
ئۇ كۈنى بىر توردىشىم بىلەن كۆرۈشمەكچى ئىدىم . ئورنى مەلۇم بىر باغچىدا بولۇپ ،
تېخى ئەتىگەن بولغاچقا باغچىدا ئادەم ئاز ئىدى . دىيىشىپ قويغان ۋاقت ئاز قالغاندا
تۇيۇقسىز قورسۇقۇم ئاغرىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلىپ قالدىم . قۇيماق ساتىدىغان
يايمىچىنى تىللىغىنىمچە ، داۋاملىق ساقلاۋەردىم .
بەك ئاغرىپ كەتتى .
چىدىمىدىم .
ئۆزەمنى ھاجەتخانا تەرەپكە قاراپ ئاتتىم .
بىر مەيدان قاتتىق جەڭدىن كېيىن ئۆزەمنى خېلى راھەتلىنىپ قالغاندەك ھېس قىلدىم .
يانچۇقۇمنى ئاختۇرسام قاغەز سېلىۋالماپتىمەن .
بىردەم ساقلىسام بىرەرسى كىرىپ قالسا سورىساملا بولمىدىمۇ - دەپ ئويلىدىم .
ساقلىدىم .
ئارىلىقتىن 20 مىنوت ئۆتۈپ كەتكەن بولسىمۇ بىرەرسىمۇ كىرمىدى . توردىشىمنى
ساقلاۋېرىپ تېلىپ كەتكەن پۇتلىرىم دەسلەپ كىرىپ ئولتۇرغاندا خېلى راھەت ھېس
قىلغان ئىدى . ئەمدى بولسا ئىككى پۇتۇم قولىشىپ شۇنداق بىئارام قىلىۋاتاتتى .
چىدىدىم .
بۇرۇن ياللۇغۇم بۈگۈن تېخى ساقايغان بولۇپ .دەسلەپ كىرگەندە سېسىق پۇراقنى
پۇرىۋېلىپ ، پۇراش سىزىمىمنىڭ ئەسلىگە كەلگەنلىكىدىن خوش بولۇپ كەتكەن ئىدىم .
ئەمدى بولسا سېسىقچىلىقتىن ئايلىنىپ قالاي دەۋاتاتتىم .
چىدىدىم .
يەنە 15 مىنوت ئۆتۈپ كەتتى . بىرەرسى كىرىدىغاندەك ئەمەس ئىدى .
چىدىغىچىلىكىم قالمىدى . تېلىفونۇمنى چىقىرىپ بىرەرسىنى قۇتقۇزۇشقا چاقىرماقچى
بولدۇم . ئەمما بۇنداق ئىشنى قانداقمۇ بىرسىگە ئۇدۇللا دىگىلى بولسۇن . شۇنىڭ بىلەن
بىز بۈگۈنكى ھاۋا رايىدىن باشلاپ سۆزلەپ ، ئىراق ئۇرۇشىدىن ، تاشقىپىلانىت
ئادەملىرىگىچە كوتۇلداشتۇق . ئەمدى پۇرسەت كەلدى دەپ ئويلاپ :
مەن ... مەن ...
دەپ تۇرۇشۇمغا تېلىفونۇمنىڭ مۇزىكىسى ئاڭلاندى .قارىسام توكى تۈگەپتۇ .
كاللام تۇرمۇزلىنىپلا قالدى .
ساقلىدىم .
ھېچكىم كىرمىدى .
يىغلىغىم كەلگەندەك بولۇپ قالدىم .
دەل مۇشۇ ۋاقىتتا سىرتتىن ئاياغ تىۋىشى ئاڭلاندى . كۆز ئالدىم خۇددى قۇملۇقتا
سۇ تېپىۋالغان ئادەمدەك نۇرلىنىپ كەتتى . ئۇ ئادەم ئەمدى كىرىشىگىلا :
ئەغىنە ، قەغىزىڭدىن ئازراق بېرىپ تۇرساڭ ، مەن قەغەز ئۇنتۇپ قاپتىمەن - دېدىم .
ئۇ ئادەم توك سوقىۋاتكەندەكلا ۋارقىراپ كەتتى .
كەچۈرۈڭ ! كەچۈرۈڭ ! خاتا كىرىۋاپتىمەن .
ئەسلى بىر قىز خاتا كىرىۋالغان ئىكەن . بىر ئەركىشى ئەڭ ئوسال ئەھۋالدا قالغاندا
بىر ئايال كىشىنىڭ كۆرۈپ قېلىشى نىمە دىگەن ئېچىنىشلىق ھە!
ئون سىكونت ئۆتە ئۆتمەيلا ھېلىقى قىز سىرتتا يەنە ۋارقىراپ كەتتى .
مەن خاتا كىرىۋالماپتىمەنغۇ ! قىزلار ھاجەتخانىسىدا ئەر كىشى تۇرىدىغۇ !
شۇچاغىلا ئۆزەمنىڭ خاتالاشقانلىقىنى ھېس قىلدىم . يۈزلىرىم قىزىرىپ ئوت بولۇپ كەتتى .
كۆزلىرىمدىن ياشمۇ چىقىپ كەتتى . ھوشۇمغا كەلگەندەك بولۇپ ، مۇشۇ پۇرسەتنى
بولسىمۇ چىڭ تۇتۇشنى ئويلىدىم . بولمىسا تېخىمۇ ئېغىر ئاقىۋەت مېنى كۈتۈپ تۇرىۋاتاتتى .
مەن بوغۇق ئاۋاز بىلەن :
قىزچاق قەغەز تاشلاپ بەرگەن بولسىڭىز رەھمەت !- دەپ ۋارقىرىدىم .
ئۇزۇن ئۆتمەيلا يىپ يېڭى بىر گېزىت ئىشىكتىن ئاستا ئىچىگە تاشلاندى . گېزىتنى
قولۇمغا ئېلىپ يىرتتىم . ئەمما ئىچىمدە بۇ گېزىتنىڭ تەھرىر بۆلۈمىنى مىڭىنى
تىللىۋەتتىم . چۈنكى بۇ گېزىت بۈگۈن قېرىشقاندەك رەڭلىك قاتتىق قەغەزدە چىقىرىلغان ئىدى .
تەلىيىمگە باغچىدا ئادەم ئازكەن ، پەقەت بىرلا ئادەم كۆرۈپ قالدىغۇ ، ئۇنىڭ ئۈستىگە تونىمەيمەن
دەپ ئويلىدىم .
ھاجەتخانىدىن چىقىپ خىجىللىقتىن يەرگە كىرىپ كەتكىدەك بولۇپ كەتتىم . ئەتىگەنلىرى بۇيەردە
چېنىقىدىغان مومايلار ئىشىك ئالدىغا يىغىلىۋالغان ئىدى . تېخى بىرقىز ناھايىتى ئەستايىدىللىق بىلەن :
كۆپچىلىك بىردەم ساقلاپ تۇرۇڭلار ، بىر ئەپەندىم خاتا كىرىۋاپتۇ ! ئۇنىڭ ئۈستىگە قەغەزنىمۇ
ئۇنتۇپ قاپتۇ ، بىردەم تەخىر قىلىڭلار ھازىرلا چىقىدۇ ،- دەپ چۈشەندۈرىۋاتاتتى .
ھەممە ئادەمنىڭ كۆزى ماڭا تىكىلگەندە خۇددى يۈرۈكۈمگە پىچاق سانچىلىۋاتقاندەك بولۇپ كەتتىم .
مەن ھېلىقى قىزغا :
رەھمەت ، رەھمەت سىزگە دېدىم .
ئۇقىز ھېچ ئىش بولمىغاندەك قوللىرىنى شىلتىپ تۇرۇپ :
ھېچقىسى يوق ، كىچىك ئىش كىچىك ئىش ... - دەپ كۈلۈپ كەتتى .
كېتەي دەپ تۇرۇشۇمغا ئۇقىزنىڭ << باتۇر نىمانداق تېخى كەلمەيدىغاندۇ >> دىگىنىنى ئاڭلاپ قالدىم .
بۇ مېنىڭ توردىكى ئىسمىم ئىدى .