رىۋايەت قىلىنىشچە ، بۇرۇنىسىدا ، ياڭاق قارا قۇرۇم تاغلىرىدا ئۆسىدىغان بولۇپ ، ئۇ ئوماينىڭ مۇقەددەس مېۋىسى ئىكەن . قەدىمكى ئۇدۇن دۆلىتىدە ئامانتۇر ئىسىملىك بىر يىگىت بار ئىكەن . ئۇنىڭ ئانىسى شۇ دۆلەتتە كامالەتكە يەتكەن ھۆرمەتكە سازاۋەر گېلەم توقۇش ماھىرى بولۇپ ، نەچچە يۈز خىل نۇسخىدىكى گېلەمنى توقۇيالايدىكەن . ئۇدۇن پادىشاھى ئۇنىڭغا گېلەم توقۇش ھۈنىرىنى ئەۋلاتلارغا ئۆگىتىپ ، ئەۋلادتىن ئەۋلادقا داۋاملاشتۇرۇشنى بۇيرۇپتۇ . بۇ مۈشكۈل ۋەزىپىنى ئۈستىگە ئالغان ئامانتۇرنىڭ ئانىسى قاتتىق چارچاپ ھالىدىن كېتىپ يىقىلىپ سەكراتقا چۈشۈپ قاپتۇ . ئۇنى پەقەت ئوماينىڭ مۇقەددەس مېۋىسىلا قۇتقۇزالايدىكەن .
بۇ مېۋىنى ئادەمزاتنىڭ بېرىپ ئۈزۈپ ئەكىلىشى ئۇياقتا تۇرسۇن ، ھەتتا ھايات قايتىپ كېلىشىمۇ ناھايىتى تەس ئىكەن . ئامانتۇر ئانىسىنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن بۇ مۈشكۈل خەتەرلىك سەپەرگە ئاتلىنىپتۇ . يۇرۇڭقاش دەرياسىنى بويلاپ شەمشىرىنى بىلەپ ، قارا قۇرۇم تېغىغا چىقىپتۇ . يولدا نۇرغۇن پىشكەللىككە ئۇچراپ ھەم يالماۋۇزلار بىلەن ئېلىشىپ ، يېرىم جان ھالەتتە ھېچنىمىگە قارىماي مۇقەددەس مېۋىنى كۆزلەپ مېڭىپتۇ . يېقىنلاشقانلىقىنى ھىس قىلىپتۇ ، دەل شۇچاغدا ئوماي كېلىپ رۇخسىتىمسىز نىمىشقا بۇ مۇقەددەس يەرگە كەلدىڭ دەپ سوراپتۇ . ئامانتۇر بېشىدىن ئۆتكەن ئىشلارنى سۆزلەپ بېرىپتۇ .
ئوماي ئامانتۇرنىڭ روھىدىن تەسىرلىنىپ ، مۇقەددەس مېۋىنى ئۇنىڭغا بېرىپتۇ ۋە يولغا سېلىپ قۇيۇپتۇ . ئامانتۇرنىڭ ئانىسى مېۋىنى يەپ ساقىيىپ كېتىپتۇ ، پادىشاھ بۇ باتۇر ۋاپادار ئامانتۇرغا تەختىنى ئۆتكۈزۈپ بېرىپتۇ . بۇ مۇقەددەس مېۋە ھازىرقى ياڭاق ئىكەن ، كىشىلەر ئۇنى ئىناقلىق ۋە ئۆز-ئارا كۆيۈنۈشنىڭ سىمۋولى دەپ