|
ئۈزۈك تاقىغان ئورۇنغا.. | يازدا ئاياللاردا دائى.. | خانىم – قىزلار كۈندە ئۈ.. | تاماقتىن كېيىن قىلىشق.. | دېھقان | ئەرلەر قىلىشنى ئەڭ خال.. | ئەنگىلىيەدە ئەر-ئايال.. | كۆز قاپىقىنىڭ بىشارىت.. | ئەڭ ياخشى ياش باسقۇچى | سەۋزىنى كۆپ يەپ بەرسە .. | |
|
|
|
|
|
| |
|
— مېنى ياخشى كۆرەمسىز؟ — ياخشى كۆرىمەن. — ئىنتايىن ياخشى كۆرەمسىز؟ — ئىنتايىن ياخشى كۆرىمەن. — ئۇنداقتا بىز توي قىلايلى. — پىرىنسىپ جەھەتتە مەن بۇنىڭغا قارشى تۇرمايمەن. — ئۇنداقتا توي قىلىشىمىزغا تەسىر كۆرسىتىدىغان باشقا سەۋەب بارمۇ؟ — يوق. — ئۇنداق بولسا بىز توي قىلايلى. — ماقۇل...لېكىن، بىز توي قىلغاندىن كېيىن قەيەردە تۇرىمىز؟ —ئۆي ئىجارىگە ئېلىپ ئولتۇرايلى. — ماقۇل، ئەمما قايسى پۇلغا ئۆي ئىجارە ئالىمىز؟ — بىرەر خىزمەت تېپىپ ئىشلەيمىز – دە. — بۇمۇ بولغۇدەك، لېكىن تاماقنى قايسىمىز ئېتىمىز؟ — ئانام تاماقنى بەك ئوخشىتىدۇ، مومىڭىزمۇ بىزنى يوقلاپ كەلسە بولىدۇ. — ماقۇل، لېكىن بىز نېمە ئۈچۈن توي قىلىمىز؟ — بالىلىق بولۇش ئۈچۈن. — بىراق بالىلىق بولساق ئۇنىڭ يىغىسى، جېدىلى كۆپ بولىدۇ، دائىم ئۇلارغا قارىمىساق، تاماق يېگۈزمىسەك بولمايدۇ. ئۇ چاغدا بىز كىنو، كونسېرت كۆرگىلى بارالمايمىز – دە! — ئۇنداق بولسا بالىلىق بولمايلى، كىنو، كونسېرتلارغا بېرىۋېرەيلى، ئىتتىن بىرنى بېقىۋالايلى بولمىسا. — كىنوخانىغا ئىت ئەكىرگىلى قويمىسا. — ئۇنداق بولسا ئىتمۇ باقمايلى. — كىنو، كونسېرتلارنى كۆرۈۋېرەيلى. — بىز ھازىرمۇ دائىم بىللە كىنو، كونسېرت كۆرۈۋاتىمىزغۇ؟ — شۇنداق. — ئۇنداقتا توي قىلىشنىڭ نېمە ھاجىتى؟ — توي قىلساق ھەر كۈنى بىللە بولىمىز. — سىز ھەر كۈنى بىللە بولۇشىمىزنى ئۈمىد قىلامسىز؟ — ھەئە، بىراق، ھەر كۈنى بىللە بولساق بەلكىم بىر – بىرىمىزدىن زېرىكىپ قالارمىز... ئەگەر بىرەر خىزمەت تېپىپ ئىشلىسەك كۈندە بىللە بولمايتتۇق. — دېمەك، خىزمەت قىلىشىمىز كۈندە بىللە بولماسلىقىمىز ئۈچۈن ئىكەندە؟ — ئۇنداقتا خىزمەت قىلمايلى. — ئىشلىمىسەك نېمىگە تايىنىپ تۇرمۇش كەچۈرىمىز؟ — ئۇنداق بولسا بىللە تۇرمۇش كەچۈرمەيلى. — ئۆيمۇ ئىجارىگە ئالمايلى. — مەن داۋاملىق ئانام بىلەن بىللە تۇراي، ئۇ ماڭا كۈندە تاماق ئېتىپ بېرىدۇ. — مەنمۇ مومام بىلەن تۇراي. — ئەمدى توي قىلىشىمىزنىڭ ھاجىتى قالمىدى. — مەن ئەسلىدىمۇ شۇنداق دېمەكچى ئىدىم. — توغرا، بىزگە نىسبەتەن توي قىلىش – قىلماسلىقنىڭ يەنە نېمە ئەھمىيىتى بولسۇن؟ مۇھىمى، بىر – بىرىمىزنى ياخشى كۆرسەكلا بولدى، سىز مېنى ياخشى كۆرەمسىز؟ — ياخشى كۆرىمەن. — ئىنتايىن ياخشى كۆرەمسىز؟ — ئىنتايىن ياخشى كۆرىمەن. (ئەلىجان ئوبۇل خەنجەر تەرجىمىسى)
|
كۆرۈلۈشى:418 | قوشۇلغان ۋاقتى:2010-2-15 12:48:52 | يوللىغۇچى ئەزا:admin |
|
| | بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يوللانمىدى ، سىزنىڭ تۇنجى ئىنكاس يوللىغۇچى بولىشىڭىزنى قارشى ئالىمىز ! |
سىرلىقلىقىڭىزنى.. | چاچ چۈشۈشنى كەلت.. | ھەددىدىن زىيادە .. | سەۋزە ئۆپكىنى ئا.. | مېۋە پوستى بىلەن.. | دۇنيادىكى ئەڭ تو.. | ئاياللارنىڭ جورا.. | «ئەر-خوتۇنلار ئو.. | ئەر -ئاياللار ھەق.. | ھازىرنىڭ ئۆزى بە.. | تەنھالىق ئىنسانغ.. | ساپما كەشنىڭ زىي.. | |
|
|
|
|