Article Center - ماقالە مەركىزى - ئالاھىدە سالاھىيەت
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:قىشتا يىسە پايدا قىلىدىغان 3 خىل يىمەكلىك
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:ئۇلۇغ قۇربان ھېيىتنىڭ كېلىپ چىقىشىنى بىلىۋېلىڭ!
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:نېمە ئۈچۈن ئاياللار توڭغاق كېلىدىغانلىقىنى بىلەمسىز
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:ئۇخلاشتىن بۇرۇن يىيىشكە بولمايدىغان يەتتە خىل يېمەكلىك
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:ئاچچىق ئانار ئىچ سۈرۈشنى توختىتىدۇ
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:ساغلاملىق يېمەكلىكى ــ قوناق ئۇنى
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:ئاياللارغا پايدىلىق ئۈچ خىل خۇش پۇراق
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:تاماكا چېكىش ئوزۇقلۇقلارنىڭ قوبۇل قىلىنىشىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ
 

تېمىسى مەزمۇنى باھا
 

ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:ئۈزۈك تاقىغان ئورۇنغا مىكروبلار ئوڭاي يۇشۇرۇنۇۋالىدۇ
ئۈزۈك تاقىغان ئورۇنغا..
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:يازدا ئاياللاردا دائىم كۆرۈلىدىغان پىسخىكىلىق كېسەللىكلەر
يازدا ئاياللاردا دائى..
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:خانىم – قىزلار كۈندە ئۈچ قېتىم قاقاقلاپ كۈلۈپ بېرىش كېرەك
خانىم – قىزلار كۈندە ئۈ..
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:تاماقتىن كېيىن قىلىشقا بولمايدىغان يەتتە ئىش
تاماقتىن كېيىن قىلىشق..
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:دېھقان
دېھقان
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:ئەرلەر قىلىشنى ئەڭ خالايدىغان 9 خىل خىزمەت
ئەرلەر قىلىشنى ئەڭ خال..
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:ئەنگىلىيەدە ئەر-ئاياللار بىر يىلدا 312 قېتىم ئۇرۇشىدىكەن
ئەنگىلىيەدە ئەر-ئايال..
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:كۆز قاپىقىنىڭ بىشارىتىگە سەل قارىماڭ
كۆز قاپىقىنىڭ بىشارىت..
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:ئەڭ ياخشى ياش باسقۇچى
ئەڭ ياخشى ياش باسقۇچى
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:سەۋزىنى كۆپ يەپ بەرسە ، ئۆپكە راكىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ
سەۋزىنى كۆپ يەپ بەرسە ..
 
 

    


ئالاھىدە سالاھىيەت

 (ھېكايە)

 خۇاڭباڭجەي

     لياڭ باشقارما باشلىقى بۇ شەھەردىكى مۇھىم شەخس بولۇپ،  شەھەرلىك پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى ئىدى. ئەلۋەتتە بۇنى خېلى چوڭ مەنسەپ دېيىشكە بولاتتى. شۇڭا ئۇنىڭ قول ئاستىدىكىلەر ياكى ئاساسىي قاتلام كادىرلىرى بولسۇن، ھەممىسى ئۇنىڭدىن ئەيمىنەتتى.

    بىر كۈنى چۈشتىن كېيىن باشقارمىدىكى بىر قانچە بۆلۈم باشلىقى لياڭ باشقارما باشلىقىنىڭ ئىشخانىسىدا خىزمەتلىرىدىن دوكلات بېرىۋاتاتتى. ئادەتتىكى چاغلاردا قول ئاستىدىكىلىرىنىڭ ئالدىدا گىدىيىپ يۈرۈشىدىغان بۇ بۆلۈم باشلىقلىرى ھازىر باشلىقنىڭ ئالدىدا قورۇنۇپ، كاسسىسىنى ئورۇندۇققا ئارانلا ئىلىندۈرۈپ ئەدەپ بىلەن ئولتۇرۇشقانىدى. لياڭ باشقارما باشلىقى بىر خىل سۈرلۈك سالاپەت بىلەن قول ئاستىدىكىلەرنىڭ دوكلاتىنى ئاڭلاۋاتاتتى.

     تۇيۇقسىز ئىشىك  ئېچىلىپ، پوزۇر كىيىنىۋالغان بىر يىگىت ئىشخانىغا ئۈسۈپلا كىردى. ئىشخانا ئىچىنى جىمجىتلىق قاپلىدى، ‹‹ئىشنىڭ يولىنى بىلمەيدىغان بۇ بىر نېمىنىڭ ئىشىكنى چەكمەيلا كىرگىنىنى قارىمامدىغان، ئەمدى باشقارما باشلىقىدىن كۆرگۈلۈكىنى كۆرىدىغان بولدى››دەپ ئويلاشتى ئولتۇرغانلار.

     ھېلىقى يىگىت ئولتۇرغانلارغا قاراپمۇ قويماستىن، ئۇدۇللا باشقارما باشلىقىنىڭ ئالدىغا بېرىپ، تەكەللۇپسىزلا ئۇنىڭ ئالدىدىكى ئورۇندۇقتا ئولتۇردى، ئۇنىڭ تەلەتىدىن مۇز يېغىپ تۇراتتى. 

     – نېمىدەپ ئالدىن تېلېفون بېرىۋەتمەيلا كەلدىڭ؟ ئالدىڭغا ماشىنا ئەۋەتەتتىم ئەمەسمۇ؟ – دېدى لياڭ باشقارما باشلىقى چىرايىغا كۈلكە يۈگۈرتكەن ھالدا.

    – قۇرۇق گېپىڭنى قوي، قېنى ئېيتە، ئىشىمنى پۈتتۈرۈپ قويدىڭمۇ – يوق؟ – دېدى ھېلىقى يىگىت ئاچچىقلانغان ھالدا.

     ئولتۇرغانلارنىڭ ھەممىسى بۇنىڭدىن ھەيران قېلىشتى  ۋە ئۆز كۆڭلىدە: ‹‹بۇ تەنتەكنىڭ باشقارما باشلىقىغا قوپال گەپ  قىلىۋاتقىنىنى قارىمامدىغان››دەپ ئويلاشتى.

     لياڭ باشقارما باشلىقىنىڭ چىرايىدا يەنە ئاۋۋالقىدەكلا يېلىنىش ئىلكىدىكى تەبەسسۇم بار ئىدى. ‹‹ئالدىرىما، بۇ ئىش  ئۇنداق ئاسان ھەل قىلغىلى بولىدىغان ئىش ئەمەس، ئاستا – ئاستا بىر گەپ بولىدۇ››دېدى ئۇ سىپايىلىك بىلەن.

     ئولتۇرغانلار، باشقارما باشلىقىمۇ ئۇنىڭغا بۇنداق تۈزۈت بىلەن مۇئامىلە قىلغىنىغا قارىغاندا، بۇ يىگىتنى سەل چاغلىغىلى بولمايدىكەن، دەپ ئويلاپ قېلىشتى.

    ھېلىقى يىگىت ئاۋۋالقىدەكلا چىرايىنى ئاچماي تۇرۇپ:

     – ئىمكانقەدەر تېزرەك بېجىرىپ بەر، ئەزمىلىك قىلما. ئەجەبمۇ تويدۇم مىس – مىسلىقىڭدىن! – دېگىنىچە ئىشخانىدىن چىقىپ كەتتى. ئۇ ھەتتا ئولتۇرغانلارغا كۆزىنىڭ قىرىنىمۇ سېلىپ قويمىدى. باشقارما باشلىقى شۇھامان ئۇزىتىپ قويۇش ئۈچۈن ئۇنىڭغا ئەگەشتى.

     لياڭ باشقارما باشلىقىنىڭ ئاياغ تىۋىشى يىراقلاشقاندىن كېيىن، ئىشخانىدا ئولتۇرغانلار بايىقى يىگىتنىڭ سالاھىيىتى توغرىسىدىكى مۇلاھىزىسىنى باشلىدى: 

    – بۇ شۇمتەكنىڭ يېشىنىڭ كىچىكلىكىگە قارىماڭلار، ئۇ بىرەر مۇھىم ئورۇننىڭ كاتتىبېشى بولۇشى مۇمكىن، مۇشۇ يىللاردا ياش كادىرلارنى ئۆستۈرۈش، مۇھىم ۋەزىپىلەرگە قويۇش تەكىتلىنىۋاتىدۇ ئەمەسمۇ، – دېدى ئولتۇرغانلار ئىچىدە يېشى كىچىك ليۇ بۆلۈم باشلىقى. 

     – قارىماققا يىگىرمە نەچچە ياشقا كىرگەندەك قىلىدۇ، شۇڭا ئۇنىڭ  ئۇنچە يۇقىرى مەرتىۋىدە بولۇشى  ناتايىن. بەلكىم ئۇ بىرەر چوڭ مەنسەپدارنىڭ بەگزادىسى بولسا كېرەك، – دېدى ئۆزى قۇۋ، ئەمما ئىجتىمائىي ئالاقىسى كەڭ بولغان جاڭ بۆلۈم باشلىقى.
  سىلەر مەسىلىنى بەك سىرلىقلاشتۇرۇۋەتتىڭلار، مېنىڭچە بۇ شۇمتەك لياڭ باشقارما باشلىقىنىڭ بىرەر ئاجىزلىقىنى تۇتۇۋالغان ئوخشايدۇ، – دېدى نەزەر دائىرىسى كەڭ، دىداكتىك مەزمۇندىكى كىتابلارنى ئوقۇشقا ھېرىسمەن جاۋ بۆلۈم باشلىقى.

     پاراڭ تازا قىزىۋاتقاندا لياڭ باشقارما باشلىقى روھىي چۈشكۈن ھالدا ئىشخانىغا كىرىپ كەلدى.

     – ھەي، بۇ شۇمنى قارىمامدىغان، ئورگاندىكى بىر ئوبدان خىزمىتىنى قىلماي، ناخشا – ئۇسسۇل ئۆمىكىگە بېرىپ ناخشىچى بولىمەن دەپ تۇرۇۋېلىۋاتىدۇ. قوشۇلماي دېسەم، ئۆيدىن چىقىپ كېتىمەن دەپ تەھدىت سالىدۇ. ئامال قانچە، ئۇنىڭغا خىزمىتىنى ھەل قىلىپ بەرمەي بولمىدى – دە! – دېدى ئۇھ تارتىپ باشقارما باشلىقى.

     ئولتۇرغانلار بۇنى ئاڭلاپ كۆزىنىڭ قۇيرۇقىدا بىر – بىرىگە مەنىلىك قارىشىپ قويدى.

    ئەسلىدە ئۇ لياڭ باشقارما باشلىقىنىڭ ئوغلى ئىدى.


 كامالجان تالىپ تەرجىمىسى

         كۆرۈلۈشى:366     قوشۇلغان ۋاقتى:2010-4-14 13:57:27يوللىغۇچى ئەزا:xirinim

    
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يوللانمىدى ، سىزنىڭ تۇنجى ئىنكاس يوللىغۇچى بولىشىڭىزنى قارشى ئالىمىز !

ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:سىرلىقلىقىڭىزنى يوقاتماڭ
سىرلىقلىقىڭىزنى..
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:چاچ چۈشۈشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئامىللار
چاچ چۈشۈشنى كەلت..
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:ھەددىدىن زىيادە رومانتىكلىقمۇ كىشىنى بىزار قىلىدۇ
ھەددىدىن زىيادە ..
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:سەۋزە ئۆپكىنى ئاسرايدۇ
سەۋزە ئۆپكىنى ئا..
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:مېۋە پوستى بىلەن...
مېۋە پوستى بىلەن..
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:دۇنيادىكى ئەڭ توغرا پىسخېكا سىنىقى
دۇنيادىكى ئەڭ تو..
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:ئاياللارنىڭ جورا تاللاشتىكى يېڭى چارىسى
ئاياللارنىڭ جورا..
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:«ئەر-خوتۇنلار ئوخشىشىپ كېتىدۇ» نىڭ ھەقىقىي سىرى
«ئەر-خوتۇنلار ئو..
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:ئەر -ئاياللار ھەققىدە قىزىقارلىق پاراڭلار
ئەر -ئاياللار ھەق..
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:ھازىرنىڭ ئۆزى بەخىت
ھازىرنىڭ ئۆزى بە..
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:تەنھالىق ئىنسانغا نىسبەتەن‹‹يۇشۇرۇن قاتىل ››ئىكەن
تەنھالىق ئىنسانغ..
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:ساپما كەشنىڭ زىيىنى تولا
ساپما كەشنىڭ زىي..

ئالدىنقى ماقالە:دادامنىڭ ئارزۇسى
كېيىنكى ماقالە:تۇغۇلغان كۈن سوۋغىسى
{ كۆچۈرۈش } { بېسىپ چىقىرىش }
 
بۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭ

شىرىنىم ئەسەر سەھىپىسى (2010 - 4 - 16)  新ICP备10001556号