مەلۇم ئالىي مەكتەپتە ئوقۇيدىغان بىر قىز تەتىلدىن پايدىلىنىپ، جەنۇبقا ئوينىغىلى بېرىپتۇ. قىزنىڭ ئاتا - ئانىسىنىڭ ئۇرۇق - تۇغقانلىرى جەنۇبتا بولۇپ، ئۇلار ئىنتايىن پۇلدار مەرتىۋىسى يۇقىرى كىشلەر ئىكەن. قىز ئۇ يەرگە بېرىپ شۇنچىلىك خۇشال - خۇرام ۋە بەختىيار ئويناپ يۈرۈپتۇ. قىزنىڭ ئاكا - ھەدىلىرى (ئاپىسىنىڭ ئىنى - سىڭىللىرى) قىزنى ئەڭ ئىسىل جايلارغا ئاپىرىپ ئوينىتىپتۇ. ئۇلارنىڭ ئائىلىسىدە باغقا قارايدىغان بىر يىگىت بولۇپ، ئۆزى شۇنداق كېلىشكەن، گەپ - سۆزى جايىدا ئىكەن. ئۇ يىگىت قىزدىن بىر نەچچە ياش چوڭ بولغىنى بىلەن قىزغا خۇددى مەلىكىلەرگە مۇئامىلە قىلغاندەك قورۇنۇپ مۇئامىلە قىلىدىكەن. قىز ئۇنىڭ بۇ خىل مۇئامىلىسىدىن ھەيران بولۇپتۇ ۋە ئۇنىڭغا خۇددى دوسلىرىغا مۇئامىلە قىلغان ئۇچۇق - يورۇق، تۈزلا مۇئامىلە قىلىپتۇ. يىگىت قىزنىڭ بۇ مۇئامىلىسىگە قاراپ ئۆزىنى خېلى ئەركىن ھىس قىپتۇ ۋە ھەرخىل سەۋەبلەر بىلەن قىزنى كۆرۈشكە ئۇرىنىپتۇ.
بۇ جەرياندا قىز جەنۇبنىڭ خېلى كۆپ جايلىغا بېرىپتۇ. شۇنداق قىلىپ قىزنىڭ بىر يېرىم ئايلىق تەتىلى ئىنتايىن كۆڭۈللۈك ئۈتۈپتۇ. مەلۇم بىر كۈنى قىز مەكتىپىگە قايتماقچى بولۇپ بىكەتكە مېىڭىپتۇ ۋە ھەممەيلەن بىلەن خوشلۇشۇپ يولغا چىقىپتۇ. قىز يولدا كېتىۋېتىپ مەلۇم بىر جايغا كەلگەندە دېرىزە سىرتىدىن ھېلىقى يىگىتنىڭ ۋېلىسپىتنى كۈچىنىڭ بارىچە ھەيدەپ كېلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپتۇ ۋە ئۆزىنىڭ ئۇنىڭغا خوش دىمىگەنلىكىنى ئويلاپتۇ. ھەم ماشىنىنىڭ دېرىزىسىنى ئېچىپ خوش دەپ قول پۇلاڭلىتىپتۇ، يىگىت شۇنچىلىك ھېرىپ كەتكەن بولۇپ، تارتىنغان ھالدا قىزغا بىر پارچە قەغەزنى شۇنچىلىك تەسلىكتە سۇنۇپتۇ. قىز ھېچ خىيال قىلماستىنلا قەغەزنى ئاپتۇ. يىگىت يولدا توختاپ قاپتۇ... قىز قەغەزنى ئېچىپ خەتنى ئوقۇپتۇ، «سىزنى ئاخىرقى قېتىم كۈرەلىگەنلىكىم ھەم خوش دىيەلىگەنلىكىمدىن بەك خۇشال بولدۇم» دېگەن خەت ئىكەن. بۇ خەت قىزغا ھېچقانداق تەسىر قىلماپتۇ ۋە قەغەزنى تاشلىۋىتىپتۇ............
ئارىدىن 2 يىلدەك ۋاقىت ئۆتۈپتۇ. قىز ئوقۇش پۈتتۈرۈپ، خىزمەتكە چىقىپتۇ. ئۇ بالا بىلەن ئالاقىمۇ قىلماپتۇ ۋە ئىسىدىنمۇ كۆتۈرۈلۈپ قاپتۇ. بىر كۈنى قىزغا بىر ناتونۇش نومۇردىن تېلېفون كەپتۇ:
- ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم؟
- ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. سىز پالانچى بولامسىز؟
- ھەئە، مەن شۇ، ئۆزىڭىز كىم بولىسىز؟
- مەن پالانچى.
- كەچۈرۈڭ، خاتا ئۇرۇپ قالدىڭىزمۇ، مەن تونۇيالمىدىم.
قىز تېلېفوننى قويۇۋېتىپتۇ، قىز بۇ خىل تېلېفونلاردىن بەك بىزار ئىدى.
يانفونى يەنە سايراپتۇ، قارىسا يەنە شۇ نومۇر، قىز تېلېفوننى بېسىۋېتىپ ئالماپتۇ. ئارىدا بىر نەچچە كۈن ئۆتكەندىن كېيىن قىزغا يەنە تېلېفون كەپتۇ. بۇ قېتىم يىگىت قىزغا «سىز مېنى ئۇنتۇپ قالغان ئوخشايسىز، مەن پالانچى، ھېلىقى سىز قايتقاندا ۋېلىسپىت بىلەن سىزگە يېتىشىپ، خەت بەرگەن بالا..........» قىز شۇندىلا ئازراق ئىسىگە ئاپتۇ ۋە ھېلىقى كۈندىكى قوپاللىغا خىجىل بوپتۇ. يىگىت، قىز ئۇ يەردىن كەتكەندىن كېيىن، قىزنى ئىزدەپ قىزنىڭ ئوقۇۋاتقان شەھىرىگە ئۈچ قېتىم كەلگەنلىكىنى، لىكىن بىرەر قېتىممۇ تاپالماي قايتىپ كەتكەنلىكىنى، مۇشۇ ئۈچ يىل جەريانىدا بىرەر كۈنمۇ قىزنى ئويلىمىغان ۋاقتىنىڭ بولمىغانلىقىنى، دايىم چۈشىدە كۆرۈدىغانلىقى، شۇنچە قىلىپمۇ قىزنىڭ دىرىكىنى قىلالمىغانلىقى ئېيتىپتۇ، ھەمدە بۇ قېتىم تاساددىبىي قىزنىڭ جەنۇبدىكى بىر تاغىسى مۇشۇ يىگىتنىڭ تېلېفونىدا قىزغا تېلېفون بەرگەنلىكى، شۇنىڭ بىلەن يىگىت قىزنىڭ يانفون نومۇرىغا ئېرىشىپ، قىز بىلەن پاراڭلىشىش ئارزۇيىغا يەتكەنلىكىنى دەپتۇ. قىز شۇندىلا يىگىتنىڭ قىزغا كۆڭلى بارلىقىنى خىيال قىپتۇ. ئەينى ۋاقىتتا ئازراقمۇ بۇ خىل خىيالنى قىلىپ باقمىغانلىقى ئويلاپتۇ.
قىز يىگىتنىڭ كۆڭلىنى چۈشىنىپ، ئۆزىنىڭ ھازىر شۇنداق ياخشى كۆرۈدىغان بىر يىگىتىنىڭ بارلىقىنى ۋە پات يېقىندا ئوينىغىلى يەنە جەنۇبقا بارىدىغانلىقىنى ئېيتىپتۇ.............
بىر مەزگىلدىن كېيىن قىز يىگىتى بىلەن جەنۇبقا ساياھەتكە بېرىپتۇ. ئۇرۇق - تۇغقانلىرىغا يىگىتىنى تونۇشتۇرۇپتۇ، ئۇ بالا بىلەنمۇ كۆرۈشۈپتۇ. ئۇ بالا بۇ ئىككەيلەننى شۇنداق ياخشى ئوينىتىپتۇ. ساياھەت قىلدۇرۇپتۇ، قىزنى كۆرۈپ تۇرغىنىدىن خۇشال بولغان يىگىت ئۇلار ئۈچۈن قىلمىغىنى قالماپتۇ. شۇنداق كۈنلەرنىڭ بىرىدە قىز تويۇقسىز ئاغرىپ قاپتۇ ۋە دوختۇرخانىدا يېتىپ قاپتۇ. دوختۇرلار قىزنىڭ بۆرەك ياللۇغى بولۇپ قالغانلىقىنى، چوقۇم بۆرەك ئالماشتۇرۇش كېرەكلىكىنى ئېيتپتۇ. قىزنىڭ ئائىلىسىدىكەر دەككە - دۈككىگە چۈشۈپتۇ. دوختۇرلار چوقۇم بىر نورمال ئادەمنىڭ قىزغا بۆرەك تەقدىم قىلىشى كىرەكلىنى، بولمىسا قىزنىڭ ھاياتى خەۋپكە ئۇچرايدىغانلىقىنى ئېيتىپتۇ. قىزنىڭ يىگىتى ئائىلىسىدە جىددىي ئىش چىقىپ قالغانلىقىنى باھانە قىلىپ قايتىپ كېتىپتۇ. قىز بۇ ئەھۋالنى بىلىپ ئۆزى سۆيگەن يىگىتىدىن ئىنتايىن ئۈمىدسىزلىنىپ تېخىمۇ ھالسىراپ كېتىپتۇ......
بۇ ئەھۋاللارنى بىلىپ تۇرغان ھېلىقى يىگىت قىزغا ئۆزىنىڭ بۆرىكىنى تەقدىم قىلماقچى بوپتۇ ۋە دوختۇرلارغا بۇنى سىر تۇتۇشىنى تەلەپ قىلىپ، قىزنى قۇتۇلدۇرۇپ قاپتۇ. قىز ھوشىغا كېلىپ بۇ ئەھۋالدىن خەۋەردار بوپتۇ، لىكىن كىمنىڭ ئۆزىنى قۇتۇلدۇرۇۋالغانلىقىنى بىلەلمەپتۇ...... قىز ساقىيىپ دوختۇرخانىدىن چىقىپتۇ، دوختۇرخانىغا بېرىپ ئۆزىگە بۆرەك تەقدىم قىلغان كىشىنىڭ ئارخىپلىرىنى تەكشۈرتكۈزۈش ئارقىلىق ئۆزىنى قۇتۇلدۇرۋالغۇچىنى بىلىپتۇ ۋە ئىنتايىن ھەيران بوپتۇ. ئۆزىنىڭ يىگىتىدىن كەلمىگەن ۋاپانىڭ ئاشۇ بىر ئائىلىسىدە خىزمەت قىلىدىغان بىر ئاددىي بالىدىن كەلگەنلىكىدىن بەك تەسىرلىنىپتۇ. ۋە ئۇنى بىر ئۆمۈر بەخىتلىك قىلىشنى نىيەت قىلىپ، بىر دەستە گۈل كۆتۈرۈپ يىگىتنىڭ ئۆيىگە بېرىپتۇ.
تولىمۇ ئەپسۇس..... قىزنىڭ قولىدىكى بۇ بىر دەستە گۈل يىگىتنىڭ خۇشاللىقى، بەختى ئۈچۈن ئەمەس بەلكى ئۇنىڭ ماتەم مۇراسىمىى ئۈچۈن ئېلىپ كېلىنگەن قايغۇرۇش بوپتۇ