|
ئۈزۈك تاقىغان ئورۇنغا.. | يازدا ئاياللاردا دائى.. | خانىم – قىزلار كۈندە ئۈ.. | تاماقتىن كېيىن قىلىشق.. | دېھقان | ئەرلەر قىلىشنى ئەڭ خال.. | ئەنگىلىيەدە ئەر-ئايال.. | كۆز قاپىقىنىڭ بىشارىت.. | ئەڭ ياخشى ياش باسقۇچى | سەۋزىنى كۆپ يەپ بەرسە .. | |
|
|
|
|
|
| |
|
بۇ دۇنيادا ئاجايىپ ئىنسانلىرىمىز باركىن دۇنياغا تويمايدىغان بەك شۆھرەتپەرەس !يەنە شۇنداق ئىنسانلىرىمىز باركىن بۇ جاھاندا پەقەتلا ئۆزىنىڭ ئابروي-مەنپەتىنىلا ئويلاپ
باشقىلارنىڭ شۇنداقلا ئەتىراپىدىكىلەرنىڭ نەزىرىدىن چۇشۇپ قالغانلىقىنى سەزمەي بۇ دۇنيادىن ئويناپلا ئۇتۇپ كىتىدىغان!
توۋا دەيمەن بۇ دۇنيادا سەن كىم ؟مەن كىم ؟ دەپ ئۇتۇپ كىتىۋاتقانلار نىڭ ھەممىسى ھامان بىركۇنى ئاجىز جاننى بېرىپ قەۋرە ئالدىدىغا بارغاندا ھەممىسى ئوخشاش تەڭلىشىدىغۇ!
ھەي دۇنيا !سىنىڭ قوينۇڭدا ھەرقىسىم -ھەر تۇرلۇك ئىنسانلار ياشايدىكەن،نەچچە كۇنلۇك دۇنيادا ئىنسان بىلەن ئىنسان بىرنى بىرى كولاپ پىتىشماي ئۇتۇپ كىتىدىكەن.توۋا ! ````````````````````````````````````````````````````````````````````````````````````````````````````````````````````
دىلنۇر بۇگۇن باشقىچىلا ھازىرقى زامانغا لايىق پۇزۇر ياساندى،ئۇنىڭ مەيدىسىگىچە چۇشۇپ يىپىپ تۇرغان ئىككى قەۋەت زەنجىرى بولمىغان بولسا كىيىۋالغان ھالرەڭ كۆڭلىگىنىڭ ياقىسى- مەيدىسىنى مانا مەن بۇيەردە دەپ ئاشكارلاپ قۇياتتى .چاچلىرىنى چەتئەللىك خىنىملاردەك كۇمۇش ئارلاشقان سېرىق رەڭدە بۇيىۋالغان بۇلۇپ ئۇنىڭ ئاق يۇمىران مەڭزىگە خۇيمۇ ياراشقان ئىدى.ئۇ ئۆزىنىڭ ياراشقان كىيمى ۋە گىرىمىگە مەسلىگى كىلىپ ئەينەك ئالدىدا بىردەم تۇرۇپ خىيال سۇرۇپ قالدى؛بۇگۇن رىستۇرانغا بارسام ھەممە قىزلار ماڭىلا قارىشىپ لىۋىنى چىشلەپ قالسا،مەن ئۆزۇمنى بىر كۆرسۇتىۋالىدىغان بولدۇم ھەراس،غۇنچەم نىمە كىيگەندۇ؟ماينۇر پوداق نىمە كەيگەندۇ؟رۇشەنچۇ؟.............
دىلنۇر ۋاقىتنىڭ بىريەرگە بىرىپ قالغانلىقىنى ھېس قىلدى-دە ئوغلىنى ئانىسىسىنىڭكىگە ئورونلاشتۇرغىلى ئىلىپ ماڭدى،ئۇ يول بۇيى ماشىنىدا بالىسىنىڭ كۆڭلىگىنى پۇرلەشتۇرۋەتمەسلىگى ئۇچۇن بالىنى يىنىدا ئولتۇرغۇزۇپ بالىسىنىڭ ئۆزىگە يىقىنلىشىشغا قەتئى يول قويماي ،ئوغلىنى ناھايىتى ئالدىراش ئانىسىنىڭ ئۇيىگە ئاپىرىۋىتىپ ،رىستۇرانغا يۇرۇپ كەتتى.ئۇ ماشىنىدا ماڭغاچ ھەرخىل خىياللارنى كۆڭلىگە پۇكۇپ رىستۇرانغىمۇ كىلىپ قالدى.
دىلنۇر رىستۇراننىڭ ئىشىگىدىن كىرىپلا غۇنچەمنىڭ كىيىمىگە ئاندىن ماينۇر ۋە باشقىلارنىڭكىگە قاراپ ئۇلگۇردى ھەم ئۇلارنىڭ كىيىملىرىنىڭ، ئۆزىنىڭكىدىن ئانچە پوزور ئەمەسلىگىنى كۆرۇپ يۇرىگى جايىغا چۇشتى-دە چاندۇرماي -مەغرۇر قەدەملەر بىلەن ئۇلار تەرەپكە قاراپ مىڭىپ كەلدى. بۇگۇنكى چاينىڭ ساھىپخانى رۇشەن بەكمۇ خۇشال كەيپىيات بىلەن دىلنۇرنى قارشى ئالدى.
ۋاي دىلنۇر ئاداش؛بۇگۇن بەك قالتىسقۇ سەن !نىمانچە سەتەڭلىشىپ كەتتىڭ ،ئاۋۇ ئۇستەلىدىكى ئەرلەرنىڭ يۇرىگىنى توختۇتۇپ قۇيىدىغان بولدۇڭدە...ۋەيت،دەپ سەت كۇلدى.
ۋاي روشەن ؛نىمىسىنى دەيسەن !بۇ كىيىمىم شۇنداق سىنى جەلىپ قىلغان بولسا مۇشۇ يەردىلا ساڭا سىلىپ بىرىۋىتىپ ،ھەقىقى بەدەن گۇزەللىگىم بىلەن ئۇ ئۇستەلدىكى ئەرلەرنى بىراقلا تورمۇزلاپ قويمايمۇ؟ۋەيت......... دەپ ئۇلاپلا شاڭخونى باشلىۋەتتى.
بۇلارنىڭ بۇ چاقچاقلىرى بىلەن ئۇستەلدىكى قىزلارنىڭ كەيپىياتى باشقىچە جانلىنىپ كەتتى بولغاي ھەممىسى بىرە قۇر سېرىق شاڭخولارنى قىلىشىپ كۇلۇپ قۇرساقلىرىنى تۇتۇشۇپ قىلىشتى، بۇلارنىڭ بۇ تىتىقسىزلىقلىرىدىن يان تەرەپتىكى ئۇستەلدە ئولتۇرغان چۇڭلار ياقىلىرىنى تۇتۇشۇپ توۋا قىلدۇق!ھازىرقى زاماننىڭ چوكانلىرىغا نىمە بالا تەككەندۇ؟دىيىشىپ بىر-بىرىگە قاراپ قىلىشتى.
سورون باشلاندى ،ھەرخىل ناخشىلار بىلەن سورون بەكمۇ قىززىپ ئەۋجىگە چىقتى،دىلنۇر ئورنىدىن تۇرۇپلا روشەننى تارتىپ ئۇسۇلغا چۇشتى .دىلنۇرنىڭ ئۇسۇل ئوينىغاچ چىقىرىۋاتقان ھەرخىل قىلىقلىرى بىلەن چىقىراشلىرى پوتولكىلىرىنى قۇرۇقداۋاتقان ئەركەكلەرنىڭ دىققىتىنى تارتىشقا باشلىدى،ئۇ ھەر بىر چۆگىلەپ ئەرلەر بار ئۇستەل ئالدىغا كىلىپ يانپاشلىرىنى تولغاشقا باشلىدى.روشەنمۇ دىلنۇرنىڭ قىلىقلىرىغا تەڭكەش بۇلۇپ چىرقىرايتى خۇددى قۇتانغا سۇلاپ قويغان ئەچكىدەك.....................
بىر مەيدان ئۇسۇل ئاخىرلىشىپ دىلنۇر ئۇستەلگە قايتىپ كەلدى،باشقا قىزلارمۇ ئارقا-ئارقىدىن يىنىپ كىلىشتى.ئۇلار بىردەم چاي ئىچىپ مۇڭداشتى،دىلنۇر كۆزى شۇ ئارلىقتا غۇنچەمنىڭ قۇلىدىكى تىلىفۇنغاچۇشتى ۋە ئىچىدە قاتتىق ھەسەت قىلدى.غۇنچەم قىيىشقاندەك قۇلىدىكى تىلىفۇننى چۇشۇرمەي ھىلى ئۇنىڭغا ھىلى بۇنىڭغا تىلىفۇن قىلاتتى.ئارىدىن ماينۇر ئۆزىچىلا غۇنچەمدىن تىلىفۇنىنى نەچچىگە ئالغانلىقىنى سوراپ كەتتى.
ماينۇر: ئاداش تىلىفۇنۇڭ بەكلا چىرايلىققۇ،يىڭى ئاپسەندە؟مۇشۇنىڭ بىلەن بەك جىق ئالماشتۇرۇپ كەتتىڭ !ئالماشتۇرغان تىلىفۇنۇڭ ئىچىدە مۇشۇ بەك چىرايلىقكەن-نەدىن ئالدىڭ؟
غۇنچەم: ئاداش بۇنى 5000يۇەنگە ئالدىم ،تىخى تۇنۇگۇن ئالغانتىم ئۆزۇممۇ بەك ياقتۇرۇپ قالدىم.ئالغۇڭ بولسا مەن سەن بىلەن ئەتە ئۇ دۇكانغا تەڭ بىرىشىپ بىرەي .
ماينۇر:ئاداش بولسا شۇنداق قىلە مەنمۇ ئېرىمغا دەپ بۇ تېلفۇننى ئالماشتۇرۋىتەي،مەنمۇ تېلىفۇن ئالماشتۇرمىغانغا بىريىلچە بۇلۇپ قالدى.
بۇ پاراڭلاردىن كىيىن دىلنۇرنىڭ بەكلا ئىچى قايناپ كەتتى دەردىنى ئىچىگە يۇتۇپ ئۆزىنىڭمۇ بۇگۇن تىلىفۇننى ئالماشتۇرۋەتمىگەنلىكىگە ئاچچىغى كەلدى.شۇ خىيال بىلەن ئولتۇرغاندا ئۇدۇل ئۇستەلدە ئولتۇرغان بىر قاملاشقان ئەر دىلنۇرنى تانسىغا تەكلىپ قىلىپ خىيالىنى بۇلىۋەتتى.
تانسا ئوينىساق بۇلارمۇ؟-بۇلىدۇ!دىلنۇر لىككىدە ئورنىدىن تۇرۇپ تانسىغا چۇشۇپ كەتتى.ئۇستەلدىكى باشقا ئاياللارمۇ بىر-بىرلەپ شۇ ئۇستەلنىڭ ئەرلىرى بىلەن تانسىغا چۇشتى. دىلنۇرنىڭ تانسىنى يەڭگىل ئوينايدىغانلىقىنى بىلگەن بۇ ئەر دىلنۇرنىڭ كۆزىگە قاراپ تۇرۇپ يەنە بىر قول تانسىغا تارتسا بۇلىدىغان بولمايدىغانلىقىنى سورىدى،دىلنۇرمۇ قىلچە ئىككىلەنمەي بۇلىدىغانلىقىنى بىلدۇردى(ئۇ ئىچىدە باشقىلارغا ئۆزنى بىر كۆرسۇتۇپ قۇيۇشنى ئويلايتى) شۇنىڭ بىلەن دىلنۇر بۇ بىر قول تانسا تۇگەپ جايىغا قايتتى.
ئۇستەلگە كىلىپ بەش مىنوت بولمايلا ھىلىقى ئەر ،يەنە ئۇلا ئولتۇرغان ئۇستەلگە قاراپ كەلدى،قىزلار دىلنۇرغا قاراپ؛ئاداش بۇگۇن بازىرىڭ چىقىپلا كەتتىغۇ ..ۋەيت...دەپ قاقاقلاپ كۇلۇشتى. بۇ قول تانسا ۋالىس بۇلۇپ، دىلنۇر ئۇ ئەر بىلەن لەرزان چۆگىلەپ چىرايلىق كۆينىگىنىنى بىر كۆرسىتىۋالغانلىقىدىن خۇشال بۇلۇپ كەتتى.رۇشەن بىلەن ماينۇرلارمۇ ئۇنىڭغا قاراپ ئاچچىق كۇلۇپ قۇيۇشتى.غۇنچەم دىلنۇرنىڭ بۇ كۆينەكنى نەدىن ئالغانلىقىنى بىلىپ باققۇسى بولسىمۇ ،دىلنۇرنىڭ كۆرەڭلەپ كىتىشىدىن ئەنسىرەپ سوراپمۇ قويمىدى.
مانا ئەمدى ئەڭ تولغۇشۇپ ئويناپ كۇڭۇل ئاچىدىغان چەتئەلدىن كىرگەن دېسكو باشلاندى. بۇ مۇزىكىنى ئاڭلىغان ھەرقايسى ئۇستەلدىكى ئەر-ئاياللار ئۆزلىرىنى باسالماي يۇگۇرۇشۇپ دېسكوغا چۇشۇپ ئويناشقا باشلىدى.ئالا-يېشىل چىراقلاردا ئاياللار بەل سۇڭىكى يوقتەك بەللىرىنى ئېتىپ ئويناشقا باشلىدى.دىلنۇر ھەربىر بەلنى ئاتقاندا ھۇيت..ھۇيت دەپ چىقىرايتى. بۇ چىقىراقلارغا ئەرلەرمۇ تەڭكەش بۇلۇشقا باشلىدى.باشقا ئۇستەلدە ئولتۇرغانلار بۇلارنىڭ ھەركەتلىرىدىن ھوزورلىنىپمۇ ياكى مەسخىرە قىلىپمۇ ئىشقىلىپ قارىشىپ ئولتۇراتتى.
بۇ تولغىما دېسكومۇ ئاخىرى تۇگىدى.ھەممىسى ئېتتىزدا ئىشلىگەندەك چارچاپ ئۇف دىيىشىپ ئۇستەلگە قايتتى.دىلنۇر ئۇستەلگە كىلىپلا چاينى غۇرتۇلداپ ئىچىشكە باشلىدى،
بۇنى كۆرگەن غۇنچەم مەڭسىتمىگەن ئاھاڭدا؛ ئاداش قېرىلىق يەتتىمۇ نىمە؟بىردەملىك دېسكوغا بەك چارچاپ كەتتىڭ يا؟ئالدىرماي ئىچكىن ئۆپكەڭگە كەتمىسۇن يەنە!...........
دىلنۇر ،غۇنچەمنىڭ قەستەن قىيىشىۋاتقانلىقىنى سەزدى-دە قايتارما ھۇجۇمغا تەييارلىق قىلدى.ۋاي ئاداش نىمىسىنى دەيسەن؛ قېرىلىق سەندىن ئايلانسۇن!سەن كىم؟مەن كىم؟بىلسەم -بىلمىسەم ،سەن مەندىن ئۇچ ياش چوڭغۇ؟ دەيمەن.سېنىڭ قېرىغىنىڭغا تەن بەرگۇڭ كەلمىگەن يەردە مەن نىمە قىلاي قېرىلىقنى ئويلاپ!ئەسلىدە بۇ گەپنى مەن ساڭا دىسەم بۇلاتتى.بىزنىڭ يۇرەكلەر ياشىرىپ ئوت بۇلۇپ كۇيىۋاتقاندا، چاڭقاپ تۇرىدۇ دىگىنە شۇڭا ئۇسساپلا كەتتىمغۇ بۇگۇن!(دىلنۇر بۇ گەپ بىلەن غۇنچەمنىڭ تۇمۇرىغا جايىدا تەككەنلىكىدىن ئۆزىدىن سۇيۇنۇپ كەتتى)
غۇنچەم دىلنۇرنىڭ قىلغان سېسق گىپىدىن بەك قورسىقى كۆپتى -دە چىرايىنى پۇرۇشتۇرۇپ - ئەسكى چاپاندەك ئۇڭۇپ كەتتى. غۇنچەم دىلنۇرنى بەك ھاكاۋۇرلىقىغا تويغۇزۇپ قۇيۇش نىيىتىگە كەلدى ۋە ئاداش توغرا دەيسەن -دەپ قۇيۇپ جىممىدە بولدى.دىلنۇرمۇ غۇنچەمنىڭ يىڭىلگەنلىگىنى پەرەز قىلىپ تانسىغا چۇشۇپ كەتتى.
غۇنچە دىلنۇر كەلگۇچە چاندۇرماي، ئۇنىڭ ئوروندۇقىدىكى ئازىراق ئۇچى چىقىپ قالغان مىقنى كۇچەپ تارتىپ خىلى ئومدانلا چىقىرىپ قويدى ۋە ئاغزىدىكى سېغىزنى دىلنۇرنىڭ ئوروندۇقى ئۇستىگە تاشلاپ قۇيۇپ قېشىدا ئولتۇرغان گۇلى بىلەن تانسىغا چۇشۇپ كەتتى.تانسىمۇ ئاخىرلاشتى ،سورونمۇ ئاخىرلىشىپ سازچىلارمۇ ئاخىرقى خەيرى-خوش ناخشىسنى چىلىشتى، رىستۇران رىياسەتچىسى ئاخىرىدا رىستۇرانغا كەلگەن بارلىق سورون ئەھلىگە ئامانلىق تىلەپ خوشلاشتى.
دىلنۇر قايتىپ كىلىپ ئوروندۇققا كىلىپ ئولتۇردى ۋە چايدىن ئازىراق ئىچىۋىتىپ قىزلار بىلەن سوروننىڭ مۇشۇنداق ياخشى ئورونلاشتۇرغانلىقىغا رەھمەت ئېيتىپ ئورنىدىن تۇردى
ئويلىمىغان يەردىن دىلنۇرنىڭ كۆينىگى مىخقا ئېلىشىپ قىلىپ يىرتىلىپ كاسسىسى كۆرۇنۇپلا قالدى، ئۇنى ئازدەپ كاسسىغا چۇشكەن چىچىغا سېغىز چاپلاشتى.دىلنۇر نىمە قىلارنى بىلمەي ۋايجان !دەپلا ئوروندۇققا ئۆرۇلۇپ قاراپ بۇنىڭ غۇنچەمنىڭ قەستەن قىلغانلىقىنى بىلدى-دە يۇلۇنۇپ بىرىپ غۇنچەمنىڭ چىچىنى تۇتۇپ تىللاشقا باشلىدى، بۇ ۋاراڭ-چۇرۇڭدىن
سوروندىكىلەرمۇ نىمە بولغانلقىنى بىلەلمەي گاڭگىراپلا قالدى.ئۇدۇلىدىكى ئۇستەلدىكى ئەرلەرمۇ ئۇلارنىڭ جىدىلىنى كۆرۇپ ھەيران قالدى.يان تەرەپتىكى چوڭلار بۇلارنىڭ چىكىدىن ئاشقان رەزىللىكىگە قاراپ ياخشى بوپتۇ، تازا سۇقۇشۇپ سوروننىڭ خۇلاسسىنى چىقىرىڭلار !دەپ تەنە قىلىشىپ ئورونلىرىدىن تۇرۇشۇپ قايتىشتى. ئۇلارنىڭ جىدىلى بىسىقىدىغاندەك ئەمەس ئىدى،رېستۇران مۇھاپىزەتچىلىرى كىلىپ ئۇلارنى مەجبۇرى ئايرىۋەتتى ئەمما ئۇلارنىڭ ئاغزىدىن چىققان پوقتەك سېسىق گەپلەرنى بىسىقتۇرۇشقا ئامالسىز قالدى.
جىدەلدە ،دىلنۇرنىڭ بوينىغا تاقىۋالغان ئىككى قات زەنجىرى ئۇزۇلگەن بۇلۇپ ئەمدى بايا ئاز-تۇلا يىپىلىپ تۇرغان مەيدىسى ئىچىلىپلا قالغان ئىدى ،ھېلىقى ئېسىل كۆينىگىنىڭ ساغرىسى خىلى ئومدانلا يىرتىلغان بۇلۇپ ساغىرسى كۆرۇنۇپلا قالغان ئىدى،كۇمۇچتەك سېرىق رەڭلىك بۇدۇرە قىلىۋالغان چاچلىرى يۇلۇنۇپ سېغىز چاپلىنىپ پاخپايغان ئىدى،باشقىلارنىڭ ئارىسىغا كىرىپ ئاجىرتىشى بىلەن جىدەل سەل بىسىقتى .شۇنىڭ بىلەن دىلنۇر گۇلىنىڭ يالۋۇرۇپ ئاجىرتىپ قۇلىدىن تارتىپ مىڭىشى بىلەن ساغرىسىنى تۇتقىنىچە رېستۇراندىن قايتىپ چىقتى.
غۇنچەمنىڭ بولسا دوسلار ئالدىدا كۆز-كۆز قىلغان قىممەت باھالىق ھىلىقى ئېسىل 5000يۇەنلىك تېلىفۇنىدىن ئايرىلىپ قالدى ، چۇنكى دىلنۇرنىڭ ئاچچىغىدا تېلفۇننى غۇنچەمنىڭ بىشىغا كۇچەپ ئېتىشى بىلەن تېلفۇن يەرگە چۇشۇپ كۇكۇم تالقان بۇلۇپ چىقىلىپ كەتكەن ئىدى.ماينۇر غۇنچەمنىڭ ئاچچىغىنى بېسىۋىلىشىنى ئېيتىپ يالۋۇرۇپ غۇنچەمنى رېستۇراندىن ئېىلىپ چىقىپ تاكسىغا سىلىپ قايتىپ كەتتى.باشقىلارمۇ بۇ جىدەلنى ئاران بىسىقتۇرۇپ قايتىشتى،بايام دىلنۇرنى بەس-بەستە تانسىغا تارتقان ئەرمۇ بۇلارنىڭ جىدىلىدە مەسلىگى يىشىلىپلا كەتتى ۋە ئۆز-ئۆزىگە مۇشۇنداق بىشەم خۇتۇنلارنىمۇ تانسىغا تارتىپ قوقماي ئويناپتىمەن دەپ پىچىرلاشقا باشلىدى.شۇنداق قىلىپ بۇگۇنكى بۇ رېستۇراندىكى دوسلارنىڭ قاتار چېيى ھەسەتخورلۇق ۋە تىتىقسىزلىق بىلەن ئاياغلاشتى .سورون ئاياغلاشقان بىلەن ئەمما ئۇ ئىككى دوسنىڭ بىر-بىرىگە بولغان ئۆچمەنلىگى چۇقۇم ئاياقلاشمىدى.
مانا قاتار چاي!بىردەملىك ئابروي- پەرەسلىككە بېرىلىپ ئۆمۇرلۇك يۇز-ئابرويىنى ساتار چاي |
كۆرۈلۈشى:491 | قوشۇلغان ۋاقتى:2010-3-28 0:09:23 | يوللىغۇچى ئەزا:askar124 |
|
| | بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يوللانمىدى ، سىزنىڭ تۇنجى ئىنكاس يوللىغۇچى بولىشىڭىزنى قارشى ئالىمىز ! |
سىرلىقلىقىڭىزنى.. | چاچ چۈشۈشنى كەلت.. | ھەددىدىن زىيادە .. | سەۋزە ئۆپكىنى ئا.. | مېۋە پوستى بىلەن.. | دۇنيادىكى ئەڭ تو.. | ئاياللارنىڭ جورا.. | «ئەر-خوتۇنلار ئو.. | ئەر -ئاياللار ھەق.. | ھازىرنىڭ ئۆزى بە.. | تەنھالىق ئىنسانغ.. | ساپما كەشنىڭ زىي.. | |
|
|
|
|