Article Center - ماقالە مەركىزى - ۋاقىتسىز قازا (ھېكايە)
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:قىشتا يىسە پايدا قىلىدىغان 3 خىل يىمەكلىك
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:ئۇلۇغ قۇربان ھېيىتنىڭ كېلىپ چىقىشىنى بىلىۋېلىڭ!
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:نېمە ئۈچۈن ئاياللار توڭغاق كېلىدىغانلىقىنى بىلەمسىز
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:ئۇخلاشتىن بۇرۇن يىيىشكە بولمايدىغان يەتتە خىل يېمەكلىك
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:ئاچچىق ئانار ئىچ سۈرۈشنى توختىتىدۇ
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:ساغلاملىق يېمەكلىكى ــ قوناق ئۇنى
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:ئاياللارغا پايدىلىق ئۈچ خىل خۇش پۇراق
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:تاماكا چېكىش ئوزۇقلۇقلارنىڭ قوبۇل قىلىنىشىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ
 

تېمىسى مەزمۇنى باھا
 

ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:ئۈزۈك تاقىغان ئورۇنغا مىكروبلار ئوڭاي يۇشۇرۇنۇۋالىدۇ
ئۈزۈك تاقىغان ئورۇنغا..
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:يازدا ئاياللاردا دائىم كۆرۈلىدىغان پىسخىكىلىق كېسەللىكلەر
يازدا ئاياللاردا دائى..
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:خانىم – قىزلار كۈندە ئۈچ قېتىم قاقاقلاپ كۈلۈپ بېرىش كېرەك
خانىم – قىزلار كۈندە ئۈ..
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:تاماقتىن كېيىن قىلىشقا بولمايدىغان يەتتە ئىش
تاماقتىن كېيىن قىلىشق..
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:دېھقان
دېھقان
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:ئەرلەر قىلىشنى ئەڭ خالايدىغان 9 خىل خىزمەت
ئەرلەر قىلىشنى ئەڭ خال..
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:ئەنگىلىيەدە ئەر-ئاياللار بىر يىلدا 312 قېتىم ئۇرۇشىدىكەن
ئەنگىلىيەدە ئەر-ئايال..
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:كۆز قاپىقىنىڭ بىشارىتىگە سەل قارىماڭ
كۆز قاپىقىنىڭ بىشارىت..
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:ئەڭ ياخشى ياش باسقۇچى
ئەڭ ياخشى ياش باسقۇچى
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:سەۋزىنى كۆپ يەپ بەرسە ، ئۆپكە راكىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ
سەۋزىنى كۆپ يەپ بەرسە ..
 
 

    


ۋاقىتسىز قازا (ھېكايە)

ئابدۇرېھىم ياقۇپ


  بۇ مەھەللە كىچىك بولغىنى بىلەن ئادەملىرى ئىنتايىن ئۆم ئىدى. شۇڭلاشقىمىكىن بۈگۈن مۇسىبەت بولغان يۈسۈپ ئاكىنىڭ تال – باراڭلىق ھويلىسى ھازىدارلار، پاتىھەچىلەر بىلەن تولغانىدى. بۇ ھويلىدا يۈسۈپ ئاكا بىلەن مەريەمخان ئاچا ۋە ئۇلارنىڭ بىردىنبىر ئوغلى نىياز، كېلىنى گۈلسۈم ئولتۇراتتى. نىياز 30 ياشلاردا، گۈلسۈم 25 ياشلاردا بولۇپ، ئىككى ئوغلى بار ئىدى. نىياز توي قىلىپلا ئۆي ئايرىپ چىقىپ كەتمەي چوڭلار بىلەن بىللە تۇرۇۋاتاتتى. ھازىدارلار ۋە پەتىچىلەرنىڭ بەزىلىرى نىيازدەك ۋاپادار ئوغۇلنىڭ ياشانغان ئاتا – ئانىسىنى تاشلاپ ئۇ ئالەمگە ۋاقىتسىز سەپەر قىلغانلىقىدىن مەيۈسلىنىپ يىغا – زار قىلسا، بەزىلىرى ئۇلارنىڭ بىرى بەش ياشقا، يەنە بىرى ئۈچ ياشقا كىرگەن ئىككى ئوغلىنىڭ كېيىنكى تەقدىرىگە ئېچىنىپ ئۈنسىز ياش تۆكۈۋاتاتتى. يۈسۈپ ئاكا بىلەن مەريەمخان ئاچا بېشىغا چۈشكەن بۇ قارا كۈننىڭ زەربىسىدىن تولا يىغلاپ تۈگىشىپلا كەتكەنىدى.

  يىراق – يېقىندىن كەلگەن ئۇرۇق – تۇغقان، ئەل – جامائەت نىيازنىڭ نامىزىنى ئۆيىنىڭ ئالدىدىكى بوشلۇقتا چۈشۈردى. ئاندىن مەھەللىدىكى ياشلار تاۋۇتنى كۆتۈرۈپ جامائەت بىلەن مەھەللىنىڭ شەرقىدىكى قەبرىستانلىققا يول ئالدى...

  * * *

  تۇردى كاكچىنىڭ ئۆيىدە بالدۇرلا باشلانغان ئولتۇرۇش كەچتە بىرقانچە سازەندىنىڭ كېلىشى بىلەن تېخىمۇ ئەۋجىگە كۆتۈرۈلدى. دەسلەپتە پىيالىلەرگە يېرىم قۇيۇلۇپ كېلىۋاتقان ھاراق بىردىنلا كۆپىيىپ «بېلىق كۆزى»گە ئايلاندى. سورۇن ئەھلى «قۇلىقى مىدىرلىغۇدەك» ئىچمىسە پۇخادىن چىقمايدىغاندەك نۆۋىتىنى ئۆتكۈزۈۋېتىشنى خالىمايتتى. ئەزەلدىن ھاراقنى كۆرسە ئۆزىنى تۇتالمايدىغان نىياز ئوبدانلا تەڭشىلىپ قالغانىدى. قانچىلىك ھاراق ئىچكىنى ئۆزىگە نامەلۇم، ئۆزى گويا تونۇرنىڭ ئىچىدە ئولتۇرۇۋاتقاندەك، ئۆي چۆرگىلەۋاتقاندەك ھېس قىلىشقا باشلىدى. ئۇ بىردىنلا خوتۇن – بالىلىرىنى ئېسىگە ئالدى – دە، كېتىشكە ئالدىرىدى ۋە ساقى نامەتكە كۆڭلىدىكىنى ئېيتتى:

  — ئاداش، مەن خېلىلا تەڭشىلىپ قالدىم، ئەمدى قۇيساڭمۇ ئىچەلمەيمەن، شۇڭا مەن كېتىۋالساممىكىن؟ – دېدى. باشقىلار ئۇنىڭغا ئۆكتە قوپتى:

  — كېتىشكە نېمانچە ئالدىرايسەنوي، قۇلاقلار مىدىرلىغىچە ئىچىمىز بۈگۈن !

  — ما ئاداش خوتۇنىدىن قورقۇپ ئولتۇرالماي قالدى.

  — خوتۇنۇڭدىن قورققان بولساڭ كۈرۈك مېكىياندەك ئۆيۈڭدە تۇخۇم بېسىپ ياتساڭ بولمامدۇ.

  — بۇنىڭدىن كېيىن خوتۇنۇڭدىن رۇخسەت ئېلىپ كەل جۇمۇ...

  سورۇندا يەنە نېمە گەپلەر بولغىنى ئۇنىڭ ئېسىدە يوق، ئەمما بەزى گەپلەر ئۇنىڭ غۇرۇرىغا تېگىپ ئۇرۇشماقچى بولغىنى ئېسىدە ئىدى. ئاخىرىدا ساقى نامەت ئارىغا چۈشتى:

  — ئاغىنىلەر، ھەممەيلەننىڭ خوتۇن – بالىلىرىمىز بار، دۇنيادا ئاخىرلاشمايدىغان زىياپەت يوق، بىزمۇ ئۆيلىرىمىزگە قايتمىساق بولمايدۇ، نىياز تەڭشىلىپ تىلى كالۋالاشقىلى تۇردى، شۇڭا ئۇنى چىرايلىقچە يولغا سېلىپ قويايلى، – دېدى ۋە سورۇندىكىلەرگە بىر قۇر قاراپ چىققاندىن كېيىن:

  — ھوي ھېكىم، نىيازنى موتوسىكلىتىڭغا مىنگەشتۈرۈپ ئاپىرىۋەتكىنە.

  — يېنىپ كەلگىچە قورقىمەن.

  — تازا توخۇ يۈرەك نېمىكەنسەن، 30 چاقىرىممۇ كەلمەيدىغان يولدىن قورققۇدەك نېمىسى بار؟!

  — شۇنداقتىمۇ ھەمراھلىققا بىرەيلەننى قوشۇپ بەرگىن.

  شۇنداق قىلىپ ھېكىم موتوسىكلىتنىڭ ئالدىغا ئۆزى مىنىپ، كەينىگە ھەمراھىنى مىنگەشتۈرۈپ يولغا چىقماقچى بولدى، ئاڭغىچە نىيازنى باشقىلار يۆلەپ ئېلىپ چىقىپ موتوسىكلىتنىڭ ئەڭ كەينىگە مىنگەشتۈرۈپ قويدى.

  ھېكىم ھەمراھى بىلەن نىيازنى ئېلىپ يېزىنىڭ ئېگىز – پەس يوللىرىدا بەزىدەئاستا، بەزىدە ئىتتىك مېڭىپ نىيازنىڭ مەھەللىسىگە كەلگەندە موتوسىكلىتنىڭ كەينىدە نىياز يوق بولۇپ چىقتى، ئۇلار دەسلەپتە چۆچۈدى، بىرئازدىن كېيىن (كەيىپچىلىكتە) ئېھتىمال بۇ ئاداش ئۆيىگە ئالدىراپ مەھەللىسىگە يېقىن كەلگەندە موتوسىكلىتتىن سەكرەپ چۈشۈۋالدى بولغاي، دەپ ئويلاپ موتوسىكلىتقا مىنىپ قايتىپ كېتىشتى...
         كۆرۈلۈشى:511     قوشۇلغان ۋاقتى:2010-2-15 12:58:42يوللىغۇچى ئەزا:admin

    
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يوللانمىدى ، سىزنىڭ تۇنجى ئىنكاس يوللىغۇچى بولىشىڭىزنى قارشى ئالىمىز !

ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:سىرلىقلىقىڭىزنى يوقاتماڭ
سىرلىقلىقىڭىزنى..
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:چاچ چۈشۈشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئامىللار
چاچ چۈشۈشنى كەلت..
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:ھەددىدىن زىيادە رومانتىكلىقمۇ كىشىنى بىزار قىلىدۇ
ھەددىدىن زىيادە ..
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:سەۋزە ئۆپكىنى ئاسرايدۇ
سەۋزە ئۆپكىنى ئا..
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:مېۋە پوستى بىلەن...
مېۋە پوستى بىلەن..
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:دۇنيادىكى ئەڭ توغرا پىسخېكا سىنىقى
دۇنيادىكى ئەڭ تو..
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:ئاياللارنىڭ جورا تاللاشتىكى يېڭى چارىسى
ئاياللارنىڭ جورا..
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:«ئەر-خوتۇنلار ئوخشىشىپ كېتىدۇ» نىڭ ھەقىقىي سىرى
«ئەر-خوتۇنلار ئو..
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:ئەر -ئاياللار ھەققىدە قىزىقارلىق پاراڭلار
ئەر -ئاياللار ھەق..
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:ھازىرنىڭ ئۆزى بەخىت
ھازىرنىڭ ئۆزى بە..
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:تەنھالىق ئىنسانغا نىسبەتەن‹‹يۇشۇرۇن قاتىل ››ئىكەن
تەنھالىق ئىنسانغ..
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:ساپما كەشنىڭ زىيىنى تولا
ساپما كەشنىڭ زىي..

ئالدىنقى ماقالە:ئاتام تاماكىنى سىرتتا چەككەن بولسىكەن...
كېيىنكى ماقالە:شېئىر ۋە شائىر ھەققىدە
{ كۆچۈرۈش } { بېسىپ چىقىرىش }
 
بۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭ

شىرىنىم ئەسەر سەھىپىسى (2010 - 4 - 16)  新ICP备10001556号