|
ئۈزۈك تاقىغان ئورۇنغا.. | يازدا ئاياللاردا دائى.. | خانىم – قىزلار كۈندە ئۈ.. | تاماقتىن كېيىن قىلىشق.. | دېھقان | ئەرلەر قىلىشنى ئەڭ خال.. | ئەنگىلىيەدە ئەر-ئايال.. | كۆز قاپىقىنىڭ بىشارىت.. | ئەڭ ياخشى ياش باسقۇچى | سەۋزىنى كۆپ يەپ بەرسە .. | |
|
|
|
|
|
| |
ئارمان بەختىمىزگە كوز تەگمىسۇن
|
|
|
"چاڭ" قىلىپ تەگكەن بىر كاچاتتىن ئوڭدامغا ئۇچۇپ كەتكىلى تاس قالدىم. مەڭزىمدىن ئوت چىقىپ كەتتى. تۇيۇقسىز تەگكەن زەربىدىن تېڭىرقاپ، كۆزۈمدىن ئىككى تامچە ئاچچىق ياش سىرغىپ چۈشتى. ئالدىمدا تۇرغان بۇ قىزنىڭ مېنى ئۈن - تىنسىزلا بىر كاچات سالغىنىغا ئەقلىم يەتمەيتتى. مەن تېخى ئىنكاس قايتۇرۇپ بولالماستىلا ئۇ مېنى يەنە بىر كاچات سالماقچى بولۇپ قولىنى كۆتۈرىۋىدى، كۈچلۈك بىر قول كېلىپ ئۇنىڭ بېغىشىدىن كاپپىدە تۇتتى."نىجات!"؟ قىز چۆچۈگىنىچە توۋلىۋەتتى. نىجات قىزنىڭ قولىنى قاتتىق سىلكىپ قويىۋەتكەنىدى، قىزنىڭ مېنى ئۇرماقچى بولغان قولى بوشلۇقتا لەيلەپ قالدى.قاتتىق خورلۇق ھېس قىلماقتا ئىدىم. ئون سەككىز ياشلىق ھاياتىمدا بىرەرسى قول تەگكۈزۈش ئەمەس، قاتتىقراق تىلمۇ تەگكۈزۈپ باققان قىز ئەمەس ئىدىم. تېزلىك بىلەن ئارقامغا ئۆرۈلگىنىمچە پۈتۈن كۈچۈم بىلەن يۈگۈرۈپ بۇ نىجىس جايدىن يىراقلاشتىم. كۆزۈمگە ھېچنىمە كۆرۈنمەيتتى. غورۇرۇمنىڭ بىراۋلار تەرىپىدىن رەھىمسىزلەرچە دەپسەندە قىلىنىشى ماڭا قاتتىق ھار كەلدى. ئۆزۈمنىڭ "تۆھمەت قۇربانى" بولۇپ قالغىنىمنى ئويلىساملا ئىچىم ئاچچىق بولۇپ، كۆزۈمدىن توختىماي ياشلار تۆكۈلىۋاتاتتى... ياتاققا قايتىپلا كارىۋىتىمغا ئۆزۈمنى ئاتتىم. ياتاقتىكىلەر مەندىن نېمە ئىش بولغانلىقىنى سوراپ ماڭا تەسەللىي بەرمەكچى بولاتتى. شۇ تاپتا ھېچكىمگە بىر ئېغىزمۇ گەپ قىلغۇم يوق.يانفۇنۇمنىڭ سايرىشىغىمۇ پەرۋا قىلمىدىم. ئىچىمدە" ئارمان، ئارمان..." دىگەن بىرلا ئىسىمنى يادلايتتىم. ياتاقداشلىرىمدىن كىمدۇر بىرى تېلىفۇنۇمنىڭ ئېكرانىغا قاراپلا" نىجاتكەن" دىگىنىچە يانفۇنۇمنى قولۇمغا تۇتقۇزدى. بىردەملىك ئىككىلىنىشتىن كېيىن تېلىفۇننى ئالدىم. نىجات جىددىيلىشىپ سۆزلەشكە باشلىدى: - سىزنى تېلىفۇننى ئالمىسا قانداق قىلارمەن دەپ ئەنسىرىگەنىدىم. ئىشلارنىڭ بۈگۈنكىدەك بولۇپ كېتىشىگە مەن سەۋەبچى. يۇلتۇزنىڭ نىيىتىنىڭ بۇنچىلا رەزىل ئىكەنلىكىنى ئويلىماپتىمەن. ئۇنىڭ سىزگە يەنە زىيانكەشلىك قىلىشىغا ھەرگىز يول قويمايمەن،ماڭا ئىشىنىڭ، مەن ئۇنى...- نىجاتنىڭ سۆزىنى ئاڭلاپ تۆكۈلۈپلا كەتتىم: -ماڭا يەنە قانچىلىك كۆڭۈل ئاغرىقى تېپىپ بېرەي دەيسىز نىجات؟! سىزگە ئىزچىل دەپ كېلىۋاتىمەنغۇ مېنىڭ ياخشى كۆرىدىغان ئادىمىم بار، دەپ؟!... مەن ئۆزۈمنى سىزدىن قانچە تارتقانسېرى، يۇلتۇزنىڭ سىزنى شۇنچىلا ياخشى كۆرىدىغىنىنى، تاھازىرغىچە ئۇنتىيالمايۋاتقىنىنى بىلىپ تۇرۇپ، ماڭا يۇلتۇزنىڭ كۆزىچىلا شۇنچە يېقىنچىلىق قىلىپ، يۇلتۇز ئىككىلىمىزنىلا ئوڭايسىز ئەھۋالدا قويدىڭىز... باشقىلارنىڭ كەينىمدىن تاپقان سۆز-چۆچەكلىرى ئازمۇ؟ مەن ھېلىمۇ چىداپ كېلىۋاتىمەن. كىملەرنىڭ ئارىدا ئويۇن ئويناۋاتقىنىنى بىلمەيمەن، بىلىشنىمۇ خالىمايمەن. ئەمدى مېنى ئىزدىمەڭ، ماڭا يېقىن كەلگۈچى بولماڭ! - سۆزلىگەنسېرى ئۆزۈمنى تۇتالماي قالدىم. ئۇنىڭغا يەنىمۇ قاتتىق گەپ قىلىپ غورۇرىغا تېگىپ قويۇشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن تېلىفۇننى قويىۋەتتىم. بېشىم قاتتىق ئاغرىپ كېتىۋاتاتتى. كارىۋاتتىن چۈشۈپ ئاستا ئەينەكنىڭ ئالدىغا كەلدىم. ئەينەكتىكى مەن، كۆزلىرىم ياش يۇقى، ئوڭ مەڭزىم قىزىرىپ سەل ئىششىغان، چىرايىمدىن ئاجايىپ سۇلغۇنلۇق چىقىپ تۇراتتى. كۆڭلۈم تېخىمۇ بۇزۇلدى. مەن مۇشۇنداق زۇلئايمىدىم؟ باشقىلار نىمە ئۈچۈن ماڭا شۇنداق ئۇۋال قىلىدىغاندۇ؟ بۇ ئىشلار قاچان تۈزىلىپ، ئىزىغا چۈشەر-ھە؟! قاچانمۇ باشقىلارنىڭ دەخلىسىسىز ئۆتىدىغان كۈنلەر كېلەر؟! مەن مۇشۇنداق بۇرۇقتۇرمىچىلىق ئىچىدە ئۆتىۋاتقىنىمغا بىر قانچە ھەپتە بولۇپ قالدى. نىجات ماڭا سىنىپتا بىر مۇنچە بالىلارنىڭ ئالدىدىلا"سىزنى ياخشى كۆرىمەن" دىگەن سۆزنى قىلغان شۇ كۈندىن باشلاپ، مېنىڭ تىنچ تۇرمۇشۇم بۇزۇلدى... نىجات ئىككىمىز بىر سىنىپتا ئوقۇيتتۇق. يۇلتۇز بولسا باشقا كەسىپتە، ئەمما بىز بىلەن بىر قاراردا ئىدى. نىجات بىلەن يۇلتۇز ئالىي مەكتەپكە چىقىپ بىر مەزگىل ئىنتايىن قىزغىن مۇھەببەتلەشكەنىدى.بۇنى سىنىپىمىزدىكى ھەممەيلەن بىلەتتى. كېيىن ئۇلار ئايرىلىپ كەتتى. خەۋەرلەرگە قارىغاندا، يۇلتۇزنىڭ يۇقىرى يىللىقتا ئوقۇيدىغان ئاكىسى نىجاتنى ئۆزلىرى بىلەن بىر يەرلىك ئەمەس،دەپ ئۇلارنىڭ ئىشىغا قارشى تۇرۇپ، نىجاتنىڭ يۇلتۇزغا يېقىنلىشىشىغا يول قويماپتىمىش... يۇلتۇز بىلەن ئايرىلىپ كېتىپ، نىجات باشقىچىلا بىر ئادەمگە ئايلاندى. بۇرۇنقى گەپدانلىقى - جىمغۇرلۇققا، خۇشپېئىللىقى - تەرسالىققا، ئەلتەكلىكى - ياۋايىلىققا ئۆزگىرىپ، ھېچكىم بىلەن ئارىلاشماي ئۆزى يالغۇز يۈرەتتى. مۇھەببىتىدىن ئايرىلغان قىسمەن كىشىلەرنىڭ خاراكتېر ۋە باشقا جەھەتلەردە ئۆزگىرىپ كېتىشى نورمال بولسىمۇ، ئادەم ھامان ئالدىغا قاراپ مېڭىشى، مۇھەببەتتە مەغلۇپ بولغانلىقى ھەرگىزمۇ ئۇنىڭ كېيىنكى ھەربىر قەدىمىنىڭ مەغلۇبىيەت بىلەن تولغانلىقىنى بىلدۈرمەيدىغانلىقىنى بىلىشى كېرەك، دەپ ئويلايتتىم. شۇڭلاشقىمۇ، نىجاتنىڭ شۇ خىل روھىي ھالىتىگە نىسبەتەن ھېسداشلىق قىلاتتىم... نىجات گەرچە پاسسىپ بىرخىل روھىي كەيپىياتتا تۇرسىمۇ، ئۆگىنىشنى تاشلىۋەتمەسلىكى ئۇنىڭ تېخى ئۆزىنى پۈتۈنلەي تاشلىۋەتمىگەنلىكىدىن دېرەك بېرىپ تۇراتتى... ئالىي مەكتەپنىڭ تۇنجى ئوقۇش مەۋسۇمى ئاخىرلىشىش ئالدىدا تۇراتتى. يەنە بىر ئاي ۋاقىت بولسىمۇ، ھەممەيلەن ئىمتىھانغا تەييارلىق قىلىپ جىددىي تەكرار قىلىش بىلەن ئالدىراش. دەرسلەر ئاساسەن تۈگەپ، سىنىپقىمۇ چىقمىغاچقا، ساۋاقداشلار بىر-بىرىمىزنى كەمدىن كەم ئۇچرىتاتتۇق. مەكتەپ كۈتۈپخانىسى مېنىڭ كۈندە دىگۈدەك كىرىدىغان ئەڭ ياخشى ئۆگىنىش سورۇنۇم ئىدى. تىنچ مۇھىت ماڭا روھىي ئازادىلىك بېغىشلاپ، ئۆگىنىش ئۈنۈمىمنىڭ يۇقىرى بولۇشىغا شارائىت ھازىرلاپ بېرەتتى. بۇ يەردە تەكرار قىلىۋاتقان ئوقۇغۇچىلار، ئاسپىرانتلارنىڭ كۆپلۈكىدىن بەزىدە ئورۇنمۇ يېتىشمەي قالاتتى. شۇ سەۋەبتىنمۇ، سەھەردە ھەممىدىن بالدۇر تۇرۇپ، ئىشلىرىمنى تۈگەتكەندىن كېيىن كۇتۇپخانىغا قاراپ يۈگرەيتتىم... كۇتۇپخانا دېرىزىسىدىن مەكتىپىمىزنىڭ گۈزەل مەنزىرىسىنى كۆرگىلى بولاتتى. مەن ئاشۇ ئورۇندا ئولتۇرۇپ تەكرار قىلىشنى تولىمۇ ياقتۇراتتىم. ئاشۇ كۈنىمۇ يەنىلا ئادىتىم بويىچە ئۆزۈم ياقتۇرىدىغان ئورۇندا ئولتۇرۇپ تەكرار قىلىشنى باشلىۋەتتىم. قانچىلىك ۋاقىت ئۆتكىنىنى بىلمەيمەن. كىمدۇر بىرىنىڭ ئارقامدىن "زۇلئاي..." دەپ بوشقىنە چاقىرىشىدىن ئاستا قايرىلدىم. -نىجات؟ سىزمۇ تەكرار قىلغىلى كىرىپسىزدە. قاچانراق كىرگەنىدىڭىز؟ -ئۇزاق بولمىدى. كەينىڭىزدىن قاراپ سىزنى شۇمىدۇ، ئەمەسمىدۇ، دەپ ئىككىلىنىپ ئولتۇرۇپ ئەمدى چاقىرىشىم. دەرسلىكتىن چۈشىنەلمىگەن جايلار بار ئىدى، كىمدىن سوراشنى بىلەلمەي سىز يادىمغا كېلىپ، ئۇدۇللا كۇتۇپخانىغا كىرىشىم... -ئەسلى مۇنداقكەندە. بولىدۇ، مەن كۈچۈمنىڭ يېتىشىچە ياردەم قىلىمەن. -يېنىڭىزدا ئولتۇرسام بولامدۇ؟- دېدى ئۇ يېنىمدىكى بوش ئورۇننى كۆرسىتىپ. -ئەلۋەتتە بولىدۇ، قېنى ئولتۇرۇڭ،- دېدىم مەنمۇ ماقۇللىقىمنى بىلدۈرۈپ....بىز تەكرارنى باشلىۋەتتۇق. ئۇنىڭ كاللىسىنىڭ شۇنچىلىك ئۆتكۈرلىكىگە ھەيران قالدىم. مەن ئۇ چۈشىنەلمىگەن نۇقتىلارنى بىرلا قېتىم يېشىپ بەرگىنىمدە، دەرھال چۈشىنەلەيتتى... شۇ كۈندىن باشلاپ ئۇمۇ ھەركۈنى كۇتۇپخانىغا كىرىدىغان بولدى. بەزىدە مەندىن بالدۇر كىرىپ، ماڭا ھېلىقى مەن ياقتۇرىدىغان ئورۇننى ئېلىپ قوياتتى. بەزىدە ئۇنىڭ تەكرار قىلىۋاتقاچ چوڭقۇر خىيالغا پېتىپ ئولتۇرغىنىنى كۆرسەم، يۇلتۇز بىلەن بولغان ئىشلىرى يادىغا كېلىپ قالدىمىكىن، دەپ ئويلاپ قالاتتىم... -زۇلئاي،-دېدى ئۇ بىر كۈنى تەكرار قىلىۋېتىپ، -سىزدىن بىر سوئالنى سورىسام بولارمۇ؟ باشقىچە چۈشىنىپ قالماڭ ھە~ -قېنى سوراڭ...-دىدىم مەن كۈلۈپ تۇرۇپ. -سىزنىڭ ياخشى كۆرىدىغان ئادىمىڭىز بارمۇ؟ -... -جاۋاب بەرگۈڭىز يوقمۇ؟ سوراشقا تىگىشلىك بولمىغان سوئالدىن بىرنى سوراپتىمەندە، كەچۈرۈڭ... - ياقەي، ھېچقىسى يوق...-دەماللىققا نىمە دەپ جاۋاب بېرىشنى بىلەلمىدىم. ئۇنىڭ سوئالى ماڭا يىراقتىكى بىراۋنى ئەسلەتتى.- ئۇ بۇ يەردە ئەمەس،- بۇ سۆزنى قىلغاچ چوڭقۇر ئۇھسىنىپ كەتتىم. -باشقا يەردە ئوقۇمدۇ؟ -شۇنداق. ئۇ ئۇنىۋېرستىتىمىزنىڭ ماگىستىرلىقنى قوشۇپ يەتتە يىل ئوقۇيدىغان كىلىنكىلىق داۋالاش كەسپىدە ئوقۇيدۇ. شاڭخەيدە ئىككى يىل ئوقۇپ ، قايتىپ كەلگەندىن كېيىن مۇشۇ يەردە يەنە بەش يىل ئوقۇيدۇ. شاڭخەيدىكى ئوقۇشى تۈگەيدىغانغا يېرىم يىل بار. -ئۇ سىزدىن بىر قارار يۇقىرى ئوقۇمدۇ؟ -ھەئە، بىز تولۇق ئوتتۇرىنى بىر مەكتەپتە ئوقۇغان. ئۇ شاڭخەيگە كېتىپ، بىر يىلدىن كېيىن مەنمۇ تىببىي ئۇنىۋېرستىتقا ئۆتتۈم. ئەپسۇس، ئۇنىڭ بىلەن ئوخشاش بىر كەسىپكە تاللىنالمىدىم. -مۇنداق دەڭ... ئۇنداقتا ئۇ يېرىم يىلدىن كېيىن مەكتىپىمىزگە قايتىپ كېلىدىكەندە...ئۇنىڭ ئىسمىنى بىلسەم بولامدۇ؟ -ئارمان... ھەر ئىككىمىز جىمىپ كەتتۇق. مەن كىتابقا قاراپ ئولتۇرغىنىم بىلەن خىياللىرىم يىراقتىكى ئارمان تامان قانات قېقىپ كەتكەنىدى... ئارمان بىلەن تولۇق ئوتتۇرىنىڭ ئىككىنچى يىللىقىدا تونۇشقان. بۇ چاغدا ئۇ تولۇق ئۈچىنچى يىللىقتا ئوقۇيتتى. جاھاندا ئاجايىپ تونۇشۇشلار بار. ئارمان ئىككىمىزنىڭ تونۇشىشىمۇ ئاشۇ ئاجايىپ تونۇشۇشلار ئىچىدىكى ئاجايىپى ئىدى. مەكتەپ ئۆيۈمگە يېقىن بولغاچقا ئۆيگە قايتقاندا ئوبدان ئارام ئېلىش ئۈچۈن تاپشۇرۇقلىرىمنى سىنىپتىلا ئىشلىۋېتىپ، بىردەم تەكرار قىلىپ ھەممىدىن كېيىن قايتاتتىم. شۇنداق كۈنلەرنىڭ بىر كۈنى ئادىتىم بويىچە ئىشلىرىمنى تۈگەتكەندىن كېيىن دېرىزىدىن سىرتقا قارىسام خېلى بەكلا قاراڭغۇ چۈشۈپ كەتكەنىدى. ئالدىراپ كىتابلىرىمنى يىغىشتۇراي دەپ تۇرۇشۇمغا تۇيۇقسىز توك كەتتى. يانفۇنۇمنىڭ يورۇقىدا كىتابلىرىمنى يىغىشتۇرۇپ، ئىشىكنى تاقىماقچى بولغىنىمدا يانفۇنۇمنىڭ توكى تۈگەپ ئۆزلىكىدىن ئۆچۈپ قالدى. قاراڭغۇدا تىمسىقلاپ يۈرۈپ ئىشىكنى ئاران تاقىيالىدىم. تام ياقىلاپ مېڭىپ كارىدور پەلەمپىيىنىڭ ئالدىغا كېلىپ قالدىم. يىقىلىپ كەتمەسلىك ئۈچۈن بىر قەدەم بىر قەدەمدىن چۈشىۋاتسام ئارقامدىن بىرىنىڭ ئاياق تىۋىشى ئاڭلاندى. سەل قورقۇپ تۇرساممۇ، ماڭا ئوخشاش تەكرار قىلىپ قايتماقچى بولغانلاردىن بىرى بولسا كېرەك، دەپ ئويلاپ قەدىمىمنى تېزلەتتىم. "چاراس" قىلىپ يورۇلغان چاقماقنىڭ يورۇقى پەلەمپەينى سۇس يورۇتتى. قايرىلىپ كەينىمگە قارىدىم، كەينىمدە ناتونۇش بىر ئوغۇل بالا تۇراتتى. "ئېھتىيات قىلىڭ" دېدى ئۇ مۇلايىملىق بىلەن. ئاندىن ئۇمۇ پەلەمپەيدىن چۈشۈشكە باشلىدى. -سىزمۇ تەكرار قىلىپ كەچ قاپسىزدە،-دىدىم ئەدەپ يۈزىسىدىن. -ھەئە، بايام ئەمدى قايتاي دەپ تۇرىشىمغا توك كەتتى، شۇڭا ئالدىراپلا قايتماقچى بولغانىدىم. - ئۇ شۇنداق دىيىشىگە چاقماق ئۆچۈپ قالدى. يەنە شۇ قاراڭغۇلۇق... -قورقۇۋاتامسىز؟ -دېدى ئۇ چاقماقنى يورۇتماي تۇرۇپ. -ياقەي، قورقمىدىم... ئۇ يەنە چاقمىقىنى يورۇتتى. چاقماق يورۇشى بىلەن ئىككىمىزنىڭ كۆزى ئۇچرىشىپ قالدى. تېزلىكتە كۆزۈمنى ئۇنىڭدىن قاچۇرۇپ پەلەمپەيدىن چۈشۈشنى داۋام قىلدىم. ئۇھ... ئالتىنچى قەۋەتتىن ئاخىرى چۈشۈپ بولدۇق. كارىدورنىڭ ئىشىكى ئالدىغا كەلگەندە ھەر ئىككىمىز تېڭىرقىغىنىمىزچە تۇرۇپ قالدۇق. ئىشىك تاقاق ئىدى. توك بولمىغاچ كەچلىك مۇزاكىرە قىلىنمايدىغان بولغاچقا، بىز ئالتىنچى قەۋەتتىن چۈشكىچە مەكتەپنىڭ ئامانلىق ساقلاش خادىمى كارىدورنىڭ ئىشىكىنى تاقىۋەتكەنىدى. كاللامدىن بىر چېلەك سوغوق سۇ قۇيغاندەك ئەندىكىپ كەتتىم. ئەمدى بىر ئوغۇل بالا بىلەن مۇشۇ كارىدوردا قاراڭغۇدا بىللە تۇرۇپ... -كارىدورنىڭ يان ئىشىكىگە بېرىپ باقايلى، -دېدى ئۇ ئارىدىكى جىمجىتلىقنى بۇزۇپ.مەن بېشىمنى لىڭشىتىپ ئۇنىڭ كەينىدىن ئەگىشىپ ماڭدىم. -ئىسمىڭىز نىمە ؟-ئۇنىڭ ئىسمىمنى سورىغانلىقى ماڭا سەل تاساددىپىي تۇيۇلدى. -زۇلئاي- دىدىم مەن بوش ئاۋازدا. -ئىسمىڭىز چىرايلىقكەن.- ئۇنىڭ ئوغۇللارنىڭ قىزلارنى ماختىغاندىكى ئەڭ ئومۇملىشىپ كەتكەن بىر ئېغىز سۆزنى قىلغىنىغا كۈلگۈم كەلگەن بولسىمۇ، رەسمىيەت يۈزىسىدىن ئېيتتىم: -رەھمەت، سىزنىڭچۇ؟ - ئارمان،- دېدى ئۇ تېزلىك بىلەن. قارىغاندا مېنىڭ ئۇنىڭ ئىسمىنى سورايدىغانلىقىمنى پەرەز قىلغان بولسا كېرەك. بىز مېڭىپ كارىدورنىڭ يان ئىشىكىگە كەلدۇق. بۇ ئىشىكمۇ تاقاق ئىدى. قاتتىق ئۈمىدسىزلىك بىلەن "ئەمدى قانداق قىلارمىز؟" دىگەندەك ئۇنىڭغا قارىدىم. -سىزدە مەكتەپ ئامانلىق قوغداش ئىشخانىسىنىڭ تېلىفۇن نومۇرى بارمۇ؟ - ئۇنىڭ بۇ سوئالى بىلەن ئەقلىمگە كەلگەندەك يانچۇقۇمغا قولۇمنى سېلىپلا، تېلىفۇنۇمنىڭ توكى تۈگەپ كەتكەنلىكى يادىمغا يېتىپ يەنە لاسسىدە بولۇپ ئۇنىڭغا: -تېلىفۇنۇمدا ساقلىۋالغان، بىراق ھازىر توكى تۈگەپ كەتتى،- دېدىم. - نومۇر كارتىڭىزنى ماڭا بېرىڭ، -دېدى ئۇ نېمىنىدۇر ئەسكە ئالغاندەك. ئۇنىڭ مەقسىتىنى چۈشەندىم.چاقماقنىڭ يورۇقىدا كارتامنى چىقىرىپ ئۇنىڭغا بەردىم. ئۇ كارتىنى ئۆزىنىڭ تېلىفۇنىغا كىرگۈزدى. ئامانلىق قوغداش ئىشخانىسىنىڭ نومۇرىنى تېپىپ تېلىفۇن بەردۇق. ھايال ئۆتمەي ئامانلىق قوغداش خادىمى يېتىپ كەلدى... سىرتقا چىقىپ چوڭقۇر ئۇھ تارتقىنىمنى ئاڭلاپ، ئۇ كۈلۈپ كەتتى ۋە: -بايام قورقتىڭىزغۇ دەيمەن ھە؟ بەك جىددىيلىشىپ كەتتىڭىز...- دېدى مەنىلىك قىلىپ. مەنمۇ كۈلۈپ قويدۇم. بىز گەپ - سۆز قىلماي مېڭىپ مەكتەپ دەرۋازىسىدىن چىقتۇق. - بەك كەچ بولۇپ كەتتى، ئۆيىڭىزگە ئاپىرىپ قويايمۇ؟ -رەھمەت، ئۆيۈم يېقىنلا يەردە، بىردەمدىلا بېرىپ قالىمەن. سىزنى ئاۋارە قىلماي...- ئۆزرە ئېيتىپ ئۇنىڭ بىلەن خوشلاشتىم...شۇندىن باشلاپ ئارمان بىلەن مەكتەپتە ئۇچرىشىپ قالساق سالاملىشاتتۇق. بەزىدە ئۇ مەندىن ئۆزىگە لازىملىق ماتېرىياللارنى سوراپ تۇراتتى. مەكتىپىمىزنىڭ "سەنئەت بايرىمى" يېتىپ كېلىش ھارپىسىدا تولىمۇ ئالدىراش بولۇپ كەتتىم.مەن سىنىپىمىزنىڭ سەنئەت نومۇرلىرىنى ئورۇنلاشتۇرىدىغان رېژىسسورى بولۇپ تاللىنىپ، ھەركۈنى دىگۈدەك "مۇز تاغقا كەلگەن مېھمان" نى كىچىك تىپتىكى مۇزىكىلىق ئوپىرا قىلىپ ئۆزگەرتىپ ئىشلەپ چىقىش ئۈچۈن بالىلارنى قايتا - قايتا رېپىتىس قىلدۇراتتىم. ئۆزەممۇ بۇ ئوپېرادا راست گۈلەندەمنىڭ رولىنى ئالىدىغان بولغاچقا، چارچاپ كەتسەممۇ رولنى ۋايىغا يەتكۈزۈپ ئورۇندىمىسام بولمايتتى. قېرىشقاندەك، مەكتىپىمىزنىڭ "سەنئەت بايرىمى" غا تۆت كۈن قالغاندا ئوپېرادا ئامىرنىڭ رولىنى ئالىدىغان جۈرئەت جىددىي خاراكتېرلىك سوقۇر ئۈچەي ياللۇغى بىلەن ئوپىراتسىيە قىلىنىدىغان بولۇپ قالدى. ۋاقىت قىستاپ قالغاندا بۇنداق بولۇپ قېلىشى مېنى تېخىمۇ جىددىيلەشتۈرىۋەتتى. سىنىپتىكى ئوغۇللاردىن مۇۋاپىق نامزات تاپالمىدىم. ئەھۋالنى سىنىپ مەسئۇلىمىزغا ئېيتتىم. ئۇ ماڭا ئامالى تېپىلىدىغانلىقىنى ئېيتىپ، خاتىرجەم بولۇشۇمنى تاپىلىدى. شۇ كۈنى چۈشتىن كېيىن سىنىپ مەسئۇلىمىز ماڭا تولۇق ئۈچىنچى يىللىقتا ئوقۇيدىغان بىر ئوغۇل بالىنى تاپقانلىقىنى، ئۇنىڭمۇ ئۆگىنىشكە تەسىر يەتكۈزمىگەن ئاساستا بۇ رولنى ئېلىشقا قوشۇلغانلىقىنى ئېيتتى. كۆڭلۈم جايىغا چۈشتى. چۈشتىن كېيىنكى دەرستىن چۈشۈپ مۇئەللىم ئۇنى سىنىپقا باشلاپ كىرىۋىدى، ھەيران بولۇپ تۇرۇپلا قالدىم. كۆز ئالدىمدا ئارمان ماڭا قاراپ كۈلۈپ تۇراتتى. سىنىپ مەسئۇلىمىز بىزگە ياخشى تەييارلىق قىلىپ ئوپېرانىڭ " سەنئەت بايرىمىدىكى نادىر نومۇر" بولۇپ باھالىنىشىغا كۈچ چىقىرىشىمىز كېرەكلىكىنى ئېيتىپ چىقىپ كەتتى. شۇنىڭ بىلەن بۇ "يېڭى ئامىر" بىلەن رېپىتىسنى باشلىۋەتتۇق. ئۇ رولنى شۇنچىلىك تەبىئىي ئالاتتى. ئۇسسۇلنىمۇ ئىنتايىن سىلىق ۋە جانلىق ئويناپ، بىردەمدىلا بىزگە ماسلىشىپ كەتتى. بۇنىڭدىن ھەممەيلەن خاتىرجەم ھەم خۇشال بولدۇق. رېپىتىس ئاخىرلىشىشى بىلەن باشقىلار ئالدىراپلا كېتىپ قېلىشتى. مەن ھەممىنىڭ ئاخىرىدا سىنىپنى تاقاپ ماڭاي دەپ، سىنىپتىن ئەمدىلا چىقىشىمغا ئارمان كارىدوردا مېنى ساقلاپ تۇرغانىكەن. -سىزنى تەكرار قىلغىلى قويماي ۋاقتىڭىزنى ئېلىپ قويدۇق، كەچۈرۈڭ، ئەسلىدە...-شۇنداق دىيىشىمگىلا ئۇ گېپىمنى تارتىۋالدى: -ھېچقىسى يوق زۇلئاي، بۇ مېنىڭ قىزىقىشىم ھەم ئىختىيارىم بىلەن بولدى. تەكرارنى تولۇقلىۋالسام بولىدۇ. سىز رولنى تولىمۇ ياخشى ئالىدىكەنسىز، كېيىنچە ئاكتىيور بولسىڭىزمۇ بولغۇدەك. -رەھمەت، ئاشۇرىۋەتتىڭىز، مېنىڭچە سىز رولنى بەك تەبىئىي ھەم جانلىق ئالىدىكەنسىز... بىراق، مېنىڭ ئاكتىيور بولغۇم يوق، بۇ پەقەت مېنىڭ قىزىقىشىم، خالاس... -ھە~ ئۇنداقتا سىزنىڭ ئارزۇيىڭىزنىڭ نىمە ئىكەنلىكىنى بىلىپ بېقىشقا بولارمىكىن؟ -بۇ دىگەن مەخپىي، دىسەم بولمايدۇ،- شوخلۇق بىلەن ئۇنىڭغا قاراپ كۆزۈمنى قىسىپ قويدۇم ۋە قايتۇرۇپ ئۇنىڭدىن سورىدىم: -سىزنىڭچۇ؟ سىزنىڭ ئارزۇيىڭىز نىمە؟ -سىزنىڭ مەخپىي بولسا، ئەمىسە مېنىڭمۇ مەخپىي، دىمەيمەن تازا،- ئۇنىڭ گېپىدىن ھەر ئىككىمىز كۈلۈشۈپ كەتتۇق. بىز گەپلىشىپ ماڭغاچ مەكتەپ دەرۋازىسىدىن چىقتۇق. ئۇ ماڭا قاراپ يەنە چاقچاق قىلغىنىچە: -ئۆيىڭىز يېقىن بولغاندىكىن ئاپىرىپ قويمىدىم ئەمىسە، ئىككى چامدىسىڭىزلا بېرىپ قالىسىز...-دېدى. -ئىم، ماقۇل... ئەسلى شۇ، ئىككى چامداپلا بېرىپ قالىدىغان بولساممۇ ئاپىرىپ قويارمىكىن دىسەم، سىز بۇنداق دىگەن يەردە تۈزۈت قىلماي كىتىۋەردىم ئەمىسە... بىز شۇنداق كۈلكە-چاقچاقلار بىلەن خوشلاشتۇق. مەن مېڭىۋېتىپ كەينىمگە قارىسام ئۇمۇ ماڭا قاراپ تۇرغانىكەن. قەلبىمنى ئاجايىپ ئىللىق بىر سېزىم چىرمىۋالدى. "ئارمان..."دەپ ئاستاغىنە پىچىرلاپ قويدۇم... مەكتىپىمىزنىڭ "سەنئەت بايرىمى" كۈنى يېتىپ كەلدى. مەن شەھىرىمىزنىڭ سەنئەت ئۆمىكىدىن ئىجارە ئېلىپ كەلگەن كىيىملەرنى بالىلارغا بىر كۈن ئاۋۋال تارقىتىپ بەرگەچكە، ھەممەيلەن رەتلىك كىيىنىپ تەييار بولۇشقانىدى. سائەتكە قارىدىم، باشلىنىدىغانغا يېرىم سائەت قالغان بولسىمۇ ئارمان تېخىچە كەلمەيۋاتاتتى. ئۇنىڭغا تېلىفون بەرسەم"كەچۈرۈڭ، سىز چاقىرغان ئابونت تېلىفونىنى ئىتىۋەتكەن..." دىمەسمۇ، مېڭەمدىن تۈتۈن چىقىپ كەتتى. ئالدىراپ-تېنەپ مەكتەپ دەرۋازىسىدىن چىقىپ قارىسام ئۇنىڭ قارىسىمۇ كۆرۈنمەيتتى. قاتتىق ئۈمىدسىزلىنىپ ئاستا مېڭىپ مەكتەپ ئىچىگە كىرىپ كەتتىم. كارىدورغا ئەمدى كىرەي دەپ تۇرىشىمغا "زۇلئاي" دەپ توۋلىغان تونۇش ئاۋازنى ئاڭلاپ تېزلىكتە كەينىمگە بۇرۇلدۇم. ئارمان "ۋېلىسپىتنى ئۇچقاندەك مىنىپ كېلىۋاتاتتى. قاتتىق ھاياجانلىنىپ كەتتىم. ئۇ ۋېلىسپىتتىن چۈشۈپلا:" كەچۈرۈڭ، كېچىكىپ قالدىم، جىددىي ئىشىم چىقىپ قېلىپ..."دىيىشىگە، مەن ئۇنىڭ گېپى ئاخىرلاشماستىلا ئالدىراپ :" كەلسىڭىزلا بولغىنى... تېز بولۇڭ، باشلىناي دەپ قالدى!" دىگىنىمچە ئۇنى تارتىپ يۈگۈردۈم. پەلەمپەيدىن چىقىۋېتىپ ئۇنىڭغا قارىدىم، ئۇچىسىدىكى ئازادلىق ئارمىيە فورمىسى شۇنچىلىك يارىشىپ كەتكەنىدى. ۋېلىسپىتنى كۈچەپ مىنگەنلىكتىن پېشانىلىرىدە ئۇششاق تەر تامچىلىرى يالتىرايتتى...بىز زالغا كىردۇق. تاماشىبىنلار ئورنى ئوقۇغۇچى، ئوقۇتقۇچى، مەكتەپ رەھبەرلىرى، ئاتا-ئانىلار ۋەكىللىرى بىلەن لىق تولغانىدى. بىزنىڭ نومۇرىمىز ئالدىدىمۇ كەينىدىمۇ ئەمەس بولۇپ ئانچە جىددىيلىشىپ كەتمىدۇق. باشقىلارنىڭ نومۇرلىرىنى كۆرۈپ مەندە سەل بېسىم پەيدا بولۇشقا باشلىدى. بىر-بىرىدىن سەرخىل سەنئەت نومۇرلىرى قىزغىن ئالقىش سادالىرىنى قوزغايتتى... نۆۋەت بىزگە كەلدى."گۈل نىمىشقا شۇنچە قىزىل" دىگەن ناخشا چىقىشى بىلەن ئارمان، ياق، "ئامىر" قولىدا بىر تال قىزىلگۈلنى تۇتقىنىچە سەھنىدە پەيدا بولدى...ئامىر بىلەن راست گۈلەندەم بېقىشىپ ئۇسسۇل ئوينايدىغان يېرىگە كەلگەندە ئارماننىڭ كۆزىگە قارىدىم، كۆزلىرىمىز ئۇچرىشىپ بىر قانچە سىكونت شۇ تەرىقىدە ئۆزىمىزمۇ تۇيمىغان ھالدا بىر-بىرىمىزگە تىكىلىپ قالغانىدۇق. خىيالىمدا بىز سەھنىدە رول ئېلىۋاتقان ئەمەس، بەلكى رىئاللىقتىكى زۇلئاي بىلەن ئارمان ئوتلۇق نەزەردە بېقىشىپ بىر - بىرىگە كۆڭۈل سىرلىرىنى بايان ئەيلەۋاتاتتى... يالغان گۈلەندەم سەھنىدە پەيدا بولۇشى بىلەن دەرھال ئېسىمنى يىغىۋالدىم... ئامىر راست-يالغان گۈلەندەمنىڭ ئوتتۇرىسىدا زىددىيەتلىك تاللاش ئۈستىدە تۇرىۋاتاتتى...يالغان گۈلەندەمنىڭ ئەسلى قىياپىتى، رەزىل ئەپتى - بەشىرىسى خەلق تەرىپىدىن ئېچىپ تاشلاندى... ئامىر قولىدا بىردەستە قىزىلگۈلنى راست گۈلەندەمگە سۇندى...گۈلدۈراس ئالقىش سادالىرى خېلى ئۇزۇنغىچە توختىمىدى. دىمەك، بىز ئوپېرانى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملىغانىدۇق... "ئەجىرنىڭ تېگى ئالتۇن" دىگەندەك، ئەڭ يۇقىرى باھا بىلەن بىزنىڭ نومۇرىمىز" سەنئەت بايرىمىدىكى نادىر نومۇر" بولۇپ باھالاندى. شۇ چاغدىكى خۇشاللىقىمنى تىل بىلەن تەسۋىرلەپ بېرەلمەيتتىم. ئارمانغىمۇ سىنىپ كوللېكتىۋىمىز نامىدىن يېنىش - يېنىشلاپ رەھمەت ئېيتتىم. ئۇ مەمنۇنلۇق بىلەن :"ھەممىسى كۆپچىلىكنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقىدىن بولدى..."دەپ كۈلۈمسىرەيتتى. شۇنىڭدىن كېيىن ئارمان بىلەن ياخشى دوستلاردەك تېخىمۇ ئىجىل بولۇپ كەتتۇق. ئۇ ماڭا كۆيۈنەتتى، دەم ئېلىش كۈنلىرى بىللە بولۇپ قالساق "بىر كۈنى..." دەپ بىر يۇمۇر باشلىغىلى تۇرسا كۈلۈپ تېلىقىپ قالاتتىم. بەزىدە ماڭا خۇددى ئۆز سىڭلىسىدەك پەندى - نەسىھەتلەرنى قىلىپ كېتەتتى. يەنە بەزىدە بىللە ئولتۇرۇپ تەكرار قىلغانلىرىمىزدا بولسا ئۆگىنىش ئۇسۇلى ۋە دەرسلىكتىن چۈشىنەلمىگەن نۇقتىلارنى ئەستايىدىل چۈشەندۈرۈپ قوياتتى... ئۇ ئاستا - ئاستا مېنىڭ ھاياتىمغا سىڭىپ كىردى. ئۇنىڭ كېلىشكەن بەرنا قامىتى، قاپقارا كۆزلىرى يۈرىكىمگە ئويۇلۇپ كەتتى. چوڭقۇر مەناغا تولغان سۆزلىرى، ئەخلاق مىزانى، ئۆز ئىستىقبالى ئۈچۈن ھەر تەرەپتىن ئۆزىنى تاكامۇللاشتۇرۇشقا ئىنتىلىشى مېنىڭ ئۇنىڭغا بولغان ھۆرمەت ۋە ئىشەنچىمنى ھەسسلەپ ئاشۇراتتى.... راستىنى ئېيتقاندا، مەن ئۇنى ياخشى كۆرۈپ قالغانىدىم! بىراق...ئۇ مېنى ياخشى كۆرەرمۇ؟ ئەگەر ئۇنىڭ باشقا ياخشى كۆرىدىغان ئادىمى بولسىچۇ؟... دىگەننى ئويلىسام بىر قىسمىلا بولۇپ قالاتتىم. "تەنھا سۆيگۈ - بىر تەرەپنىڭ يەنە بىر تەرەپنى يوشۇرۇن ياخشى كۆرۈشى، ئەمما مۇھەببىتىنى ئىپادىلىمەسلىكى سەۋەبىدىن ئازاب بىلەن ئاخىرلىشىدۇ" دىگەن بۇ سۆزنى قايسىبىر تېلىۋىزىيە تىياتىرىدا ئاڭلىۋالغان بولغىيتتىم؟... نۇرغۇن خىياللارنى قىلدىم. يۈرىكىمدە يىلتىز تارتىشقا باشلىغان تۇنجى مۇھەببەت بىخلىرى، ئۆگىنىش بېسىمى، ئارماننىڭ ئالدىدىكى چوڭ بىر ئۆتكەل، ۋاقىتنىڭ تەخىرسىز ھالدا قىستاپ كېلىۋاتقانلىقى... ئاخىرىدا كاللامدىكى زىددىيەتلىك مەسىلىلەردىن كەسكىن خۇلاسە چىقىرىپ، شۇنداق نىيەتكە كەلدىم: مەن ئۇنى ياخشى كۆرۈپ قالغان بولساممۇ، ئۇنىڭغا بىلىندۈرمەسلىكىم، ئۇنىڭمۇ كۆڭلىنى بۆلمەسلىكىم، ئۆگىنىشىگە تەسىر يەتكۈزمەسلىكىم، مۇھىمى، ئۇنىڭ دىققىتىنى بۇراشتىن ساقلىنىشىم كېرەك ئىدى. تەبىئىي ھالدا ئاستا ئۇنىڭدىن ئۆزۈمنى تارتماقچى بولدۇم. ئەكسىچە مېنىڭ بۇ ئاسىي كۆزلىرىم، ئوقۇغۇچىلار توپىدىن تەقەززالىق بىلەن ئۇنىڭ تونۇش سىماسىنى ئىزدەيتتى. ئەگەر ئۇنى ئۇچرىتىپ قالغۇدەك بولسام يۈرىكىم دۈپۈلدەپ سوقۇپ، جىددىيلىشىپ كېتەتتىم.... ئارمان، ھەي ئارمان... يۈرىكىمنىڭ تىنىق كۆلىگە تاش چۈشۈپ، سۇ بېتىدەك تىپتىنىچ قەلبىم داۋالغۇپ بارماقتا. سىز ئارمان ئەمەس، "يۈرەكتىكى ئارمان" بولۇپ قالدىڭىز... قىشلىق تەتىل ۋاقتى مەكتەپنىڭ تەكرارغا ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن ناھايىتى قىسقا بولغاچقا تېزلا ئۆتۈپ كەتتى. تولۇق ئۈچىنچى يىللىقنىڭ ئىككىنچى مەۋسۇمى شۇ يىللىقتىكى ئوقۇغۇچىلار ئۈچۈن ئەڭ مۇھىم ۋە ھالقىلىق بىر مەۋسۇم ئىدى. جىددىي ئۆگىنىش رېتىمى، تەكرارنىڭ كۈچەيتىلىشى ئارماننى خېلىلا چارچىتىپ قويغان بولسا كېرەك، ياداپ قالغاندەك كۆرۈنەتتى. بىر كۈنى ئۇ ماڭا تولۇق ئىككىنچى يىللىقنىڭ ئەدەبىيات كىتابىنى بېرىپ تۇرۇشۇمنى ئېيتتى. مەن كىتابىمنى ئەپچىقىپ ئۇنىڭغا بەردىم. تۇيۇقسىزلا ئۆزۈمنىڭ بىر پارچە شېئىر يېزىپ، ئاشۇ ۋاراقنى كىتابنىڭ ئارىسىغا قىستۇرۇپ قويۇپ ئېلىۋەتمىگىنىم ئېسىمگە كەلدى. ئارمان خۇددى ئۇ شېئىرنى ئوقۇسا يۈرىكىمنىڭ پىنھان جايىغا ساقلانغان كۆڭۈل سىرلىرىمنى بىلىۋالىدىغاندەك يۈرىكىم ئەنسىز سوقۇپ باراتتى. شېئىر مۇنداق يېزىلغانىدى: |
كۆرۈلۈشى:550 | قوشۇلغان ۋاقتى:2010-4-3 11:06:23 | يوللىغۇچى ئەزا:RIWAYAT2002 |
|
| | بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يوللانمىدى ، سىزنىڭ تۇنجى ئىنكاس يوللىغۇچى بولىشىڭىزنى قارشى ئالىمىز ! |
سىرلىقلىقىڭىزنى.. | چاچ چۈشۈشنى كەلت.. | ھەددىدىن زىيادە .. | سەۋزە ئۆپكىنى ئا.. | مېۋە پوستى بىلەن.. | دۇنيادىكى ئەڭ تو.. | ئاياللارنىڭ جورا.. | «ئەر-خوتۇنلار ئو.. | ئەر -ئاياللار ھەق.. | ھازىرنىڭ ئۆزى بە.. | تەنھالىق ئىنسانغ.. | ساپما كەشنىڭ زىي.. | |
|
|
|
|