|
ئۈزۈك تاقىغان ئورۇنغا.. | يازدا ئاياللاردا دائى.. | خانىم – قىزلار كۈندە ئۈ.. | تاماقتىن كېيىن قىلىشق.. | دېھقان | ئەرلەر قىلىشنى ئەڭ خال.. | ئەنگىلىيەدە ئەر-ئايال.. | كۆز قاپىقىنىڭ بىشارىت.. | ئەڭ ياخشى ياش باسقۇچى | سەۋزىنى كۆپ يەپ بەرسە .. | |
|
|
|
|
|
| |
|
ليۇ شىنفېڭ (ھېكايە)
شياۋ مىڭ يېڭىدىن رەڭلىك ئېكرانلىق يان تېلېفون سېتىۋالغانىدى. ئۇ ئاممىۋى ئاپتوبۇستا تېلېفونىنى قىزىقىپ كۆرۈپ كېتىۋاتاتتى. تۇيۇقسىز ئاپتوبۇستىدىكى بىرەيلەننىڭ «ماشىنىنى توختىتىڭ، ماشىنىنى توختىتىڭ، يان تېلېفونۇم يوقاپ كەتتى» دېگەن ئاۋازى ئاڭلاندى ھەم بويى پاكارراق بىر يىگىت شوپۇرنىڭ يېنىغا يۈگۈرۈپ كەلدى. شوپۇر تەجرىبىلىك ئادەم بولۇپ، دەرھال ئاپتوبۇسنى توختاتتى ۋە ئاپتوبۇسنىڭ كەينى ئىشىكىنى ئېتىۋەتكەندىن كېيىن پاكار يىگىتتىن سورىدى:
— جىددىيلەشمەڭ، ئويلاپ بېقىڭ، ھازىر كىم سىزنىڭ يېنىڭىزدا تۇرغان؟
ئۇ يىگىت بىر دەم ئۇنىڭغا، بىردەم بۇنىڭغا قاراپ، كىمنىڭ ئۆزىنىڭ يېنىدا تۇرغانلىقىنى ئاڭقىرالمىدى. ئارىدىن بىرەيلەن: «ماشىنىنى ساقچىخانىغا ھەيدەپ بارايلى!» دەپ ۋارقىرىدى. بۇنىڭ بىلەن كۆپچىلىك بىردىنلا سۆزلەشكە باشلىدى. بەزىلەر «110» غا تېلېفون بېرىش كېرەك» دېسە، بەزىلەر «ھەممەيلەننىڭ يېنىنى ئاختۇرايلى» دېيىشتى. بىر نەچچە ياش يىگىت ئوغرىنى تېپىۋالسا ئەدىپىنى قاتتىق بەرمەكچى بولۇشتى. كۆپچىلىكنىڭ مەدەت بېرىشى بىلەن ھېلىقى پاكار يىگىت ئۆزىنى تۇتۇۋېلىپ، كۆپچىلىككە قاراپ:
— قايسىڭلار يان تېلېفونۇڭلارنى بېرىپ تۇرىسىلەر؟ تېلېفون ئۇرۇپ باقاي، كىمنىڭ يېنىدا يان تېلېفون سايرىسا شۇ چوقۇم ئوغرى، − دېدى.
كۆپچىلىك ئۇنىڭ سۆزىنى خېلى ئورۇنلۇق ھېس قىلدى ھەم ھەممەيلەن يېنىدىكى يان تېلېفونلىرىنى ئېلىپ ئۇنىڭغا بېرىپ تۇرماقچى بولدى. شياۋ مىڭ دەرھال قولىدىكى يېڭى يان تېلېفوننى ئۇنىڭغا بەردى. پاكار يىگىت يان تېلېفوننى ئېلىپ دەرھال نومۇرنى بېسىشقا باشلىدى. شۇ چاغدا ئاپتوبۇسنىڭ كەينىدىن تاراقشىغان ئاۋاز ئاڭلاندى. ئەسلىدە 18 – 19 ياشلاردىكى بىر يىگىت ئاپتوبۇسنىڭ دېرىزىسىنى ئېچىپ پەسكە سەكرىمەكچى بولۇۋاتاتتى. «ئۇنى تۇتۇڭلار!»، كۆپچىلىك تەڭلا ئاپتوبۇسنىڭ ئارقىسىغا ئېغىشتى. بىراق، ئوغرى ئاللىقاچان ئاپتوبۇسنىڭ دېرىزىسىدىن سىرتقا چىقىپ بولغان ئىدى. ھېلىقى پاكار يىگىت ئىشىك ئالدىغا كېلىپ شوپۇرغا دەرھال ئىشىكنى ئېچىپ بېرىشنى ئېيتتى ۋە ئىشىك ئېچىلىشى بىلەن ئوغرىنى قوغلاپ ئاپتوبۇستىن چۈشۈپ كەتتى. ئوغرى بىلەن پاكار يىگىت بىرى ئالدىدا، بىرى كەينىدە قوغلىشىپ ناھايىتى تېزلا كىشىلەر توپىغا كىرىپ كەتتى...
شياۋ مىڭ تۇيۇقسىز ئەندىكىپ كەتكەندەك بولدى. ئاپلا، ئۇنىڭ يان تېلېفونى ھېلىقى پاكار يىگىتنىڭ قولىدا ئەمەسمىدى. ئۇ ئىختىيارسىز ئېچىنىشلىق ۋارقىرىۋەتتى:
— تېلېفون، مېنىڭ تېلېفونۇم... (مۇھەممەدجان مۇرتىزا تەرجىمىسى)
|
كۆرۈلۈشى:504 | قوشۇلغان ۋاقتى:2010-2-15 13:00:22 | يوللىغۇچى ئەزا:admin |
|
| | بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يوللانمىدى ، سىزنىڭ تۇنجى ئىنكاس يوللىغۇچى بولىشىڭىزنى قارشى ئالىمىز ! |
سىرلىقلىقىڭىزنى.. | چاچ چۈشۈشنى كەلت.. | ھەددىدىن زىيادە .. | سەۋزە ئۆپكىنى ئا.. | مېۋە پوستى بىلەن.. | دۇنيادىكى ئەڭ تو.. | ئاياللارنىڭ جورا.. | «ئەر-خوتۇنلار ئو.. | ئەر -ئاياللار ھەق.. | ھازىرنىڭ ئۆزى بە.. | تەنھالىق ئىنسانغ.. | ساپما كەشنىڭ زىي.. | |
|
|
|
|