مەن رومال ئارتقان قىزمەن،بارلىق رومال ئارتقان قىزلار بىلەن بىرلىكتە ئازاپ چىكىمەن،ھەركۈن مانا مۇشۇنداق تۇيغۇ ۋە ھىسلار ئىچىدە ياشايمەن.
بايراققا تەلپۈنگەن يۈرىكىم مىھىر-مۇھەببەت ۋە سۆيگۈگە تولغان،نەپرەتكە قىلچىمۇ ئورۇن يوق.
بىز مۇھەببەت پىداكارلىرى ئىدۇق،دۈشمەنلىككە ۋاقتىمىز يوق ئىدى.
ئادۇۋكاتلار جەمىيىتىدىن چىقىرۋىتىلدىم،ياتىقىمدىن قوغلاندىم،ئۇرۇپ-سوقۇلدۇم،ئەمما ئەسلا ۋاز كەچمىدىم،چۈنكى بۇ مىنىڭ ئىشەنچىم،مىنىڭ ياشاش شەكلىم.موداپەرەستلەرنىڭ گىپىنى ئاڭلىغانلار ماختىلىپ كۆككە كۆتۈرىلىدىكەنۇ،ئاللاھنىڭ گىپىنى ئاڭلىغانلار نىمىشقا خورلىنىدۇ؟ھىچ چۈشەنمىدىم.
ئانام زىھنىمنىڭ ئوچۇق بولىشى ئۈچۈن دۇئا قىلىۋاتقاندا" چوڭلارغىمۇ دۇئا قىل ئانا،ئۇلارغا ئەقىل كۆزى ۋە شەپقەت بەرسۇن" دىدىم.
بەلكى بىر دوختۇر بولغان بولاتتىم،ئەمما ئۆز يۇرتۇمدا قالاتتىم،ھەرگىز ئامېرىكا قاتارلىق باي ئەللەرگە قىچىپ كەتمەيتتىم.تەر پۇراپ تۇرغان تاغىلارنى تەكشۈرگەندە يۈزۈمنى قىلچىمۇ پۈرۈشتۈرمەيتىم،بوۋاقلارنى ئۆز ئانىسىغا ئوخشاش مىھرىم بىلەن باغرىمغا بىسىپ،ئەڭ توغرا دئىاگنوزنى قويۇش ئۈچۈن كۆڭۈل قويۇپ تەكشۈرەتتىم، ھەممە ئادەمگە باراۋەر مۇئامىلە قىلغان بولاتتىم،شەپقەت ۋە سۆيگۈمنى ھەرگىز يوقاتمايتىم،دورا ئالالمايدىغان كەمبەغەل كىسەللەرگە ياردەم قىلغان بولاتتىم،كىيىنچە ئىمكانىيەت يار بەرسە دادامنىڭ ئىسمىنى قويۇپ بىر دوختۇرخانا ئىچىپ نامراتلارنى ھەقسىز داۋالىغان بولاتتىم.
بەلكى بىر ئوقۇتقۇچى بولغان بولاتتىم،سەھرا بالىلىرىغا ئوقۇش -يىزىشنى ئۆگتىدىغان بىر ئوقۇتقۇچى.ھەر كۈنى يىڭى بىلىملەرنى ئۆگىتەتتىم،كۈندە ئۆگتىدىغانلىرىمنىڭ ئوخشاش بوپ قالماسلىقى ئۈچۈن بىلىمىمنى ئۈزلۈكسىز موللاشتۇرغان بولاتتىم،ئادەمدەك ئادەملەرنى يىتىشتۈرۈپ چىققان بولاتتىم.
بەلكى بىر سوتچى بولغان بولاتتىم،پەقەت ھەقنىڭلا يۈزىنى قىلاتتىم،ئادالەت ئۈچۈن قىلنى قىرىق ياراتتىم،باي-نامرات پەرقىنى كۆزدە تۇتماي،نۆۋەت بويىچە" كۈچ پەقەت ئادالەتتە" دەپ " ئادالەت-كۈچتە!" دىگۈچىلەرگە پىسەنت قىلمىغان بولاتتىم.
بەلكى ئاددى بىر ئانا بولغان بولاتتىم،ئانا بولۇش يەنە بىر نۇختىدىن ئىيتقاندا ھەر نەرسە بولۇش دىمەكتۇر.ئانا دىگەن نامىم بىلەن ھەرئىشنى قىلغان ياكى ھەر ئىشنى قىلالايدىغان ياخشى پەرزەنتلەرنى تەربىيلىگەن بولاتتىم،ئىمانلىق،نۇمۇسچان،دۇرۇست،ئىشەنچلىك،تىرىشچان،پاكىز،ئەخلاقلىق بالىلارنى......
ئۇلار زامانلاردىن كىيىن تۈركىيەنى باشقۇرغان بولاتتى،ئۇ چاغدا تۈركىيەدە قەلب كىرزىسى يۈزبەرمەيتى،قەلب كىرزىسى بولمىسا ئىقتىسادى ۋە سىياسى كىرزىسلارمۇ بولمايتى،چۈنكى ھەر ئىش قەلبتىن باشلىنار ۋە قەلبتە ئاخىرلىشار.
مەكتەپتىن قوغلانسانمۇ ئەلۋەتتە ئانا بولالايمەن،ئەمما بىلىمسىز بىر ئانا بولىمەن،بىلىمسىزلىكىمگە قارىماي ئەجىبا ئارزۇيۇمدىكىدەك پەرزەنتلەرنى يىتىشتۈرەلەمدىمەن؟
ناھايىتى مۈشكۈل،خوش! ئۆگەنمەي تۇرۇپ،قانداق ئۆگىتىمەن؟؟
بىزنى باشقۇرغان،ئوقۇشىمىزغا توسقۇنلۇق قىلغانلار،تۈركىيەنىڭ كىلەچىكىنى توسقانلىقلىرىنى ھىس قىلمىغانمىدۇ؟
ئىشىنىمەنكى ھامان بىر كۈنى بۇنى تونۇپ يىتىدۇ،ئۇ كۈنى بارلىق مەكتەپلەرنىڭ دەرۋازىسى ئوقۇشنى ئارزۇ قىلغان بارلىق بالىلارغا ئىچىلىدۇ.
ئۇ كۈننى سەبىر ۋە ئۈمىد ئىچىدە كۈتىمەن،بارلىق روماللىق قىزلار كەبى...
چۈنكى مەنمۇ بىر رومال ئارتقان قىزمەن،ھەتتا مەن بىر رومالمەن....