|
ئۈزۈك تاقىغان ئورۇنغا.. | يازدا ئاياللاردا دائى.. | خانىم – قىزلار كۈندە ئۈ.. | تاماقتىن كېيىن قىلىشق.. | دېھقان | ئەرلەر قىلىشنى ئەڭ خال.. | ئەنگىلىيەدە ئەر-ئايال.. | كۆز قاپىقىنىڭ بىشارىت.. | ئەڭ ياخشى ياش باسقۇچى | سەۋزىنى كۆپ يەپ بەرسە .. | |
|
|
|
|
|
| |
|
ئاخشام شۇنداق بىر چۈش كۆرۈپتىمەن.چۈشۈمدە بازارغا چىقىپتىمەن. يوللاردا ھەممە ئادەملەر ئۆز ئىشى بىلەن شۇنداق ئالدىراش،ھىچكىمنىڭ ھىچكىم بىلەن كارى يوق ئىكەن. نۇرغۇن ئەر-ئاياللار باللىرىنى يولغا تاشلىۋىتىپ،ئاجىرىشىش ئۈچۈن كىتىپ بارغۇدەك،بىچچارە بالىلار ئادەملەر ئارىسىدا ئاتا-ئانىللىرىنى توۋلاپ، يىغلاپ،بۇيۇن قىسىپ تۇرغاندا،كىمدۇر تۇنمايدىغان ئادەملەر ئۇلارنى"كاپلا"قىلىپ ئېلىپ كىتىپ يوقاپ كەتكۈدەك.ئاتا-ئانىلار باللىرىنى تامامەن ئۇنتۇپتۇ.ئەر بولسا ئايالغا:"ئولتۇرىشىڭ تۈگمەيدۇ،سەن بۇزۇلدۇڭ."دەۋاتقۇدەك،ئايال بولسا ئەرگە:"سىنىڭمۇ ئاشناڭ بارغۇ،مەن كۆڭلۈمنى ئاچسام چىدىماي قالدىڭمۇ ئەمدى؟چىدا تازا..."دەۋاتقۇدەك. مەن مېڭىپ،سۈت ساتىدىغان بىر ئادەمنىڭ ئالدىغا كەپتىمەن، ئۇ سۈتلەرگە ھەدەپ سۇ ئارلاشتۇرۋاتقۇدەك،مەن ھەيران بۇلۇپ ئۇنىڭدىن:"نىمىشقا سۈتكە سۇ ئارلاشتۇرىسىز؟ساپ ساتسىڭىز بولماسمىدى،بۇنداق تاپقان پۇل سىزگە قانداق سىڭىدۇ؟"دەپ سورىغۇدەكمەن.ئۇ چېچېلىپ تۇرۇپ:"ھارام ئارلاشمىغىچە باي بولالمايمىز،ئوھۇش،سىز تولا ئىشىمغا ئارلاشماي يولىڭىزغا مېڭىڭە."دېگىدەك. "توۋا خۇدايىم،كىشىلەرنىڭ ھەققىنى يىيىشتىنمۇ قورقمايدىكەن دىسە بۇ ئادەملەر..." دىگىنىمچە ياققامنى چىشلەپ كىتىپ قاپتىمەن. مېڭىپ بىر تىلەمچىنىڭ ئالدىغا كىلىپ قالغۇدەكمەن،ئۇنىڭ كىيىملىرى يىرتىلىپ-تىتىلىپ كەتكەن بولسىمۇ، لىكىن بەدىنىنىڭ ھەممە يەرلىرى ساق ئىكەن.ئۇ يەردە يانپاشچىلاپ يېتىۋىلىپ،ئەپشىگىنىچە ئۇلۇغ اللاھنىڭ نامىنى تىلغا ئاتاپ، قوللىرىنى ئىگىز سوزۇپ تۇرۇپ، ئۆتكەن-كەچكەنلەردىن بىر نەرسە تېلەۋاتاتتى.ئۇنىڭ قېشىدا 8-7 ياشلار ئەتراپىدىكى كىچىك بىر قىز ئولتۇراتتى،بەلكىم تېلەمچىنىڭ قىزى بولسا كېرەك، ئۇ قىزنىڭ كىيمىمۇ يىرتىلىپ-تىتىلىپ كىتىپتۇ.بىچچارە قىزمۇ شۈمشۈيۈپ ئولتۇرۇپ،دادىسىغا ئەگىشىپ بىر نەرسە تېلەۋاتاتتى.لىكىن بىرەر ئادەممۇ ئۇلارغا بىر موچەن بىرەي دىمىگىدەك.قىزنىڭ قورسىقى ئاچتى بولغاي،كالپۇكلىرىنى يالاپ ئولتۇرۇپتۇ.مىنىڭ پەقەت ئۇ كىچىك قىزغىلا ئىچىم ئاغرىپ،"قورسىقىغا نان بولسىمۇ ئېلىپ يەۋەلسۇنچۇ" دەپ يانچۇقۇمدىن ئىككى يۈئەن پۇلنى چىقىرىپ قىزغا بەرگۈدەكمەن،قىز شۇنداق خوش بۇلۇپ كىتىپتۇ ھەم قوللىرىنى ئىگىز سوزۇپ تۇرۇپ ماڭا دۇئا قىلىپتۇ.دادىسى پۇلنى قىزنىڭ قولىدىن تارتىپ ئالدىدە،بىر يۈئەننى يانچۇقىغا سېلىپ،يەنە بىر يۈئەننى قىزغا بىرىپ پارچە تاماكا ئەكىلىشكە بۇيرىدى. قىز دادىسىغا بىچچارىلەرچە تەلمۈرۈپ تۇرۇپ:"دادا،مەنمۇ مەكتەپكە بارايچۇ،ئاۋۇ بالا مەكتەپكە مېڭىپتۇ، مىنىڭمۇ ئوقۇغۇم بار ئىدى..."دىگىدەك، دادىسى ئاچچىقلاپ قىزنىڭ كىچىك يۈزلىرىگە يوغان قوللىرى بىلەن شاپىلاقلاپ بىرنى سالدى ھەم زەردە بىلەن سەت ۋارقىراپ تۇرۇپ:"مۇشۇ تاپتا ھاراق خۇمارىم بېسىلماي ئاران تۇرغاندا نىمە دەپ جۆيلىۋاتىسەن ۋۇي جۇۋاينىمەك، ماڭا ھاراققا پۇل يوق، ساڭا نەدىكى مەكتەپ ئىكەن ئۇ؟ ئۇخلاپ چۈشۈڭ، ئاتا مىراس بۇ كەسىپنى ۋايىغا يەتكۈزۈپ ئوبدان تېلەشنى ئۆگەن. بۇنىڭدىن كىيىن سەن پۇل تېپىپ مىنى باقىسەن. ماڭ تېز بېرىپ تاماكا ئەكەل جۇۋاينىمەك بولمىسا ئۆيگە بېرىپ تايىقىڭنى يەيسەن"دىگۈدەك.كىچىك قىز بولسا يىغلىغىنىچە دۇكان تەرەپكە كەتتى.قىزغا شۇنداق ئىچىم ئاغرىپ كەتتى. ئۇ تىلەمچى بولسا يەرگە سەت تۈكۈرۈپ تۇرۇپ:"ماۋۇ ئادەملەر نىمانداق چىڭ بۇلۇپ كەتكەندۇ،بىرەر موچەن بەرسە ئۆلۈپ قالارمىدى ھۇي يالاڭتۆشلەر، ئىككى رومكا قېقىۋالاي دىسەم پۇل يوق دىسە كاساپەت خۇمار تۇتتى مانا..."دىدى. بىچچارە كىچىك قىزغا ئىچ-ئىچىمدىن ئېچىنىپ كەتتىم،ھېلىقى مۇناپىق تىلەمچىگە بولسا ئىچ-ئىچىمدىن غەزىپىم تاشتى."ھايۋانمۇ سەندەك بولماس، ئىسىت،بۇنداق بولارىنى بىلگەن بولسام،ئۇنىڭغا پۇل بەرمەي،نان ئەكىلىپ قىزغا بەرگەن بولسام،ئۇ ئازىراق بولسىمۇ تۇياتتى-دە" دەپ ئويلاپ كىتىپتىمەن.لىكىن كۆزۈم ئارقىمدا قالغۇدەك،كاللامدا بولسا:"بۇ كىچىك قىزنىڭ بۇنىڭدىن كىيىنكى تەغدىرى قانداق بولار؟ ئۇ يەنە نىمە كۈنلەرنى كۆرەر..." دەپ ئويلىنىپ كىتىپتىمەن. ئۇدۇلدىكى يول بويىدىكى مەينەت بىر بۇلۇڭدا نۇرغۇن ياش باللار قوللىرىغا ئاق تاماكا شىپىرىسى سانجىقلىق،ئاغزىللىرىدا ئاق كۆپۈك پېتى،كۆزلىرى ئالىيىپ قېتىپ ئۆلۈپ قالغۇدەك. جەسەتلەر سېسىپ،ئېچىپ كىتىپتۇ.ئۇلارنىڭ ئۆلۈكىنى كوچىدىكى لالما ئىتلار پۇراۋاتقۇدەك،چىۋىنلار قۇنىۋالغۇدەك.ساقچىلار ئۇلارنىڭ تىزىملىكىنى ئوقۇپتۇ، بەزى جەسەتلەرنى ئاتا-ئانىللىرى ھارۋا ئەكىلىپ سۆرەپ ئەكىتىپ بارغۇدەك،ئىگىسى يوق جەسەتلەرنى بولسا ئەخلەت توشىغۇچىلار ئەخلەت ماشىنىسىغا سېلىپ ئېلىپ مېڭىپتۇ. يەنە بىر بۇلۇڭدا ھەممىسى زابويلار،ئۇلار ئاغزىدا پو ئېتىپ جاھان سوراۋىتىپتۇ.يەنە بىر بۇلۇڭدا بولسا ھەممىسى قىمارۋازلار ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى بىرەيلەن ھەممە نەرسىللىرىنى ئۇتتۇرۇپ ھىچنىمىسى قالماي،ھەتتا خوتۇنىنىمۇ دوغا تىكىپتۇ ھەم خوتۇنىنىمۇ ئۇتتۇرۋىتىپتۇ. بۇ يەردىنمۇ يەنە مېڭىپ بىر مەسچىت ئالدىغا كىلىپ قاپتىمەن.كۆڭلۈم ئەمدى ئارامىغا چۈشكىدەك، "بۇ يەر ئەڭ پاكىزە،ئەڭ ئۇلۇغ جاي،يامان ئىشلاردىن يىراق"دەپ ئويلاپتىمەن.شەيتان ھەدەپ مەسچىت ئالدىدا داقا-دۇمباق چېلىۋىتىپتۇ.شەيتان ھەمراھلىرى بىلەن بىرلىشىپ مەسچىتتىن چىققان ئادەملەرنى يىتىلەپ بىر يەرلەرگە ئېلىپ مېڭىپتۇ.نەگە ماڭدىكىن بىلمىدىم،ئىشقىلىپ ئادەملەرنىڭ كۆپۈنچىسى كاللىللىرى قايغان ھالدا ئۇلارغا تەڭ ئەگىشىپ مېڭىپتۇ.شەيتان نەغمە قىلىپ:"مانا بىزگە ئەگىشىۋاتقان ئادەملەر كۈنسىرى كۆپەيدى.تېخىمۇ تىرىشايلى،ئالغا"دەۋاتقىدەك. ئاز ساندىكى ئادەملەر بولسا شەيتان مەجبۇر تارتسىمۇ ئۇلارنىڭ ئارقىدىن ماڭمىغۇدەك.شەيتان غەزەپلىنىپ تىترەپ كىتىپتۇ. يەنە مېڭىپ-مېڭىپ بىر ساتىراشخانىنىڭ ئالدىغا كىلىپ قاپتىمەن،ئىچىدە ھەمىسى قىزلار ئىكەن،ساتىراش بولسا شۇنداق ئالدىراش، ئۇ قىزلارنىڭ باشلىرىدىكى ياغلىقلىرىنى چۆرۈپ ئېلىۋىتىپ، سۇمبۇلدەك ئۇزۇن چاچلىرىنى كىسىپ، ئەخلەت ساندۇقىغا تاشلاۋاتقۇدەك.قىزلارنىڭ چاچلىرىنى ھەرخىل رەڭلەردە بوياپ،توكقا تىقىپ بۇدرە قىلىۋاتقۇدەك، قىزلار ئۇزۇن كۆڭلەكلىرىنى سېلىپ،تىزىغىمۇ كەلمەيدىغان قىسقا يوپكىلارنى،بەدىنى ئېچىلىپ تۇرىدىغان كىيىملەرنى كىيىشىپ، ياسىنىپ گىرىم قىلىشىپ چىقىپ كەتكۈدەك. مەنمۇ ئۇلارغا ئەگىشىپ مېڭىپ-مېڭىپ، رەڭگارەڭ ئالا-يىشىل،قىزىل چىراقلار يېنىپ تۇرغان بىر مەيخانىغا ئالدىغا كىلىپ قاپتىمەن.مەيخانا ئىشىكى يېنىدا، ئالۋاستىدەك شۇنداق سەت ياسىنىۋالغان بىرەيلەن بېلەت سېتىۋىتىپتۇ. ئۇنىڭ ئەر ياكى ئايال ئىكەنلىكىنى بىلگىلى بولمايدىكەن. ئۇ سەت ھىجىيىپ، ئۈنلۈك ئاۋازدا سەت چىرقىراپ تۇرۇپ:"ھە قېنى ياشلار،تېز كىرىڭلار،بۇ يەردە ھاياتنىڭ پەيزىنى سۈرىمىز،ئىچىمىز،چىكىمىز،ئويناپ كۈلىمىز،جەننەت ھۇزۇرى ھەممىسى مۇشۇ يەردە تېز كىرىڭلار تېز"دەۋاتقىدەك. بىر توپ مەس ئوغۇللار بايا كەلگەن قىزلارغا سەت ئېسلغىنىچە مەيخانىغا بىللە كىرىپ كىتىپ بارغۇدەك.ئوغۇللاردا نە ئوغۇللۇق ۋىجدان بولسۇن، قىزلاردا نە قىزلىق شەرمىي-ھايا؟ ئۇلار بەئەينى بىر توپ ئادەم كەبى ھايۋانلار ئىكەن،قىلىقلىرىنى ھايۋانمۇ قىلماس. ئاخىردا كىرمىگەن مەنلا قاپتىمەن،ھېلىقى ئالۋاستىدەك سەت ياسىنىۋالغان بېلەتچى مىنىڭ قولۇمدىن تارتىپ مەجبۇر ھالدا:"ماڭ سەنمۇ كىرگىن،سەنمۇ كىرىپ ئۇلار بىلەن تەڭ ياشا،مانا تاماشا"دەۋاتقۇدەك، مەن:"ياق،مەن كىرمەيمەن...ياق...ياق"دىگىنىمچە ئاران تەستە ئۇنىڭ قولىدىن بوشىنىپ قېچىپ كىتىپتىمەن. قېچىپ قېچىپ ئادەممۇ يوق بىر قاقاسلىققا كىلىپ قاپتىمەن.يېنىدا بىر زاراتگاھلىق بار ئىكەن.ئۇ يەردىن شۇنداق ئېچىنىشلىق سادالار چىقىۋاتقۇدەك.مەن شەيىختىن:"ئۆلگەندىن كىيىن بىز ئۇلۇغ اللاھنىڭ ئالدىغا قانداق ھالەتتە بارىمىز؟"دەپ سوراپتىمەن،ئۇ جاۋابەن:"ياخشى ئىش قىلغۇچىلار يىراق سەپەردىن ئۆز ئائىلىسگە قايتىپ كەلگەن مۇساپىرلەرگە ئوخشاش، گۇناھكارلار بولسا ئىگىسنىڭ ئالدىغا ھەيدەپ ئاپىرىلغان قاچقۇن قۇلغا ئوخشاش بارىمىز، بۇ دۇنيادىكى بارلىق قىلغان-ئەتكەنلىرىمىزنىڭ جاۋابىنى بىرىمىز.ھىچكىم ئايرىلىپ قالمايدۇ بالام..." دىگۈدەك. ئۇ يەنە مىسكىن ھالەتتە ئېغىر ئۇھسىنىپ تۇرۇپ:"ھازىر ئادەملەردە ئىنساپ،ئادەمگەرچىلىك،ۋاپا،ئېتىقات سۇسلاپ كەتتى،جاھان بەك بۇزۇلۇپ كەتتى،ئادەملەر ئۆزىگە-ئۆزى قىلىدۇ..."دەۋاتقۇدەك. مەن توۋا دىگىنىمچە ئەتراپىمدا بولىۋاتقان بۇ ئىشلارغا قاراپ تولىمۇ،تولىمۇ ھەيران بۇلۇپتىمەن. يىغلاي دىسەم يېشىممۇ چىقمىغۇدەك.گەپ قىلاي دىسەم ئاغزىمغا گەپمۇ كەلمىگۈدەك.ئىچىم شۇنداق ئاچچىق بۇلۇپ كىتىۋاتقۇدەك،خۇددى زەھەر ئىچىۋالغاندەكلا،چىۋىن پوقى يەۋەلغاندەكلا.يۈرۈگۈم بەكمۇ ئېچىشىپتۇ،خۇددى پىچاق بىلەن تىلىۋاتقاندەكلا... ئۇھ ياھەزرەت، كۆزۈمنى ئېچىپ ئويغانسام پۈتۈن بەدەنلىرىمگە تىترەك ئولىشىپ،تەرلەپ سۇ بۇلۇپ كىتىپتىمەن. كۆرگەن چۈشۈمنى،رىئانلىقتىن ئىزدەپ، ئېغىرسۈكۈت ئىچىدە چوڭقۇر ئويلىنىپ ئولتۇرۇپ كەتتىم...
2009.12.28 |
كۆرۈلۈشى:441 | قوشۇلغان ۋاقتى:2010-3-27 19:40:31 | يوللىغۇچى ئەزا:askar124 |
|
| | بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يوللانمىدى ، سىزنىڭ تۇنجى ئىنكاس يوللىغۇچى بولىشىڭىزنى قارشى ئالىمىز ! |
سىرلىقلىقىڭىزنى.. | چاچ چۈشۈشنى كەلت.. | ھەددىدىن زىيادە .. | سەۋزە ئۆپكىنى ئا.. | مېۋە پوستى بىلەن.. | دۇنيادىكى ئەڭ تو.. | ئاياللارنىڭ جورا.. | «ئەر-خوتۇنلار ئو.. | ئەر -ئاياللار ھەق.. | ھازىرنىڭ ئۆزى بە.. | تەنھالىق ئىنسانغ.. | ساپما كەشنىڭ زىي.. | |
|
|
|
|