|
ئۈزۈك تاقىغان ئورۇنغا.. | يازدا ئاياللاردا دائى.. | خانىم – قىزلار كۈندە ئۈ.. | تاماقتىن كېيىن قىلىشق.. | دېھقان | ئەرلەر قىلىشنى ئەڭ خال.. | ئەنگىلىيەدە ئەر-ئايال.. | كۆز قاپىقىنىڭ بىشارىت.. | ئەڭ ياخشى ياش باسقۇچى | سەۋزىنى كۆپ يەپ بەرسە .. | |
|
|
|
|
|
| |
|
سوۋغات ھىكايە
ئەتە ئاياللار بايرىمى بولغاچقا سىنپىمىزدىكى قىز ساۋاقداشلىرىم ، دەرستىن سىرتقى دەم ئېلىشتىن پايدىلنىپ ئەتدىكى بايرام ،ۋە بايرامدا ئانىلىرغا ،سىنىپ مۇدىرمىز نۇرگۈل مۇئەلىمگە قانداق سوغات بىردىغانلىقلىرى توغۇرلۇق قىزغىن پاراڭغا چۈشتى.مەن بولسام ئورنۇمدا ئولتۇرۇپ ئۇلارنىڭ پارىڭغا قۇلاق سالغاچ دەرسلىك كىتابمنى ۋاراقلاپ ئولتۇردۇم ،ساۋاقداشلار بەس بەستە ئۆزلىرنىڭ ئانسىغا ،ئايال ئۇقۇتقۇچلارغا نىمە سوۋغا قىلدىغانلىقى،بايرام كۈنى يەنە قانداق ئىشلار بىلەن شۇغۇلۇندىغانلىقى توغرىسدا مۇنازىرگە چۈشۈشتى ، -مەن ئانامغا قىممەت باھالىق ئەتىردىن بىر قۇتا سوۋغا قىلمەن،نۇرگۈل مۇئەلىمگىمۇ بىرنى سوۋغا قىلمەن،دادام ھېلقى بىك ماشنىدا بىزنى داڭلىق رىستۇرانغا ئاپرىپ مىھمان قىلماقچى - دىدى،سىنپىمىزدىكى خام سىمىز،سىمزىلىكىگە باقماي تېخمۇ كەڭ كىيملەرنى كىيىپ ،ئالتە يەردە يانچۇقى بار چاپان ،يانچۇقلۇق ئىشتانلارنى كىيۋېلىپ تېخمۇ سىمىز كۈرنىدىغان ،شەھرىمىزدىكى داڭلىق سودىگەرنى كىچىك قىزى،ئەركە خېنىم ئىلنۇر سارغۇچ بۇيالغان رەتلىك قاترۇپ تارۋالغان ،چاچلىرنى سىمىز بارماقلىردا تاراپ قۇيۇپ ، -مەن ئاپامغا بەك چىرايلىق،كۆزلىرى بەكمۇ جۇلالىق بىر تال چازا كۈرۈپ قويدۇم ،شۇنىڭدىن بىرنى ئېلىپ بىرمەن،ئۇ كەچتە ئاپامنىڭ خاندانلىق رىستۇرانىدا چېيى بار ،ئاپام شۇ كۈنى ئالتۇن زىبۇ زىنەتلىرى بىلەن شۇ چازنى تاقاپ چايغا باردىغان بولسا چايدىكى خۇتۇنلار ھاڭۋېقىپ قېلىشقانچە قەيەردىن ئالغانلىقنى سۇرشىدۇ ،ئاپام مىنڭ سوۋغا قىلغانلىقمنى ئېيتىپ قويسا مىنڭ ھاردۇقۇم چىقىدۇ - دىدى،خۇددى قونچاقتەك ياسنىپ،ھەر كۈنى ھەر خىل كىيملەرنى كىيىپ چاچلىرنى ھەپتىدە بىر پاسۇندا ياستىپ ئەڭ ئاخىردا لىيۇ خۇلەنىڭكىدەك قىلپ كەستۈرۈپ ، گەدەن چېچنى ئۇغۇلارنىڭكىدەك قىردۇرۇپ غەلىتە بىر نۇسقىدا قىلۋالغان،ئۇرۇقلىقدىن بۇران چىقسىلا بىلى ئۈزلۈپ كىتىدىغاندەك كۈرنىدىغان ،ئۇرۇقلىقىغا باقماي تۇلمۇ تار كىيملەرنى كىيۋېلىپ يۈرۈيدىغان،ئاپىسى شەھەرلىك سەنئەت ئۈمەكتە ئىشلەيدىغان ياسانچۇق دىلبەر . -مەن ئاپامغا بىر تال قىممەت باھالىق،ماركىسى داڭلىق قەلەم كۈرۈپ قويدۇم،شۇنى سېتۋېلىپ سوۋغا قىلمەن ،ئۇ شۇ قەلەم بىلەن خەقلەرنىڭ ئىلتىماسلىرغا قول قۇيۇپ بەرگەندە مىنى ئەسلەيدۇ –دىدى ،ئانسى شەھەرلىك ھۈكمەتتە ئىشلەيدىغان ،داڭلىق ماركىلق نەرسىلەرگە كىيىم كىچەكلەرگە تۇلمۇ ھەۋەس قىلدىغان ئادىلە ئۈستىدىكى ئادى داس چاپىننىڭ ياقسىنى يىنك كۈترۈپ قۇيۇپ ،ئۇلارنىڭ بەس- بەستە دىيشكەن گەپلىرى قۇلقۇمغا كىرىپ مىنى بىئارام قىلشقا باشلىدى ،چۈنكى مىنڭمۇ ئاشۇلاردەك ئانامغا ماۋۇ جاپاكەش ئۇستازىم نۇرگۈل مۇئەلىمگە ،مۇشۇ قېتىملىق بايرامدا بولسىمۇ ئەھمىيەتلىك سوۋغات بىرىش ئارزۇيۇم بار ئىدى ،ئانام مىنى مۇشۇ 17 ياشقا كىرگۈزگۈچە قانچىلغان جاپالارنى تارتمىدى دەيسىز،ئۇ ئولتۇرسا قوپسا بىز ئىككى بالا ئۈچۈن نۇرغۇن جاپا تارتتى ،نۇر گۈل مۇئەللىم بولسا تۇلۇق ئوتتۇردا ئۇقغان مۇشۇ نەچچە يىل مابەينىدە ماڭا خۇددى ئانامدەك كۈينۈپ دەرىسلەردە يىتەكلەپ ماڭدى ،ئۇ بولمىغان،ئۇنىڭ يىتەكلەپ مېڭشى بولمسا مەن بىر ئاددى ئۇقۇتقۇچنىڭ قىزى تۇرۇپ شۇنچە داڭلىق شەخىسلەرنىڭ باللىرى ئالدىدا ئۈگۈنۈش ھەيىتى بۇلۇپ يۈرەلەمتىم ،ئۇقۇتقۇچۇلۇرمنىڭ ماختاشلىرنى ئاڭلىيالامتىم ،لىكىن ....ئائىلىمىزنىڭ شارائىتى ماڭا ئايان قالايمىقان بۇزۇپ چاچقىدەك ئىقتىزادىمىزمۇ يوق،ئانام بىلەن دادام ئاددى ئۇقۇتقۇچى ،ئۇلار باشقا ساۋاقداشلىرمنىڭ ئاتا-ئانىسدەك داڭلىق كىشلەرمۇ ئەمەس،يۇقرى مۇئاشىمۇ يوق،ياكى ئەملى يوق ،ئۇلار تىرشىپ ،جاپالىق ئىشلەپ ئالغان ئازغىنە مۇئاشىنى ، مەن بىلەن ئاكامنىڭ ئۇقشى ئۈچۈن يىغدۇ،گەرچە ماڭا ھەپتىدە بىر قۇر يېڭى كىيىم ئېلىپ بىرەلمىسمۇ ،داڭلىق ماركىلق ئۇقۇش قۇرالىردا سومكامنى لىقلاپ بىرەلمىسمۇ ،كۈندە بۇزۇپ چېچىپ خەجلەشكە جىقىدە پۇل بىرەلمىسمۇ،ھەپتىدە بىر رىستۇرانلاردا چاي ئويناپ يۈرەلمىسمۇ ،لىكىن ماڭا ياخشى ئۇقۇش ،ئەخلاقلىق ،ئەدەبلىك بۇلۇش توغرىسدا تەربىيە بىردۇ،باشقىلار قىينچىلىققا ئۇچۇرسا ياردەم قىلشنى تەكىتلەيدۇ ،دەرسلىرمنى ئۆزلىكسىزيىتەكلەپ ماڭدۇ ،مىللتىمىزنىڭ ئەنئەنىلىرنى ،قائىدىلىرنى ماڭا سىڭدۈردۇ ،مەن لازىم دىگەن ھەر قانداق ماتىرياللارنى قىممەت بولسىمۇ بىر ئاماللارنى قىلپ ئېلىپ بىردۇ،ئۈيمىزدە داڭلىق ماركىلق ،ئائىلە جازىلىرى ،يۇقرى ئىنقلىقتىكى داڭلىق تىلۋىزۇر ،ئىچى چوڭ توڭلاتقۇ،ياڭراتقۇ،كومپىيوتىر،ئاپتۇماتىك كىر ئالغۇلارمۇ يوق،بىزنىڭ ئۆيدە ئاددىيلا بىر تىلۋىزۇر ،ئادەتكىدەك توڭلاتقۇ، كىر ئالغۇ بار.ئۈزمىز پەخىرلىندىغان بىردىنبىر داڭلىق نەرسىمىز قىپقىزىل سىرلانغان ئىچگە لىققىدە پايدىلنىش ماتىرياللىرى،قىمەتلىك،داڭلىق يازغۇچلىرمىزنىڭ ھىكمەت دۇردانىلىرى بار بولغان قىمەتلىك ئەدبى ئەسەرلەر،داڭلىق شەخىسلەر توغورلۇق ھىكايە كىتاب دىگەندەك كىتابلار بىلەن توشقۇزۇلغان بىر كىتاب جازىمىز بار ،بۇ كىتاپ جاھازىسى 70كۇۋادىرات مىتىرلىق بۇ تار ئۈيمىزنىڭ مىھمانخانسىغا قۇيۇلغان ،ئىچدىكى كىتابلار رەتلىك تىزلغان،بىز بىكار بۇلۇپ قالغان چاغلىرمىزدا مۇشۇ كىتابلارنى ئۇقۇيمىز. دادامنىڭ داڭلىق پىكابىمۇ يوق،ئۇنىڭ پەقەت ئائىلىگە ،بىز پەرزەنتلەرگە بولغان كۈچلۈك مەسۇلىيەتچانلىقى،تەلەپچانلىقى چىقىپ تۇردىغان ،بىزنىڭ ھەر قانداق كەمچىلىكلىرمىزنى ناھايتى تىز كۈرەلەيدىغان بۈركۈتنىڭكىدەك ئۆتكۈر كۆزلىرى،ئىللىق دادلىق مىھرى بار . ئانامنىڭ خەقلەرگە كۆز –كۆز قىلغۇدەك قىممەت باھالىق زىبۇ- زىننەت كىيملىرمۇ يوق ،ئۇنىڭ پەقەت ئائىلىگە ،بىز ئىككى پەرزەنتىگە ،جاپاكەش دادامغا بولغان قىزغىن مۇھەبىتى،ئىللىق كۈلۈمسىرەپ تۇردىغان نۇرلۇق كۆزلىرى،ئالتۇنغا تىگىشكىسىز دۇردانە ھىكمەتلىك تەربىيەلىرى بار. يەرگە قارغىنمچە ئولتۇرۇپ خىيالغا چۆكتۈم ،ئۇلارغا نىمە سوۋغا قىلسام بۇلار ؟كىتاب سوۋغا قىلايمۇ يە ؟ياق ..ياق ..ئۇلار كۈندە كىتاب بىلەن ھەپىلىشدىغان تۇرسا بولمىغدەك،ئادىيراق بولسىمۇ قەلەم سوغا قىلايمۇ يە ؟ئانامنىڭ ئىشلىتمۇ باقمىغان قەلمىدىن نەچىسى تۇرسا،نۇرگۈل مۇئەلىمگە ئادىلە داڭلىق ماركىلق قەلەم سوۋغا قىلغىدەك ئۇ چاغدا مەن سوۋغا قىلغان قەلەمنى چۇقۇم ئىشلەتمەيدۇ،بىرەر تالدىن گۈل سوۋغا قىلايمۇ يە،بولمىغدەك بەك ئاز بوپ قالغىدەك ئۇ قانداقمۇ ئالاھىدە سوۋغات بولسۇن ،ئۇلارغا نىمە سوۋغا قىلش توغۇرلۇق بېشىم تۇلمۇ قاتتى،سىنپىمىزدىكى قىزلارغا ئۈزۈمنى سېلىشتۇرۇپمۇ باقتىم ،يانچۇقۇمدىكى دادام پارچە خىراجەتكە بەرگەندە يىغقان پارچە پۇرات 30نەچچە يۈئەن پۇلنى سىلاپ قويدۇم ،بۇ پۇلغا ئالاھىدە بىرەر نەرسە ئېلىپ قالسام يىتشمەيدىغنى ئىنىق .ئۇيان ئويلاپ بۇيان ئويلاپ بېشىم ئاغرىپ كەتتى،روھسىزلىق بىلەن دەرستىن چۈشۈپ ئائىلىمىزگە قايتۇق ،يولدا ماڭغۇچىمۇ شۇ بايقى غەم مىنڭ پۈتۈن نىرۋىلىرمنى تارتۇشتۇرۇشقا باشلىدى .ئۆيگە كىلپلا ئانامنىڭ تاماق ئىتشىگە ياردەملەشتىم ،كەچلىك تاماقنى يەپ بولغاندىن كىيىن ،قازان،قاچىلارنى يۇيۋىتىپ ياتاق ئۈيۈمگە كىرىپ دەرىس تەييارلاشقا چۈشتۈم،لىكىن كاللامغا ھىچ نىمە كىرمىدى .بىر چاغدا ئانامنىڭ –قىزىم ئەمدى ئارام ئېلىڭ -دىگەن ئاۋازىدىن ئىسمنى يىغىپ يوتقانغا كىرىپ ياتتىم ،كۈزۈمگە ئۇيقۇ كىلدىغاندەك ئەمەس ،ئۇيان بۇيانغا ئكرلۈپ يېتىپ بىر كەمدە ئۇخلاپ قاپتىمەن، چۈش كۈرۈپتىمەن ،چۈشۈمدىمۇ يەنە شۇ سوۋغات تاللاپ بۇلالماي يۈرگۈدەكمەن،ئانامنىڭ شۇ تۇنۇش يېقملىق ئاۋازى بىلەن تەڭ ئويغۇنۇپ يۈز كۆزلىرمنى يۇيۇپ ناشتا قىلدىم،شۇ چاغدا ئۈيمىزنىڭ تىلفۇنى سايراپ كەتتى ،ئانام چەبدەسلىك بىلەن بېرىپ تىلفۇننى قۇلغا ئالدى ،قارغاندا ئىچكىردە ئۇقۇيدىغان ئاكام ئۇنىڭ بايرىمنى تەبىركلەپ تىلفۇن قىلغان بولسا كىرەك ،ئۇ كۈلۈمسىرگىنچە ئۇنىڭغا رەھمىتنى بىلدۈرۋاتاتتى،ئۇلارنىڭ نىملەرنى دىيشكىنمۇ قۇلقۇمغا كىرمىدى،ئانام كۈلۈمسىرگىنچە تىلفۇنى قۇيۋىتپ تاماق ئۈستىلگە كەلدى.ئاندىن دادامغا ئاكامنىڭ ئۈزنىڭ بايرىمنى مۇبارەكلەپ تىلفۇن قىلغىننى ھاياجانلانغىنچە ئېيتتى ،ئانامنىڭ شۇ نۇرلۇق كۆزلىرگە قاراشقىمۇ پىتنالماي سەھەردىلا مەكتەپكە ماڭدىم،مەكتەپكە كىلپ ئۇدۇل سىنپقا قايتىپ كىردىم ،ساۋاقداشلىرمنىڭ خىلى كۈپى تېخى كەلمىگەن بۇلۇپ سىنىپ خىلىلا تىنىچ ئىدى ،ئالى مەكتەپ ئىمتاھانى يېقىنلاپ قالغاچقىمۇ ھەممەيلەن تىرشىپ دەرىس تەكرارىغا چۈشكەن ئىدى،مەنمۇ قۇلۇمغا چىققان بىر كىتابىمنى ۋاراقلاپ قۇيۇپ ئولتۇردۇم ،كىتاب يۈزدىكى جۈملىلەر ماڭا يىلانىڭ قاسرىقىدەك كۈرنۈشكە باشلىدى ،خىيالىم پەقەت بۈگۈنكى سوۋغات بىرش پائالىيتىدە ئىدى . -ھۆرمەت !-يېنىمدىكى ماينۇرنىڭ ئۈنلۈك ئاۋازدا ئېيتقان سۈزدىن،مىنى جەينىكىدە نۇقۇپ قۇيشىدىن ئىسمنى يىغدىم ،ئورنۇمدىن تىزلا تۇرۇپ كەتتىم ،مۇنبەردە كۈيۈمچان ئۇستازىم نۇرگۈل مۇئەللىم تۇلمۇ چىرايلىق ياسنىۋالغان بۇلۇپ ،بىزگەكۈلۈمسىرەپ قاراپ تۇراتتى،كاللامدا يەنىلا ھېلقى سوۋغات خىيالى ،ئۇ بىزگە ئولتۇرشقا رۇخسەت بەرگەندىن كىيىن ئورنۇمدا ئولتۇردۇم ،روھسىزلىق بىلەن دەرسلىك كىتابمنى قۇلۇمغا ئالدىم ،بۈگۈنكى دەرىستە نىملەر سۆزلەنگىنى قۇلقۇمغا كىرمىدى ،دەرسنىڭ تىمىسمۇ ئىسمدە يوق،كالامغا ھىچنىمە كىرمىدى ،دەرستىن چۈشدىغانغا ئاز قالغان ۋاقىتتا نۇرگۈل مۇئەللىم مىنڭدىكى بىنۇرماللىقنى سىزىپ قالغاندەك يېنىمغا كىلپ بىردەم تۇردى ،مۇشۇ قېتىملىق دەرس مىنڭ تۇلۇق ئوتتۇرا ھاياتىمدىكى تۇنجى قېتملىق كۈڭۈل قۇيۇپ ئاڭلىمغان دەرسىم بولغاچقىمۇ يۈزلۈرۈم قىزرىپ كەتتى ،نۇر گۈل مۇئەللىم ماڭا ئارتۇق گەپ قىلماستىن مۇنبەرگە چىقتى،بىزگە تۇلۇق بىر قاراپ چىققاندىن كىيىن مىنڭ ئارقامدىكى پارتىدا ئولتۇردىغان قەيسەرنى چاقىرىپ سىرتقا ماڭغاچ - قوزغالماي تۇرۇڭلار ھازىرلا كىرمەن- دىدى ،بوش ئاۋازدا ،بىز خۇددى دەرس ۋاقتىدىكدەكلا تىنىچ ئولتۇردۇق ،تۈنگۈنكى قىزلار مۇئەلىمگە تەييارلىغان سوۋغاتلىرنى ھەر خىل رەڭلىك قەغەزلەردە ئۇراپ چىرايلىق گۈللەرنى قىستۇرۇشقان بۇلۇپ ئۈستەلىرنىڭ ئۈستىگە ئېلىپ قۇيۇشتى،بەلكىم مۇئەللىم كىرشىگە ھەيران قالدۇرماقچى بولسا كىرەك ،ئاردىن نەچچە مىنۇت ئۆتكەندە مۇئەللىم سىنپقا كىردى،لىكىن قەيسەر كۈرۈنمەيتى،مۇئەلىم مۇنبەرگە چىقىشى ھېلقى سىمىز ئىلنۇر ،ئادىلە، دىلبەر ،ھېلقى رەڭدار سوۋغاتلىرنى كۈتۈرشكىنچە مۇئەلىمنىڭ يېنىغا يۈگرۈشتى،مۇئەللىم ئۇلارنىڭ نىمە دىمەكچى بولغىننى چۈشەنگەندەك ،ئۇلارنى ئورنىغا بىرىپ ئولتۇرۇپ تۇرۇشنى ئېيتىپ ئويچان كۆزلىرنى بىزگە تىكىنچە ، -ساۋاقداشلار بۈگۈن ئاياللار بايرىمى،شۇنداقلا پۈتۈن ئانىلارنىڭ بايرىمى،سىلەر بەلكىم بىلمەسلىكىڭلار مۇمكىن ،سىنپىمىزدىكى قەيسەرنىڭ ئاپسى ئۇزۇندىن بىرى ئېغىر ئۆپكە كىسلى بىلەن ئاغرىق،مانا ھازىرمۇ دوختۇرخاندا ،ئۇلارنىڭ ئائىلىسدە قىينچىلقى بولغانلىقى ئۈچۈن دوختۇر خاننىڭ ھەقىنى تۈلەپ بۇلالماي ئىقتىسادا قىينىلپ قېلۋېتىپتۇ،مەنمۇ بۇ ئىشلاردىن تۈنگۈن خەۋەردار بولغان ئىدىم ،شۇڭلاشقا بۈگۈن سىنپىمىزدىكى ساۋاقداشلار بىلەن ئازراق ئىقتىزادى ياردەم قىلغان ئاساستا ئۇنى يوقلاپ كىلشنى قارار قىلدىم،مەكتەپتىنمۇ چۈشتىن كىينلىك دەم ئېلىش بەردى ،بىر تەرەپ قىينچىلىققا ئۇچۇرسا بىلپ تۇرۇپ ياردەم قىلماسلىق ياخشى پەزىلەت ئەمەس،ئاشۇ جاپاكەش ئانىغا ئاتغىنڭلارنى يىغىش قىلساڭلار ،ئۇنى يوقلاپ كەلسەك ،مەن ئانامغا بايراملىق ئېلىش ئۈچۈن تەييارلىغان 300 يۈئەنى ئۇنىڭغا ياردەم قىلماقچى ،ئانام بۇ ئىشمنى بىلسە ئۇ چۇقۇم قىممەتلىك سوۋغات قۇبۇل قىلغاندىنمۇ بەكرەك خۇشال بۇلدۇ،بەلكىم سىلەرنىڭ ئاناڭلارمۇ شۇنداق ئويلىشى مۇمكىن ،قېنى ساۋاقداشلار ،قانچىلك ئاتىغان بولساڭلار شۇنچىلك بەرسەڭلار بۇلدۇ،مەجبۇر ئەمەس –دىگنىچە يانچۇقىدىن 300 يۈئەن پۇلنى ئېلىپ ئۈستەل ئۈستىگە قويدى ،سىنىپ ئىچى تىمتاسلىققا چۆكتى، ،مۇئەلىمنىڭ ئاخىرقى جۈملىرى بىلەن تەڭلا كۆڭلۈم تۇلمۇ يۇرۇپ كەتتى ،ئۇ ئېيتقاندەك مىنڭ ئاناممۇ دەل شۇنداق مىھىر مۇھەبەتلىك باشقىلارغا ياردەم قىلشنى ئىسىل پەزىلەت دەپ بىلدىغان مىھىربان ئانا ئىدى،دادىلىق بىلەن ئورنۇمدىن تۇرۇپ يانچۇقۇمدىكى پارچە- پۇرات پۇللۇرمنىڭ ھەمىنى ئۈستەل ئۈستىگە قويدۇم ،نۇرگۈل مۇئەللىم ماڭا شۇنداق تاتلىق كۈلۈمسىرەپ قويدى،ئۇنىڭ كۈزدىن بىر خىل رازىمەنلىك چىقىپ تۇراتتى ،ئورنۇمغا كىلپ ئولتۇردۇم ،باشقىلارمۇ ئۈزنىڭ ئاتىغانلىرنى ئۈستەل ئۈستىگە قۇيۇشقا باشلىدى،پەقەت تۈنگۈنكى داڭلىق شەخىسنىڭ قىزلىرلا ئورونلىردا مىقلاپ قويغاندەك قىمىر قىلماي ئولتۇرشاتتى |
كۆرۈلۈشى:426 | قوشۇلغان ۋاقتى:2010-3-27 19:49:48 | يوللىغۇچى ئەزا:askar124 |
|
| | بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يوللانمىدى ، سىزنىڭ تۇنجى ئىنكاس يوللىغۇچى بولىشىڭىزنى قارشى ئالىمىز ! |
سىرلىقلىقىڭىزنى.. | چاچ چۈشۈشنى كەلت.. | ھەددىدىن زىيادە .. | سەۋزە ئۆپكىنى ئا.. | مېۋە پوستى بىلەن.. | دۇنيادىكى ئەڭ تو.. | ئاياللارنىڭ جورا.. | «ئەر-خوتۇنلار ئو.. | ئەر -ئاياللار ھەق.. | ھازىرنىڭ ئۆزى بە.. | تەنھالىق ئىنسانغ.. | ساپما كەشنىڭ زىي.. | |
|
|
|
|