|
ئۈزۈك تاقىغان ئورۇنغا.. | يازدا ئاياللاردا دائى.. | خانىم – قىزلار كۈندە ئۈ.. | تاماقتىن كېيىن قىلىشق.. | دېھقان | ئەرلەر قىلىشنى ئەڭ خال.. | ئەنگىلىيەدە ئەر-ئايال.. | كۆز قاپىقىنىڭ بىشارىت.. | ئەڭ ياخشى ياش باسقۇچى | سەۋزىنى كۆپ يەپ بەرسە .. | |
|
|
|
|
|
| |
مۇڭسىرىغان ئاشىق - مەشۇقلار بايرىمى
|
|
|
بۈگۈن ئاشىق -مەشۇقلار بايرىمى ،ئۆيدە بۇرۇقتۇرما بۇلۇپ ئولتۇرۋېرىشكە رايىم بارماي چېرايلىق ياسنىپ ،لەپشىپ يېغۋاتقان قاردا سېرىتقا چىقتىم ،قار گۈلى يۈزۇمنى سۈيۇپ ئۇنىڭ پاك سۈيگۈسىنى ماڭا يەتكۈزۋاتقاندەك قىلاتتى كوچىلاردا خۇش -تەبەسسۇم قىزلارنىڭ قۇلدا بىر تالدىن قىزىل ئەترگۈل يالتىراپ تۇراتتى ،ئۇلار يېندىكى يېگتىلەرگە تاتلىقىنە ئەركىلشىپ ئۈزنىڭ بەختىنى ماڭا كۆز -كۆز قىلغاندەك يېنىمدىن ئۆتشۇپ تۇرۇردى .نىشانسىز نەگە بېرىشنى بىلەلمەي خىيالغا پېتىپ تۇرسام ھەدە بىر تال ئەتىرگۈل سېتۋېىڭچۇ دېگەن ئاۋاز بىلەن خىيال دېڭزىدىن رېئالىقا قايتىپ ئاۋاز چىققان تەرەپكە قاردىم ،ئالدىمدا ئوماقىنە 12 ياشلار چامسىدىكى ،رەتلىك كېيىنگەن قىز تۇراتتى ئوماق سىڭلىم شۇنچە سوغاقتا نىمىشقا گۈل ساتسىز ؟ دەپ سوردۇم قىزدىن نەدە سوغوق ،سوغوق ئەمەس ،مۇشۇ گۈللەرنى سېتىپ بولسام ئاپام ماڭا بىر قۇنچاق ئېلىپ بېرمەن دېگەن ،مەن ياق ئاپا مەن چوڭ بولدۇم كېتاب ئېلىپ بەر دېدىم ،ئاپام ،بەك خۇشال بۇلۇپ كېتىپ مىنى سۈيۇپ تۇرۇپ مىنىڭ قىزىم چوڭ بوپتۇ دېدى ھەدە سىزمۇ بىر تال گۈل ئېلىپ ئوغۇل دوستىڭىزغا سوۋغا قىلڭچۇ دېدى قىز سادىلىق بىلەن ھى،،،،بۇ قىزنىڭ چۈچۇك سۆزلىرىنى ئاڭلاپ كۆلۇپ تۇرۇپ مىنىڭ ئوغۇل دوستۇم بولمىسا دېدىم ھەدە سىز شۇنداق چېرايلىق ئىكەنسىز سىزنىڭ نىمىشقا ئوغۇل دوستىڭىز يوق دەپ سوردى ئۇ قىزقىپ تۇيۇقسىز كۆزلىرىمگە ياش ئوۋلىشۇپ تاھىرنى ئەسلىدىم ، ھەدە نىمىشقا گەپ قىلمايسىز ؟ ئەسلى بار ئىدى ئوماق سىڭلىم ،لىكىن ئۇ قاتناش ۋەقەسىدە تۈگەپ كەتكەن شۇڭا كەچۇرۇڭ ھەدە نىمىشقا مەندىن كەچۇرۇم سورايسىز ؟ سىزنىڭ كۆڭلۇسىز ئۆتمىشىڭىزنى ئىسىڭىزگە سېلىپ قۇيۇپتىمەن ،ماۋۇ چېرايلىق گۈلىنى مەن سىزگە سوۋغا قىلاي ھەدە ئۇ قىز شۇنداق دېگەچ شەبنەمدەك سۇلار مۇز بۇلۇپ يالتىراپ تۇرغان بىر تال ئەتىرگۈل غۇنچىسىنى ماڭا ئۇزارتتى رەھمەت سىڭلىم بۇنىڭغا پۇل بېرەي سوغوقتا سىزنىڭمۇ پۇل تاپمىقڭىز ئاسان ئەمەس ،مەن شۇنداق دەپ پورتمالمدىن ئون سومنى چىقىرىپ ئۇنىڭغا تەڭلدىم ۋېيەي ھەدە مەن بۇ پۇلىڭىزغا قاراشلىق ئەمەس ،ئاپام دوختۇر ،دادام ئادۇكات ،ئۇلار مىنى كىچكىدىن ھەممە ئىشقا پىشسۇن دەپ ،تەتىل، دەم ئېلىش كۇنلىرى ھەرخىل ئىشلارنى قىلىشقا ئاپىرىپ بېردۇ ،ئۈزۇم ئىشلەپ تاپقان پۇللارنى كىچىك پۇل يىغدىغان ساندۇقۇمغا سېلىپ ،ئاپامنىڭ ،دادامنىڭ تۇغۇلغان كۇنلىرىدە ،توي خاتىرە كۇنلىردە ئىشلىتىمەن ،ئاپامنىڭ دېيىشچە شۇنداق قىلسام ياخشى بالا بۇلدىكەنمەن ،ھەدە راس شۇنداقمۇ ؟ ئۇ قىزنىڭ بۇ سۆزلىرىنى ئاڭلاپ ئاتا -ئانسىنى كۆرۇپ باقمىساممۇ ئۇلاردىن قاتتىق سۈيۇندۇم ،ھەم شۇنداق ئاپپاق ئۇكام سىز مۇشۇنداقلا قىلسىڭىز كەلگۈسىدە چۇقۇم جاپاغا چېداملىق ،ئادەم بۇلۇپ چىقسىز ،رەھمەت گۈلڭىزگە دەپ گۈلىنى ئېلىپ سومكامدىكى پەلېيمىنى ئۇنىڭ سوغوقتىن مۇزلىغان قۇلغا كەيدۇرۇپ قۇيۇپ يولۇمنى داۋام قىلدىم ، قۇلمدىكى گۈلىنى كۆرۇپ يەنە تاھىرنى ئەسلەشكە باشلىدىم ئاشىق -مەشۇقلار كۇنى ماڭا چۇقۇم بىر دەستە گۈل ،بىر قاپ شاكلات ،بىر قاپ سېغىز ئېلىپ بېرسەن ياق ،يە ئۇ بايرام بىزنىڭ بولمىسا ،نۇرۇز بايرىمڭدا ئېلىپ بېرەي ياق مەن ئۇنمايمەن ئۇنمىساڭ مەيلى تاھىر سەن بەك ئەسكى جۇمۇ ھى،،،ھى،،،،ياخشىسىنى تاپ ئەمسە شۇنچە قاراپ باقساممۇ سەندەك ياخشسى تاپالمايۋاتسام ھە ئەمدى قەدىرمگە يېتىپسەندە بۇرۇنلا يەتكەن ئەمسە مەن بىلەن سوقۇشما جۇمۇ ياق تازا سوقشىمەن ھى،،،،،ماڭا بېرىپ شاكلات ئېلىپ بېرەي ئاران شاكلاتمۇ يەنە سېغىزمۇ ئېلىپ بېرسەن سېغىز چايناۋېرىپ كالاچ ئېغىز بۇلۇپ قالسەن مەيلى ئۇ دائىم مىنى ئاشۇنداق جىلە قىلاتتى ،مەنمۇ ئۇنىڭغا ماسلىشىپ بېرەتتىم ،ئالىي مەكتەپكە بارغان تۇنجى يېلى مەكتەپتكى يۇرۇتداشلار ئولتۇرشىدا ئۇنىڭ بىلەن تۇنشۇپ ،يېقىن دوسلاردىن بۇلۇپ قالغان ئىدۇق ،ئۇ مەندىن بىر قارار يوقۇرى ئوقۇيتتى ،تەتىلەردە ئۆيگە بىرگە قايتىش جەرياندا بىر -بىرىمىزگە كۆڭلىمىز چۇشۇپ قېلىپ مۇھاببەت بېغىغا ئۈز ئىختىيارىمىز بىلەن كىرگەن ئىدۇق ،بىر -بىرىمىزنى شۇنداق ھۆرمەتلگەچكىمكىنى كۆڭلىسىزلىكلەر ئاز بۇلاتتى ، ئۇ ئالىي مەكتەپنى پۇتتۇرۇش ئالدىدا ياتاقداشلىرى بىزنىڭ يۇرۇتقا ساياھەتكە كەلگەن ئىدى ،مەنمۇ ئۇلارنى ئۆيگە چاقىرىپ ئالداغا چىقىپ كۇتۋالغان ،تاھىرنىڭ ئۈزدىن تۆت ياش چوڭ ساقچى ئاكسى بۇلۇپ تاھىرنىڭ دوسلىرىنى كۆتۋېلىش ئۇچۇن يۇرتىمىزدىكى داڭلىق ساياھەت مەنزىلگاھىغا ئاپرىپ ئوينۇتۇپ كەلگلى ئەپكەتتى تاھىر ماڭا بىرگە بېرىپ ئويناپ كېلىش تەكلىۋېنى بەرگەن بولسىمۇ لىكىن مەن ئۇنىڭ ئاكسىدىن خېجىل بۇلۇپ بارماي ئۆيدە قالغان ئىدىم ،ئۇلار كەتكەن كۇنى مىنى غەم بېسىپ قىلغان ئىشلىرىم زادىلا ئىلگىر باسمغان ئىدى ،تاماق ئېتمەن دەپ قازانغا ماينى قۇيۇپ قۇيۇپ خىيالغا پېتىپ قازانغا ئوت قۇيۇپ بەردىم ،كۆڭلۇم بىر شۇملۇقنى سەزگەندەك خاتىرجەمسىزلەندىم ،كەچ سائەت ئالتە بولغاندا ئۇنىڭ ئۆيگە مىھمانغا كەلگەن دوستىدىن بېرى ماڭا تېلغۇن قىلىپ تېزدىن دوىتۇرخانغا كېلشىمنى ئېيتتى ،بۇ خەۋەرنى ئاڭلاپ يۇركۇم ئاغزىمغا قاپلىشىپ قالايلا دەپ قالدى ،قۇلۇمدىكى ئىشنى جايىدا قۇيۇپلا دوختۇرخانغا قاراپ چاپتتىم ،دوختۇرخانا ئوپۇر-تۇپۇر بۇلۇپ كەتكەن ،مەن تەستە ئۆزۇمنى تۇتۇپ تاشقى كېسەللەر بالنىس رايۇنىغا كېرىپلا ئۇنىڭ ئاپسىنى كۆرۇپ تېخمۇ جىدىيلەششىكە باشلىدىم ئاستا تاھىرنىڭ ئاپسىنىڭ قېشىغا كېلىپ ئۇنىڭ بىلەن تىنىچ -ئامانلىق سوراپ بۇلۇپ تاھىرگە نىمىش بولغۇننى سوردۇم تاھىر بىلەن ئارلىشۋاتقلى ئۇچ يىل بولغاچقا ئۇنىڭ ئۆيدىكىلىرىنىڭ ھەمىسى مىنى ئوبدانلا تۇنۇيتتى . قېزىم دېدى تاھىرنىڭ ئاپسى يېغلاپ تۇرۇپ قاھىر ئىككى سانتانا تېىپىپ تاھىرنىڭ ئاداشلىرىنى ***ئارامگاھىغا ئېلىپ بېرىپتىكەن ،خۇشال ئويناپ قايتىپ كېلشىدە قاھىر ئالدىدىكى ماشىنىغا تاھىر كەيندىكى ماشىنىغا چىقىپتۇ ،تاھىر چىقان ماشىنىڭ يېرىم يولغا كەلگەندە بالونى ئېتلىپ كېتىپ يول بۇيدىكى تاغقا سوقۇلۇپتۇ ،قاھىر بۇ ئىشلارنى ماشىنا ئەينكىدىن كۆرۇپلا پارتىلاۋاتقان ماشىنا قېشىغا يۈگرەپ بېرىپ بۇ ماشندىكى باللارنى قۇتۇلدۇرۇپ تۇرشىغا ماشىنا پارتىلاپتۇ ،تاھىرنىڭ ئۇچ دوستۇنىڭ قول -پۇتلىرى سۇنۇپ ھاياتىغا خەۋىب يەتمەپتۇ ،لىكىن تاھىر ھازىر جىددىي قۇتقۇزۇشتا ئۇ ئاپاش شۇنداق دېگەچ قاتتىق ئىسەدەپ كەتتى نىمىشقا ؟نىمىشقا جىدىي قۇتقۇزۇشتا ؟زادى نېمە بوپتۇ بېشى ماشنىنڭ مەلۇم ئورۇنغا تېگىپ مىڭسىگە قان چۇشۇپتۇ ،شۇڭا .....شۇڭا ....دوختۇرلار جىددىي قۇتقۇزۋاتدۇ ، نىمىشقا ؟نىمىشقا ؟تاھىر نىمىشقا سەن شۇنداق بۇلسەن ،ياق سەن چۇقۇم ساقيسەن شۇنداقمۇ ؟مەن ئۇچۇن بولسىمۇ چوقۇم ساقيسەن ؟ ئۈزۇمگە توختىماي نالە قىلاتتىم ئوپراتسيە كەچ سائەت ئون بىلەن ئاياغلاشتتى ،دوختۇرلار ئوپراتسيەخاندىن چىقتى ،لىكىن مىنىڭ غەمگىزارىم مەڭگۈگە ئوخلاپ قالغان ئىدى ،تاھىرنىڭ ئاپسى ،ئاكسى ،دادسى ھەم مەن ئۇنىڭ يۈزنى ئاخىرقى قېتىم كۆرۋېلىش ئۇچۇن ئۇنىڭ قېشىغا كېردۇق ،ئۇنىڭ يۈز-كۆزلىرى ئىشىپ كۆكۇرۇپ چېرايىنى تۇنغۇسىز ئۆزگۈرۇپ كەتكەن ئىدى ،قېنى سەن تاھىر ؟نەگە كەتتڭ ؟شەخسىيەتچى، نىمىشقا مىنى يالغۇز تاشلاپ كېتسەن ؟بىز مەڭگۈ ئايرىلمايمىز دېگەنتىڭغۇ ؟سېنىڭ ۋەدەڭ مۇشۇمۇ ؟ماڭا گەپ قىل ؟مىنى تىلا ؟مەن بىلەن سوقۇش ؟توختىماي ئۇنى تۇرتۇپ يىغلايتتىم ،تاھىرنىڭ ئاكسى مىنى قۇچاقلىغىنچە سېرىتقا ئېلىپ چىقىپ كەتتى ،كۆز ئالدىمدا تاھىرنىڭ تۇنغۇسىز چېريى جېلۋنەتتى . ھەپتىگىچە ئۆزۇمنىڭ نەدە ؟نىمىش قىلۋاتقىنىمى ؟نېمىنى خىيال قىلۋاتقىنمى بىلمەيتتىم ؟ ھەپتىدىن كېيىن سەل ھۇشۇمغا كېلىپ تاھىرنىڭ ئۆيگە باردىم ،ئۇنىڭ ئۆيدىكىلىرى ئۇنىڭ ئاخىرەتلىك ئىشلىرىنى تۈگتۇپ تۈگمەس دەرىت -ئەلەمدە ئولتۇرغان ئىكەن ،ئاپسى مىنى كۆرۇپلا ماڭا ئېسلىپ قاتتىق يېغلاپ كەتتى ،مەنمۇ ئۇلار بىلەن ئۇزاق يىغلىشىپ ئۆيگە قايتتىپ كەلدىم ،شۇ كۇننىڭ ئەتسى ئەتگەندە ئۇنىڭ ئاكسى قاھىر بىلەن تاھىرنىڭ تۇپراق بېشىغا چىقتتىم ،ئۇنىڭ ئاكسىنى كەتكۇزۋېتىپ ،ئۇنىڭغا ھەمراھ بۇلۇش ئۇچۇن كەچ كىرگىچە ئۇنىڭ بىلەن بىرگە تاماق يېگىنمىزنى ،بىرگە يامغۇردا سەيلىگە چىقىنمىزنى ،قار ياققاندا بىرگە قار ئېتشىپ ،بىر جۈپ قار بوۋاي بىلەن قار موماي ياساپ تۇرۇپ بۇنىڭ بىرسسى سەن بىرسى مەن دېگىنمىزنى ،بىرگە كۈتۇپخاندا دەرىس تەكرالىغنىمىزنى ،مەن ئاغرىپ قالسام ئۇنىڭ ئۈچۋاخ تاماق تۇشغۇننى ،ئۇ مەكتەپتىن ئايرىلىپ پاراكتىكىغا چىقىقاندا بولسا كۇندە ئۇنىڭغا قىسقا ئۇچۇر قىلىپ سېنى سېغىندىم دەپ ئۇنۇڭغا يېغلاپ بەرگىنىمنى ،سېغىز ئېلىپ بەرمىسە تاماق يېمەي تۇرۋالغىنىمنى ئويلاپ ئىختارسىز ياش تۆكتۇپ كەچ كىرگەندە قايتىپ كەلگەن ئىدىم ، تۇرۇپ بەزى چاغلاردا خۇددى ئۇ ھاياتتەك ،يېراقلارغا سەپەر قىلىپ كەتكەندەك ،ھامان بىر كۇنى كېلدىغاندەك ھىس قىلاتتىم ،كۇنلەر ئۆتكەنسېرى ئۇنىڭ كەلمىگىنگە قاراپ ئۇنىڭ راسلا مىنى بۇ دۇنياغا يىگانە تاشلاپ كەتكىنگە ئىشنىپمۇ قالغان ئىدىم ،مەكتەپكە قايتىپمۇ ئۇنىڭ بىلەن بىرگە بولغان ،بىرگە بارغان ،جايلارنى يالغۇز كېزىپ چىقاتتىم ،قىلىشقان گەپ سۆزلەرنى ئەسلەپ بەزى كۇلسەم بەزى يىغلايتتىم ، يەنە بەزى كۇنلىرى ھەي ئاشۇ چاغدا مەنمۇ بىرگە بارغان بولسام ئىككىمىز تەڭلا ئۈلۇپ كەتكەن بولساقچۇ دەپ خىيال قىلپمۇ قالاتتىم ،كۇندىلىك خاترە دەپتىرىمنى ئېلىپ ئۇنىڭ بىلەن تۇنۇشقاندىن باشلاپ ھازىرغا قەدەر يۇز بەرگەن ئەھمىيەتلىك ئشلارنى ئوقۇپ ئۇنىڭدىن مۇشۇنداقلا ئايرىلغىنمغا ئەپسۇسلىنپمۇ قالاتتىم ،ھەم ئۆزۇمگە سەن مىنىڭ بارلىقىم تاھىر ،سەنسىز مەن بولمايمەن ،شۇڭا سەنسىز مېنىڭ كەلگۈسۇممۇ بولمايدۇ دەپ خىتاب قىلاتتىم ،بىر ئۈمۇر تەنھا ئۆتمەكچىمۇ بولدۇم ھەم بەل باغلىدىم مانا بۈگۇن ئۇ تۈگەپ كەتكىنگە سەككىزيۇز ئاتمىش ئۈچ كۇن بولغان كۇن ئىدى ، مەن ئاستا كوچىدىكى ئادەملەر توپىدىن ئايرىلىپ ئۇن ماي ماگزىنغا كېرىپ بىر چېنە گۈرۇچ ئېلىپ ئۇنىڭ قەبرىسىگە قاراپ ماڭدىم ، قەبرە بۇگۈن مىنىڭ كېلدىغىنمىنى بىلگەندەك چىغىر يولغا قاراپ ھەيۋەت تۇراتتى ، قۇلۇم بىلەن لەنىتى شامال ئۇچۇرۇپ كەلگەن يالتىراقلارنى،ئەخلەت -چاۋالارنى تازلاپ ئەپكەلگەن گۈرۇچنى ئۇنىڭ قەبرىسى ئۇستىگە چېچىپ ،يۈكنۇپ ئولتۇرپ ئازراق ئايەت ئوقۇپ ئۇلۇغ اللاھتىن ئۇنىڭغا جەننەت ئاتا قىلشنى تېلەپ بولۇپ ،ئۇنىڭ بىلەن خىيالىي مۇڭدىششىقا باشلىدىم جانىم بايرىمىزنى سەن بىلەن تەڭ ئۆتكۇزۇش ئۇچۇن كەلدىم . كەچۇر ئەزىزەم بايرام شاتلىقىنى ساڭا يەتكۈزەلمىدىم كېرەك يوق ،ماڭا پەقەت سېنىڭ پاك ئەقىدەڭ بولسىلا بولدى مەن تا بۈگۇنگىچە پەقەت سېنى ياخشى كۆردۇم ،يۈركۇممۇ پەقەت سەن ئۇچۇنلا سوقۇپ كەلدى ،لىكىن كەچۇرگىن سېنى بۇ ئالەمگە يالغۇز تاشلاپ ئېغىر دەرتتە قويدۇم . ئىسىت سەن بىلەن بىرگە بېرىپ مەنمۇ سەن بىلەن بىرگە ئۇ ئالەمگە كەتسەمچۇ ھەرگىز ئۇنداق دېمە ،اللاھ ئۇلۇغ ،شۇڭا مەن قىلىپ بولالمىغان ئىشلارنى سېنى قىلسۇن دېگەن گەپ ،اللاھقا مىڭ شۇكىر دەپ ئىككى ئۆيدىكى چوڭلاردىن ياخشى خەۋەر ئال ،غەمكىن يۈرۋەرمەي ،كىشلەرگە ئارلىشىپ ياشا ،تېزدىن بەختىڭنى تاپ لىكىن قەدىرلىكىم سەنسىز بەخىت مەندە نىمىش قىلدۇ ؟ ئۇنداق دېمە ،ساڭا ئىشنىمەن ،سەن چۇقۇم بەخىتلىك بولسەن ،بۈگۇن بايرىمىڭ شۇنداق مەنسىز ئۆتتى ،بۇنۇڭغا مەن ئەيىبلىك مىنى كەچۇر ئۇنداق دېمە ،مەن يەنلا خۇشال ،چۇنكى سەن قېشىمدا بولمىغان بىلەن روھىڭ ،سېنىڭ ساپ مۇھاببىتىڭ ،مەن ئۇچۇن سوقۇپ تۇرغان ئەقىدىلىك يۇركۈڭ مەڭگۈ مەن بىلەن بىرگە ،ماڭا مۇشىلا كۇپايە ،پەقەت مۇشلا بولسا كۇندە مىنىڭ ئاشىق -مەشۇقلار بايرىم ،سەنمۇ يەرلىكىڭدە خاتىرجەم يات ،خەيىر سۈيگەن يارىم ئامان بول . ئۇنسىز بۇ ئۇشبوي خىياللار بىلەن بۇ غېرىپ باسقان قەبرىدىن ئايرىلىپ ،نەچچە جىڭ بانان ،ئاپلىسىنلارنى ئېلىپ تاھىرنىڭ ئۆيگە باردىم ،ئاپسى تاماق ئېتىپ ئولتۇرپتىكەن ،مىنى كۆرۇپ شۇنداق خۇشال بۇلۇپ ئالدىمغا داستىخان سالدى ،مەن بۇ ئاپاشنىڭ تامقىغا بېقشىپ بەردىم ،ئۇڭغىچە تاھىرنىڭ دادسى ھەم ئاكسى ئىشتىن چۇشۇپ ئۆيگە كېردى ،ئۇلار مىنى كۆرۇپ قەۋەتلا ئېچىلىپ كەتتى ،لىكىن يەنە تاھىرنى ئەسلەپ سەل شۈكلەپ قالغاندەكمۇ قىلاتتى ،ئۇلار بىلەن ئادىغىنە غىزالىنىپ ئۆيۇمگە قايتتىپ كەلدىم . شۇنداق قىلىپ بىر يلدا بىر كىلدىغان ئاشىق -مەشۇقلار بايرىمىم ،سۈيگەن يارىمنى ئەسلەش بىلەن مۇڭسىراپ ئۆتتۇپ كەتتى .............................
مەنبە :مىسرانىم |
كۆرۈلۈشى:764 | قوشۇلغان ۋاقتى:2010-3-28 11:15:43 | يوللىغۇچى ئەزا:yigana444 |
|
| | بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يوللانمىدى ، سىزنىڭ تۇنجى ئىنكاس يوللىغۇچى بولىشىڭىزنى قارشى ئالىمىز ! |
سىرلىقلىقىڭىزنى.. | چاچ چۈشۈشنى كەلت.. | ھەددىدىن زىيادە .. | سەۋزە ئۆپكىنى ئا.. | مېۋە پوستى بىلەن.. | دۇنيادىكى ئەڭ تو.. | ئاياللارنىڭ جورا.. | «ئەر-خوتۇنلار ئو.. | ئەر -ئاياللار ھەق.. | ھازىرنىڭ ئۆزى بە.. | تەنھالىق ئىنسانغ.. | ساپما كەشنىڭ زىي.. | |
|
|
|
|