(ھېكايە)
لياڭگاڭ
ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەندىن كېيىن خىزمەت تاپالماي كۆپ قىينالدىم. دادام ئىككىمىزنىڭ كۈندە قىلىدىغان ئىشىمىز گېزىت سېتىۋېلىپ ‹‹خىزمەتچى قوبۇل قىلىش ئېلانى››كۆرۈش ئىدى. بىر كۈنى دادام گېزىتتىكى بىر كارخانىنىڭ ئوبراز ئېلانىغا خېلى ئۇزاق قاراپ تۇرغاندىن كېيىن ئۆز – ئۆزىگە: ‹‹قارا، بۇ سولتەكنىڭ يول تېپىپ كەتكەنلىكىنى›› دەپ پىچىرلىدى. دادامدىن ئۇنىڭ كىملىكىنى سورىۋېدىم، دادام ماڭا ئېلاندىكى كارخانا دىرېكتورىنىڭ سۈرىتىنى ئىشارە قىلدى.
–بۇ كىشىنىڭ دادىسى سۈن شىندى، ئىلگىرى بىز قوشنا ئىدۇق.
– خاتا تونۇپ قالمىغانسەن، بۇ قاچانقى گەپ، – دېدىم مەن .
–خاتا ئەمەس، لاۋ سۈننىڭ بۇرنى يوغان، كۆزلىرى كىچىك ئىدى، قارىغىنا، ئۇنىڭ دادىسىغا قۇيۇپ قويغاندەك ئوخشىغىنىنى، – دېدى دادام ئېلاندىكى سۈرەتنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ.
ئەتىسى مەن گېزىتتىكى ئادرېس بويىچە سۈن شىندىنىڭ شىركىتىگە باردىم ۋە دادامنىڭ گېپىنى چىقىرىپ ئۆزۈمنىڭ ئىش ئىزدەپ كەلگىنىمنى ئېيتتىم. سۈن دىرېكتور گېپىمنى ئاڭلاپ ماڭا بىر ھازا قاراپ كەتكەندىن كېيىن ھاياجانلانغان ھالدا:
–دادىڭىزنىڭ ئىسمى ليۇ فۇگۇي شۇنداقمۇ؟ ئۇنىڭ بىر كۆزى....، – ئۇ گېپىنىڭ ئاخىرىنى چىقىرالماي قالدى.
– شۇنداق، مېنىڭ دادام مېيىپ، – دېدىم مەن ئۇنىڭ گېپىنىڭ ئاخىرىنى چۈشۈرۈپ.
مەن سىلەرنى توپتوغرا 18 يىل ئىزدىدىم، – دېدى ئۇ ئويلىمىغان يەردىن كۆزىگە لىققىدە ياش ئالغان ھالدا.
–مەن ئۇنى دادام بىلەن كۆرۈشتۈرۈش ئۈچۈن ئۆيگە باشلاپ كەلدىم، سۈن دىرېكتور ئىشىكتىن كىرىپلا ‹‹ليۇ تاغا، مەن شياۋ سۈن....›› دېگىنىچە دادامنىڭ ئالدىغا يۈكۈندى. شۇ كۈنى ئۇ دادام بىلەن ئىككىمىزنى شەھەر بويىچە ئەڭ ھەشەمەتلىك رېستورانغا ئاپىرىپ مېھمان قىلدى. مەن شۇ چاغدىلا دادامنىڭ بىر كۆزىنىڭ كۆرمەس بولۇپ قالغانلىقىنىڭ سەۋەبىنى بىلدىم. ئەسلىدە سۈن شىندې 12 ياشقا كىرگەن يىلى چاغاننىڭ ھارپىسىدا پوجاڭزا ئېتىپ ئويناۋېتىپ كېلىشمەسلىككە ئۇچرىغاندا، دادام ئۇنى قۇتقۇزىمەن دەپ بىر كۆزىدىن ئايرىلىپ قالغان ئىكەن. شۇنىڭدىن تارتىپ ئىككى ئائىلە يېقىن ئۇرۇق – تۇغقانلاردەك ئۆتكەن، لېكىن يېرىم يىلدىن كېيىن دادام بىزنى ئېلىپ بۇ شەھەرگە كۆچۈپ كەلگەن ئىكەن. تاماق يەپ بولغاندىن كېيىن سۈن دىرېكتور ماشىنىسى بىلەن بىزنى ئۆيگە ئەكىلىپ قويدى. قايتار چېغىدا ئۇ سومكىسىدىن 30مىڭ يۈەن پۇلنى ئېلىپ دادامنىڭ قولىغا مەجبۇرىي تۇتقۇزغاندىن كېيىن، مېنىڭ كېلەر ھەپتە شىركەتكە بېرىپ ئىشقا چۈشۈشۈمنى ئېيتتى.
شۇ كۈنى ئاخشىمى پەقەتلا ئۇخلىيالمىدىم. ئەتىسى ناشتىدا دادام مەندىن شىركەتكە بېرىپ نېمە ئىش قىلىشنى ئويلىنىپ بولغان – بولمىغانلىقىمنى سورىدى.
– ئويلىنىپ بولدۇم دادا، – دېدىممەن جاۋابەن، – مېنىڭچە سۈن دىرېكتورنىڭ ساڭا بەرگەن 30 مىڭ يۈەن پۇلىنى قايتۇرۇۋېتەيلى، مەن باشقا يەردىن خىزمەت ئىزدەپ باقاي، ئەگەر زۆرۈر بولسا بىز يەنە بىر قېتىم ئۆي كۆچسەكمۇ مەيلى.
– يارايسەن ئوغلۇم، شۇنداق كېلىشتۇق ئەمىسە، ھازىرلا بۇ پۇللارنى ئۇنىڭغا ئاپىرىپ بەرگىن، – دېدى دادام.
دادامغا قارىدىم، ئۇنىڭ چېھرىدە بىلىنەر – بىلىنمەس تەبەسسۇم جىلۋە قىلدى.
مۇتەللىپ ياقۇپ تەرجىمىسى