Article Center - ماقالە مەركىزى - ئالىي مەكتەپ ھاياتىدىكى ئەسلىمە
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:قىشتا يىسە پايدا قىلىدىغان 3 خىل يىمەكلىك
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:ئۇلۇغ قۇربان ھېيىتنىڭ كېلىپ چىقىشىنى بىلىۋېلىڭ!
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:نېمە ئۈچۈن ئاياللار توڭغاق كېلىدىغانلىقىنى بىلەمسىز
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:ئۇخلاشتىن بۇرۇن يىيىشكە بولمايدىغان يەتتە خىل يېمەكلىك
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:ئاچچىق ئانار ئىچ سۈرۈشنى توختىتىدۇ
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:ساغلاملىق يېمەكلىكى ــ قوناق ئۇنى
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:ئاياللارغا پايدىلىق ئۈچ خىل خۇش پۇراق
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:تاماكا چېكىش ئوزۇقلۇقلارنىڭ قوبۇل قىلىنىشىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ
 

تېمىسى مەزمۇنى باھا
 

ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:ئۈزۈك تاقىغان ئورۇنغا مىكروبلار ئوڭاي يۇشۇرۇنۇۋالىدۇ
ئۈزۈك تاقىغان ئورۇنغا..
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:يازدا ئاياللاردا دائىم كۆرۈلىدىغان پىسخىكىلىق كېسەللىكلەر
يازدا ئاياللاردا دائى..
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:خانىم – قىزلار كۈندە ئۈچ قېتىم قاقاقلاپ كۈلۈپ بېرىش كېرەك
خانىم – قىزلار كۈندە ئۈ..
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:تاماقتىن كېيىن قىلىشقا بولمايدىغان يەتتە ئىش
تاماقتىن كېيىن قىلىشق..
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:دېھقان
دېھقان
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:ئەرلەر قىلىشنى ئەڭ خالايدىغان 9 خىل خىزمەت
ئەرلەر قىلىشنى ئەڭ خال..
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:ئەنگىلىيەدە ئەر-ئاياللار بىر يىلدا 312 قېتىم ئۇرۇشىدىكەن
ئەنگىلىيەدە ئەر-ئايال..
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:كۆز قاپىقىنىڭ بىشارىتىگە سەل قارىماڭ
كۆز قاپىقىنىڭ بىشارىت..
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:ئەڭ ياخشى ياش باسقۇچى
ئەڭ ياخشى ياش باسقۇچى
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:سەۋزىنى كۆپ يەپ بەرسە ، ئۆپكە راكىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ
سەۋزىنى كۆپ يەپ بەرسە ..
 
 

    


ئالىي مەكتەپ ھاياتىدىكى ئەسلىمە

ھەرقانداق ئالىي مەكتەپتە ئۇقۇغان بىر ئۇقۇغۇچىنىڭ مەكتەپ ھاياتى شېرىن بولماي قالمايدۇ!ئۇنتۇلغۇسىز بۇ گۇزەل چاغلار بىزگە مەڭگۇلۇك ئەسلىمە بۇلۇپ قالىدۇ-خالاس!

ئايگۇل ئىككىمىز بەكمۇ يىقىن دوسلاردىن ئىدۇق ،ئۇ بولسا جەنۇپلۇق مەن بولسام شىماللىق ئىدىم .بىز گەرچە باشقا- باشقا يۇرتلاردىن كەلگەن بولساقمۇ قىسقىغىنە 3 يىللىق مەكتەپ ھاياتىمىزدا قېرىنداشتەك بۇلۇپ كەتكەن ئىدۇق،بىز باشتا بەكمۇ چىقىشالمايتۇق نىمە ئۇچۇن دەپ سورامسىز؟ئۇنداق بولسا  تىمامغا قۇلاق سىلىڭ!

مەن ئوتتۇرا مەكتەپنى پۇتتۇرۇپلا ئالىي مەكتەپ قوينىغا بىلىم ئىلىش ئۇچۇن كەلدىم،مىنى دادام رەھمەتلىك ئۆز قۇلى بىلەن ئورۇنلاشتۇرغاندىن كىيىن مەن بىلەن خوشلۇشۇپ يۇرتقا ماڭدى،دادام ماڭغاندىن كىيىن مەن بەكمۇ غېرپسىنىپ ياتىغىمدا ئولتۇردۇم  .شۇ ئەسنادا مەندىن بىر ھەپتە بۇرۇن مەكتەپكە بالدۇر كەلگەن ئىككى ياتاقدىشىم ياتاققا كىرىپ كەلدى ۋە مىنى كۆرۇپ تىچلىق- ئامانلىق سوراشقاندىن كىيىن ئۆز كارۋاتلىرىدا مۇڭدىشىپ ياتتى،ئۇلار مەندىن بۇرۇن كەلگەچكىمۇ خىلىلا چىقىشىپ قالغاندەك كۆرۇنەتتى.مەن بۇ قىزلارغا قاراپ ياتاقتا ئولتۇرۇشتىن قورۇنۇش ھېس قىلىپ ياتاق سىرتىغا چىقتىم ،مەكتەپ قوروسى بەكمۇ كۆركەم  يولنىڭ ئىككى تەرىپى پورەكلەپ ئىچىلغان گۇللەرگە پۇركىنىپ،شېخى كۇتۇرەلمەي خۇددى ماڭا قاراپ كۇلۇپ سالام قىلىشىۋاتقاندەك يەرگە ئىڭىشىپ قالغان ئىدى. مەن مەكتەپ ھويلىسىنى بىردەم ئايلىنىپ چىقىپ ياتىغىمغا  قايتىپ كىردىم ،كىرسەم بايىقى ساۋاقداشلار يەنە باشقا قىزلار بىلەن مۇڭدۇشۇپ ئولتۇرۇپتۇ.مەنمۇ ئاستا كىرىپ كارۋىتىمدا ئاپا-داداملارنىڭ سۇرىتىگە قاراپ ئولتۇردۇم .تۇساتتىن ئىشىك قاتتىق تىپىلىپ ئىچىلدى مەن قورقۇپ كەتتىم ،قارىسام چاچلىرىنى ئالا-يىشىل بۇيىۋالغان ئىككى قىز تۇراتتى،ئۇلار ئىشىك تۇۋىدە تۇرۇپ يىڭى كەلگەن قايسىڭ؟ دەپ سورىدى.مەن تىخى مۇشۇ ياتاقنى باشقۇرىدىغانلار بۇلۇشى مۇمكىن دەپ ئويلاپ ئورنۇمدىن تىز تۇردۇم ۋە مەن شۇ-دەپ جاۋاب بەردىم،ئۇلار ماڭا  بىردەم قارىغاندىن كىيىن  سەن قەيەرلىك؟ دەپ  سەنلەپلا سورىدى .مەن ئۆزۇمنىڭ شىماللىق ئىكەنلىگىمنى ئېيتتىم ،ئۇلار كىيىملىرىمگە بىرەر قۇر كۆز يۇگۇرتكەندىن كىيىن يەنە سۆز باشلىدى؛ بىز بۇ مەكتەپنىڭ كونا باللىرى شۇڭا سىلەردەك يىڭى كەلگەنلەرگە ئۆزىمىزنى  تۇنۇشتۇرۇپ قۇيايلى دەپ كىرگەن،سىلەر ئەتىدىن باشلاپ ماۋۇ كارىدورنى تازلايسىلەر ئەگەردە پاكىز تازلانمىسا رەنجىشىپ قالىمىز (بەكمۇ ئاقسا تەلەپپۇزدا سۆزلەپ قۇيۇپ چىقىپ كىتىشتى)

مەن  ئۇلارنىڭ كەينىدىن  قاراپ جايىمدا قاققان قوزۇقتەك مىدىرلىماي تۇراتتىم، بايىقى ياتاقداشلىرىم :بولدى ئەمدى جايىڭىزغا كىلىپ ئولتۇرۇڭ،نىمانچە جىددىيلىشىسىز؟ئۇلار شۇنداق ئەخلاقسىز قىزلاركەن ھە-دەپ قۇيساقلا بولدى دىيشتى(بۇ گەپنى قىلغان  قىز باشتا سىلەرگە چۇشەندۇرۇپ ئۆتكەن دوستۇم ئايگۇل ئىدى)
مەنمۇ باش لىڭشىتىپ قۇيۇپ جايىمغا چىقىپ ئولتۇردۇم،بىردەمدىن كىيىن بۇ ياتاقداشلىرىم بىلەن بىرگە مەكتەپ ئاشخانىسىگە تاماققا بىللە چىقتىم. بۇ مىنىڭ سىرتتا پۇلغا تاماق سىتىۋىلىپ يىيىشىم مۇشۇ تۇنجى قىتىملىق ئىدى،بۇرۇن ئاپام-داداملار بىرگە ئاپىرىپ ئاشخانىلاردا تاماقلاندۇرۇپ كەلگەچكە مەن يالغۇز سىرتتا تاماق ياپ باقماپتىكەنمەن.
تاماقتىن كىيىن ياتاققا قايتتىم ئۇ ئىككى قىز باشقا يۇرتداشلىرى بىلەن كۆرۇشكىلى كەتتى،ياتاققا كىرىپلا كۆڭلۇم بۇزۇلۇپ ياستۇقنى يۇزۇمگە چىڭ قۇچاقلاپ يىغلاپ تاشلىدىم.
بىرەر سائەتلەردىن كىيىن ئۇلارمۇ قايتىپ كەلدى ،بىزمۇ چىراقنى ئۇچۇرۇپ ئۇخلىدۇق.

شۇنداق قىلىپ ئالىي مەكتەپ ھاياتىم باشلاندى،ئەتىسى ياتاققا يەنە باشقا ساۋاقداشلارمۇ بىر-بىرلەپ  كىلىشتى. مەكتەپكە تىزىملىنىش ۋاقتى تۇشۇپ  يىڭى  سىنىپىمىزغا  كىردۇق، مۇئەللىملەر بىزنى يوقلىما قىلدى ۋە ئۆز-ئارا تۇنۇشتۇق.بىرىنچى سائەتلىك دەرىسىمىزنى كۆڭۇللۇك ئاخىرلاشتۇرۇپ دەم ئىلىشقا تەنەپپۇسقا چىقتۇق،دەم ئىلىش جەريانىدا ساۋاقداشلار  ئۆز- ئارا قايتىدىن سالاملىشىپ تۇنۇشتۇق.
ئاخىرقى سائەتلىك دەرستە؛ بىز سىنىپ باشلىق ۋە ئۇگىنىشتە يىتكەلەش باشلىقىنى سايلاشتۇق،مۇئەللىم ھازىرچە ئىختىيارى سايلاشنى ئېيتتى.مەن ھىچكىمنى تۇزۇك چۇشەنمىگەچكە قول كۇتۇرۇپ ئۆزۇمنى سايلاشنى قارار قىلدىم ،مۇئەللىم بۇ جانلىق ئىپادەمدىن تەسىرلەندىمۇ ئىشقىلىپ خۇشاللىق بىلەن مىنى سىنىپ ھەيئەتلىكىگە سايلاپ قۇيۇپ دەرىسنى ئاخىرلاشتۇرۇپ  بىزنى دەم ئىلىشقا قۇيىۋەتتى،مەن مۇشۇ كۇندىن باشلاپ بۇ ۋەزىپىنى شۇنچىلىك ئاكتىپلىق بىلەن ئىشلىدىم ؛بىركۇنى مۇنداق قىززىق ئىشتىن بىرسى يۇز بەردى.

مەن سىنىپتىن چىقىپ مەكتەپ ياتاق بىناسىغا كىرىشىمگە ھىلىقى ماڭا باشتا ئاقسالىق قىلغان قىزلار ئالدىمغا ئۇچىراپ مىنى قەستەن سۇقىۋەتتى،مەن ئۇلارنىڭ بۇ ئىشىدىن رەنجىگەن بولساممۇ چاندۇرماي كۇلۇپ قۇيۇپ ئۇتۇپ كەتتىم.ياتاققا كىرىپ ئايگۇلگە بۇ ئىشنى ئېيتتىم ئۇمۇ توۋا مۇنداقلارنى تۇنجى قىتىم كۇرۇشۇم دەپ ياقىسىنى تۇتتى،شۇنداق پاراڭلىشىپ تۇرىشىمىزغا يەنە ياتاق ئىشىكىمىزنى تىپىپ ئۇ قىزلار بەش بۇلۇپ كىرىپتۇ ۋە ماڭا قاراپ ؛ھەي شىماللىق سەن نىمانچە يوغانچى،تاياق يىگۇڭ كەلدىما دەپ  ئارىسىدىن بىرى كىلىپ مەيدەمنى قاتتىق ئىتتەردى،مەن ئۆزۇمنىڭ نىمە يامانلىق قىلغانلىقىمنى ئويلاپ بولغۇچە يەنە بىرى كىلىپ كاچىتىمغا بىرنى سالدى.
ۋايجان دىدىم -دە،ئاچچىغىمدا مەنمۇ بىرىپ چىچىنى قۇلۇمغا ئورىۋىلىپ نەچچىنى ئۇرىۋەتتىم.ئاڭغۇچە بۇ ۋاراڭ-چۇرۇڭدا  باشقا ياتاقتىلكىلەرمۇ يۇگۇرۇشۇپ چىقىپتۇ،مەن سەل ئۆزەمنى تۇتىۋىلىپ ئۇنىڭ چىچىنى قۇيىۋەتتىم.ئۇ قىز ماڭا قاراپ خەپ توختاپتۇر دىگىنچە قۇلىنى شىلتىپ باشقىلارنى باشلاپ چىقىپ كەتتى.ماڭا بۇئىش بەكلا ھار كەلگەن بولسىمۇ يەنىلا
ئۆزەمنى زورىغا باستىم(توۋا مەن مۇنداق ئىشلارنى تىلىۋىزورلادىن كۆرەتتىم ،ئەمىلىيەتتە كىنودىكى ئىشلارنى تۇرمۇشتىكى ئىشلاردىن ئاساس قىلىپ ئىشلەيدىكەن ئەمەسمۇ؟)

شۇنداق قىلىپ نەچچە كۇن ئۇتۇپ كەتتى،مەن تازا ئالدىراش ياتاقتىن چىقىپ مۇنچىغا كىتىۋىتىپ ھىلىقى  مەن بىلەن سوقۇشقان قىزنى تۇيۇقسىز ئۇچىرتىپ قالدىم،ئۇ بىر ئۇغۇل بالىنى چىڭ قولتۇغلىۋاپتۇ.
ئۇمۇ مىنى كۆرگەن چىغى قىشىدىكى بالىغا بىرنىمىلەرنى دەپ كەتتى،مەن كۆرمەسكە سىلىپ كىتىپ قالدىم.
بىز مەكتەپكە كەلگىلى مانا ساق 20كۇن بوپتۇياتاقتىكىلەر بىلەنمۇ خىلى ئوبدانلا چىقىشىپ قالدىم،ياتاقتىكى قىزلار بۇگۇن شەنبە مەكتەپتە تانسا ئورۇنلاشتۇرىدىغانلىقىنى ئېيتىپ تانسىغا كىرىشنى مەسلىھەتلەشتى.مەن تانسىغا چوڭ بۇلۇپ كىرىپ باقماپتىكەنمەن پەقەتلا كىرگۇم كەلمىدى ئەمما ساۋاقداشلار زورلاپ ئۇلار بىلەن بىرگە كىردىم،مەكتەپ تانسىخانىسى بەكمۇ چوڭ ئىدى.قىز-ئوغوللار تانسا ئوينىشىۋاتاتتى بىز ئۆزىمىزگە مۇۋاپىق جاي تاللاپ ئولتۇرۇپ باشقىلارنىڭ تانسىسنى كۆرۇپ ئولتۇردۇق،شۇ ئەسنادا بىر بالا مىنى تانسىغا تەكلىپ قىلىپ كەلدى.مەن بەك ئۇڭايسىزلىنىپ كەتتىم چۇنكى مەن ئويناشنى بىلمەيتىم،مەن چىرايلىقچە ئۇ بالىغا ئوينىيالمايدىغانلقىمنى ئېيتتىم.
كەچۇرۇڭ !مەن تانسا ئويناشنى ئۇقمايتىم رەنجىمەي باشقىلارنى تارتسڭىز بوپتىكەن.
قانداق دىگەن گەپ بۇ مەن شۇنداق يىراق ئارلىقتىن كىلىپ تاتسام يۇزۇمنى قىلمامسىز؟(دەپ ئۇڭۇپ كەتتى،مەن بەك قوقۇپ كەتتىم)
ياق.ياق مەن ئۇنداق دىمەكچى ئەمەسمەن راستىنلا ئۇقمايتىم.(قورقۇپ جىنىم چىقىپ كىتىدىغاندەكلا بۇلۇپ كەتتىم،قىشىمدكى قىزلارمۇ ئۇڭايسىزلىنىشىپ كەتتى)
ئەمسە ئۇگۇتۇپ قويسامغۇ بۇلار،بۇمۇ ئارتۇق كەتمىگەندۇ؟(قىشىمدىكى ياتاقداشلىرىم قۇپىڭە دەپ مىنى ئىشارەت قىلىشىپ كەتتى)
بۇلىدۇ ئەمسە ،ئەمما ئوينىيالمىسام زاڭلىق قىلماڭ!(مەن ئىلاجىسىز ئورنۇمدىن تۇردۇم)
شۇنداق قىلىپ مەن ئۇنىڭغا پۇتلۇشۇپ،سۆرۇلۇپ دىگەندەك بىر قول تانسىنى تەرلەپ-پىششىپ ئاخىرلاشتۇرۇپ قايتىپ كەلدىم ؛قىشىمدىكىلەر ھالىمنى كۆرۇپ كۇلۇشۇپ كەتتى.

مەن تانسىخانىدىن بالدۇرلا قايتىپ چىقىپ ياتاققا كىرىپ كەتتم.....................................

ئارىدىن نەچچە ئاي ئۇتۇپ يىڭى-يىل ھارپىسىمۇ  يىتىپ كەلدى،بىز سىنىپنى بىزەپ يىڭى-يىللىق كىچىلىك ئۆتكۇزدۇق.مەن كىچىلىككە رىياسەتچىلىك قىلدىم،كىچىلىك بەكمۇ مەنىلىك ئۆتكۇزىلىۋاتاتتى.تۇساتتىن ساۋاقدىشىم مۇرات مىنى تانسىغا تەكلىپ قىلدى بۇ مىنىڭ ئىككىنچى قىتىملىق ئوينۇشۇم ئىدى،مۇرات ماڭا يۇقىرى ئىلھاملار بىلەن تانسىنى ئۇگۇتۇپ قويدى.
مەن بۇ كىچىلىكتىن پايدىلىنىپ تانسىنى خىلى يامان ئەمەس ئۇگۇنىۋالدىم ھەم ساۋاقداش مۇراتقا رەھمەت ئېيتتىم.

بىرىنچى مەۋسۇملۇك ئۇقۇش ئاخىرلىشىپ ئىمتىھانغا تەييارلىق قىلىشقا باشلىغان كۇنلەرنىڭ بىركۇنى مەن ياتاقتا كىتاپ كۆرۇپ ئولتۇراتتىم،ئايگۇل شۇنداق خۇشال كەيپىياتتا ياتاققا كىرىپ مىنى بىر يۇرتلۇقلىرىنىڭ چىيىغا تەكلىپ قىلدى،مەن ئۇنىڭغا چىرايلىق گەپ بىلەن تەلىۋىنى رەت قىلىدىم ئەمما ئۇ بەك زورلاپ تۇرىۋالدى.

ئاداش نىمانداق قىلىسىز -ئىمتىھانغا يەنە بىرئايچە بار ،دوسلۇرۇمغا سىزنى ئاپىراي دەپ قويغان بۇنداق رەت قىلسىڭىز بىز ئارلىشامدۇق يوق؟دەپ رەنجىدى.
مىنىڭ شۇنداق ئوتتەك بارغۇم بارتى سىز مىنى چۇشۇنۇڭ ، مەن  دەرىس  تەييارلىقنى تىخى  پۇختا قىلىپ بۇلالمىدىم شۇڭا  مىنى كەچۇرۇڭ!دەپ مۇلايىملىق بىلەن رەت قىلدىم.
تۇساتتىن ئۇ ماڭا قاراپ مەسخىرلىك بىلەن سەت ھېجىيىپ كۇلۇپ ؛زورلاپ قويسام ئەجەپ ئەتىۋارلىشىپ كەتتىڭغۇ سەت قارىي!نىمانداق ئاكتىپلىشىپ كىتىسەن؟ئۆزەڭنى نىمە چاغلاپ قالدىڭ!ئىززىتىنى قىلغاننى بىلمەيدىغان مەتۇ!دەپ چالۋاقاپ كەتتى.
مەن نىمە دەپ جاۋاپ قايتۇرۇشۇمنى بىلەلمەي ھاڭۋىقىپ قالدىم،ئۇ زەردە بىلەن ئىشىكنى قاتتىق يىپىۋىتىپ چىقىپ كەتتى.
قانداق قىلىشىم كېرەك؟يىغلامدىم؟ بۇ ئايگۇلنىڭ قۇپاللىقى مىڭەمدىن كىرىپ تاپىنىمدىن چىقىپ كەتتى.مەن نىمە گۇناھ قىلدىم؟مەكتەپكە بىلىم ئالغىلى كەلدىم،دەرىس تەكرالاش  ئۇچۇن مەن بۇنداق تىل ئاڭلاشقا ھەقلىقمۇ؟ئۆزۇمگە ئۆزۇم سۇئال قۇيۇپ تۇرغىنىمدا باشقا ياتاقداشلار كىرىپ كەلدى،ئۇلاردىن بۇ ئىشلارنى يۇشۇرۇپ چاندۇرماي كىتاپقا قاراپ ئولتۇرۋالدىم.
كۆزۇم كىتاپتا بولسىمۇ كاللام ئايگۇلنىڭ قىلغان سېسىق گەپلىرىدە گاراڭ بۇلۇپ كەتتى..........................

ئاخىرى ئىمتىھان ۋاقتى توشتى،ئايگۇل مەن بىلەن ئالدى-كەينى بۇلۇپ ئولتۇرۇپ ئىمتىھان بەردۇق.ئۇ مەن تەرەپكە پات.پات قاراپ قۇياتتى ئەمما  گەپمۇ  قىلمايتى ،مەنمۇ شۇ ئىشلاردىن كىيىن ئۇنىڭغا گەپ قىلمىغاچقىمىكىن؛ ئايگۇلگە قارىماي سۇئاللىرىمنىڭ جاۋابىنى يىزىپ بۇلۇپلا چىقىپ كەتتىم.
نەچچە كۇندىن كىيىن نەتىجىمىز ئېلان قىلىنىپ مەن سىنىپ بۇيىچە ئەڭ ئىلغار بۇلۇپ سايلاندىم،ئايگۇل ئىككى پەندىن قايتا ئىمتىھانغا قاتناشتۇرلدى.
نەتىجەمنىڭ خۇشاللىقىدا ئۆيگە خەت يىزىپ سالدىم،مۇئەللىم ماڭا بۇلەكچىلا ئامراق بۇلۇپ كەتكەن ئىدى.مەن بوش ۋاقتىم بولسىلا مۇئەللىمنىڭ ئىشخانىسىدا ئۇنىڭغا ياردەملىشىپ ئىشلىرىنى قىلىشىپ بىرەتتىم،سىنىپ مۇدىرىمىز ئەر بولغاچقا كەينىمدىن ھەرقىسىم گەپلەر چىقىشقا باشلىدى.ئىچىمدە نىمە دىيشسەڭ دىيشمەمسەن !دەپ قۇيۇپ يۇرىۋەردىم.

تەتىل چىقىشقا ئاز قالغان ئىدى،مەن قىزلار بىلەن بازارغا ئاپام-دادامغا ،ئۇكامغا نەرسە ئالغاچ كىتىش مەقسىتىدە چىقتىم.ھەممە سودىلىقنى قىلىپ بۇلۇپ مەكتەپكە قايتتىم،بازاردا چۆگىلەپ يۇرۇپ ئادەمنىڭ جىقلىقىدا قىزلارنى يۇتتۇرۇپ قويۇپ يالغۇز قايتىپ كەلدىم.مەكتەپ دەرۋازىسى ئالدىغا كەلسەم ھىلىقى مەن بىلەن سۇقۇشقان كونا سىنىپنىڭ قىزلىرى مەكتەپ دەرۋازىسى ئالدىدا خۇددى ئەركىشىدەك دەلدەڭشىپ مەس ھالەتتە تۇرىشاتتى.(مەن سەل قورقتۇم)ئايلىنىپ ماڭىدىغان يول بولمىغاچ ئامالسىز ئۇلارنىڭ ئالدىدىن ئۇتۇشكە مەجبۇر بولدۇم.
ئۇلار مىنى كۆرۇپ مەينەت تىللار بىلەن تىللاپ كەتتى،مەن بۇنداقلار بىلەن تەڭ بۇلۇپ يۇرگىچە دەپ كارىم بولماي ئۇتۇپ كەتتىم.بىرنەچچە قەدەم ماڭار-ماڭمايلا بىشىمغا قاتتىق بىر نەرسە تىگىپ يەرگە يىقىلپ چۇشتۇم..............

داۋامى بار....

كۆزۇمنى ئىچىپ قارىسام مەن مەكتەپ دوختۇرخانىسىدا يىتىپتىمەن. قىشىمدا ئايگۇل ۋە باشقا مۇئەللىملەر مىنىڭ كۆز ئىچىشىمنى ساقلاپ تەققەزار بۇلۇپ تۇرۇپتۇ،كۆزۇمنى ئىچىشىمغىلا دوختۇرنى چاقىرىپ كىردى.دوختۇر مىنى تەكشۇرۇپ بۇلۇپ چاتاق يوقلۇغىنى بىرنەچچە كۇن تىرە يىرىڭداپ قالماسلىغى ئۇچۇن ئاسما ئاستۇرۇشنى ئېيتىپ قۇيۇپ چىقىپ كەتتى،مەن  مۇئەللىمىمىزنى كۆرۇپ تۇراي دىسەم بىشىم پىررىدە قىيىپ تۇرالماي قالدىم ھەم شۇندىلا بىشىمنىڭ يىرىلغانلىقىنى بىلدىم.مۇئەللىم مىنى جىم يىتىپ ئارام ئىلىشنى تاپىلىدى،ئايگۇل قىشىمدا ماڭا ھەمرا بۇلۇپ ئولتۇراتتى.مەن ئۇلارغا قاراپ بەكمۇ كۆڭلۇم يىرىم بولدى چۇنكى مەن بۇرۇن ئاغرىپ قالسام ئاپام-دادام ماڭا ھەمرا بۇلۇپ ئاسما تۇگىگىچە قاراپ ئولتۇراتتى،شۇنداق ئازابلىنىپ ھۆكىرەپ يىغلاپ كەتتىم  مۇئەللىم ماڭا تەسەللىي بەردى.ھەم مەن ئورنۇمدىن تۇرغاندا مىنى كېسەك بىلەن ئۇرغان ئۇ قىزلارنى مەكتەپتىن ھەيدەيدىغانلقىنى ئېيتتى،مىنى ئۇرغان ئۇ قىزلار (مەكتەپنىڭ تەرتىۋىنى بۇزىۋاتقان ئەڭ ئەخلاقسىز قىزلاركەن ئۇ قىزلار نىڭ بىرى ئاقسۇلۇق بىرى ئۇرۇمچى باگاڭلىق قىزلاركەن)

مەن بىردەم تىنىچلانغاندىن كىيىن مۇئەللىمىمىز مىنى ئايگۇلگە تاپشۇرۇپ ياتاقتىن چىقىپ كەتتى،ئايگۇل مىنىڭ قۇلۇمنى مىھرىبانىلىق بىلەن سىيلاپ تۇرۇپ كۆز يىشى قىلدى.
-ئاداش مىنى كەچۇرگىن مەن سىنى چۇشەنمەي يۇرۇپتىمەن،سەن بىلەن رەنجىشىپ ئۆزەمنىڭ ھەقىقەتەن يارىماسلىغىمنى چۇشەندىم دەپ مىنىڭ قۇلۇمنى چىڭ سىقتى.
-بولدى قىلە ئاداش ئۇنچىلىك ئىشلار بۇلۇپ تۇرىدۇ،بىز بۇنىڭدىن كىيىن يىقىن دوسلاردىن بۇلۇپ قالىمىز دەپ ئۇنىڭ قۇلىنىڭ ئۇستىگە قۇلۇمنى قويدۇم(بىز مۇشۇ گەپ بىلەن بىر-بىرىمىزنى سەنلىشىپ يىقىنلىشىپ قالدۇق)بىز شۇ گەپلەرنى قىلىشىپ ئولتۇرغاندا ئىشىك يىنىك چىكىلىپ ياتاقداش ھەم ساۋاقداشلىرىمنىڭ ھەممىسى دىگۇدەك مەندىن ئەھۋال سوراپ كىرىپ كەلدى.مەن ئۇلارنىڭ بۇ كۆڭلىنى قۇبۇل قىلىپ بەكمۇ خوش بۇلۇپ كەتتىم،ئۇلار ماڭا بىرمۇنچە تەسەللىي بىرىپ چىقىپ كەتتى.مەن ئايگۇلنىمۇ بالدۇرراق چىقىپ ئارام ئىلىشنى ئېيتىپ ئۇنى چىقىرىۋىتىپ ئۆزەم يالغۇز خىيالغا چۇمدۇم ،مەنمۇ بىر چاغلاردا  ئانامنىڭ غەمسىز ئەتىۋارلىق قىزى ئىدىم ؛بۇ يۇرتقا بىلىم ئىلىشقا كىلىپ ھەجەب خارلاندىم دەپ يىغلىدىم

ھەمدە ھېلىقى ئىككى قىز توغورلۇق ئويلۇنۇپ قالدىم؛ياق..ياق ئۇ قىزلار مەكتەپتىن قوغلانسا بولمايدۇ!ئۇ قىزلارمۇ بىر مىھرىبان ئاتا-ئانىلارنىڭ ئۇمۇدىغۇ ،ئۇنىڭدىن ئۇمۇت كۇتىۋاتقان ئاتا-ئانىسى مەن سەۋەبلىك بۇ  مەكتەپتىن ئايرىلغانلىقىنى بىلسە نىمە بۇلۇپ كىتەر؟ ياق..ياق ئۇ قىزلار مەكتەپ پۇتتۇرۇش ئالدىدا مەكتەپتىن قوغلانسا ئۇلارنىڭ كەلگۇسى بەختى مۇشۇنىڭ بىلەن نابۇت بۇلۇپ كەتسە  مىنىڭ بۇ ۋىژدانىم يول قويمايدۇ!مىنىڭ بىشىمنىڭ ئازىراق يېرى يىرىلغانغا ئۇ قىزلارنىڭ بىر ئۆمۇرلۇك بەختى ۋەيران بولسا مەن ئادەممۇ!
مەن مۇشۇلارنى ئويلاپ ئەتىنىڭ بالدۇراق كىلىشىنى كۇتۇپ ئۇخلاپ قاپتىمەن.

ئەتتىگەندە دوختۇرلارنىڭ ئىشىكنى ئىچىپ كىرىشى بىلەن چۇچۇپ ئويغاندىم،مەن دوختۇرلاردىن قوپسام بۇلۇش-بولماسلىقىنى سورىدىم.
سالامەتلىگىڭىز تىخى ياخشى ئەمەس ،بىشىڭىزدىن قان كۆپ چىقىپ كەتكەن شۇڭا قوپماي يىتىڭ -دەپ قۇلتۇغۇمغا گىرادۇس سىلىپ قۇيۇپ چىقىپ كەتتى.
مەن قۇپۇپ بىقىشقا تەمشەلسەممۇ بىراق بىشىم قىيىپ قۇپالماي قالدىم شۇنداق ھەپىلىشىپ تۇرسام ئايگۇل قۇلىدا ئەتتىگەنلىك ناشتامغا قۇيماق بىلەن سۇت كۇتۇرۇپ كىرىپ كەلدى.
مەن ئۇنىڭغا رەھمەت ئېيتتىم ھەم بەك تەسىرلەندىم.ئۇنىڭغا ئىچىمدە ئويلىغانلىرىمنى سۆزلەپ بەردىم(ئۇمۇ مىنىڭ توغرا ئويلىغانلىقىمدىن بەك تەسىرلەندى)
ئايگۇل مەكتەپ مۇدىرىنىڭ ئىشخانىسىغا مىنىڭ كۇڭۇل سۆزۇمنى ئېيتىپ قۇيۇش چىقىپ كەتتى،ئارىدىن بىرەر سائەت ئۇتۇپ ھىلىقى ئىككى قىز ياتىقىمغا كىرىپ كەلدى.
ئۇلارنىڭ قۇلىدا ماڭا كېرەكلىك يىمەك-ئىچمەكلەر تۇراتتى،ئۇلار ماڭا نىمە دەپ سۆز باشلىشىنى بىلەلمەي قىينىلىۋاتقانلىغى ئېىنىقلا ئىدى.مەنمۇ ئۇلارنى قىيىنىماي گەپ باشلىدىم.
-كىلىڭلار بۇيەردە ئولتۇرۇڭلار! سىنىپقا تىخى چىقمىغان ئوخشىمامسىلەر؟(گىپىم تۇگىمەستىنلا ئۇلار يىغلاشقا باشلىدى)
-باگاڭلىق قىز  قۇلۇمنى چىڭ سىقىمدىغىنىچە ؛مىنى كەچۇرۇڭ..مىنى كەچۇرۇڭ!مەن راس ئادەم ئەمەسكەنمەن سىزنى مۇشۇنداق قىيناپ قويدۇم مەن..مەن.....
-ھىچقىسى يوق،مەن سىلەرنى ئەپۇ قىلدىم بۇنداق قىلماڭ دەپ بەزلەپ قويدۇم.
-ئارقىدىن ئاقسۇلۇق قىزمۇ ماڭا يۇز كىلەلمەيدىغانلىقىنى ھەم مەكتەپتىن مۇشۇ نەچچە ھەپتە ئىچىدە ھەيدىلىدىغانلىقىنى ئېيتىپ ئۆكسۇپ-ئۆكسۇپ يىغلاپ كەتتى......

-ئۇنداق ئەمەستۇ!تېز مىنى يۇلەڭلار مەن مەكتەپ مۇدىرى بىلەن كۆرىشىمەن دەپ ئورنۇمدىن قۇپۇشقا تەمشەلدىم .
-بولدى قىلىڭ،بىزمۇ ئوقۇش قەدىرىگە يەتمىدۇق ئۇيۇن مۇشۇ ئۇرۇمچىدە ئوخشايدۇ دەپ قىلمىغان گۇناھلىرىمىزمۇ قالمىدى -دەپ ئاقسۇلۇق قىز ماڭا ئىسىلىپ يىغلاپ كەتتى.
-ئۇنداق دىمەڭلار بىزنى ئاتا-ئانىمىز نىمە ئارمانلار بىلەن بۇ يەرگە ئىۋەتتى،بىزغۇ قوغلاندى بۇلارمىز يۇرتىمىزغا قايتىپ بارساق ئاتا-ئانىمىزغا قانداق يۇز كىلىمىز؟(مەن بەك ھاياجانلىنىپ سۆزلەپ كەتتىم)
شۇ ئارلىقتا مەكتەپ مۇدىرى بىلەن ئايگۇل كىرىپ كەلدى،ئۇلار بۇ ئىككى قىزغا ئاچچىغىدا قاراپ قۇيۇپ مىنىڭ يىنىمغا كىلىپ ئولتۇردى ۋە ماڭا قاراپ سۆز باشلىدى.
-زۆھرە سىز بەك ئۇۋالچىلىققا ئۇچىردىڭىز سىز بەك كەڭ قۇرساق ئىكەنسىز،سىزنىڭ تەلىۋىڭىزنى ئويلۇنۇپ كۆرۇش قاراىغا كەلدۇق دىدى مەكتەپ مۇدىرى.
-رەھمەت مۇدىر رەھمەت سىزگە دەپ مۇدىرغا ئۆزۇمنى ئاتتىم(بىشىم قاتتىق ئاغرىپ كەتتىكى تەسۋىرلىيەلمەيمەن)
مەكتەپ مۇدىرى ماڭا تەسەللى بىرىپ  مەن ساقايغاندا مەكتەپتە چوڭ يىغىن ئىچىلىدىغانلقىنى ئېيتىپ چىقىپ كەتتى،ئۇ قىزلارمۇ خۇددى ئەسىرگە چۇشۇپ قالغان جىنايەتچىلەردەك يەردىن بىشىنى ئالماي تۇراتتى.

شۇنداق قىلىپ بىرھەپتىدىن كىيىن سەللىمازا ساقىيىپ دوختۇردىن چىقتىم، تۇلىمۇ ئەپسۇسلىنارلىقى نەچچە يىللىق ئۇزۇن چىچىم كېسىۋىتىلىپتۇ چۇنكى يېرىلغان يەرنى تىكىش ئۇچۇن شۇنداق قىلىپتىكەن.(ئۆيگە قايتسام ئۆيدىكىلەرگە نىمە دەپمۇ چۇشەندۇرەرمەن ....... بولدىلا بارغاندا كۆرەرمەن دەپ ئويلۇدۇم )
مەكتەپتە يىغىن ئىچىلدى  مىنى رىغبەتلەندۇردى ئۇ ئىككى قىزلارغا ئەڭ ئاخىرقى كەڭچىلىك قىلىش بىلەن ئاز-تۇلا جەرىمانە قۇيۇپ ئاگاھلاندۇرۇش بىرىلىدى.
نەچچە كۇندىن كىيىن بىزنى تەتىلگە قۇيۇپ بەردى،مەنمۇ بۇ بىر مەۋسۇمنى ياخشى نەتىجە بىلەن تاماملاپ دوسلار بىلەن خوشلۇشۇپ يۇرتۇمغا قاراپ يولغا چىقتىم.
ئاخىرى نەچچە سائەتلىك سەپەر ئاخىرلىشىپ يۇرتىمىزنىڭ بىنالىرى كۆرۇنۇشكە باشلىدى بۇ ۋاقىتتىكى ھاياجاننى دىمەيلا قۇياي؛يۇرۇگۇم قىپىدىن چىقىپ كىتىدىغاندەكلا قىلاتتى.
ئاپتۇۋۇز بىكەتكە كىلىپ توختىدى،مىنىڭ ئالدىمغا ئالغىلى كەلگەنلەر ئىچىدە سۇيۇملۇك دادام يوق ئىدى.مەن بوينۇمنى غازنىڭ بوينىنى سوزغاندەك سوزۇپ ئەينەكتىن قاراپ كەتتىم،ئەمما دادام كۆرۇنمەيتى .ئاپتۇۋۇزدىن چۇشۇشىمگىلا جىنىم ئانام مىنى يۇگۇرۇپ كىلىپ باغرىغا باستى،ئىككىمىز ئېسىلىپ يىغلىشىپ كەتتۇق بۇ يىغىمىز پەقەت تۇگەيدىغاندەك ئەمەس ئىدى .
بىزنى تاغاملار مىڭ تەستە ئاجىرىتىپ توختىتىپ قويغان ماشىنىسىغا يۇك-تاقامنى بىسىپ ئۆيگە قاراپ يۇرۇپ كەتتۇق،يول بۇيى ئاپامنى يىغىسى توختىمىدى بۇ بەلكىم مىنى سېغىنغان سېغىنىشلىق يىغا دەپ چۇشەندىم.
-ئاپا!  دىدىم مەن.دادامچۇ؟
-ئۇ...ئۇ ..........
-نىمە بولدى؟يۇرۇگۇم قارتتىدە قىلىپ قالدى،ماشىنا بىلەن ئاڭغىچە مەھەللىگە كەپمۇ قالدۇق،قارىغۇدەك بولسام ئىشىك ئالدىدا مىنى ساقلاپ تۇرغان ئۇكام ئوقتەك  ئىتىلىپ كەلدى.يەنىلا دادام يوق!
     مەن ئۇكام بىلەنمۇ  يىغلىشىپ كۆرۇشتۇم، ئاندىن كىيىن ئۆيگە ئوقتەك ئىتىلىپ كىردىم. چۇنكى دادامنىمۇ بەك سېغىنغان ئىدىم،ئەمما دادام ئۆيدە يوق.. ئۆي بوران ئۇچۇن كەتكەندەك كۆرۇنەتتى.مەن نىمە ئىش بولغانلىقنى بىلەلمەي تۇرسام مۇمام ھويلىدىن مىنىڭ كەلگەنلىگىمنى ئاڭلاپ ھازا ئىچىپ كىرىپ كەلدى،ۋاي شور پىشانە بالام،داداڭ سېنى ھەم بىزنى تاشلاپ كىتىپ قالدىغۇ بالام،بۇ دەتلەرنى مەن قانداق كۇتۇرەلەيمەن بالام،ۋاي بالام باغرىم بالام يۇرۇگۇم ھۇسەنجان بالام !دەپ قۇشاق قىتىپ يىغلاپ ئۆزىنى تاتىلاپ يىغلاپ كەتتى ،ئاڭغىچە خوشنىلارمۇ ئاڭلاپ كىرىپ كەلدى؛مەن راستىنلا نىمە بولغانلىقىنى ئىنىق جەزىملەشتۇرەلمىدىم،مەن مۇمامنىڭ يىغلاشلىرىدىن دادامنىڭ كىتىپ قالغانلىقىنى بىلىپ تۇرساممۇ پەقەت ئىشەنگۇم كەلمەيتى. بۇنداق بۇلىشى مۇمكىنمۇ؟تىخى دادام مىنى مەكتەپكە ئورۇنلاشتۇرۇپ قايتقاندا تىخى ساپساقلا ئىدىغۇ؟مەن مۇمانىڭ يىنىغا كىلىپ ئەھۋالنى سورىدىم.
-مۇما بولدى يىغلىماڭ،دادام نەگە كەتتى؟مەن چۇشەنمىدىمغۇ زادى نىمە ئىش بولدى؟
-ۋاي بالام داداڭ ئاللاھ ئىگەمگە ياراپتۇ ،بىزنى تاشلاپ ئۇدۇنياغا سەپەر قىلىپ كەتتى.ھۇ............................دەپ يىغلىغىنىچە  مىنى چىڭ قۇچاقلىۋالدى.
-ياق مەن ئىشەنمەيمەن،ماڭا مۇنداق ئېغىر گەپنى قىلماڭ مۇما!مەن دادامدىن ئايرىلىپ قالسام بولمايدۇ!بۇ يالغان.......دىگىنىمچە ھۇشۇمدىن كىتىپ قاپتىمەن(بىشىم يارىلىنىپ كۆپ قان چىقىپ كەتكەن ياقى شۇنداق كۆپ ئايلىنىپ قالىدىغان بۇلۇپ قاپتىمەن)

بىر چاغدا ئاپامنىڭ يۇزۇمگە سۇ پۇركىشى بىلەن ئېسىمنى يىغدىم ،قارىسام ئەتىراپىمدا  خوشنا-خۇلۇم ئۇرۇق-تۇققانلار يىغىپ كىتىپتۇ.راس بۇ ھەقىقەت ئىكەن ،مەن چۇشۇم بۇلۇپ قىلىشىنى نەقەدەر ئارزۇ قىلاتتىم ھە!دادا سەن نەقەدەر سۇيۇملۇك ئوغلان ئىدىڭغۇ !بىزنى قانداقمۇ چىداپ تاشلاپ كەتكەنسەن،جىنىم دادا سەن مىنىڭ ئۇمۇت يولتۇزۇم  يۇلەنچۇگۇم ئىدىڭ
ئۇيىمىزنىڭ مۇستەھكەم تۆۋرۇگى ئىدىڭغۇ دادا!بۇ تەغدىر نىمانچە رەھىمسىزدۇ ،ئەڭ بولمىغاندا دادامنىڭ ئېسسىق چىرايىنى  بولسىمۇ كۆرۇش ماڭا  نېسىپ بولماپتۇ.

ئاپامنىڭ دەپ بىرىشىچە دادام دەل مەن بىشىمغا كېسەك يەپ يىقىلغان كۇنى،  داداممۇ تۇيۇقسىز  قان بىسىمى ئۆرلەپ  يىقىلىپتۇ شۇ يىقىلغان پىتى قايتا تۇرالماپتۇ.تۇگەپ كەتكۇچە بولغان  تۆت  بەش سائەت ئەتىراپىدا ئىشىككە بەك تەلمۇرۇپ كۆزى يىرىم يۇمۇلۇپ بۇ دۇنيا بىلەن خوشلۇشۇپتۇ.ئاھ خۇدا! مەن يىقىلغاندا دادامنىڭمۇ يىقىلىشى ئەجەپ توغرا كىلىپ قاپتۇ!مۇشۇ نىجىس قان بىسىم كېسەللىك دادامنى ئېلىپ مىڭىپتۇ.........(ئۆيدىكىلەر مەكتەپ بىلەن ئالاقە قىلغاندا ،مەكتەپتىكىلەر مىنىڭ خەۋىرىمنى ئاپامغا سىلىقلاشتۇرۇپ مىجەزى يوق ئېغىر زۇكامداپ ئاسما سالدۇرىۋاتىدۇ دىگەن گەپكە ئالماشتۇرۇپتۇ ھەمدە يەنە بىرھەپتىدە تەتىل بۇلىدىغانلىقىمىزنى ئۇقتۇرۇپتۇ.ئاپام ياخشى ئارام ئېلىشىمنى ئېيتىپ ماڭا قارىماي دادامنى يەرلىكىگە قۇيىۋىتىپتۇ، ئەمدى بىلسەم ؛مۇئەللىملەر دادام بىلەن مىنىڭ تەڭلا پىشكەللىككە ئۇچىرىغانلىقىمىزنى بىلىپ ئاپامغا ئېغىر كىلپ كەتمىسۇن دەپ چاندۇرماپتىكەن)
مەن شۇنداق قىلىپ تەغدىرگە تەن بېرىپ دادامدىن ئايرىلغانلقىمغا ئىشەندىم.دادام مەن بىلەن خوشلاشقان بولسىمۇ قەلبىمدە مەڭگۇ ھايات!

تەتىلىم بەكمۇ غېرىپلىق-  ئازاب تارتىش -يىغلاش بىلەن تۇشۇپمۇ  قالدى ،ئاپام ماڭا ئاتاپ تۇقاچلارنى ياقتۇرۇپ بەردى.مەن ئاپام ئۇكاملارغا پەقەت قىيالمىدىم بۇلۇپمۇ دادام كىلىپ قالىدىغاندەك ئىشىككە تەلمۇرۇپ كەتتىم،مەن يىغلاۋەرسەم ئاپامنىڭمۇ تۇگۇشۇپ كىتىۋاتقانلىغىنى كۆرۇپ سەل ئۆزۇمنى تۇزەشتۇردۇم.ئۇكام بولسا پات- پات  دادامنىڭ سۆرىتىگە تويماي قاراپ كىتەتتى بۇ ۋاقىتتا يۇرۇگۇم مۇجۇلۇپ ئۆرتىنىپ كىتەتتى ئەمما ئاپامنى ئويلاپ ئۆزەمنى ئويلاپ تۇتىۋالاتتىم.مەن نەچچە كۇنگىچە دادامنىڭ ئىشىلىرى بىلەن بۇلۇپ ئەكەلگەن سوۋغامنى ئاپامغا كۆرسۇتۇشنى ئۇنتۇپ قالغانلقىمنى ئېسىمگە ئىلىپ، سومكامنى ئىلىپ چىقىپ ئاپامغا شارپىنى چىقىرىپ بەردىم.ئۇكامغا ئۇيۇنچۇقنى بەردىم ،دادامغا ئالغان پۇپايكىنى چىڭ سىقىمدىغىنىمچە يىغلاپ تاشلىدىم بۇ ھالىتىمنى كۆرگەن ئۇكام  بىلەن ئاپام ماڭا تەڭ گىرە سېلىپ يىغلىشىپ كەتتۇق.........

يىغلىدۇق قاخشىدۇق ئامال قانچە قول قوشتۇرۇپ قاراپ قىلىشتۇق،شۇنداق قىلىپ مەنمۇ مەكتەپكە مىڭىش ئۇچۇن بىلەت ئەكەلدىم.بىركۇن ئاپامنىڭ بارلىق ئىشىلىرىنى قىلىشىپ بىرىپ مەكتەپكە ماڭدىم.ئاپام ئۇكاملار بىكەتتە ماڭا ئامانلىق تىلەپ  يىغلاپ قوللىرىنى پۇلاڭلىشىتىپ خوشلۇشۇپ قالدى،مەن  يول بۇيى دادام ئاپام ئۇكام تۆتىمىزنىڭ ئىناق ئۆتكەن كۇنلىرىمىزنى ئويلاپ يىغلاپ مىڭىپ ئۇرۇمچىگىمۇ كىلىپ قاپتىمەن.مانا مەكتەپ دەرۋازىسى ئالدىغىمۇ كەلدىم، دادام مىنى قۇلۇمدىن يىتەگلەپ ئەكەلگەن مەكتەپ قوينىغا كەلدىم.بۇ جايدىمۇ دادامنىڭ ماڭغان ئىزلىرى بار ئىدى،يەنە كۆڭلۇم يىرىم بولدى .بىردەسسەپ ئىككى دەسسەپ ياتاق بىناسىغا كەلدىم ئالدىمدا تۇنۇش چىرايدىن بىرى ماڭا قاراپ يۇگۇرۇپ كىلىۋاتاتتى،ئۇ دوستۇم ئايگۇل ئىكەن ئۇ مىنىڭ بىشىمدىكى ياغلىقىمغا قاراپ چۇشەندى بولغاي ماڭا ئېسىلىپ يۇزلۇرۇمگە سۇيۇپ كۆرۇشتى.(دادامنىڭ تۇگەپ كەتكەنلىگىنى مەندىن باشقا ساۋاقداشلىرىمنىڭ ھەممىسى بىلىپ بوپتىكەن)ياتاققا كىرسەم مەندىن باشقا ساۋاقداشلارنىڭ ھەممىسى كىلىپ بوپتۇ،ھەممىسى بىلەن تىچلىق ئامانلىق سوراشتىم.

بىركۇنلۇك يول ھاردۇقىدا ھېرىپ قالدىممۇ تېزلا ئۇيقۇغا كىتىپ قاپتىمەن،ئەتىسى ئويغۇنۇپ قارىسام ؛دوستۇم ئايگۇل ئەتتىگەنلىك ناشتىلىقىمنى خۇددى ئاپامدەكلا تەييارلاپ قۇيۇپتۇ.
بىز ناشتىدىن كېيىن سىنىپقا چىقىپ ئۆزىمىزنى يوقلىما قىلدۇرۇپ قۇيۇپ ياتاققا قايتىپ چىقتۇق،دوستۇم ئايگۇل ماڭا تەسەللىي بەردى بىز جىق ئىشلار توغرىسىدا مۇڭداشتۇق.
بىز مۇڭدىشىپ ئولتۇرساق كونا سىنىپنىڭ قىزلىرى ھېلىقى قىزلار بىلەن ئىشىكنى يىنىككىنە چىكىپ كىرىپ كەلدى ۋە مەن بىلەن ئەھۋاللاشتى،ئارىدىكى جىمجىتلىقنى باگاڭلىق دوستىمىز بۇزۇپ ھۆڭىرەپ يىغلاپ كەتتى ھەممىمىز نىمە بولغاندۇ؟دىيىشىپ بىر-بىرىمىزگە قارىشىپ قالدۇق،ئۇ بىردەم يىغلاپ ئۆزىنى توختاتقاندىن كىيىن قۇلۇمغا ئېسىلدى.

-دوستۇم بىزنى كەچۇرۇڭ بىز شۇكۇنى سىزگە شۇنداق پوخورلۇق قىلمىغان بولساق سىزمۇ دادىڭىزنىڭ يۇزىنى ئاخىرقى قىتىملىق سۆزىنى بولسىمۇ  كۆرۇپ ئاڭلىۋالاركەنسسز،ئېسىت نىمىشقىمۇ شەيتاننىڭ كەينىگە نىمىشقا كىرگەندىمىز،بىزنى كەچۇرۇڭ!دەپ يۇزىنى قاماللىغىنچە يىغلاپ كەتتى........مەنمۇ تەڭ يىغلىدىم.
-بولدى بۇلار ئىش بۇلۇپ بولدى،مەن كەچۇرىمەن ئازماس ئاللاھ!دەپتىكەن بىز بەندىلەر گۇناھلاردىن خالي بۇلالمايدىكەنمىز.سىزدىن كۆرمەيمەن دەپ ئۇ قىزنىڭ يېشىنى سۇرتتۇم.

بۇ مەۋسۇملۇك دەرسمۇ باشلاندى،سىنىپىمىزدىكى ساۋاقداشلار بىلەن بەكمۇ يېقىنلىشىپ كەتتىم.كۇنلۇرۇم خۇشال ئۆتتى دوستۇم ئايگۇلمۇ ماڭا قەۋەتلا ئامراق بۇلۇپ كەتتى.
بىز ساۋاقداشلار بىلەن رەسىملەرگە چۇشۇپ ئەسلەش خاتىرلىرىنى تولدۇردۇق،سىنىپ مەسئۇلىمىز ياش بولغاچقىمىكىن بىزنى داۋاملىق ئەھمىيەتلىك ئولتۇرۇشلارغا قاتناشتۇراتتى.
مەن سىنىپ ھەيئەتلىك ئورنۇمدا ئىزچىل ئاكتىپلىق بىلەن ئىشلەپ كەلدىم،شۇنداق قىلىپ يازلىق -قىشلىق تەتىللەر خۇددى بىز ساۋاقداشلارنى ئايرىۋىتىشكە ئالدىراۋاتقاندەك بىرىنىڭ ئارقىدىن بىرى قوغلۇشۇپ تېزلىكتە يىقىنلاپ كىلىۋاتاتتى ،3يىلمۇ توشتى بۇ بىزنىڭ ئاخىرقى يىلىمىز بولغاچقا نەنسەنلەرگە ساياھەتكە چىقتۇق .تانسىخانىلاردا چوڭ پائالىيەتلەرنى ئۆتكۇزدۇق،مەنمۇ خىلى تانسا ئويناش چولپىنىغىمۇ ئايلىنىپ قالدىم. شۇكۇنلەردە مەن دوستۇم ئايگۇل بىلەن پەقەت ئايرىلغۇمىز كەلمەي تاڭ ئاتقۇچە مۇڭدىشىپ كەلگۇسىمز ئۇستىدە مۇڭدىشىپ كىتىشەتتۇق،ئۇ ماڭا ؛ئاداش مەن توي قىلسام كىلەمسەن؟دەپ سورىدى ،مەن قىلچە ئويلانماستىنلا خۇدا بۇيرىسا چۇقۇم بارىمەن دەپ جاۋاب بەردىم.
مەن بۇ گەپتىن كىيىن ئۇنىڭ مۇھەببەتلىشىپ يۇرگەن ئادىمىنىڭ بارلىغىنى چۇشەندىم ،ھەمدە دەرھال ئۇنىڭدىن قېززىقچىلىق قىلىپ سوراپ تۇرىۋالدىم.

-ئېيتە ئاداش ئۇ كىمۇ؟مەن تۇنۇمدىم؟
-سەن تۇنىمايسەن ئۇ مىنىڭ يۇرتۇمدا.
- ھە بىلدىم،سىلەر يۇرگىلى قانچە ۋاقىت بولدى؟
-يېرىم يىل بولدى بۇ يىل قىشلىق تەتىلدە تۇنۇشۇپ .......
ئۇ تۇيۇقسىز سۆزىنى تۇگىتىپلا مەندىن سىنىڭچۇ؟سىنىڭمۇ باردۇ؟دەپ بىرمۇنچە سوراپلا كەتتى.مەن نىمە دىيىشىمنى بىلەلمەي قالدىم تۇيۇقسىز يۇزۇمنىڭ ئوت بۇلۇپ كەتكەنلىگىنى ھېس قىلدىم.ئايگۇلمۇ بىلىپ قالدى بولغاي ماڭا قاراپ قاقاقلاپ كۇلۇپ كەتتى.
-ئاداش بولدى خىجىل بولما سىنىڭ بارمۇ؟
-ياق تىخى.ماڭا بىرىمۇ ئۇنداق گەپ قىلىپ باقمىدىغۇ؟
-ئۇنداق ئەمەستۇ؟سەن ياراتمىغانسەن؟ئۆزەڭ شۇنداق چىرايلىق تۇرساڭ مەن ئوغول بولسام چۇقۇم سىنى ئالاتتىم-دەپ شوخلۇق قىلىپ كۇلۇپ كەتتى.

راستىنلا ماڭا ئوغوللار مۇھەببەت توغورلۇق گەپ قىلمايتى،ئۆزەمنىڭ مىجەزى شۇنداقمۇ بىلمىدىم  باشقىلاردىن  ئاڭلىسام  مىنىڭ  سىرتقى  قىياپىتىم  بەك  ھاكاۋۇر كۆرىنىدىكەن.
مەن دادام تۇگەپ كەتكەندىن كىيىن پۇتۇن زېھنىمنى دەرسكە بىلىم ئېلىشقا قاراتقانلىغىم ھەم دادامنىڭ بىزدىن ئايرىلىشى ماڭا بەك ھار كەلگەنلىكتىنىمۇ ئىشىقىلىپ ئوغوللارغا ئىشىم بولسىلا گەپ قىلاتتىم بولمىسا مۇئەللىمىمىز بىلەنلا پىكىر ئالماشتۇرۇپ يۇرەتتىم(ساۋاقداشلىرىم مۇئەللىم بىلەن يۇرىۋاتقان ئوخشايدۇ دەپمۇ قاپتىكەن،ئەمىلىيەتتە مۇئەللىم مەندىن چوڭ ھەم تەجىربىلىك ئۇ  ، ھەمىشە ماڭا كۇڭۇلنىڭ كەينىگە كىرىپ قىلىپ  تۇيۇق يولغا كىرىپ قالماسلىغىم ئۇچۇن ماڭا تەربىيە قىلىپ يامان قىزلاردىن بۇلۇپ قالماسلىقىمنى تەكىتلەپ
قۇياتتى) ئويلاپ باقسام مۇئەللىمىمگە رەھمەت ئېيتساممۇ ئازلىق قىلىدۇ دەپ ئويلايمەن.

بىز شۇنداق قىلىپ مانا بۇ 3 يىللىق كۇڭۇللۇك ئۇنتۇلماس ئالىي مەكتەپ ھاياتىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ غەلبە كۇيلىرىنى ياڭراتتۇق.

بىر تىزىق مارجان بىر دەستە گۇلدەك،
ئۆتكەن ئىدۇق ساۋاقداش بۇلۇپ.
ئەمدى بىز بۇگۇن ئايرىلار بولدۇق،
جۇدالىق يېشى كۆزلەرگە تۇلۇپ.

خەيرى-خوش مەكتەپ ،خەيرى -خوش ئۇستاز ! دەپ ناخشىلىرىمىزدا كۇيلىدۇق.مانا 3يىل !مانا مەكتەپ ھاياتى !ھەممىسى ئاخىرلىشىش ئالدىدا تۇرىدۇ.ساۋاقداشلار بىر-بىرىمىزگە قىيالماي يىغلىشاتتۇق.دوستۇم ئايگۇل ماڭا ئۆزى كەشتىلىگەن ئىككىمىزنىڭ ئىسىمى نەقىشلەنگەن بىر جۇپ ياستۇق قىپى سوۋغا قىلىپ خاتىرە سۇپىتىدە قالدۇردى.مەنمۇ ئۇنىڭغا كۇڭۇل سۆزلىرىمنى كەلگۇسى ئارمانلىرىمنى سۆزلەپ لېنتىغا ئىلىپ،  ئۆزى  كىچىك بولسىمۇ - پۇلى ئەرزان بولسىمۇ ،قىممىتى بىباھا   بىر كىچىك ئۇنئالغۇ سوۋغامنى قالدۇردۇم.

شۇنداق قىلىپ مەكتەپ ھاياتىمنى تاماملاپ يۇرتۇمغا يىنىپ كەلدىم ئۇزۇن ئۆتمەي خىزمەتكە چىقتىم ،دوستۇم ئايگۇل بىلەن ۋە باشقا ساۋاقداشلىرىم بىلەن تىلىفۇن ئارقىلىق مۇڭدىشىپ مەكتەپتە بىردەم كۇلۇشۇپ بىردەم سۇقۇشۇپ ئۆتكەن ھاياتىمىزنى ئەسلىشىپ كىلىۋاتىمىز......................

تىمام تامام.
دوسلارنىڭ  تىمامنى قىممەتلىك ۋاقتىنى ئاجىرتىپ ئۇقۇپ ئۆتكەنلىگىگە رەھمەت! بىلسەم- بىلمىسەم ئالىي مەكتەپ ھاياتىڭلار كۆز ئالدىڭلاردىن بىرقۇر كىنو لېنتىسىدەك ئۇتۇشكە باشلىدىغۇ دەيمەن!

         كۆرۈلۈشى:3846     قوشۇلغان ۋاقتى:2010-3-27 19:53:50يوللىغۇچى ئەزا:askar124

    
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يوللانمىدى ، سىزنىڭ تۇنجى ئىنكاس يوللىغۇچى بولىشىڭىزنى قارشى ئالىمىز !

ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:سىرلىقلىقىڭىزنى يوقاتماڭ
سىرلىقلىقىڭىزنى..
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:چاچ چۈشۈشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئامىللار
چاچ چۈشۈشنى كەلت..
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:ھەددىدىن زىيادە رومانتىكلىقمۇ كىشىنى بىزار قىلىدۇ
ھەددىدىن زىيادە ..
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:سەۋزە ئۆپكىنى ئاسرايدۇ
سەۋزە ئۆپكىنى ئا..
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:مېۋە پوستى بىلەن...
مېۋە پوستى بىلەن..
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:دۇنيادىكى ئەڭ توغرا پىسخېكا سىنىقى
دۇنيادىكى ئەڭ تو..
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:ئاياللارنىڭ جورا تاللاشتىكى يېڭى چارىسى
ئاياللارنىڭ جورا..
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:«ئەر-خوتۇنلار ئوخشىشىپ كېتىدۇ» نىڭ ھەقىقىي سىرى
«ئەر-خوتۇنلار ئو..
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:ئەر -ئاياللار ھەققىدە قىزىقارلىق پاراڭلار
ئەر -ئاياللار ھەق..
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:ھازىرنىڭ ئۆزى بەخىت
ھازىرنىڭ ئۆزى بە..
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:تەنھالىق ئىنسانغا نىسبەتەن‹‹يۇشۇرۇن قاتىل ››ئىكەن
تەنھالىق ئىنسانغ..
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:ساپما كەشنىڭ زىيىنى تولا
ساپما كەشنىڭ زىي..

ئالدىنقى ماقالە:سۇغات
كېيىنكى ماقالە:بۇ بىزمۇ
{ كۆچۈرۈش } { بېسىپ چىقىرىش }
 
بۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭ

شىرىنىم ئەسەر سەھىپىسى (2010 - 4 - 16)  新ICP备10001556号