|
ئۈزۈك تاقىغان ئورۇنغا.. | يازدا ئاياللاردا دائى.. | خانىم – قىزلار كۈندە ئۈ.. | تاماقتىن كېيىن قىلىشق.. | دېھقان | ئەرلەر قىلىشنى ئەڭ خال.. | ئەنگىلىيەدە ئەر-ئايال.. | كۆز قاپىقىنىڭ بىشارىت.. | ئەڭ ياخشى ياش باسقۇچى | سەۋزىنى كۆپ يەپ بەرسە .. | |
|
|
|
|
|
| |
|
سەن زادى قانداق ئايال؟
سېنىڭ بىلەن تور دۇنياسىدا تونۇشقىلىمۇ مانا ھەش-پەش دىگۈچە تۆت يىل بولۇپ قاپتۇ، بۇ تۆت يىل جەريانىدا سېنى بىرە كۇنمۇ ئويلىمىغان كۇنۈم يوق ئىكەن. توۋا سېنىڭدە زادى قانداق سېھىر باردۇر دەيمەن ئۆز-ئۆزۈمگە، نىمە ئۈچۈن مېنى بۇنچە ئۆزۇڭگە رام قىلىۋالىدىغانسەن؟ مېنى خىيالچان ، مىسكىن ھالەتكە چۇشۇرۇپ قويغۇدەك سەندە زادى قانداق كارامەت باردۇ؟ -ياخشىمۇسىز؟ -ياخشىمۇسىز؟ -بىردەم پاراڭلاشساق بۇلامدۇ؟ - بۇلىدۇ. -مەن خەت يىزىشنى ئەمدىلا ئۈگەنگەن ، شۇڭا خەت يىزىش سۈرئىتىم بەكلا ئاستا، بىز ئاۋازلىق پاراڭلاشساق قانداق؟ - ھە مەيلى... مانا بۇندىن 4 يىل ئاۋال بولغان ئىش ، مانا بۇ بىزنىڭ تۇنجى تونۇشىشىمىز ، خەت يىزىش سۈرئىتىمنىڭ ئاستىلىقى سەۋەبىدىن سەن بىلەن ئاۋازلىق سۆزلىشىش پۇرسىتىگە ئىگە بولدۇم. توۋا نىمئانچە يىقىملىق ئاۋاز بۇ؟ قىلغان سۆزلىرىڭمۇ ناھايىتى ئورۇنلۇق، تىخى گەپلىرىڭگە يۇمۇرلۇق سۆزلەرنىمۇ ئارىلاشتۇرۇپ سۆزلىدىڭ، سەن بىلەن پاراڭلىشىپ كۆڭلۇم بىردىنلا ئېچىلىپ قالدى، بىر ئاز ۋاقىتتىن كىيىن سەن ۋاقتىڭنىڭ توشقانلىق سەۋەبىدىن توردىن چۇشۇدىغانلىغىڭنى ئىيتىپ مەن بىلەن خوشلاشتىڭ ، خەير ئامال قانچە؟ ماڭا خوش دىمەكتىن باشقا ئامال يوق ... شۇنداق قىلىپ ئىككىمىز نەچچە كۇندە بىر دىگۇدەك بۇ غايىۋى دۇنيادا پاراڭلىشىپ تۇرمۇشتىكى ھەر خىل تىمىلار ئۈستىدە پىكىر ئالماشتۇرۇپ تۇردۇق ، مېىنى خۇش قىلغىنى كۆز -قاراشلىرىمىز ئاساسەن ئوخشاپ كېتىشى بولدى ، كۇنلەر ئۆتىشى بىلەن بىر -بىرىمىزگە بولغان چۈشىنىشمۇ چوڭقۇرلاشتى... بىر كۇنى سەن ئۆز شەخسىي تۇرمۇشۇڭ توغرىسىدا سۆز ئېچىپ قالدىڭ ، ئەسلىدە سەن توي قىلىپ بولغان ئىكەنسەن، بۇ گىپىڭنى ئاڭلاپ كۆڭلۇم بىر قىسمىلا بولۇپ قالدى، ئۆزۈمگىمۇ ھەيران قالدىم ، نىمە ئۈچۈن كۆڭلۈم بۇنچە يىرىم بولىدىكىنە؟ سېنىڭ توي قىلىپ بولغانلىقىڭ نورمال ئىشقۇ؟ ئەسلىدە مەن سېنى ياخشى كۆرۇپ قالغان ئىكەنمەن ، سېنىڭ يېقىملىق ئاۋازىڭ ، يۇمۇرلۇق سۆزلىرىڭ.. مېنى ئاللىقاچان ئۆزۇڭگە رام قىلىۋالغان ئىكەن، شۇنداقتىمۇ ئۆزۇمگە زور تەسەللى بىرىشكە مەجبۇر بۇلدۇم ، بۇ مۇھەببەت ئەمەس، بۇ پەقەت بىر خىيالى تۇيغۈ، بۇ پەقەت بىر قىزىقىش... مەن مانا مۇشۇنداق تەسەللىلەر بىلەن ئۆز كۆڭلۇمنى بەزلەشكە باشلىدىم. تۇيۇقسىز بىر كۇنى تۇققان يوقلاش سەۋەبىدىن سەن تۇرۇۋاتقان شەھەرگە بىرىپ قالدىم ، ئۆز ئىشىمنى پۇتتۇرۇپ بولۇپلا سېنىڭ بىلەن بىر كۆرۇشۇپ بىقىش ئىستىكى مەندە تۇغۇلدى، ئېختىيارسىز ئىشخاناڭغا تىلىفۇن قىلىپ مېىنىڭ ھازىر سەن تۇرۇۋاتقان شەھەردە ئېكەنلىكىمنى ئىيتتىم ، پەرىزىمچە سەنمۇ ھاياجانلاندىڭ، شۇنداقلا مېنى قىزغىن قارشى ئالىدىغانلىغىڭنى بىلدۇردۇڭ، شۇنىڭ بىلەن بىز بىر ئاشخانىدا بىللە تاماق يىيىشكە پۇتۇشتۇق، سەن بىلەن كۆرۇشۇشتىن بۇرۇن سېنىڭ تۇرقۇڭنى ھەر خىل قىياس قىلىپ باقتىم ، چۈنكى سەن تولىمۇ كەمتەر ئىدىڭ ، ئۆزۈڭنى دائېم ئانچە ئەمەس دىگەن گەپ بىلەن سۈپەتلەيىتتىڭ... مانا بىز پۇتۇشكەن ۋاقىتقىمۇ ئاز قىلىۋاتاتتى ، مەن تولىمۇ جىددىيلەشمەكتە ئىدىم ، توۋا ھاياتىمدا بولۇپ باقمىغان تۇيغۇلار ئەمدى بۇلۇۋاتقان ئىدى، نەق ۋاقىتنىڭ توشوشى بىلەن سەن ئالدىمدا پەيدا بولدۇڭ، توۋا سەن مېنىڭ ئويلىغىنىمدىنمۇ بەكرەك گۈزەل ئىدىڭ، ئوماق كۇلۇشلىرىڭۋە خۇيمۇ ياراشقان زىنىقلىرىڭ ساڭا تىخىمۇ بىر خىل گۈزەللىك بىغىشلىغان ئىدى، قارىماققا سەنمۇ شۇ مەن بىلەن تەڭ دىمەتلىك ئىدىڭ ، تۇنجى كۆرۇشۇش بولغاچقىمۇ ئىككىلىمىزدە ئازراق ھودۇقۇش بار ئىدى ، سەل ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن بىز خۇددى كونا تونۇشلاردەك ئەركىن ئازادە پاراڭلاشتۇق ، دىمىسىمۇ توردا سېنىڭ بىلەن ئۇزۇن يىللىق سىرداشلاردەك بولۇپ كەتكەن ئەمەسمۇ؟ ۋاقىت نىمىدىگەن تېز ئۆتكەن ھە؟ بىردەمدىلا خوشلىشىدىغان ۋاقىت بوپتۇ، ئامال يوق، سەن بىلەن خوشلىشىپ ئۆز يولۇمغا راۋان بولدۇم ، ماشىنامنى ھەيدەپ يول بويى سېنىلا خىيال قىلىپ كەلدىم ، ياخشى كۆرۇش دىگەن شۇنداق بۇلامدىغاندۇ؟ نەق 26 يىشىمدا سېنى ياخشى كۆرۇش پىشانەمگە پۇتۇلگەن ئىكەن، يەنە كېلىپ توي قىلىپ بولغان باشقا بىر ئەرنىڭ ئىلكىدىكى بىر ئايالنى.. سېنىڭ بىلەن كۆرۇشكەندىن كېيىن سېنى تىخىمۇ ياخشى كۆرۇپ كېتىۋاتاتتىم ، ياق ، سېنى ياخشى كۆرۇشۇم توغرا ئەمەس، ئەمما بۇ مېنىڭ ئىختىيارلىقىمدىكى ئىش ئەمەس ئىدى. ئايلار ئۆتۇپ يىللارمۇ ئۆتمەكتە ئىدى، سېنى ياخشى كۆرۇشۇم سۇسلىشا ئەمەس، تىخىمۇ كۈچىيىۋاتاتتى ، توردا سەن بولساڭ پاراڭلىشىمەن ، سەن بولمىساڭ تورغا چىقىش ماڭا ناھايىتى مەنىسىز بىر ئىشتەك بىلىنىدۇ، مانا ھازىر ساڭا بىر باھانىلەرنى قىلىپ تىلىفۇن قىلىدىغان بولۇۋالدىم . ھەر قىتىم ئاۋازىڭنى ئاڭلاشنڭ ئۆزى مەن ئۈچۈن بىر كۆڭۇللۇك ئىش ، بىر نەچچە قىتىم سەندىن يوشۇرۇن ماشىنامنى ھەيدەپ سېنىڭ ئىشتىن چۇشۇۋاتقان ۋاقتىڭنى پەملەپ سېنى يوشۇرۇن كۆرۇپ كەلدىم ، ھىلىمۇ ياخشى ئىككىمىزنىڭ ئارىلىقى 300 كىلومىتىرغىمۇ يەتمەيدۇ. سەن توي قىلىپ بولغانلىغىڭ ئۈچۈن سېنىڭدىن بۇ سۆيگۈمنى يوشۇرۇشقا مەجبۇرمەن ، چۇنكى ئۆز تۇرمۇشۇڭنىڭ بەخىتلىك ئېكەنلىكىڭنى ماڭا بىر نەچچە قىتىم ئىيىتقان ئىدىڭ ، بىلىمەن ، سەن مېنى پەقەت بىر دوس قاتارىدا كۆرۇسەن، ئەمما مەنچۇ؟ مەن قانداق قىلاي؟ سېنى ئۇنتۇش ئۈچۈن مەن نىمىلەرنى قىلىپ باقمىدىم ؟ بۇ يىل يىشىم 30 دىن ئاشتى ، ئاپامنىڭ دائېم ماڭا توي قىلمامسەن؟ ساڭا يارىغۇدەك قىز چىقمىدىمۇ بالام ؟ دىگەن گەپلىرىنى ئاڭلىسام تولىمۇ ئازاپلىنىمەن، سىڭلىمنىڭ يىشىنڭ چوڭىيىپ كېتىپ بارغىنىنى كۆرگىنىمدە تىخىمۇ خىجىل بولىمەن، بەلكىم ئۇ مىنى ساقلاۋاتقان بولىشى مۇمكىن . بەزىدە سېنىڭ بىلەن نىمىشقىمۇ تونۇشۇپ قالغاندىمەن دەپ ئويلايمەنيۇ لىكىن بۇ خىيالىمنى تىزلا ئىنكار قىلىمەن، چۈنكى مەن سەن بىلەن تونۇشۇپ ھەقىقىي ياخشى كۆرۇشنىڭ نىمە ئىكەنلىكىنى ھىس قىلدىم ، سەن ماڭا ئەڭ شىرىن تۇيغۇلارنى ئاتا قىلدىڭ ئەمەسمۇ؟ گۇلۇم ، مەن بۇ سۆزلىرىمنى ساڭا دىيىشكە جۇرئەت قىلالمايمەن، پەقەت مۇشۇ خىيالى دۇنيادىكى دوستلىرىمغا دېيىشكە مەجبۇرمەن ، مېنى شۇنچە كۆيدۇرگەن سەندىكى زادى قانداق خىسلەتتۇ؟ سەن زادى قانداق ئايال؟ مەن زادى قانداق قىلسام سېنى ئۇنتۇيمەن؟ |
كۆرۈلۈشى:643 | قوشۇلغان ۋاقتى:2010-4-1 21:41:29 | يوللىغۇچى ئەزا:RIWAYAT2002 |
|
| | بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يوللانمىدى ، سىزنىڭ تۇنجى ئىنكاس يوللىغۇچى بولىشىڭىزنى قارشى ئالىمىز ! |
سىرلىقلىقىڭىزنى.. | چاچ چۈشۈشنى كەلت.. | ھەددىدىن زىيادە .. | سەۋزە ئۆپكىنى ئا.. | مېۋە پوستى بىلەن.. | دۇنيادىكى ئەڭ تو.. | ئاياللارنىڭ جورا.. | «ئەر-خوتۇنلار ئو.. | ئەر -ئاياللار ھەق.. | ھازىرنىڭ ئۆزى بە.. | تەنھالىق ئىنسانغ.. | ساپما كەشنىڭ زىي.. | |
|
|
|
|