ئىشەكنىڭ دەردى
بەلكىم ئىشەك تىلغا ئېلىنسا بەزىلەرنىڭ كۆز ئالدىغا ئۇزۇن قۇلاقلىرى سالپىيىپ تۇرغان، ئوزۇن بېشى قورقۇنچلۇق، كېلەڭسىز بەدىنى كۆرۈمسىز، تىنماي مىدىرلاپ چىۋىن قورۇپ تۇرىدىغان قۇيرۇقى سەت، ئۇزۇن پاچاقلىرى قوتۇر كەلگەن بىر مەخلۇق كېلىدىغاندۇر. يەنە بەزى ئىشەكنى كۆرۈپ باقمىغان ساۋاقداشلار، دۆت ئىشەك، ئىشەك قۇلاق ، دېگەندەك گەپلەرنى ئاڭلاپ، ئىشەك دېسە بەكلا بەد-بەشرە، ھاماقەت بىر نەرسىنىڭ سىيماسى كۆز ئالدىغا كېلىشى مۈمكىن. ئۇنداقتا قېنى سىز تۆۋەندىكى ھېكايىن ئاڭلاپ شەخسىي باھايىڭىز بويىچە ئىشەككە بىر باھا بېرىپ بېقىڭ.
بۇرۇنقى زاماندا ئىشەك ئەسلى ھەممە ھايۋانات، ئۇچار قاناتلاردىن ئۈستۈن تۇرىدىغان ئالىي نەسەبلىك بىر ھايۋانات بولۇپ، ئۇنىڭغا ھېچقانداق سۈت ئەمگۈچى ھايۋانغا بېرىلمىگەن ئۇچۇش ھوقۇقى بېرىلگەنىكەن، ئۇنىڭ ئۆشنىسىدە ئەپچىلگىنە بىرجۈپ قانىتى بولغاچقا، يەردە ئۇچقاندەك چاپسا، ئاسماندا لەرزان سەيلە قىلىدىكەن. يەر يۈزىدىكى بارچە ھايۋاناتلار ئۇنىڭغا ھەۋەس قىلىشىدىكەن. چۈنكى ئۇچالايدىغان ھايۋانلار يەردە ئۇنىڭچىلىك تىز چاپالمايدىكەن، يەردە چاپقۇرلىرى ئاسماندا ئۇچالمايدۇ ئەمەسمۇ؟ ھايۋاناتلار ئىشەكنىڭ مانا شۇنداق ئالاھىدە ئىكەنلىكىگە قايىل ئىكەن. ئۇنىڭ يەردىكى چەبدەسلىكىگە ھەيران قالسا، ئاسماندىكى پەرۋازىغا ھەۋەس قىلىشىدىكەن. شۇنداق بولغاچقا ئىشەك قەيەرگىلا بارسا بارچە ھايۋانلارنىڭ ھۆرمەت- ئىناۋىتىگە، ئىزززەتلىشىگە سازاۋەت بولىدىكەن. ئىشەكمۇ كۆپچىلىك ھايۋاناتلار بىلەن ناھايىتى ئىناق ئۆم ئۆتىدىكەن. يەنە تېخى ئۇنىڭ دانىشمەن، ئاق كۆڭۈل، دېگەن نامىمۇ بار ئىكەن. چۈنكى ئۇ باشقا ھايۋانلارغا ياردەم بېرىشنى ئۆز ئىشىم دەپ بېلىپ، كىملا ھاجەتمەن بولۇپ كەلسە شۇنىڭ ھاجىتىدىن چىقىپ، ئاۋارىچىلىقتىن قۇتۇلدۇرۇپ قويدىكەن. شۇڭا كۆپچىلىك ھايۋانلار ئۇنىڭدىن مەمنۇن ئىكەن. ھەتتا بەزى ھايۋانلار ، ئىشەك بولۇپ قالغان بولساق، دەپ ئارزۇ قىلىپ قالغان ئىكەن. ئۇنداقتا شۇنچە شانۇ- شەۋكەتكە ئىگە بولغان ئىشەك كېيىن نىمانچە خار- زەبۇن ھالەتكە چۈشۈپ قالدى؟ ھەممە ئادەم تىللايدىغان، دۆتلەرنىڭ تىمسالى بولۇپ قالدى؟ بىز ئىشەك قوتىنىغا يېقىن كېلىپ، تىڭشاپ باقايلى.
ئېغىلدىكى ئېگىز ئوقۇرغا تۆكۈپ بېرىلگەن ساماننى ئېرىنچىلىك بىلەن چايناۋاتقان ئىشەك يېنىدىكى غاراللار بىلەن توسۇپ قويۇلغان يەنە بىر ئېغىلدىكى ئوقۇردا ھەلەپ يەۋاتقان ئىنەككە قاراپ قويۇپ ھەسرەت بىلەن:
-مۇشۇمۇ كۈن بولدىمۇ؟ ھارغىچە ئىشلىتىدۇ، يەنە بېرىدىغىنى سامان،- دېدى. ئىنەكمۇ ئۇنىڭغا قاراپ قويۇپ:
- ھە راست، ئىشەكباي، سېنى ئەسلى ئېسىلزادە ئەۋلادى ئىدى. يەردە بەگدەك ماڭسا، ئاسماندا ئاجايىپ قانات قېقىپ ئۇچاتتى ، ھەممىنىڭ ھۆرمىتىگە سازاۋەر ئىدى، دەيدىغۇ؟ -، دېدى. ئىشەك ئېغىر خۇرسىنغان ھالدا ئېيتتى.
- نېمىسىنى ئېيتىسەن ئېنەكخان، مەن ئەسلى راستىنلا سەن دېگەندەك ھۆرمەت ساھىبى، ئىززەت سۇلتانى ئىدىم. ھەممىسى مۇشۇ كۆڭۈلچەكلىكىمدىن بولمامدۇ.
- ھوي، ئۇنداقتا ئاڭلىغىنىم راستكەندە، ھە ، ھە باشتىن سۆزلەپ بەرگىنە، قانداق بولۇپ بۇنداق ھالەتكە كېلىپ قالدىڭ؟
- دەپ كەلسەم گەپ ئوزۇن ئىنەكباي، ئەسلى قانىتىم بار بەگزادە ئىدىم، ئاشۇ بىلىق دېگەن ناكەسنىڭ ئىشى بولمامدۇ.
- نېمە، بىلىق دېگەن سۇدا ياشايدىغان تۇرسا، ساڭا قانداق زىيانكەشلىك قىلالىسۇن؟
-ساڭا ئېيتىپ بېرەي، مەن ئاسماندا پەرۋاز قىلىپ، يەردە سۆلەت بىلەن يۈرىدىغان چاغلاردا ئاجايىپ دەۋران سۈرگەن ئىدىم. قانداقلىكى ھايۋانات بولسا ياردىمىمنى ئايىمايدىغان ئاجايىپ سېخى ئىدىمكى ھايۋانلار مېنى سېخىلىقنىڭ ئۈلگىسى دەپ بىلەتتى. شۇ كۈنلەردىن بىر كۈنى ئۇسساپ كېتىپ دەريا بويىغا باردىم.
- ئىشەك جاناپلىرى،- يەر تېگىدىن ئاڭلانغاندەك بۇ ئاۋازدىن چۆچۈپ قارىسام يەردە بىر ئۆلۈمتۈك مەخلۇق لايغا مىلىنىپ يېتىپتۇ.
- كىم بولىسەن؟- دەپ سورىسام ئۇ ناھايىتى زەئىپ ئاۋازدا:
- بىلىق، بىلىق بولىمەن ئالىيلىرى، مەن يا قانىتىم يوق سۇدا ئۈزەلمەيمەن، يا پۇتلىرىم يوق قۇرۇقلۇقتا ماڭالمايمەن. سىلىدىن بىر ئۆتۈنۈشۈم بار ئىدى-، دېدى. مەن ئۇنىڭ بۇ بىچارە ھالىتىگە قاراپ، ئىچىم سىيرىلىپ كەتتى ۋە:
- قېنى ئېيتقىن، قولۇمدىن كېلىشىچە ياردەم قىلىمەن-، دېدىم. ئۇ يەنە زەئىپ ئاۋازدا:
- ئاشۇ مەزمۇت قاناتلىرىنى بىر سائەت ئۆتنە بەرگەن بولسىلا، مەن ئۇنىڭ بىلەن سۇغا كىرىپ، بىر قېتىم ئەركىن ئۈزۈپ، قانغۇچە سۇغا چۈمۈلۈپ چىقىۋالسام، پەقەت بىر سائەتلا، شۇنداق قىلسىلا ئۆلسەممۇ ئارمىنىم قالمايتتى-،دېدى. ئۇنىڭ بىچارە ئەپتىگە قاراپ ئويلىنىپ تۇرۇپ قالدىم. بېرەي دېسەم چوڭ ئاپام، كىشىلەرگە ھەممە نەرسىمىزنى بېرىشكە بولىدۇ، ئەمما قانىتىمىزنى بېرىشكە قەتئىي بولمايدۇ، دەپ ۋەسىيەت قىلغانىدى. بەرمەي دېسەم بىلىقنىڭ بىچارە ئەپتى يۈرىكىمنى ئېچىشتۇرۇپ كېتىپ باراتتى. ئاخىرى بېلىقنىڭ نىمجان ھالەتتىكى تەلمۈرۈپ تۇرغان كۆزلىرىگە بەرداشلىق بېرەلمەي، بىر سائەتلىك مۆھلەتتە قانىتىمنى بېرىپ تۇردۇم. ئاھ ، ۋا دەرىخا، بۇنداق بۇلارىنى نەدىن بىلەي، بىر سائەت ئەمەس، بىر كۈن، بىر ئاي، بىريىل ساقلىساممۇ لەنىتى بىلىق قانىتىمنى ئېلىۋېلىپلا سۇنىڭ ئاستىدىن چىققىلى ئۇنىمىدى. شۇندىن بۇيان ئاسماندا ئۇچالمىدىم، ئادەم ئاتلىق مەخلۇق قوغلىغاندا كىيىكتەك قاچالمىدىم. ئاقىبەت شۇ مەخلۇققا قۇل بولدۇم. يوۋاش، ئاق كۆڭۈللۈكۈم سەۋەبلىك، ئىگەم ئۈچۈن كۈن بويى ئىشلىدىم، ھاردىم، تالدىم دېمىدىم، ئات خىللىغان بوغۇزنى مەن خىللىمىدىم، خېچىر چىدىمايدىغان جاپالارغا مەن چىدىدىم. بىر ئۆمۈر جاپا ئىلكىدە ئەلەم يۇتۇپ، ياق، زەھەر، پۇشايمان زەھىرىنى يۇتۇپ ھازىرغا كەلدىم. بىرلا قىلغان ئىشىم، قەيەردە سۇ كۆرسەم ئاشۇ سۇغا ئايانماي سىيدىم. مەيلى كۆۋرۈك ئۈستىدە بولاي، مەيلى دەريا كېچەي، سۇنى كۆرسەملا ئاشۇ بىلىقنىڭ بېشىغا بىر سىيىشنى ئۇنتۇپ قالمىدىم. مەن ئۇنىڭدىن شۇنچىلىكلا ئۆچ ئالالىدىم. مەيلى شۇ سۇدا بىلىق بولسۇن ، بولمىسۇن. بىلىقنىڭ بېشىغا سىيىش ئارقىلىق ئاچچىقىمنى چىقىرىمەن دېگەن ئويلا بولغاچقا سۇنى كۆرسەملا سىيمەي قويمىدىم. ئەمما كىشىلەر ۋە باشقا ھايۋانلار مېنىڭ بۇ ھەسرىتىمنى ، دەردىمنى چۈشەنمەي، مېنى سۇ كۆرسىلا سۇغا سىيىدۇ، دەپ زاڭلىق قىلىشتى، سۇنى بۇلغىدىڭ دەپ نەپرەتلىنىشتى. مەن سىيىۋاتقاندا مېنى ئالدىرىتىپ ھارغىچە دۇمبالاشتى. قانداق، ئەمدى مېنىڭ كىملىكىمنى قانداق ياشاپ ئۆتكەنلىكىمى بىلگەنسەن.
- بىلدىم، ئىشەكباي، ئىچىڭ دەرد بىلەن توشۇپ كەتكەن بەندە ئىكەنسەنغۇ، ئەمدى سېنىڭ سۇنى كۆرسەڭلا سىيىدىغان ئادىتىڭنىڭ ئارقا كۆرۈنۈشىنى چۈشەنگەندەك بولدۇم. دېمىسىمۇ ساڭا ئۇۋال، ئىگەمگە سەن ئەڭ كېرەكلىك، سىنىڭ قىلىدىغان ئىشىڭنى ساناپ تۈگەتكىلى بولمايدۇ. ئەمما يېيىشىڭ سامان. سەبرى قىل. بىر كۈنلەردە قەدرىڭمۇ بولۇپ قالار...
ئىنەكخاننىڭ سۆزىنى ئاڭلاپ، ئىشەكباينىڭ سەۋرى قاچىسى توشتىمۇ قانداق:
- ئى ھا، ھا، ھا،- دەپ سوزۇپ ئېچىنىشلىق ھاڭرىۋەتتى.