Article Center - ماقالە مەركىزى - ئىناقلىق، مېھرىبانلىق ئەلچىسى ھەققىدە ھېكايىلەر
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:قىشتا يىسە پايدا قىلىدىغان 3 خىل يىمەكلىك
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:ئۇلۇغ قۇربان ھېيىتنىڭ كېلىپ چىقىشىنى بىلىۋېلىڭ!
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:نېمە ئۈچۈن ئاياللار توڭغاق كېلىدىغانلىقىنى بىلەمسىز
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:ئۇخلاشتىن بۇرۇن يىيىشكە بولمايدىغان يەتتە خىل يېمەكلىك
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:ئاچچىق ئانار ئىچ سۈرۈشنى توختىتىدۇ
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:ساغلاملىق يېمەكلىكى ــ قوناق ئۇنى
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:ئاياللارغا پايدىلىق ئۈچ خىل خۇش پۇراق
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:تاماكا چېكىش ئوزۇقلۇقلارنىڭ قوبۇل قىلىنىشىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ
 

تېمىسى مەزمۇنى باھا
 

ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:ئۈزۈك تاقىغان ئورۇنغا مىكروبلار ئوڭاي يۇشۇرۇنۇۋالىدۇ
ئۈزۈك تاقىغان ئورۇنغا..
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:يازدا ئاياللاردا دائىم كۆرۈلىدىغان پىسخىكىلىق كېسەللىكلەر
يازدا ئاياللاردا دائى..
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:خانىم – قىزلار كۈندە ئۈچ قېتىم قاقاقلاپ كۈلۈپ بېرىش كېرەك
خانىم – قىزلار كۈندە ئۈ..
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:تاماقتىن كېيىن قىلىشقا بولمايدىغان يەتتە ئىش
تاماقتىن كېيىن قىلىشق..
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:دېھقان
دېھقان
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:ئەرلەر قىلىشنى ئەڭ خالايدىغان 9 خىل خىزمەت
ئەرلەر قىلىشنى ئەڭ خال..
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:ئەنگىلىيەدە ئەر-ئاياللار بىر يىلدا 312 قېتىم ئۇرۇشىدىكەن
ئەنگىلىيەدە ئەر-ئايال..
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:كۆز قاپىقىنىڭ بىشارىتىگە سەل قارىماڭ
كۆز قاپىقىنىڭ بىشارىت..
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:ئەڭ ياخشى ياش باسقۇچى
ئەڭ ياخشى ياش باسقۇچى
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:سەۋزىنى كۆپ يەپ بەرسە ، ئۆپكە راكىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ
سەۋزىنى كۆپ يەپ بەرسە ..
 
 

    


ئىناقلىق، مېھرىبانلىق ئەلچىسى ھەققىدە ھېكايىلەر

 بىرىنچى ھېكايە: مېھرىبانلىق 

ئۆركەش جاپپار

   ئۈرۈمچى شەھەرلىك دۆلەت باج ئىدارىسى تەكشۈرۈش – نازارەت قىلىش ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ئەلىجان ھەبىبۇللانىڭ ئەپچىل، پاكىز ئىشخانىسى.

   ئەلىجان كۆرۈشكە تېگىشلىك ھۆججەت، ماتېرىياللارنىڭ ھەممىنى كۆرۈپ بولۇپ سائىتىگە قارىدى. ئىشتىن چۈشىدىغانغا يەنە بىر سائەت ۋاقىت بار ئىدى. 27 يىللىق خىزمەت ھاياتىدا ئىشقا بالدۇر كېلىپ، ۋاقچە قايتىشقا، كەسىپنى بېرىلىپ ئىشلەشكە ئادەتلەنگەن ئەلىجان ‹‹ ۋاقىت تېخى بالدۇركەن، ئەمدى توردىن خەۋەر كۆرەي ›› دەپ ئويلاپ، ئىستاكانىغا چاي لىقلىدى. ئاندىن ئىنتېرنېتنى ئېچىپ، ‹‹ شىنخۇا ›› تورىغا كىرىۋىدى، ئۆي باھاسىنىڭ شىددەت بىلەن ئۆرلەپ كېتىۋاتقانلىقى ھەققىدىكى بىر خەۋەرگە كۆزى چۈشتى. ئەلىجان ئۇنى چېكىپ كۆز يۈگۈرتۈشكە قىزىقماي، تور بەتنى ‹‹ شىنجاڭ يارپ زەھەر چەكلەش، ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش تورى ›› غا يۆتكىدى. ئۇ بۇ بەتنى تەپسىلىي كۆرۈپ، تەتقىق قىلىۋاتقىلى بىر نەچچە كۈن بولغانىدى. بۇ ھەرگىز سەۋەبسىز ئەمەس ئىدى. ‹‹ يارپ ›› تور بېتىنىڭ قۇرغۇچىسى ئەخمەتجان بىلەن ئۇنىڭ يېقىن بۇرادەرچىلىك مۇناسىۋىتى بار ئىدى. يېقىندىن بۇيان ئەخمەتجان ئۇنىڭغا: ‹‹ تور بېتىمىز ياخشى باشقۇرۇلۇۋاتىدۇ، لېكىن ئىقتىسادتىن قىينىلىپ قالدۇق، ساخاۋىتىڭنى بىزدىنمۇ ئايىماي، ئاز – تولا ياردەم قىلساڭ بوپتىكەن ›› دەپ، تەلەپ قويۇپ كېلىۋاتاتتى. ‹‹ ئالدىرىماي تۇر، مەن ئاۋۋال تور بېتىڭنى كۆزىتىپ باقاي ›› دېگەنىدى ئەلىجان ‹‹ سۇنى كۆرمەي، ئۆتۈك سالىدىغان ›› ئالدىراڭغۇلۇقتىن ساقلىنىش ئۈچۈن بۇرادىرىنى جىملەپ. ئەلىجان چايدىن ئىككى ئوتلىۋېلىپ، ‹‹ شىنجاڭدا ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغانلار كۆپەيمەكتە ›› دېگەن خەۋەرنى ئېچىپ ئوقۇدى. خەۋەردە ‹‹ شىنجاڭدا 1995 – يىلى ئەيدىز بايقالغاندىن ھازىرغا قەدەر، بۇ كېسەل بىلەن ئۆلگەنلەر 2000 نەچچە يۈزگە يېتىپ، مەملىكەت بويىچە مۇشۇ كېسەل بىلەن ئۆلگەنلەرنىڭ%9ىنى ئىگىلەپ، 4 – ئورۇندا تۇردى ›› دېگەن پاكىتلار بار ئىدى. ‹‹ توۋا، بۇ نەس كېسەل ساپلا ياشلارنىڭ جېنىنى قىرىدىغان ئاپەت بولدىغۇ ئەمدى ›› دەپ خۇرسىندى ئۇ يۈرىكى مۇجۇلغاندەك بولۇپ. ئەلىجان ئارقىدىنلا ‹‹ ئاياللار بىرلەشمىسىنىڭ كادىرلىرى ئەيدىز ئاغرىقلىرىنى يوقلىدى ›› دېگەن خەۋەرنى ئاچتى. ئۇ ئېكرانغا تىكىلىپ ئولتۇرۇپ، يەكشەنبە كۈنى ئانىسى بىلەن قىلىشقان قىسقا سۆھبەتنى ئەسلەپ قالدى:

  — ئەلىجان بالام، دادىڭىزنىڭ ئۆلۈمىنى ئۇزىتىمىز دەپ قاتىلاڭچىلىقتا يۈرۈپ، ھېلىقى داشۆسىڭ بالىلارنىڭ بېشىنى سىيلايدىغان ساخاۋىتىمىزنى ئۈزۈپ قويدۇق، مۇشۇ ئىشنى...

   —بىز ئۈزۈپ قويمىدۇق ئاپا، ئۇ بالىلار ئوقۇش پۈتكۈزۈپ كەتتى. 20 نەچچە بالىنىڭ ھەممىسى پاراللېل ئوقۇۋاتقان ئىككى سىنىپتىكى نامرات بالىلار ئىدى، ھەممىسى تەڭلا ئوقۇش پۈتكۈزدى.

   — گېپىمنى بۆلمەي تۇرۇڭ بالام، ئۇ بالىلار كەتكەن بولسا، يەنە ئوقۇۋاتقان بالىلار باردۇ مەكتەپلەردە؟ مېنىڭ دېمەكچى بولغىنىم، ئوغۇل – قىزلىرىمدىن تارتىپ، كېلىن – كۈيۇئوغۇللىرىمغىچە ھەممىڭلارنىڭ مائاشىڭلار، تىجارىتىڭلار بار، پاراۋان ياشاۋاتىسىلەر، ئىجارە كىرىملىرىمىزمۇ ئاز ئەمەس، شۇڭا ۋاقتى – ۋاقتىدا ئۆشرە – زاكات ئايرىپ، ساخاۋەت قىلىپ تۇرمىساق بولمايدۇ. ئۇنى دېمىگەندىمۇ، يېتىم – يېسىر، ئاجىز، بىقۇۋۇللارنىڭ، كېسەلمەن ئاجىزەلەرنىڭ بېشىنى سىيلىماق مۇسۇلمانچىلىقنىڭ پەرزى، بايلارنىڭ قەرزى بالام. بىزنىڭغۇ ھال – كۈنىمىز ياخشى، لېكىن ئەتراپىمىزدا بىر نانغا زار كىشىلەرنىڭ بارلىقىغا كۆز يۇمساق، بېشىنى سىيلىمىساق، دادىڭىزنىڭ روھى قورۇنىدۇ بالام. مېنىڭ ھاجىملىقىممۇ، ئوقۇغان نامازلىرىممۇ قوبۇل بولمايدۇ. شۇڭا ياردەم قىلىدىغانغا ئادەم تېپىڭ.

   — ماقۇل ئاپا، سىز خاتىرجەم بولۇڭ. ‹‹ يارپ ›› ئامبۇلاتورىيەسىدىكى ئەخمەت بىر نېمە دەۋاتاتتى، مەن ئۇقۇشۇپ، شەنبە كۈنىگىچە جاۋابىنى قىلاي سىزگە.

   ئەلىجان شۇ خىياللاردىن كېيىن، ئېكراندىن كۆزىنى ئېلىپ، يانفونىنى قولىغا ئالدى ۋە ئەخمەتنىڭ نومۇرىنى باستى.

   — ئەسسالامۇئەلەيكۇم، بۇرادەر، ئەھۋالىڭ ياخشىمۇ، ئۆزۈڭ سالامەتمۇ؟... گەپنى قىسقا قىلاي، تور بەتلىرىڭنى كۆردۈم، خەنزۇچە تور بېتىڭ ياخشىكەن، لېكىن ئۇيغۇرچە تور بېتىڭنىڭ خەۋەرلىرى كونىراقكەن، بەزىلىرى تېخى قىسقارتىلغانىكەن، نېمە دېدىڭ؟ تەرجىمان كەم بولسا ياللىمامسەن، ھەم تەرجىمانلىقنىڭ، ھەم تور بەت باشقۇرۇشنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالايدىغان ياشلار جىققۇ ھازىر، ھەئە شۇنداق، پۇل لازىم بولسا مەن ياردەم قىلىمەن، ھەئە، بىر قارارغا كەلدىم... توختا گېپىم تېخى تۈگىمىدى، پىسخىكا مەسلىھەت بېرىش ئامبۇلاتورىيەڭدە داۋالىنىۋاتقان ئەيدىز ئاغرىقلىرى بارغۇ، ھەئە شۇ، شۇلار ئارىسىدىن قەرەللىك ياردەم قىلىپ تۇرىدىغانغا ماڭا يەنە بىر نەچچە كىشىنى كۆپەيتىپ، ئەتىگىچە كۆرسىتىپ بېرەلىسەڭ، شەنبە كۈنى ئۇلارنى يوقلايمەن. ھەئە، شۇنداق بولسۇن...

   شۇنىڭدىن كېيىن ئەلىجان ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملىنىپ، ئېرىدىن ئايرىلىپ قېلىپ، ئۈمىدسىزلىك پاتقىقىغا پېتىپ قالغان ليۇ شيۇچىن ۋە كارخانا ۋەيران بولۇپ ئىشسىز قالغاننى ئاز دەپ، ئەيدىز ۋىرۇسىنى يۇقتۇرۇۋېلىپ، بەختسىزلىككە پاتقان ھەسەنجان قاتارلىقلارنى يوقلاش تىزىملىكىگە يەنە بىر نەچچە كىشىنى قوشۇۋالدى. ئۇ، ھەر قېتىم گۆش، تۇخۇم، ئۇن، گۈرۈچ، ياغ دېگەندەك يېمەكلىكلەر، لازىملىق دورا – ئوكۇللارنى ئېلىپ، بۇ ئاغرىقلارنى يوقلاپ بارغاندا، ئۇلارنىڭ چېھرىدە پەيدا بولغان مىننەتدارلىق كۈلكىسىدىن ھاياتقا بولغان ئۈمىدنى، ياشاشقا بولغان ئىستەكنى كۆرەتتى ۋە ئۆچۈپ قالاي دېگەن ھايات شامىنى پەقەت ئىنسانىي مۇھەببەتنىڭلا قايتا يېلىنجىتالايدىغانلىقىنى چوڭقۇر ھېس قىلاتتى...

   ئىككىنچى ھېكايە: ئىناقلىق

   ئەلىجاننىڭ چاققان، سەرەمجان ئىشخانىسى. ئىشىك يېنىك چېكىلدى.

   — كىرىڭ، – دېدى ئەلىجان كۆرۈۋاتقان ھۆججەتتىن كۆزىنى ئېلىپ، ئىشىككە قاراپ. ئىشخانىغا پۇزۇر كېيىنگەن، قولىدا ئېسىل خۇرۇمدىن تىكىلگەن ھۆججەت سومكىسى كۆتۈرۈۋالغان جۇ خوجايىن كىرىپ كەلدى.

   — ۋۇي، شياۋجۇغۇ بۇ، قانداق شامال ئۇچۇرۇپ كەلدى سىزنى بۇ يەرگە، توپتەك قاڭقىپ ئورنىدىن تۇرغان ئەلىجان جۇ خوجايىننىڭ ئالدىغا بېرىپ، ئۇنىڭ قوللىرىنى چىڭ سىقتى.

   — شامال ئۇچۇرۇپ كەلمىدى، سېغىنىش ئوتى باشلاپ كەلدى مېنى، – دېدى جۇ خوجايىن ئەلىجان كۆرسەتكەن كىرېسلوغا ئولتۇرۇۋېتىپ.

   — مۇنداق دەڭ شياۋجۇ، مېنى سېغىنىپ ئالايىتەن كۆرۈشكىلى كەپسىز – دە، – دېدى ئەلىجان ئىستاكانغا چاي دەملەپ، مېھماننىڭ ئالدىغا قويۇۋېتىپ.

   — شۇنداق بولمايچۇ، – دېدى جۇ خوجايىن تاماكىسىنى تۇتاشتۇرغاندىن كېيىن، بىز خەنزۇلاردا ‹‹ ياخشىلىق قىلغان دوستۇڭنى ئۇنۇتما، شىر چورۇقىڭنى قۇرۇتما ›› دەيدىغان گەپ بار ئەمەسمۇ، تۆت تەڭگە پۇل تېپىپلا، ماڭا ئەقىل كۆرسەتكەن، ئىشنىڭ يولىنى ئۆگەتكەن، باي بولۇشۇمغا شوتا بولۇپ بەرگەن كونا دوستۇمنى ئۇنتۇپ قالسام بولماس.

   — ئۇنچىمۇ دەپ كەتمەڭ ئىنىم، – دەپ كۈلدى ئەلىجان چېچى قالمىغان پېشانىسىنى سىيلاپ، ئەقىل ئۆزىڭىزدىن بولدى، مەن پەقەت قولۇمدىن كېلىدىغان ياردەمنىلا قىلدىم.

   شۇ كۈنى ئىككىيلەن سەمىمىي، قىزغىن، دوستانە ئولتۇرۇپ ئۇزاققىچە سۆزلەشتى. ئۇلارنىڭ شۇ قەدەر چوڭقۇر دوستلۇق مۇناسىۋىتىنىڭ قانداق شەكىللەنگەنلىكىنى بايان قىلىش ئۈچۈن، گەپنى مۇندىن سەككىز يىل ئاۋۋالقى ئىشلاردىن باشلاپ سۆزلەشكە توغرا كېلىدۇ:

   2002 – يىلى ئەلىجان شىنجاڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى يېقىن ئاغىنىسىنىڭ تونۇشتۇرۇشى بىلەن ‹‹ خۇالىڭ ›› بازىرىدا ئۆي جاھازلىرى تىجارىتى قىلىدىغان جۇ مېيۋېن بىلەن تونۇشۇپ قالدى. ئۇ چاغدا ئەلىجان ئۈرۈمچى بۇلاقتاغ رايونلۇق دۆلەت باج ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ئىدى. ئىككەيلەن دۇنيا قاراش ۋە پىكىر ئورتاقلىقىغا ئىگە بولغاچقا، تېزلا يېقىن دوستلاردىن بولۇپ قالدى ۋە داۋاملىق ئىزدىشىپ ئۆتتى. جۇ مېيۋېن ئىچكىرىدىن كەلتۈرۈلگەن ئۆي جاھازلىرىنى سېتىپ تىرىكچىلىك قىلىدىغان بولغاچقا، ئۇنىڭ تىجارىتىنى بەك روناق تاپقان دەپ كەتكىلىمۇ بولمايتتى. چۈنكى ياسىلىپ بولغان ئۆي جاھازلىرىنى ئوراپ قاچىلاشقا، يۆتكەشكە جىق پۇل كەتكەچكە، ساتقۇچىغا قالىدىغان پايدا ئۇنچە كۆپ ئەمەس ئىدى. شۇ كۈنلەردە، جۇ مېيۋېننىڭ ئۆي جاھازلىرىنى ياسايدىغان زاۋۇتنى ئۈرۈمچىدە قۇرۇپ، تەننەرخنى تۆۋەنلىتىپ، كۆپرەك پايدا ئېلىش ئويى بولسىمۇ، لېكىن زاۋۇت قۇرۇشقا كېرەكلىك مەبلەغ ۋە زاۋۇت ئورنى ئۈچۈن يەر تېپىشقا ماغدۇرى يەتمىگەچكە، ئىچىگە تىنىپ، تاپقان پۇلىغا شۈكرى قىلىپ ياشاۋاتاتتى. ئۇنىڭ بۇ ئەھۋالىدىن خەۋەر تاپقان ئەلىجان زاۋۇت ئورنى تېپىپ بېرىشكە ۋەدە قىلىپ، جۇ مېيۋېننى بانكىدىن قەرز ئېلىشقا ئىلھاملاندۇردى ۋە يەر ئورنى ھەل قىلىش ئۈچۈن، بۇلاقتاغ رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىگە تاپىنى تېشىلگۈچە قاترىدى. ئۇنىڭ بۇنچە كۈچەپ كېتىشىدە، دوستلۇقنى ئەلا بىلگەندىن باشقىمۇ سەۋەبلەر بار ئىدى. بىرىنچىدىن،جۇ مېيۋېن دۆلەتكە باج تاپشۇرغۇچى بولغاچقا، ئۇنىڭ كارخانىسى زورىيىپ، تىجارىتى روناق تاپسا، دۆلەتنىڭ باج مەنبەسى كۆپىيىپ، باج كىرىمى ئاشاتتى؛ ئىككىنچىدىن، جۇ مېيۋېننىڭ كىچىك دۇكىنى كېڭىيىپ، چوڭ كارخانىغا ئايلانسا، ئۇ يەردە بىر مۇنچە ئىش ئورنى پەيدا بولۇپ، ئىش كۈتۈپ تۇرغان ئىشسىزلارنىڭ قايتا ئىشقا ئورۇنلىشىش يولى ئېچىلىپ، جەمئىيەتنىڭ يۈكى يېنىكلەيتتى. ئەمەلىيەتتىمۇ باج ئىدارىسىنىڭ باج تاپشۇرغۇچىلارنى يۆلەش، ئۇلارنىڭ تىجارىتىنى روناق تاپقۇزۇشىغا مەدەتكار بولۇش مەجبۇرىيىتىمۇ بار ئىدى. ئەلىجان جۇ مېيۋېننىڭ ئىشى ئۈچۈن يېرىم يىلچە مېڭىپ، ئاخىر بۇلاقتاغ رايونىدىن زاۋۇت ئورنى ھەل قىلدى. جۇ مېيۋېن زاۋۇتنىڭ قۇرۇلۇشى پۈتكىچە، باشقا بىر ئورۇننى ۋاقىتلىق ئىجارىگە ئېلىپ، زاۋۇت ماڭدۇردى. كېيىنكى يىلى جۇ مېيۋېننىڭ خوجايىنلىقىدىكى زامانىۋى ئۆي جاھازلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش، سېتىش بىر گەۋدىلەشتۈرۈلگەن ‹‹ مېيدۇ ›› ئائىلە سايمانلىرى چەكلىك شىركىتى رەسمىي قۇرۇلدى... ھازىر جۇ مېيۋېننىڭ تىجارىتى روناق تېپىپ، مەھسۇلاتلىرى ئوتتۇرا ئاسىيا بازارلىرىغا كىردى، يىللىق تىجارەت سوممىسى 5 مىليون يۈەندىن ئېشىپ، دۆلەتكە تاپشۇرىدىغان بېجى 200 مىڭ يۈەندىن ئېشىپ كەتتى...

   ئۈچىنچى ھېكايە: پىداكارلىق

   2009 – يىل 7 – ئاينىڭ 5 – كۈنى. بۈگۈن يەكشەنبە بولسىمۇ، ئەلىجان دەم ئالماي، ئىسمېنا قوشۇپ ئىشلىدى. ئۇ، قورسىقى ئېچىپ، ئاشقازىنى ‹‹ ناغرا ›› چېلىشقا باشلىغاندىلا، قايتىشقا تەييارلىنىپ سائىتىگە قارىدى. بۇ چاغدا ئۈرۈمچى ۋاقتى كەچ سائەت 30: 6 بولغانىدى. ئەلىجان بىنادىن چۈشۈپ پىكاپىنىڭ ئالدىغا كېلىپ، تىزگىنەكنى باستى. ھاۋا ئىسسىق بولغاچقا، ئاپتاپتا قالغان پىكاپنىڭ ئىچى تونۇردەك ئىسسىپ كەتكەنىدى. ئەلىجان پىكاپقا چىقىپ، يان ئەينەكلەرنىڭ ھەممىنى چۈشۈرۈۋېتىپ، پىكاپنى سالقىنلاتتى ۋە ماينى دەسسەپ، ئۆيىگە قاراپ يولغا چىقتى. ئىدارىسى ئۇنىڭغا مەخسۇس پىكاپ سەپلەپ بەرگەندىن بۇيان، ئۇ پىكاپنى شوپۇر ئىشلەتمەي، ئۆزى ھەيدەپ كېلىۋاتتى.

   شەھەر كوچىلىرى ئالدىراش يۈرگەن ئادەملەر بىلەن ئاۋات ئىدى. ئەلىجان خىيال سۈرگەچ، پىكاپنى ئاستا ھەيدەپ كېلىۋاتتى. ئۇنىڭ يانفونى سايراپ كەتتى. تېلېفون ئۇنىڭ چوڭ ئوغلىدىن كەلگەنىدى.

   — ۋەي، – دېدى ئەلىجان پىكاپنى قىزىل چېراغتا توختىتىپ.

   — ۋاي دادا، نەدە سىز، تېز قايتىپ كېلىڭ، بەك قورقۇپ كېتىۋاتىمەن، ھەممە يەر كۆيۈۋاتىدۇ، – ئوغلىنىڭ ئاۋازى جىددىي ئىدى.

   — ۋاي نېمە بولدۇڭ بالام، ئالدىرىماي سۆزلىمەمسەن ئادەم ئۇققۇدەك قىلىپ.

   — ۋاي دادا، سىز تېخى ئۇقمىدىڭىزما، ئىش چىقتى، چوڭ ئىش چىقتى، ماشىنىڭىزنى مەھەللىگە ئەكەلمەڭ، ئۇلار كۆيدۈرۈۋېتىدۇ...

   ئوغلىنىڭ ھۇدۇقۇپ، جىددىيلىشىپ دەپ بەرگەن گېپىدىن، ئەلىجان پەقەت بىر توپ زوراۋاننىڭ دۆڭكۆۋرۈك ئەتراپىدا ئوت قويۇپ، ئادەم ئۇرۇپ، مالىمانچىلىق پەيدا قىلغانلىقىنىلا ئۇقالىدى. ئۇ سەل ۋەھىمىگە چۈشۈپ، پىكاپنىڭ سۈرئىتىنى تېزلەتتى. ئاققۇۋۇق(نەنمېن)تىكى ئايلانمىغا كەلگەندە، ‹‹زەپەر›› سودا سارىيى بىناسىدىكى ئۆيىگە بارغىلى بولىدىغان يول جەنۇبىي ئازادلىق يولىنىڭ قامال قىلىنغانلىقىنى كۆردى. پىكاپنى سەل يانغا تارتىپ توختىتىپ، يولغا زەن سالدى. ‹‹خېڭدا ›› سارىيىنىڭ ئەتراپىدا ئاپتوبۇس، مىنبىۇس، پىكاپلار كۆيۈۋاتاتتى، ئىس – تۈتەك ئارىسىدىن كېلىۋاتقان قىيا – چىيا، قاچ – قاچ ئاۋازلىرىنىڭ ئارىسىدىن ئۇر، چاق، چاپ، ئۆلتۈر! دېگەندەك ۋەھشىي ئاۋازلارمۇ كېلەتتى. ئەلىجاننى شۇ زامات سۈر باستى. ئوغلىنىڭ بايىقى جىددىيلىشىشىنىڭ سەۋەبىنى چۈشەندى. ئۇ، ئەمدى تولۇق سەگەكلىشىپ، پىكاپىنى ‹‹جىنيىن›› كوچىسىغا بارىدىغان يولغا سېلىپ، ماينى كۈچەپ دەسسىدى. ‹‹خەلق›› تىياتىرخانىسىنىڭ ئالدىدىن، يېنىدىن ئۆتۈپ،تىنچلىق يولى ئاغزىدىكى تۆت كوچىغا كەلگەندە، قىزىل چىراغتا توختاشقا مەجبۇر بولدى. شۇ چاغدا تىنچلىق كوچىسىدىن چىرايىدا قان دىدارى قالمىغان ئۈچ خەنزۇ ئەر ‹‹بىزنى قۇتقۇزۇڭلار! بىزنى قۇتقۇزۇۋېلىڭلار!›› دەپ توۋلاشقىنىچە يۈگۈرۈپ چىقىپ كەلدى. ئەلىجان بېشىنى سەل ئېگىپ ئۇلارغا قارىدى. خۇددى شۇنى كۈتۈپ تۇرغاندەك، بايىقى خەنزۇدىن بىرى ئۇدۇل پىكاپقا بېشىنى تىقىپ:

   — يولداش، ياخشى ئادەمدەك كۆرۈنىسىز، بىزنى قۇتقۇزۇۋېلىڭ، ماشىنىڭىزغا سېلىپ، ئاپىرىپ قويسىڭىزلا بولدى، ھاسىراپ تۇرغانلىقتىن، ئۇنىڭ سۆزلىرى ئۈزۈلۈپ – ئۈزۈلۈپ قالاتتى، ئاۋۇ ئىككى مېھمىنىم ئىچكىرىدىن كەلگەن، ئۇلارنى چوڭ بازارغا ئويناتقىلى ئاپارغانتىم، تاس قالدۇق، ئۇر – ئۇرنىڭ ئارىسىدا قېلىپ، جاندىن ئايرىلغىلى...

   — نەگە باراتتىڭلار، جىددىيلەشكەنلىكتىن، – ئەلىجان تاقەت قىلىپ تۇرالماي، ئۇدۇللا سورىدى.

   — يىكەنكۆلدىكى ‹‹ ۋېنجۇ ›› سارىيىغا.

   — چىقىڭلار، تېز، تېز بولۇڭلار، سىز ئالدىغا چىقىڭ.

   — ياق، بولمايدۇ، ئالدىغا چىقسام ھەرگىز بولمايدۇ، ئۇلار بىزنى كۆرۈپلا قالسا، سىزنى بوش قويۇۋەتمەيدۇ.

   ۋاقىت جىددىي ئىدى، ئەزمىلىك قىلىپ تۇرۇشقا ئەمدى بولمايتتى. ئۈچ خەنزۇ ھەش – پەش دېگۈچە پىكاپنىڭ كەينىگە تىقىلىپ ئۈلگۈردى. ئەلىجان بارلىق ئەينەكلەرنى كۆتۈرۈۋېتىپ، ماينى كۈچەپ دەسسىدى.

   پىكاپ شەرقىي ئايلانما يولىغا چىققاندا، ئەلىجاننىڭ يانفونى ئەنسىز سايرىدى. تېلىفوننى ئەمدى ئايالى بەرگەنىدى. ئەلىجان بىلدىكى، كىچىك ئوغلى شۇ تاپتا ئۈچتاشتىكى تۇغقانلارنىڭ ئۆيىدە ئىكەن. ماشىنا بىلەن بېرىپ ئەكىلىۋالمىسا، بالا ئۆزى كېلەلمەيدىكەن... ما پېشكەللىكنى كۆرۈڭ. دۆڭكۆۋرۈككە بارغىلى بولمايۋاتسا، ئۈچتاشقا قانداق بارغۇلۇق ئەمدى؟ قېنى، ماۋۇ يولداشلارنى ئاپىرىۋەتكەندىن كېيىن بىر گەپ بولار، دەپ ئويلىدى ئەلىجان ساي يولى ئارقىلىق ئۇلانباي كۆۋرۈكىگە بېرىپ، ئۇ يەردىن ئۈچتاشقا كەلگىلى بولىدىغانلىقىنى كۆڭلىگە پۈكۈپ.

   — قېنى چۈشۈڭلار يولداشلار، ‹‹ ۋېنجۇ ›› سارىيىغا كەلدۇق.

   — يولداش، تېلېفون نومۇرىڭىزنى بىزگە قالدۇرۇپ قويسىڭىز، – دېدى بايىقى ئالدىدا ئولتۇرۇشنى رەت قىلغان يەرلىك خەنزۇ ئىلتىجا قىلىپ، – سىز بىزنى قۇتقۇزۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنىڭ ئۈلگىسىنى ياراتتىڭىز، بىز سىزنى ئايرىم ئىزدەپ...

   — ھاجىتى يوق، ھەممىمىز ئوخشاش ئادەم، بىر ئائىلە كىشىلىرى، – دېدى ئەلىجان مېڭىشقا ئالدىراپ.

   خەنزۇ يولداش تېلېفون نومۇرىنى سوراپ ئالالمىغاندىن كېيىن، ئىتتىك ئارقىغا ئۆتۈپ، پىكاپنىڭ نومۇر تاختىسىغا قاراپ بىر نېمىلەرنى پىچىرلاپ قالدى. ئەلىجان قاراماي يولىغا قاراپ ئۇچقاندەك يۈرۈپ كەتتى...

   ئەلىجان ئۈچتاشتىكى تۇغقانلارنىڭ ئۆيىدىن ئوغلىنى ئېلىپ كوچىغا چىقىشىغا، بىر خەنزۇ كىشى ماشىنا توسىدى، ئۇنىڭ يېنىدا يەنە بىرەيلەنمۇ بار ئىدى.

   — چىقىڭلار، ئارقىغا چىقىپ، بېشىڭلارنى يوشۇرۇپ ئولتۇرۋېلىڭلار، – دېدى ئەلىجان ئۇلارنىڭ نەگە بارىدىغانلىقىنىمۇ سورىماي، ئىجازەت بېرىپ.

   — كۆپ رەھمەت سىزگە، مەن سىزنىڭ باج ئىدارىسىدا ئىشلەيدىغانلىقىڭىزنى، ياخشى كادىر ئىكەنلىكىڭىزنى بۇرۇندىن بىلەتتىم، – دېدى ھېلىقى ماشىنا توسىغان كىشى پىكاپنىڭ ئارقىسىغا ھەمراھى بىلەن جايلىشىۋالغاندىن كېيىن، – چوقۇم ئاپىرىپ قويىدىغانلىقىڭىزغا ئىشىنىپ، ماشىنىڭىزنى توساشقا پېتىنغانتىم، كۈتكىنىمدەك ياخشىلىق قىلدىڭىز، بىزنى قاتناش نازارىتىنىڭ يېنىغا ئاپىرىپ قويسىڭىز...

   ئەلىجان ئۇ ئىككەيلەننى ئاپىرىۋەتكەندىن كېيىن، قاتناش نازارىتىنىڭ ئالدىدىكى ‹‹ خۇاڭخې ›› يولىدىن خەلق يولىغا چۈشۈپ، مىڭبىر مۇشەققەتتە ئاققۇۋۇقتىكى ئاپىسىنىڭ ئۆيىگە كەلدى. ئاپىسىنى خاتىرجەم قىلىپ، پىكاپنى شۇ ھويلىغا تاشلاپ قويغاندىن كېيىن، كىچىك ئوغلىنى يېتىلەپ، ‹‹ زەپەر›› سودا سارىيى بىناسىدىكى ئۆيىگە قاراپ پىيادە كەتتى. ئۇلار نەچچە توساقتىكى تەكشۈرۈشلەردىن ئۆتۈپ ئۆيىگە كىرگەندە، يېرىم كېچە بولۇپ قالغانىدى...

         كۆرۈلۈشى:435     قوشۇلغان ۋاقتى:2010-4-11 12:36:50يوللىغۇچى ئەزا:admin

    
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يوللانمىدى ، سىزنىڭ تۇنجى ئىنكاس يوللىغۇچى بولىشىڭىزنى قارشى ئالىمىز !

ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:سىرلىقلىقىڭىزنى يوقاتماڭ
سىرلىقلىقىڭىزنى..
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:چاچ چۈشۈشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئامىللار
چاچ چۈشۈشنى كەلت..
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:ھەددىدىن زىيادە رومانتىكلىقمۇ كىشىنى بىزار قىلىدۇ
ھەددىدىن زىيادە ..
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:سەۋزە ئۆپكىنى ئاسرايدۇ
سەۋزە ئۆپكىنى ئا..
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:مېۋە پوستى بىلەن...
مېۋە پوستى بىلەن..
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:دۇنيادىكى ئەڭ توغرا پىسخېكا سىنىقى
دۇنيادىكى ئەڭ تو..
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:ئاياللارنىڭ جورا تاللاشتىكى يېڭى چارىسى
ئاياللارنىڭ جورا..
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:«ئەر-خوتۇنلار ئوخشىشىپ كېتىدۇ» نىڭ ھەقىقىي سىرى
«ئەر-خوتۇنلار ئو..
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:ئەر -ئاياللار ھەققىدە قىزىقارلىق پاراڭلار
ئەر -ئاياللار ھەق..
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:ھازىرنىڭ ئۆزى بەخىت
ھازىرنىڭ ئۆزى بە..
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:تەنھالىق ئىنسانغا نىسبەتەن‹‹يۇشۇرۇن قاتىل ››ئىكەن
تەنھالىق ئىنسانغ..
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:ساپما كەشنىڭ زىيىنى تولا
ساپما كەشنىڭ زىي..

ئالدىنقى ماقالە:قانداق نىكاھ كۈچكە ئىگە ئەمەس؟
كېيىنكى ماقالە:خوشال ياشاي دېسىڭىز
{ كۆچۈرۈش } { بېسىپ چىقىرىش }
 
بۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭ

شىرىنىم ئەسەر سەھىپىسى (2010 - 4 - 16)  新ICP备10001556号