Article Center - ماقالە مەركىزى - ئىگىسىنى تاپالمىغان بەتنام
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:قىشتا يىسە پايدا قىلىدىغان 3 خىل يىمەكلىك
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:ئۇلۇغ قۇربان ھېيىتنىڭ كېلىپ چىقىشىنى بىلىۋېلىڭ!
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:نېمە ئۈچۈن ئاياللار توڭغاق كېلىدىغانلىقىنى بىلەمسىز
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:ئۇخلاشتىن بۇرۇن يىيىشكە بولمايدىغان يەتتە خىل يېمەكلىك
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:ئاچچىق ئانار ئىچ سۈرۈشنى توختىتىدۇ
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:ساغلاملىق يېمەكلىكى ــ قوناق ئۇنى
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:ئاياللارغا پايدىلىق ئۈچ خىل خۇش پۇراق
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:تاماكا چېكىش ئوزۇقلۇقلارنىڭ قوبۇل قىلىنىشىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ
 

تېمىسى مەزمۇنى باھا
 

ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:ئۈزۈك تاقىغان ئورۇنغا مىكروبلار ئوڭاي يۇشۇرۇنۇۋالىدۇ
ئۈزۈك تاقىغان ئورۇنغا..
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:يازدا ئاياللاردا دائىم كۆرۈلىدىغان پىسخىكىلىق كېسەللىكلەر
يازدا ئاياللاردا دائى..
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:خانىم – قىزلار كۈندە ئۈچ قېتىم قاقاقلاپ كۈلۈپ بېرىش كېرەك
خانىم – قىزلار كۈندە ئۈ..
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:تاماقتىن كېيىن قىلىشقا بولمايدىغان يەتتە ئىش
تاماقتىن كېيىن قىلىشق..
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:دېھقان
دېھقان
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:ئەرلەر قىلىشنى ئەڭ خالايدىغان 9 خىل خىزمەت
ئەرلەر قىلىشنى ئەڭ خال..
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:ئەنگىلىيەدە ئەر-ئاياللار بىر يىلدا 312 قېتىم ئۇرۇشىدىكەن
ئەنگىلىيەدە ئەر-ئايال..
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:كۆز قاپىقىنىڭ بىشارىتىگە سەل قارىماڭ
كۆز قاپىقىنىڭ بىشارىت..
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:ئەڭ ياخشى ياش باسقۇچى
ئەڭ ياخشى ياش باسقۇچى
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:سەۋزىنى كۆپ يەپ بەرسە ، ئۆپكە راكىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ
سەۋزىنى كۆپ يەپ بەرسە ..
 
 

    


ئىگىسىنى تاپالمىغان بەتنام

قۇلاققا تولمۇ سەت ئاڭلىندىغان بۇ يېقىمسىز ئىبارىنىڭ ماقالىدىكى سۆز تېمىسى بولۇپ تاللىنىپ قالغىنى ئوقۇرمەن- خالايىقتا يېقىمسىز تەسىرات قالدۇرغان بولسا، كەچۈرۈم سورايمەن. خاتا-خاتا ئەمەس، خاتالىق خاتا! سىپايىگەرچىلىك قىلىپ سۆز ئويناتقاندىن كۆرە، گاھى-گاھى يېقىمسىز ئىبارىلەر بىلەن جان ئالغانمۇ ئەۋزەل- كېسەل ساقايماي بەرسە تىغ سالغاندەك...
<<جالاپ>> دىگەن بۇ ئىبارە ئاڭلىنىشنىڭ تولمۇ سەتلىكى، قاراتمىلقىنىڭ كۈچلۈكلىكى، مەنىسنىڭ ئۆتكۈر ۋە چوڭقۇرلىقى جەھەتتە تەڭداشسىز يېقىمسىز بولغىنىغا قارماي، تەلەپپۇزىنىڭ ئىخچاملىقى بىلەن ئۆزلىشىشكە ھەم قۇلايلىق بولغان ئىنتايىن يېقىمسىز ئاتالما. بەس! پېقىر دېھقاننىڭ تېما قوزغاپ ئېيتاي دېگنىم، بۇ سەت ئاتالمىنىڭ بەدىئىي سۈپىتى ھەققىدە بولماستىن، جەمىيەتلىكى ۋە قاراتمىلقى ھەققىدە بولۇۋاتقىنى ئۈچۈن تۈزلا ئاساسي مەقسەتنى مارايمىز.

ئادەم كۆپ بازار كوچىسىدا بالا يۆتلەپ كېتۋاتقان ئوتتۇز ياشلادىكى جۇۋان تالغان گەۋدىسىنى رۇسلىغىنچە، دولىسدىكى تېڭىلچاقنى سىلكىپ رۇسلىدى. شۇ ئارلىقتا تاسادىپىيلا جۇۋاننىڭ ئۇدۇلدىن ئۆتۇپ كىتۋاتقان يەنە بىر بازارچى يىگىت جۇۋاننىڭ سىلكىگەن تىڭىلچىقىغا سوقۇلۇپ ، قولدىكى تاۋۇز يەرگە چۇشۇپ يېرلىپ كەتتى. قورقۇپ ساراسامگە چۇشكەن جۇۋان خىجىللىقتىن قىزىرىپ يىگىتتىن ئەپۇ سورغىچە، قىززىققان يىگىت شىردەك ھۆكىردى...
- كۆزى يوقما ما جالاپنىڭ! قايلاپ ماڭماي...
خىجىللىق ئىلكىدە ئاران تۇرغان جۇۋان كۈتۈلمىگەن زەربىدىن داڭ قېتىپلا قالدى. شۇ تۇرقىدا ئۇنىڭ قەدىر - قىممىتى بىر - ئىككى يۈنلىك تاۋارچىلىك بولالمىغانىدى. ئەخلاق نۇقتىسىدىن ئېيتقاندا، ئۇ قاپقارا تۆھمەتكە كىلۋاتاتتى؛ بىچارە - پاك مەزلۇمە بۇ ئۆمرىدە ئاۋۇ يىگىت <<تەقدىم>> ئەتكەن ھاقارەتلىك نامغا مەنسۇپ قىلىقلارنى قىلىپ باقمىغان بولسىمۇ، بۈگۈن ئادەم كۆپ تالادا! نەق كوچىدا بۇ يولسىز قاپقارا توھمەتكە قېلىۋاتاتتى.
ھەئە، بىز بۇنى تۆھمەت دەيمىز. خەق قىلمىغان ئىشنى تېڭىپ، چاپلاپ ھاقارەت قىلغاننى، قىززىققانلىق بىلەن ئاچچىقىنى چىقىرىۋېلىش بەدىلىگە ئويلانماي ئېيتىپ خەقنى سۇندۇرغاننى، بىھۇدە - ئورۇنسىز ئېيتىلغان سۆزنى تۆھمەت دېمەي نېمە دېيەلەيتتۇق!؟ بولمىسا، تاۋۇز يىرلىپ مال - مۇلكى دەخلى تەرۇزگە ئۇچۇرغۇچى شەخىس ئۈچۈن مۇرەسسە، تۆلتىش، سوتلىشىش دېگەندەك كۇپايە. بولۇپمۇ، بىر تاۋۇز ئۈچۈن خەقكە تۆھمەتلىك ئىبارىلەرنى ئىشلەتمەيمۇ مەسىلىنى ھەل قىلغىنى بولىدۇ. تاۋۇز يېرلىپ زىيان تارتىپ كەتكەن بىچارە ئەركەك باشقىچە ئۇسۇلدا سۆزلەشسىمۇ بولاتتى. مۇرەسسە قىلسىمۇ، تۆلەتسىمۇ، تۆلەم تەلپى رەت قىلىنسا سوتقا ئەرز سۇنسىمۇ بولاتتى. ئاڭلىماققا ئەخمىقانە تۇيۇلغان بۇ پىكىرىمىزگە<<بىر - ئىككى يۈنلىك تاۋۇزغامۇ سوتلىشىش ھاجەتمۇ؟>> دەپ مەسخىرە قىلدىغانلار شۇ تاپنىڭ ئۆزىدىلا نەچچە يۈزلەپ چىقىشى مومكىن. بىراق، بىر - ئىككى يۈنلىك تاۋار ئۈچۈن سالمىقى يەرشارىدىن ئېغىر بولغان، كۆتۈرۈپ قوپقۇسىز تۆھمەتلىك ئىبارىنى ئىشلەتكەن نامەرت - خۇمسىلانىڭ سۆز - ھەركىتىگە نارازى ياكى مەسخىرە كۈلگەنلەر قانچىلىكتۇ؟!...
ھەدىستەك ياكى سىڭلىسىدەك كىشىنى ئاياشنى بىلمىگەن، ئۆز ئاغزىدىن چىقىۋاتقان سۆزنىڭ نەدىن كېلىپ نەگە بىرىپ توختايدىغانلىقىنى دەڭسەپ بىلگۈچىلىكى يوق ئادەمدە نە ئار، نە نۇمۇس، نە ئادىمىيلىك دېگەن بولمايدۇ، بۇنداق ئادەملەر ئۆزىنى ھەر قانچە ئۇلۇغ سانىسىمۇ، ئەرلەردىن چىققان جالاپلاردۇر!

دوڭغاق سۆگەتلەر سايە تاشلاپ تۇرغان توپىلىق سەھرا يولىدا بىلەكتەك توم چاچلىرى قوش ئورۇلگەن ئوماققىنا دېھقان قىزى ئوت - چوپ سېلىنغان ئېغىر خام تاغارنى ئاران كۆتۇرگىنچە مۈكچىيىپ كېلىۋاتاتتى. تاغارنىڭ قانچىلىك ئېغىرلىقى قىزنىڭ تەر تامچىلاپ، پوكاندەك ئېسىلگەن مەسۇمە چىرايىدىن بىلنىپ تۇراتتى.
تۇيۇقسىز قىزنىڭ يىندا پەيدا بوپ قالغان سايا قىزنى چۆچۈتتى. قىزنىڭ يىنىدا گەدىنگىچە چاچ قويغان، يوتىسى تار، پۇشقىقى كەڭ چاقماق يوللۇق كاناي شىم كىيگەن ئېگىز يىگىت ھىجىيىپ تۇراتتى. يىگىت قىزنىڭ تەققى تۇرقىغا يەۋەتكۈدەك قارغىنچە ئېغىز ئاشتى:
- خىنىم، تاغالىرنى كۆتۈرۈشۈپ بىرەمدۇق؟
ئۇيالغىندىن قەغەزدەك نېپىز لەۋلىرى تىترگەن قىز بوش شىۋىرلىدى:
- بولدى، ئەكېتەلەيمەن.
- ناز قىلمىسلا، خېنىم،سىلىنىڭ تاغارنى بىر كۆتۈرۈپ باقىلى.
- بولدى!
- ۋوي خېنىم، بولغىننى مەن بىلمەي ئەجەپ سىلى ناز قىلىپ كەتتىلە، ئەكەسىلە...
ياپما يۇشۇرۇنغان لاۋزا گەپتىن نەپرەتلەنگەن قىز بېشىنى تىك كۆتۈردى:
- بۇنداق گەپلىرنى ئاچىلىرىغا بىرىپ دەپ بەرسىلە جۇما! قايداغ ئادەم بۇ؟...
قىزدىن بۇنداق يامان سۆز كۈتمىگەن يىگىت تېرككىنىدىن كېكەشلەپ كەتتى:
- قا... قانداق ئاغزى يامان جالاپ ماۋۇ؟... ھىلى بىكا ما جالاپنى...
ئۆز سەۋەنلىكىنى ھېچ بىلمىگەن بىچارە قىز ئۆزى ئەشەددىي ئۆچ كۆردىغان يامان ھاقارەتتىن ھاڭۋېقىپ دەقىقە تۇرۇپ قالغاندىن كېيىن، تاغارنى تاشلاپ يۈزىنى توسقىنىچە يىغلاپ يۈگۈرۈپ كەتتى.
ھەئە، قىز گۇناسىز ئىدى. ئۇنىڭ <<گۇناھى>> ئۇياتچانلىق ئىدى. ئۇ، قىزلادا بولۇشقا زۆرۈر تېگىشلىك بولغان ئېسىل خسلەتنى قوغدايمەن دەپ قاپقارا تۆھمەتكە قىلىۋاتاتتى. ئەلۋەتتە، بىز بۇنى تۆھمەت، دەيمىز. خەقلەر كىلىپ بېمەنە - تېتىقسىز سۆزلەر بىلەن گەپكە سالسا، ساماندىن سۇ، گەپتىن گەپ يۈگۈرتۈپ تۇرغانغا ھەدەپ سۇيۇق - شاتىراقلىق قىلماي ئۆز قەدىر - قىممىتىنى ساقلاۋاتسا، يەنە مەنسۇپ بولمىغان <<نېسىۋە>> بىلەن ھاقارەتلەنسە، بۇنى تۆھمەت ئەمەس دېيەلەيتتۇقمۇ؟ قىزلانىڭ گۈزەل خۇلق - مىجەزىنىڭ ئۆلچىمىنى بىلمەيدىغان پەسەندىلەرنىڭ ئويى بويچە بولغاندا، يىگىتلەر كېلىپ قىزلاغا قاش ئىتىپ تۇرسا، بىھايا گەپلەر بىلەن كۆڭلىنى خۇش ئىتىپ تۇرسا، قىزلامۇ نەدىن دېسە شۇ يەردىن چىقىپ ھىجىيىپ - نازلىنىپ تۇرسا، سۈركىلىپ - ئېسىلىپ تۇرسا ئاندىن ياخشى ۋە ئوماق بولاتتىمۇ؟ قىزلاغا خاس ئەخلاقىي مىزان بىلەن ئۆز غۇرۇرىنى ساقلاۋاتقانلارنى<<جالاپ>> دەپ تىللىغانلانىڭ خىيال - پەيلى ئەشەددىي ياماندۇر! ئۆزدىكى پەسەندىلىكنى قېلىنلىق بىلەن باشقىلارغا دۆڭگەپ تۆھمەت قىلغان ئەرلەر جالاپ ئەرلەردۇر!...

         كۆرۈلۈشى:662     قوشۇلغان ۋاقتى:2010-3-29 20:05:47يوللىغۇچى ئەزا:ziminarkisi

    
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يوللانمىدى ، سىزنىڭ تۇنجى ئىنكاس يوللىغۇچى بولىشىڭىزنى قارشى ئالىمىز !

ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:سىرلىقلىقىڭىزنى يوقاتماڭ
سىرلىقلىقىڭىزنى..
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:چاچ چۈشۈشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئامىللار
چاچ چۈشۈشنى كەلت..
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:ھەددىدىن زىيادە رومانتىكلىقمۇ كىشىنى بىزار قىلىدۇ
ھەددىدىن زىيادە ..
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:سەۋزە ئۆپكىنى ئاسرايدۇ
سەۋزە ئۆپكىنى ئا..
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:مېۋە پوستى بىلەن...
مېۋە پوستى بىلەن..
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:دۇنيادىكى ئەڭ توغرا پىسخېكا سىنىقى
دۇنيادىكى ئەڭ تو..
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:ئاياللارنىڭ جورا تاللاشتىكى يېڭى چارىسى
ئاياللارنىڭ جورا..
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:«ئەر-خوتۇنلار ئوخشىشىپ كېتىدۇ» نىڭ ھەقىقىي سىرى
«ئەر-خوتۇنلار ئو..
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:ئەر -ئاياللار ھەققىدە قىزىقارلىق پاراڭلار
ئەر -ئاياللار ھەق..
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:ھازىرنىڭ ئۆزى بەخىت
ھازىرنىڭ ئۆزى بە..
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:تەنھالىق ئىنسانغا نىسبەتەن‹‹يۇشۇرۇن قاتىل ››ئىكەن
تەنھالىق ئىنسانغ..
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:ساپما كەشنىڭ زىيىنى تولا
ساپما كەشنىڭ زىي..

ئالدىنقى ماقالە:ئۈلۈپ كىتىشىڭىزگە قايىل بۇلۇڭ
كېيىنكى ماقالە:ئـۇلار كـىـمـگــە خـاتـىـرجـەمـلىك تىلىمــەكــچــى؟
{ كۆچۈرۈش } { بېسىپ چىقىرىش }
 
بۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭ

شىرىنىم ئەسەر سەھىپىسى (2010 - 4 - 16)  新ICP备10001556号