|
ئۈزۈك تاقىغان ئورۇنغا.. | يازدا ئاياللاردا دائى.. | خانىم – قىزلار كۈندە ئۈ.. | تاماقتىن كېيىن قىلىشق.. | دېھقان | ئەرلەر قىلىشنى ئەڭ خال.. | ئەنگىلىيەدە ئەر-ئايال.. | كۆز قاپىقىنىڭ بىشارىت.. | ئەڭ ياخشى ياش باسقۇچى | سەۋزىنى كۆپ يەپ بەرسە .. | |
|
|
|
|
|
| |
|
-يەنە كىسىلىڭ تۇتتى-ھە!ھۇ دەلدۈش ساراڭ. ئۇ تاڭ سەھەردىلا،يۇمشاق قىزىل داخاۋىلاردىن تىكىلگەن كۆرپىلەر ئۈستىدىن ئەسنەپ ئورنىدىن تۇرۇپ <<نان يەيمەن>>دەپ قەغىشلىك قىلدى.توۋا،ئۇ ئون سەككىز ياشقا كىردى دىسە ھېچكىم ئىشەنمەيدۇ. چۈنكى،ئۇ ھە دىسىلا كىچىك بالىلارنىڭ،بەئەينى 3 ياشلىق بالىلارنىڭ قىلىقىنى قىلىدۇ.ئۇنداق دىسەم ئورنىغا سىيىپ قويىدىغان بىئەدەپ،ئادەمنى خاپا قىلىدىغان ساراڭلاردىن ئەمەس.دىمەك،ئۇ ئۇنچىلىكمۇ كالىسىدىن ئازغان روھى كېسەللەردىن ئەمەس.بەلكى،مەھەللىدىكى كىچىك بالىلارنى ئۆيگە باشلاپ ئەكىرىپ،كاڭ ئۈستىدىكى زىلچا گىلەملەرنى يۈگۈرۈپ ئويناپ،بالىلار بىلەن پومداقلىشىپ،تېخى كۆرپىنىڭ ئۈستىگە كۆرپىنى سېلىپ موللاق ئېتىشىپ ئۆيدىن چاڭ چىقىرۋاتىدۇ.... بىر كۈنلەردە،ئۇنىڭ خەت يېزىش،ئوقۇش ساۋادىنى چىقىرىپ كىتاپ ئوقۇيدىغان ھالەتكە مىڭ تەسلىكتە ئېلىپ كەلدىم.ھەيران بولماڭ.بىر دەلدۈش ساراڭغا خەت ئۆگۈتۈش قانداق مۈشكۈل-ھە!<<ئا>>دىسەم<<ب>>دەپ تۇرغان،<<س>>دىسەم<<ش>>دەپ تۇرغان،<<5+3 قانچە>> دىسەم<<10 بۇلىدۇ>> دەپ قەستەنگىلا ئادەمنىڭ چىشىغا تىگىپ تۇرغان.بەزىدە تېخى،<<دەرس ئۆگەنمەيمەن>> دەپ، بالىلار بىلەن ئوينىغىلى قېچىشقا ئارانلا تۇراتتى.مۇنداق چاغلاردا،مەنمۇ بوش كەلمەي ئۇزۇن ئۆرۈلگەن چېچىنى تارتاتتىم-دە<<نەگە قاچىسەن؟ئاۋال ماۋۇ ئىككى سائەتلىك دەرسىڭىنى ئۆگۈنۋېلىپ ئاندىن ئوينىغىن ماڭ.>>دەپ مەجبۇر ئۆگۈتەتتىم.ئۇ چىقىراپ يىغىلغىنىچە،ئاپامنى ياردەمگە چاقىراتتى. -ئاپا،قاراپ باقا ئاچام دىگەن ئالۋاستىغا؟ -ۋاي،قىزىم.سىڭلىڭىز ئوينىسا-ئويناۋەرمەمدۇ؟خۇدايىم ئۇنى بىزگە شۇنداق ئاجىز قىلىپ بېرىپتىكەن، ئامال يوق قىزىم.ئۇنىڭغا خەت ئۆگۈتىمەن دەپ جاپا تارتماڭ.-دەيتتى ئاپام ماڭا ۋەز ئاھاڭدا. -ئاپا،مۇشۇ ساراڭما؟!ئەجەپ ئاۋۇ ئۇبۇرنىدىكى پوقنى يىمەيدىكەنغۇ؟!...بۇنى مەنچۇ،كىتاپ ئوقۇشنى بىلسە،جىق كىتاپ ئوقۇسا،ئاق-قارىنى ئازراق بىلۋالىدۇ...-دەيتىم ئاپامغا دوق قىلىپ. -كىم مىنى ساراڭ دەيدۇ؟ئۆزەڭ يە پوقنى...ھۇۋ ئالۋاستى.-دەيتتى ئۇ تېخىمۇ تەرسالىق بىلەن. -ھە،سەن ساراڭ ئەمەس بولغاندىكىن ئۆگەنمەمسەن ئەمسە؟-مەنمۇ بۇ ئوماق تەنتەك سىڭلىمغا قاراپ كۈلۈپ كېتەتتىم. ئۇنىڭ تۇتۋېلىش قابىليىتى ئىنتايىن يۇقىرى ئىدى.ئىشقىلىپ ئۇ مىنىڭدەك زالىم ئۇستازىدىن تىل ئاڭلاپ،تاياق يىسىمۇ،بىر يىل قالمايلا كىتاپ ئوقۇغۇدەك ھالەتكە كەلدى. ئۇ جىق كىتاپلارنى ئوقۇپ،كىمنىڭ يامان-ئەسكىلىكىنى پەرىق ئىتەلىگۈدەك ئادەم بولدى.بۇرۇن ئۇششاق بالىلارنى ئەگەشتۈرۈپ كىرىپ،ئۆيلەرنى پاسكىنا قىلىدىغان ئادەم،ئەمدىلىكتە بالىلار ئوينىغىلى كىرسە <<ئۇكىلىرىم ئۆي مەينەت بولۇپ كەتمىسۇن.ئاران تازلىدۇق.>>دەيتتى.بۇرۇن ئۇيۇن دىسە جېنىنى بېرىدىغان، 18 ياشلىق قېرى بوۋاق مېنىڭ ئۆي ئىشلىرىمغا ياردەملىشىدىغان،ھەركۈنى سەھەر ئورنىدىن تۇرۇپ،قوي قوزىلارغا ئۈزۈملىك باغدىن ئوت-چۆپ ئەكىرىدىغان چوڭ ھەقىقى قىزلارغا خاس ئادەم بولۇپ قالغان ئىدى.بەلكىم،ئاپامنىڭ جاينىماز ئۈستىدە سىڭلىمغا شىپالىق تىلىگەن تىلىكى ئىجابەت بولغان بولسا كېرەك. ئەمما،قوشنىلارنىڭ سىڭلىمنى يەنىلا<<ساراڭ،ئۇدۇل>>دىگەن كۆز قارىشىنى ئۆزگەرتەلمىدۇق.بىر كۈنى ھويلا ئالدىنى سۈپۈرۋاتسام،قوشنىمىز كوت-كوت ئايال ھەلىمخان ئاپاش ھويلىسىدىن چىقىپ يېنىمغا كىلىپ سورىدى. -قىزىم،سىڭلىڭىز ئالمىرە يەنە شۇنداقلىمۇ؟ئوڭ-تۆتۈر سۆزلەپ.......-ئۇ شۇنداق دەپ،مەسخىرلىك كۈلدى. مەن چۆچۈدۈم.ئوماق سىڭلىمنى باشقىلار كۆڭلىدە<<ساراڭ>>دەپ ئويلىسىمۇ،ھېچكىم كۆز ئالدىمدا ساراڭ چاغلاپ،كىنايىلىك...راست،ھېچكىممۇ مۇنداق كەمسىتىپ باقمىغان ئىدى.ئەلۋەتتە،سىزنىڭ ئۆز قېرىندىشىڭىزنى بىرى<<ساراڭ>>دەپ باقسۇنچۇ،قانداق بولىسىزكىن؟بەلكىم،سىز چىدارسىز...ئەمما،مەن مېنىڭ ئوماق بىردىن-بىر سىڭلىمنى ساراڭ دىگەن،ماۋۇ پەرىشتە ئاپا دىمەتلىك يىرگىنىشلىك ئايالغا نەپرەتلەنمەي تۇرالمايمەن. مەن قۇلۇمدىكى سۈپۈرگىنى يەرگە<<پاقىدە>>تاشلىدىم-دە،ئۇنىڭغا چەكچىيىپ قارىدىم.خۇددى ھازىرلا ئېتىلنىپ بېرىپ بېشىغا نەچچىنى سېلۋېتىدىغاندەك. -ئوماق سىڭلىمنى ساراڭ دەيدىغانغا سىلىنىڭ نىمە ھەقىلىرى بار؟سىڭلىم پىچاق كۆتۈرۈپ ئارقىلىرىدىن قوغلاپ ساراڭلىق قىپتىمۇ؟بىلىپ قويسىلا سىڭلىم ئۆزلىرىنىڭ قىزلىرىدەك،ئاۋۇ يېزا باشلىقلىرىنىڭ قوينىغا ئۆزىنى ئېتىپ ھارام پۇلى بىلەن ئۆزىنىڭ ئاپىسىغا ئالتۇن-زىبۇزىنەت ئېلىپ بەرگىنى يوق.ئۆزلىرىدەك كوچىمۇ-كوچا يۈرۈپ كىشلەرنىڭ كەينىدىن گەپ تېپىپ،غەيۋەت قىلىپ يۈرگىنى يوق.ئۆزلىرىنىڭ باللىرىدەك زەھەر ساتقىنى يوق...بىلىپ قويسىلا سىڭلىم پاك،سەبى ئوماق قىز.ئۇ بىر ئەقىللىق قىز... -سەن،،،سەن،،،سەن...خەپ توختاپ تۇر-ھە!-ھەلىمخان ماڭا تەڭ كىلەلمەي،تۆتۆلىگىنىچە ئارقىغىمۇ قارىماي كىرىپ كەتتى. ئۇنىڭ مەھەللە بويىچە كۆزگە ئالاھىدە چېلىقىپ تۇرغان،پارپۇر خىش مىخلىنىپ ئېگىز ياسالغان،سەھرادىكى باي ئائىلە ئىكەنلىكىدىن دېرەك بېرىدىغان ئاپئاق ھەشەمەتلىك ئۆي،كۆزۈمگە بەئەينى چۆچەكلەردىكى دىۋىلەرنىڭ ئۆڭكۈرىدەك كۆرۈنمەكتە ئىدى.
داۋامى بار ئاپتورى: ئۈزۈمزاردىكى قىز تۇلۇنئاي يەنى ئاق تۇمان(ئىززەتگۈل ساتتار)<<تۇرپان>> ئەسەر ھوقوقىغا دىققەت قىلىڭ.باشقا تور بەت ۋە گىزىت-ژۇرناللاردا ئۆز نامىڭىزدا ئېلان قىلماڭ |
|
|
|
كۆرۈلۈشى:498 | قوشۇلغان ۋاقتى:2010-3-28 0:04:18 | يوللىغۇچى ئەزا:askar124 |
|
| | بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يوللانمىدى ، سىزنىڭ تۇنجى ئىنكاس يوللىغۇچى بولىشىڭىزنى قارشى ئالىمىز ! |
سىرلىقلىقىڭىزنى.. | چاچ چۈشۈشنى كەلت.. | ھەددىدىن زىيادە .. | سەۋزە ئۆپكىنى ئا.. | مېۋە پوستى بىلەن.. | دۇنيادىكى ئەڭ تو.. | ئاياللارنىڭ جورا.. | «ئەر-خوتۇنلار ئو.. | ئەر -ئاياللار ھەق.. | ھازىرنىڭ ئۆزى بە.. | تەنھالىق ئىنسانغ.. | ساپما كەشنىڭ زىي.. | |
|
|
|
|