|
ئۈزۈك تاقىغان ئورۇنغا.. | يازدا ئاياللاردا دائى.. | خانىم – قىزلار كۈندە ئۈ.. | تاماقتىن كېيىن قىلىشق.. | دېھقان | ئەرلەر قىلىشنى ئەڭ خال.. | ئەنگىلىيەدە ئەر-ئايال.. | كۆز قاپىقىنىڭ بىشارىت.. | ئەڭ ياخشى ياش باسقۇچى | سەۋزىنى كۆپ يەپ بەرسە .. | |
|
|
|
|
|
| |
بەرمەس قىزنىڭ سېلىقى ئېغىر
|
|
|
بۇرۇنمۇ ئەمەس،ھازىرمۇ ئەمەس،كۈن قاينىغان تومۇز ئايلىرىدا، كۆرۈنگەن تاغنىڭ بېرىسىدە بىر مەھەللىدە ياشاۋاتقان «قوڭغۇز باي» نىڭ ئوغلى «بوڭ - بوڭ جان» بۇرۇتلىرىنى تولغاپ، جانان ئىزدەپ «جاھان» سەيلىسىگە چىقىپتۇ. ئۇ قانىتىنى كېزىپ، غۇڭۇلداپ ئۇچۇپ، نەچچە ئېرىق ئۆستەڭدىن ئۆتۈپ، دالانى كېزىپ، ئوت - چۆپى بولۇق، ساداسى قويۇق «غىڭ -غىڭ» شەھىرىگە چۈشۈپتۈ. بۇ شەھەردە بەللىرى قىلدەك، ئاۋازى زىلدەك، كۆزلىرى خۇما، بوينىدا تۇما «مىڭ - مىڭ خان» ئىسىملىك بىر قىز بارىكەن. «مىڭ - مىڭ خان» نەغمە - ناۋاسى بىلەن «بوڭ -بوڭ جان»نى قارشى ئېلىپ زىلۋا ھۆسنى بىلەن ئۆزىگە مەپتۇن قىلىپتۇ. يىگىتنىڭمۇ قىزنىڭ ئىشقى پىراقىدا يۈرەك - باغرى كاۋاپ بوپتۇ... ئارىدىن ئۇزاق ئۆتمەيلا بۇلار كېلىشىپ قاپتۇ. «بوڭ - بوڭ جان» ئۆزمەھەللىسىگە كەيپى شىرسىمان بولۇپ راۋان بوپتۇ. كۈنلەر ئۆتۈپ «قوڭغۇز باي» ئوغلىنىڭ ھالىدىن خەۋەر تېپىپ، ئوغلىنى ئۆيلەش قارارىغا كېلىپ، ئەلچىلىرىنى باشلاپ «غىڭ - غىڭ» شەھىرىگە كېلىپ پاشىخانغا يەتتە ئېگلىپ، سەككىز پۈكۈلۈپ، مېڭ بىر تەسلىكتە قۇدا بولۇش ئۈچۈن كەلگەنلىكىنى بايان قىپتۇ. ئۇلار ئۇيان تارتىشىپ، بۇيان تارتىشىپ، نەچچە تىك تۇرۇپ، نەچچە ئولتۇرۇپ، قۇدا بولۇشقا پۈتۈشۈپتۇ. بۇ ئىشتىن خوشاللانغان «بوڭ - بوڭ جان» نىڭ تاقىتى تاق بوپتۇ. «مىڭ - مىڭ خان» نىڭ شەيدالىقى چاك بوپتۇ. بىر مەھەل ئۆتكەندىن كېيىن كېلىشىم بويىچە «قوڭغۇز باي» ئۇرۇق - تۇغقان، قولۇم - قوشنىلىرىنى جەم قىلىپ، شايى - ئەتلەس، قەنت - كېزەكلەر بىلەن بەتتە پولۇلارنى تەييارلاپ، توينىڭ تاتلىق چېيىنى ئىچكۈگەچ، ئېلىق - سېلىق ئۈچۈن پاشىخاننىڭ ئۆيىگە كەپتۇ. پاشىخانمۇ بارلىق جەمەتلىرىنى جەم قىلىپ قۇدىلارنى كۈتۈۋاپتۇ. تائاملار يېيىلگەندىن كېيىن شۇ سورۇننىڭ ئۆزىدە ئېلىق - سېلىق سېلىنىپتۇ. چوڭ - كىچىك پاشىخانلار بىرىنىڭ سۆزى تۈگىمەيلا يەنە بىرى سۆزلەپ سېلىق ساپتۇ. قىزنىڭ تويلۇقى، ئەكىلدىغان ئانىلىق، يۇرتقا تارتىلىدىغان تاماقلارغىچە تۈر - تۈرى بىلەن مول سېلىنىپتۇ. خەتتاتنىڭ قەغەزلىرى تولۇپ، سياھلىرى تۈگەپتۇ. يەنىلا سېلىق تۈگمەپتۇ. تۆردە ئولتۇرغان چوڭ - چوڭ پاشىلار بۇرۇتلىرىنى بىر - بىرىگە تەكگۈزۈپ: -- غىڭ - غىڭ - غىڭ، ئەكىلىسىز ئون مىڭ، - دەپ خۇلاسىلىىشپتۇ. توي سېلىقىنىڭ ھەددىدىن زىيادە ئېشىپ كەتكەنلىكىنى كۆرگەن قوڭغۇز بايلار: - بىز ئۇرۇق -تۇققان بولىمىز. يۇرت ئېقىمى بويىچە بولسا، بىر قانچە «مىڭ» نى ئەكەلسەك، «ئون مىڭ»دىن چۈشۈپ بەرسەڭلار، - دەپ يالۋۇرۇپتۇ. بىراق پاشىلار شۇھامان غۇلغۇلا كۆتۈرۈپ: غىڭ - غىڭ - غىڭ، ئەكىلىسىز ئون مىڭ. كەڭچىلىكىمىز شۇ، سالمىدۇق يۈزمىڭ. دېيىشىپتۇ. نېرى تارت، بېرى تارت بولۇنغان بۇ سورۇندا خاپا بولغان قوڭغۇز بايلار ئاچچىقدا: - بۇنداق رەھىمسىز يەردىن قىز ئالمىساق بولمىدىمۇ! «بەرمەس قىزنىڭ سېلىقى ئېغىر» دېگەن مۇشۇ -دە، بۇنداق توينى قويۇڭ ! -دېيىشىپ، كەينى - كەينىدىن ئۇچۇپ كېېتىپتۇ.
|
كۆرۈلۈشى:598 | قوشۇلغان ۋاقتى:2010-2-15 13:23:07 | يوللىغۇچى ئەزا:admin |
|
| | بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يوللانمىدى ، سىزنىڭ تۇنجى ئىنكاس يوللىغۇچى بولىشىڭىزنى قارشى ئالىمىز ! |
سىرلىقلىقىڭىزنى.. | چاچ چۈشۈشنى كەلت.. | ھەددىدىن زىيادە .. | سەۋزە ئۆپكىنى ئا.. | مېۋە پوستى بىلەن.. | دۇنيادىكى ئەڭ تو.. | ئاياللارنىڭ جورا.. | «ئەر-خوتۇنلار ئو.. | ئەر -ئاياللار ھەق.. | ھازىرنىڭ ئۆزى بە.. | تەنھالىق ئىنسانغ.. | ساپما كەشنىڭ زىي.. | |
|
|
|
|