بۇرادىرىم ئاسەن بىلەن بىر ئاماللارنى قىلىپ ئازراق پۇلراسلاپ، شەھەردە ئاشپۇزۇل ئېچىشنى قارار قىلدۇق. رەسمىيەت بېجىرىش ھەلەكچىلىكىدەھارغىچە چاپتۇق. ئەڭ ئاخىرقى بىر ئىجازەتنامە قالغاندا، خىزمەتچى خادىم قۇرۇقباھانىلەر بىلەن بىر ھەپتىگىچە بېجىرىپ بەرمەي ئىشىمىزنى ئاقسىتىپ قويدى.
شۇ كۈنلەردە، بىرەيلەن مۇنداق مەسلىھەت بەردى:
--- ئەخمەق ئىكەنسىلەر، جاندىن كەچمىگىچە جانانغا يەتكىلىبولماس، دېگەن گەپ بار ئەمەسمۇ، مۇشۇ ئىشقا مەسئۇل ما بۆلۈم باشلىقىنىڭ ئۆيىگىلابارمامسىلەر، ھەل قىلىش - قىلالماسلىقىڭلار شۇ چاغدىكى ئىپادەڭلەرگە باغلىق.
ئۇنىڭ مەسلىھەتىچە ما بۆلۈم باشلىقىنىڭ ئۆيىگە بېرىشقاتۇتۇندۇق. ما بۆلۈم باشلىقىنىڭ پاك ياكى ئەمەسلىكىنى بىلمىگەچكە، ئىككى خىلتەييارلىق قىلدۇق. ناۋادا ئۇ پاك بولسا، يەرلىك ئالاھىدە مەھسۇلاتلاردىن سوۋغاتقىلىپ، كۆڭلىمىزنى ئانچە - مۇنچە ئىپادىلەپلا قويىمىز، بولمىسا ئىككى بولاق تاماكا بىلەن قىزىل بولاققويىمىز. لېكىن قانداق ئايرىش كېرەك؟ خېلى ئويلانغاندىن كېيىن ئامال تاپتىم.
بىر كۈنى ما بۆلۈم باشلىقى بىلەن پۈتۈشۈۋېلىپ، كەچقۇرۇنموتسىكلىتلىق ئۇنىڭ ئۆيىگە ماڭدۇق.
شەھەرنىڭ جەنۇبىدىن يولغا چىقىپ ئۇزاق ئۆتمەيلا ما بۆلۈمباشلىقىغا تېلېفون بەردىم.
--- خىجىلمەن، ما بۆلۈم باشلىقى، يولنى تازا بىلمەيتتۇق، ھازىر ‹‹جياجيا›› كىيىم - كېچەك شەھەرچىسىگە كەلدۇق، ئەمدى قاياققا ماڭىدىغىنىمىزنىئېيتىپ بەرسىڭىز.
--- ‹‹جياجيا›› كىيىم - كېچەك شەھەرچىسى؟ ئېسىمدە يوق، قاراپ باق! باشقا قانداق سىمۋول خاراكتېرلىكقۇرۇلۇشلار باركەن؟ - ما بۆلۈم باشلىقىنىڭ كەيپى ياخشى ئەمەستەك بىلىندى.
--- ھە، ئۇدۇلدا ‹‹خان جەمەتى مېھمانسارىيى›› باركەن.
--- توغرا، شۇ سارايدىن ئۆتۈپ يەنە شەرققە، ئاندىن جەنۇبقا، كەينىدىن غەربكە...
--- ما بۆلۈم باشلىقى، ھەقىقەتەن خىجىلمەن، ئېسىمدە تۇتۇپبولالمىدىم، مۇنداق قىلساق: تېلېفوننى قويۇۋەتمەي يولبويى بىزگە قوماندانلىق قىلسىڭىزبوپتىكەن، - دېدىم ئۆتۈنۈش تەلەپپۇزىدا. تەكلىپىم ما بۆلۈم باشلىقىغا ياقتى بولغاي، خىرىلداپ كۈلگىنىچە:
--- بولىدۇ، ماقۇل، - دېدى.
--- ما بۆلۈم باشلىقى، ھازىر ‹‹شىنتې›› دورىخانىسىغا كەلدۇق، قايسى تەرەپكە ماڭىمىز؟
--- ‹‹شىنتې›› دورىخانىسى؟ نەدىدۇ، قاراپ باق، يېنىدا نېمە باركەن؟
--- يېنىدا ‹‹پەرىشتە›› ھورمۇنچاگاھى بار ئىكەن.
--- توغرا، ھورمۇنچىدىن ئۆتۈپ غەربكە ئايلىنىڭلار.
غەرب تەرەپكە قاراپ ئازراق ماڭغاندىن كېيىن يەنە سورىدىم:
--- ما بۆلۈم باشلىقى، ‹‹شۇرېن›› كىتابخانىسىغا كەلدۇق، ئەمدى قايسى تەرەپكە ماڭىمىز؟
--- ‹‹شۇرېن›› كىتابخانىسى؟ خاتا مېڭىپ قالمىغانسىلەر؟ كىتابخانا ئەتراپىدا نېمە باركەن؟ - ما بۆلۈم باشلىقى بۇ ئەتراپتا كىتابخانا بارلىقىنى بىلمەيدىغاندەك قىلاتتى.
--- ھە... ئۇدۇلىدا ‹‹ئەتىرگۈل›› كېچىلىك كۇلۇبى باركەن.
--- ھە توغرا، توغرا! كۇلۇبتىن ئۆتۈپ شىمالغا قاراپ مېڭىڭلار.
ما بۆلۈم باشلىقى مۇشۇ يوسۇندا بىزگە يولبويى تەشەببۇسكارقوماندانلىق قىلدى.
--- ما بۆلۈم باشلىقى، ‹‹قىزىل راۋاق›› پۇت يۇيۇش ئورنىغا كەلدۇق، ئەمدىچۇ؟
--- توغرا، توغرا، پۇت يۇيۇش ئورنىدىن ئۆتۈپ يەنە شەرققە.
--- ما بۆلۈم باشلىقى ‹‹پارىژ كېچىسى›› ساتىراشخانىسىغا كەلدۇق، ئەمدى قايسى تەرەپكە؟
--- ساتىراشخانىدىن ئۆتۈپ ئۇدۇل ماڭساڭلار ئون مىنۇتتىلا يېتىپكېلىسىلەر.
ئون مىنۇتتىن كېيىن ئاخىر ما بۆلۈم باشلىقىنىڭ ئىشىكىئالدىغا كەلدۇق. ئاسەنگە تاماكا بىلەن قىزىل بولاقنى تەييارلاشنى ئېيتتىم. ئاسەن چۈشەنمەي:
--- ما بۆلۈم باشلىقى ئالارمۇ؟ - دېدى.
--- دۆت، يولبويىدىكى شۇنچىۋالا ئالاھىدە جاي ناملىرىنى ئېسىدەتۇتۇۋالغانلىقىدىن بىلىۋالالمىدىڭمۇ؟ جەزمەن ئالىدۇ! - ئاچچىق كۈلۈمسىرىدىم.