋە ئەتىيازدا ئۈجمىسى، يازدا ئۆرۈك، شاپتۇللىرى تۆكۈلۈپ تۇرىدىغان ئارقا بېغىمىزنى سېغىنىمەن. ئۇ ئۆيلەر، ئۇ باغلارنىڭ ئورنىنى ھازىر سانجاق – سانجاق بىنالار ئىگىلىدى.
ئاسمانغا تاقاشقان ئېگىز بىنايىمىزنىڭ ئالدىدىكى بىر ئۇلاغلىق خامان قىلغۇدەك چوڭلۇقتىكى سېمونت مەيداندا بىر – بىرىگە سوقۇلۇپ كەتمەسلىك ئۈچۈن غالتەكلىك كانكىيلىرىدا ئېھتىيات بىلەن تېيىلىۋاتقان بالىلارغا قارىسام، ئەينى يىللىرى شەھەر ئەتراپىدىكى سېپىلنىڭ ئۇ تەرىپىگە ئۆتۈپ ۋاللەي ئوينايدىغان كەڭرى مەيداننى ۋە ‹‹بىر نان تاپساق تەڭ يەيلى›› دېيىشىدىغان ئاشۇ ئاداشلىرىمنى سېغىنىمەن. ھازىر ئۇ كەڭرى مەيدانلارنىڭ ئورنىنى تەرەققىيات رايونلىرى ئىگىلىدى؛ ھازىرقى بالىلار ‹‹ئاداش – ئاداش بولايلى››نى يۈزمۇ يۈز تۇرۇپ ئەمەس، تورغا چىقىۋېلىپQQ دا دېيىشىدىغان بولدى. تومۇزنىڭ ئاپتىپىغا چىدىماي، مەھەللىمىزنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى تۆگىسىمان سۈنئىي تاشنىڭ ئەتراپىدىكى كىچىك فونتانلاردىن چاچراۋاتقان ‹‹سىم – سىم يامغۇر›› سۈيىگە يۈزلىرىنى يېقىپ ئويناۋاتقان سەبىيلەرنى كۆرسەم، ئەينى يىللىرى شەھىرىمىزنىڭ ئوتتۇرىسىدىن كېسىپ ئۆتكەن ئۆستەڭنىڭ چوڭ ئازمىسىدا بېلىقتەك ئۈزۈپ ئوينىغان چاغلىرىمنى ۋە ھارغاندا مەيدەمنى يېقىپ يېتىۋالىدىغان قۇملۇق ساھىلنى سېغىنىمەن. ھازىر ئۇ ئۆستەڭلەر قۇرۇپ كەتتى؛ مەھەللە – كويلاردىكى دەرەخلىك يوللاردا ئاقىدىغان تارماق ئېقىنلارنىڭ ئورنىنى تېمىتىپ سۇغىرىشقا ئىشلىتىلىدىغان بارماق توملۇقىدىكى سۇلياۋ تۇرۇبىلار ئىگىلىدى.‹‹تەبىئەتنى بويسۇندۇرۇش›› ھېسابىدىكى بەزى نەتىجىلەردىن ‹‹سۆيۈنۈش›› ھېس قىلغان چاغلىرىمدا، يازنىڭ يازچە ئىسسىقى، قىشنىڭ قىشچە سوغۇقى بولىدىغان، يامغۇر كىسلاتالاشماي يامغۇر پېتى ياغىدىغان، قار ئىسلىشىپ قارىدىماي ئاق پېتى تۇرىدىغان، تەبىئەت ئۆز رەڭگىدە كۆرۈنىدىغان، يېمەك – ئىچمەك ئۆز تەمىدە تېتىيدىغان چاغلارنى سېغىنىمەن. ھازىر قىش چىقمايلا چېچەك كۆرۈپ، كۈز كىرمەيلا قارنى پومزەكلەپ ئوينايدىغان بولدۇق؛ مال قىغى بېرىلگەن زىرائەتلەرگە ‹‹يېشىل يېمەكلىك›› دەپ ئات قويۇۋالىدىغان بولدۇق.... ... ...
‹‹تەبىئەتكە ماسلىشىپ ياشاش›› چاقىرىقىدىن ئىلھاملانغان چاغلىرىمدا، ‹‹ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى››نىڭ بەرپا قىلىنىشىغا ئەگىشىپ، ئادەم بىلەن ئادەم، ئادەم بىلەن تەبىئەت ۋە ئادەم بىلەن جانلىقلار ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنىڭ نورماللىشىدىغانلىقىغا، تەبىئەتنىڭ ئەسلىگە قايتىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن.
2
بىر توخۇنى بوغۇزلاپ، يۇڭۇزداپ ئادالاشنىمۇ قاملاشتۇرالماي، توخۇ ساتقۇچىنىڭ ئاپتوماتىك ئادالاش ماشىنىسىغا تاشلاپ بېرىپ، قان بەرمەي جان بېرىۋاتقان توخۇنىڭ جان تالىشىشىغا قاراپ تۇرغىنىمدا، موزايدەك يوغان قوچقارنى بىر پىچاق بىلەنلا بوغۇزلاپ ، بىر چۆگۈن چاي قاينىغۇچىلىك ۋاقىتتا گۆشىنى ئۇيان، تېرە، ئۈچەيلىرىنى بۇيان قىلىۋېتەلەيدىغان قامەتلىك بوۋامنى سېغىنىمەن. ھالال – ھارامنى ئايرىشنى كۈندە تەكىتلەپ تۇرىدىغان رەھمەتلىك بوۋام ئاللا قاچان قارا تۇپراققا ئايلىنىپ كەتتى. ھازىر بالىلىرىم كېنتاكىينىڭ ھامبۇرگ بولكىسىغا خۇمار. ‹‹شىرباش›› قىلىپ ياساتتۇق دەپ، چاچلىرىنى كۈرۈك مېكىياننىڭ قۇيرۇقىدەك پاخپايتىۋالغان خوتۇنلارنىڭ ساغرىسىنى تولغاپ دېسكوغا چۈشۈشلىرىنى كۆرسەم، تېقىمىدا سويلاپ تۇرغان ئۇزۇن ئىككى ئۆرۈم چېچىنى پۇلاڭلىتىپ لەرزان ئۇسسۇلغا چۈشىدىغان ئانامنىڭ ياشلىق چاغلىرىنى سېغىنىمەن. ھازىر ئۇنداق چېچى ئۇزۇن ئاياللار ساناقلىقلا قالغاچ، ‹‹ئۇزۇن چاچلىقلار مۇسابىقىسى››نى پات – پات ئۆتكۈزۈپ، ئۇزۇن چېچى بار ئاياللارنىڭ لاتاپىتىنى سەھنىلەردە كۆرەك قىلىدىغان بولۇپ قالدۇق.
مېھمان كېلىپ ئىشىك چەكسە، ئاۋۋال مارىلىغۇچتىن بىر قارىۋېتىپ ئاندىن ئىشىك ئاچىدىغان سىرلىق ھەرىكەتلەرنى كۆرسەم، بوۋام – مومام زامانىسىدىن ئاتام – ئانام زامانىسىغىچە ئۆتكەن ئۇيغۇر قەۋمىنىڭ ئەتكەن تامىقىدىن قوشنىسىغا بىر قاچا چىقارمىغۇچە داستىخاندا خاتىرجەم ئولتۇرالمايدىغان ئىناق قوشنىدارچىلىقىنى سېغىنىمەن. قوشنىلار بىلەن ئاش – تاماق سۇنۇشۇپ، ئۆتنە – يېرىم قىلىشىپ ئۆتۈش ئۇياقتا تۇرسۇن، ھېيت – ئايەم كەلمىگۈچە ۋە ياكى ئاغرىق – سىلاق، ئۆلۈم – يېتىم بولمىغۇچە قوشنىلارنىڭ ئىشىكىگە دارىماس بولدۇق. كىشى ئۇزۇن چاچلىرىغا قاراپ ئايالمىكىن دەپ قالىدىغانلارنى كۆرسەم، ئەركەكلەر ئەركەكچە، ئاياللار ئايالچە كىيىنىپ ياشىغان، ئەرلەر خوتۇن – قىزلىرىنى يات كۆزلەردىن قورۇشنى ۋە بىر ئائىلىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئۈستىگە ئېلىشنى ئەركەكلىكنىڭ بەلگىسى، دەپ بىلگەن، ئاياللار ئېرىگە سادىق بولۇشنى ۋە بالىلىرىنى ياخشى تەربىيىلەشنى ئاياللىق نازاكىتىنىڭ ئۆلچىمى قىلىپ ياشىغان ئاتام زامانىنى سېغىنىمەن. ‹‹مەن نېمىشكە خوتۇنۇمدىن جىق مائاش ئالالمايمەن›› دەپ، جان تىكىپ ئىشلەشنىڭ ئورنىغا، ‹‹خوتۇنۇم مەندىن جىق مائاش ئالىدۇ›› دەپ ماختىنىپ، خوتۇن بەرگەن پۇل بىلەن ئاغىنىلەرنى مېھمان قىلىشتىن ئۇيالمايدىغان بولدۇق.... ... ...
يات مەدەنىيەتلەرنىڭ زەرەتلىشىدىكى مىللىي مەدەنىيەتنىڭ يېتىمسىرىشى ۋە ئەنئەنىدىن چەتنەشنى ئويلىسام، ئۆتمۈشنى، يىراق زاماندا قالغان ئېسىل مەدەنىيەتنى سېغىنىمەن. ئەمما يەنە مىللىي مەدەنىيەتنى قوغداش، ئەنئەنىنى ساقلاش شوئارىنىڭ ئەمەلىيلىشىشىگە ئەگىشىپ، مىللىي مەدەنىيەتنىڭ ھامان ئۆز ئىلغارلىقىنى ساقلاپ قالىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن.