Article Center - ماقالە مەركىزى - ئمكاننىڭ سەرگۇزەشتى
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:قىشتا يىسە پايدا قىلىدىغان 3 خىل يىمەكلىك
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:ئۇلۇغ قۇربان ھېيىتنىڭ كېلىپ چىقىشىنى بىلىۋېلىڭ!
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:نېمە ئۈچۈن ئاياللار توڭغاق كېلىدىغانلىقىنى بىلەمسىز
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:ئۇخلاشتىن بۇرۇن يىيىشكە بولمايدىغان يەتتە خىل يېمەكلىك
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:ئاچچىق ئانار ئىچ سۈرۈشنى توختىتىدۇ
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:ساغلاملىق يېمەكلىكى ــ قوناق ئۇنى
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:ئاياللارغا پايدىلىق ئۈچ خىل خۇش پۇراق
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:تاماكا چېكىش ئوزۇقلۇقلارنىڭ قوبۇل قىلىنىشىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ
 

تېمىسى مەزمۇنى باھا
 

ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:ئۈزۈك تاقىغان ئورۇنغا مىكروبلار ئوڭاي يۇشۇرۇنۇۋالىدۇ
ئۈزۈك تاقىغان ئورۇنغا..
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:يازدا ئاياللاردا دائىم كۆرۈلىدىغان پىسخىكىلىق كېسەللىكلەر
يازدا ئاياللاردا دائى..
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:خانىم – قىزلار كۈندە ئۈچ قېتىم قاقاقلاپ كۈلۈپ بېرىش كېرەك
خانىم – قىزلار كۈندە ئۈ..
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:تاماقتىن كېيىن قىلىشقا بولمايدىغان يەتتە ئىش
تاماقتىن كېيىن قىلىشق..
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:دېھقان
دېھقان
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:ئەرلەر قىلىشنى ئەڭ خالايدىغان 9 خىل خىزمەت
ئەرلەر قىلىشنى ئەڭ خال..
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:ئەنگىلىيەدە ئەر-ئاياللار بىر يىلدا 312 قېتىم ئۇرۇشىدىكەن
ئەنگىلىيەدە ئەر-ئايال..
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:كۆز قاپىقىنىڭ بىشارىتىگە سەل قارىماڭ
كۆز قاپىقىنىڭ بىشارىت..
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:ئەڭ ياخشى ياش باسقۇچى
ئەڭ ياخشى ياش باسقۇچى
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:سەۋزىنى كۆپ يەپ بەرسە ، ئۆپكە راكىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ
سەۋزىنى كۆپ يەپ بەرسە ..
 
 

    


ئمكاننىڭ سەرگۇزەشتى

ئىككىنچى قىسىمىنى ئىلگىرى ئوقۇپ بولغانلار، بۇ قىسىنى ماسلاشمىسا ئالدىنقى قىسىمىنى يەنە بىر قېتىم ئۇقۇپ چىقىشىڭلارنى تەۋىسيە قىلىمەن، چۈنكى ھەر خىل سەۋەپلەر سەۋەبىدىن بۇ ھىكايىنى سەل ئۇزۇندىراق يازغاچقا مىسران بىرلەشتۈرۋېتىپتۇ. بۇنىڭغا مەنمۇ دىققەت قىلماپتىكەنمەن مىسرانغا تېلىفۇن قىلىپ بىلدىم. شۇڭا بىر ھەپتىدىن بېرى داۋامى يېزىلماي قالغان شۇ سەۋەپتىن مەندىن رەنجىگەنلەر بولسا مىنى ئەپۇ قىلۋىتىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.

داۋامى

شۇ كۈندىن باشلاپ ئۇنى شۇنچىلىك ياخشى كۆرۈپ قالغانلىقىمنى ھېس قىلىپ يەتتىم. ئۇمۇ ماڭا مېنى كۆرۈپ تۇرۇپ ماڭا گەپ قىلالماي ھەم مىنىڭ ئۆزىگە سۆزلىگەن سۆزلىرىمنى ئاڭلىيالماي قالسا ئۆزىنىڭ ئۆلگەندىنمۇ بەكرەك ئازاپلىنىپ كېتىدىغانلىقىنى ئېيتتى. مۇناسىۋىتىمىز يەنە قۇيۇقلىشىشقا باشلىدى. ھەتتا بىر ئورۇندا خىزمەت قىلساقمۇ ئۇنى كۈندە كۆرۈپ تۇرساممۇ ئۇنى شۇنچىلىك سېغىندىغان بولۇپ قالدىم، ئۇنىڭ باشقىلار بىلەن خۇشال سۆزلىشىۋاتقىنىنى كۆرسەممۇ بىر خىل ئازاپ چىرمىۋالاتتى، شۇنىڭدىن تارتىپ مەنمۇ "كۈلقىز" بىلەن بۇرۇنقىدەك چاقچاقلاشمايدىغان بولدۇم. چۈنكى ئۇمۇ مەندەك ھېسىياتقا كېلىشى تۇرغانلا گەپ.
ئارىدىن بىر نەچچە ئاي مۇشۇ تەرىقىدە ئۆتتى. "شەھلا" بىلەن تېلىفۇنلاشمايدىغان كۈنىمىز يوق دىيەرلىك ئىدى. بەزىدە ياخشىلىشىپ، بەزىدە بىر-بىرىمىزگە گەپ قىلىشماي ئۆتۈشەتتۇق. بۇنداق ۋاقىتتا مىنىڭ گېلىمدىن تاماق ئۆتمەيتى، سىزىپ تۇرىمەن، ئۇمى ماڭا ئوخشاشلا تاماق يىمەي ئىشخانىسىدىن چىقماي يىغلاپلا يۈرەتتى، ياخشىلىشىپ قالغان چاغدا بولسا ماڭا كىچىك بالىدەك ئەركىلەپ سۆزلەپ كېتەتتى، بۇنداق ۋاقىتتا بەكمۇ كۈلگۈم كېلەتتى، چۈنكى ئۇ مەندىن چوڭ تۇرۇپ مەن ئەمەس ئۇنىڭ ماڭا ئەركىلەپ كېتىېاتقانلىقىنى كۆرسەم كۈلكەمنى زورلاپ تۇتىۋالاتتىم، ئۇنى جېنىمدىن ئەزىز كۆرەتتىم، ماڭا ھەر قانداق كېلىشمەسلىك كەلسىمۇ، ئۇنىڭ بىلەن گەپ قىلىشماي يۈرگەن ۋاقىتقا توغرا كەلمەيتى. كېيىنچە مەن شەھەرگە بېرىپلا قالسام ھېلىقى مۇھاببىتىم بىلەن كۆرۈشۈپ قايتاتتىم، لىكىن پەقەت ئېچىلالمايتىم. سەۋەبى "شەھلا" بىلەن مۇشۇنداق ئوچۇق ئاشكارە يۈرەلمىگىنىمدىنمىكىن دەپ قارايتىم، لىكىن ئۇنىڭغا نىسبەتەن مەندە ھېچقانداق ھېسىيات يوق ئىدى، مەن پەقەت ئۇنى مىنى دەپ ئازاپقا قالمىسۇن دەپلا ئۇنىڭ بىلەن ئارلىشىۋاتاتتىم، مەن نىمە دىسەم شۇ بولاتتى،  شۇنداق بولسىمۇ ئۇنىڭ بىلەن ئارلاشقۇم، ئۇنى داۋاملىق ئالداپ يۈرىۋەرگۈم كەلمىدى، شۇڭا كۆرىشىدىغان ۋاقتىمىز بەكلا ئاز ئىدى، كۆپىنچە تېلىفۇندىلا كۆرىشەتتۇق مەن ئادەتتە بىرەر ئالاھىدە ئىش بولمىسا ئۇنىڭغا تېلىفۇن بەرمەيتىم، ھەم تېلىفۇن بەرسەممۇ ئۇ ئالماي ماڭا قايتۇراتتى، كۆڭۈل دىگەن بۇ نەرسە شۇنداق ساراڭكەن، ئۇمۇ مىنى شۇنداق ياخشى كۆرەتتى، بىراق ھەر قېتىم تېلىفۇندا سۆزلەشسەك ئۇنىڭ گىپىدىن سەۋەپسىزلا قۇسۇر تاپاتتىم.-دە ئۇنى تىللاپ كىتەتتىم، بىراق ئارىدىن بىرەر كۈن ئۆتكۈزۈپ ئۇ مەندىن كەچۈرۈم سورايتى. ئەمدى ئۆز گىپىمىزگە كەلسەك. بىر كۈنى شەھەرگە بىر ئىش ئۈچۈن بېرىپ ئۇنىڭ بىلەن ئۇچىرشىپ، تاماققا كىتىپ بارسام نۇمۇرى چىقمايدىغان تېلىفۇندىن تېلىفۇن كەلدى.
-ۋەي.
-ۋەي تېچلىقمۇ؟
-تىچلىق، ئۇنىڭ ئاۋازىنى بىلسەممۇ قەستەن تىرىكتۈرۈش ئۈچۈن. -سىز كىم؟
- مۇھاببىتىڭىز بىلەن بىللە ماڭسىڭىز مىنىمۇ تۇنىماي قالىدىكەنسىز.
-ھاھاھا... نىمە؟ مۇھاببىتىڭىز؟ ئۇنتۇپ قالماڭ مىنىڭ تېخى مۇھاببىتىم يوق. سىز كىم؟
-مىنى راستىنلا تۇنىمىدىڭىزمۇ؟ ئۇنداقتا دەپ بېقىڭە مەن كىم، يېنىڭىزدىكى قىزچاق كىم؟
ئۇنى ئالدىغۇم كەلمىدى، ئەمما ئۇنى ھېچقاچان مىنىڭ لايىقىم دەپ ئېتراپ قىلمىغاچقا، ئۇنى نىمە دىيىشنى بىلەلمەي قالدىم. لىكىن ئۇ يېنىمدا تۇرسا...
-ئۇما؟ ئۇ مىنىڭ مۇھابىتتىم، سىز بولسىڭىز ... ئىم مىنىڭ خىزمەتدىشىم، بولدى خاپا بولماي گېپىمنى ياخشى ئاڭلاڭ. كېيىنرەك پاراڭلىشايلى.
ئۇ بار يەردە ئارتۇق گەپ قىلالماي قالدىم.
-ماقۇل.帅哥 كېيىن پاراڭلىشايلى. ئۇنى ياخشىراق ئوينىتىپ قويارسىز. خوش ئەمسە.
مەن ئۇنىڭ ئاخىرقى سۆزلەرنى ماڭا تەنە قىلىپ شۇنچىلىك تەستە سۆزلەۋاتقانلىقىنى بىلىپ، مۇھاببىتىمدىن يىراقراق يەرگە بېرىپ.
- بولدى، يىغلىماڭ. ئەگەر سىز يىغلىسىڭىز مەنمۇ تەڭ يىغلاپ كىتىمەن، بۇ يەردە ئادەم كۆپ، مىنىڭ شۇنچە ئادەمنىڭ ئالدىدا يىغلاتماڭ.
-ماقۇل. بارغاندا كۆرىشەيلى. بۇنى ياخشىراق چۈشەندۈرۈپ قويارسىز. مەن ماڭمىسام بولمايدۇ.تېلىفۇن كېلىپ قالدى. خوش!
ئۇ شۇ گەپلەرنى قىلىۋاتقان چاغدا تەستە يىغىسنى توختىتۋاتقانلىقىنى بىلىپ تۇردۇم. ئەمىليەتتە ئۇنىڭغا تېلىفۇن كەلمىگەن ئىدى، ئۇ پەقەت يىغلىغىنىمنى بىلىپ قالمىسۇن دەپلا تېلىفۇننى قۇيۇشقا ئالدىرغان ئىدى. ئۇنىڭ مىجەزى ماڭا بەشقولدەك ئايان، شۇ تاپتا مىنىڭمۇ كۆڭلۈم يېرىم، مەنمۇ بوغۇزۇمغا كېلىپ قالغان يىغىنى زورلاپ يۇتىۋىتىپ مۇھاببىتىم، بۇنداق دىسەم خاتا بولغىدەك " ساددا قىز" نىڭ قېشىغا باردىم. ئۇ ماڭا تىكىلىپلا قاراپ قالدى ھەم"
-نىمە؟ يەنە بىر مۇھاببىتىڭىزمىكەن؟ بىزنى كۆرۈپ قاپتۇما؟ ئاپلا سەت بوپتۇ، مەن قايتاي. ماڭا ئاچچىق ئارىلاش تەنە قىلىپ سۆزلەۋاتاتتى.
-ياقەي، دېدىم مەن زورىغا كۈلۈپ، -ماڭا قارا ئۇ دىگەن مىنىڭ ياخشى خىزمەتدىشىم. سەن نىمىلەر ئويلاپ كەتتىڭ.
-ئۇنداق ئەمەستۇ؟ تېلىفۇننى ئېلىپلا چىرايىڭىزنىڭ تۇتۇلۇپ كەتكىنىنى كۆرگەن تۇرسام.
- چاقچاق قىلمىغىنە، بولمىسا سىنى ئۇنىڭغا مۇھاببىتىم دەمدىم. مىنى ئۇنداق سۇيۇق كۆرۈپ قالما.
ئۇ ئەمدى ئېچىلىپ،
-ئۇغۇ راست، ئەمسە نىمىشقا تېلىفۇننى ئېلىپ، مەندىن يىراق كېتىسىز؟
- بۇ يەر بەك ۋاراڭ- چۇرۇڭ ئۇنىڭ گېپىنى ئاڭلىيالماي سەل تىنىچ يەرگە باردىم شۇ.
-شۇنداقمۇ؟ ھې ھې ھې... چاقچاق قىلىپ قويدۇم. ئاچچىقىڭىز كەلمىگەندۇ؟
-ئاچچىقىم كەلمەي قالامدۇ؟ سەنمۇ زە ئادەمنى نىمانچە خاتا چۈشىدىغانسەن دەيمەن؟ بولدى يۇلىمىزغا مېڭىۋىرەيلى. ئاشخانىغا بارغىچە نىمە يەيدىغىنىڭنى ئويلىشىپ قوي.
-خاپا بولماڭە، سىزمۇ نىمانداق ئاسان چېچىلىسىز؟ بۇنداق قىلسىڭىز مەن خاپا بولۇپ قالىمەن، ھە بوپتۇ، كەچۈرۈم سورىغىنىم بولۇپ قالسۇن، مۇشۇ ئاشخانىغىلا كىرەيلى سىزنى مىھمان قىلاي.
-ياق بۇ ئاشخانىنىڭ تامىقى بەك قىممەت تۇرسا، ھەر ھالدا كىچىكرەك ئاشخانىغا بارايلى، مەن پولو يەيمەن، پۇلۇڭ چىقىشماي قالارمىكىن؟
-ۋاي، نىمە يىسىڭىز يىمەمسىز؟ ئادەمنىڭ ئىچىنى سىقماي يۈرىڭە مۇشۇ ئاشخانىغا كىرەيلى، پۇلۇم جېق. ئاشخانىنىمۇ سېتىۋالالايمەن، بۇلۇڭ دەيمەن. تىز تىز تىز...
-ھې ھې ھې.. ئادەمنىڭ كۆڭلىنى ئېلىشنى بىلىسەندە. بوپتۇ مۇشنىڭغا كىرەيلى.
شۇنداق چاقچاقلىشىپ تۇرغىنىم بىلەن كاللام بۇ يەردە ئەمەس ئىدى، خىيالىمدا ئۇنى ئويلاۋاتىمەن، ئاھ خۇدا ئۇ نىمە بولۇپ كەتكەندۇ؟... چىگىش خىياللار كاللامنى چىرمىۋالدى. كۈتكۈچىنىڭ گەپ قىلىشى بىلەن خىيالىم بۆلىنىپ كەتتى: -نىمە تاماق يەيسىلەر؟
-سەن نىمە يەيسەن؟
- سىز نىمە دىسىڭىز شۇ بولىۋەرسۇن.
-بايا مەن ساڭا ئويلىشىپ قوي دىمىگەنمۇ؟ بولدى نىمە دىسەڭ دىگىنە، ماڭىمۇ شۇنى بۇيرۇتىۋەتسەڭ بولىدۇ. ئاندىن كۈتكىچىگە قاراپ:- سىز ئالدى  بىلەن چاي ئەكىلىپ بېرىڭ ئۇ ئويلىشىپ تۇرسۇن. كۈتكۈچى مىيىقىدا كۈلۈپ قويۇپ كېتىپ قالدى.
ئۇنىڭغا بۇنداق سوغاق مۇئامىلە قىلىشىمدىكى سەۋەپ ئۇنى مەندىن ئايرىلىپ كىتەرمىكىن دەپ شۇنداق قىلاتتىم، ئۆزۈم تەلەپ قويۇپ ئوزۈمنىڭ بۇ گەپلەرنى دىگۈم كەلمەيتى. لىكىن ئۇ ماڭا ئەزەلدىن ئايرىلىش توغۇرلۇق گەپ قىلمايتى. شۇ سەۋەپلىكمىكىن ئۇنىڭغا بەزىدە ئىچىم ئاغىرىپ قالاتتى.
قايتىپ كىلىپ بولغىچە شۇنداق يىغا تۇتۇپ كەتتى. ياتىقىمغا كېلىپلا ئىشىكىنى تاقىۋەتتىم دە ئۆزۈمنى تۇتىۋالالماي يىغلاپ كەتتىم. نىمىشقا يىغلىغىنىمنى ئۆزۈممۇ بىلمەيمەن. بەلكىم ئۇنى ئازاپلاپ قويغىنىمغا ئازاپلىنىپ يىغلاۋاتقان بولسام كېرەك. يا بولمىسا يېنىمدا "ساددا قىز" ئەمەس بەلكى "شەھلا" نىڭ بولمىغىنىدىن بولسا كېرەك. بەكلا چارچاپ كەتكەن ئىدىم. يىغلاپ يېتىپ ئۇخلاپ قاپتىمەن. بۇ دۇنيا نىمىدىگەن  رەزىل... شۇنداق ، مەن ھەممە ئەيىپنى دۇنيادىن، تەقدىردىن كۆرەتتىم. (ئەمما ھازىر ئۇنداق ئويلىمايمەن.)
ئەتىسى ئۇ قېشىمغا كىرىپ، يۈزۈمگە سۆيۈپ قويغان چاغدىلا ئويغىنىپ كەتتىم.
-ياخشى ئۇخلاپسىزمۇ؟
-ياخشى، سىزچۇ؟
-مەنمۇ ياخشى، ئىشقا چىقىدىغان ۋاقىت بولۇپ قالدى، ئۇخلاۋەرمەي ئورنىڭىزدىن تۇرۇڭ. دېدى ئۇ مىنىڭ تېخىچە تۇرماي ياتقىنىمغا قاراپ قۇلۇمدىن تارتىپ.
-بۈگۈن ئىشقا چىققۇم يوق، ئاغىرىپ قالغان ئوخشايمەن. دېدىم مەن ئاغىرىپ بىر نەچچە يىل يېتىپ قالغان ئادەمدەك، ئاۋازىمنى بوش، توم چىقىرىپ.
-نىمە؟ ئاغىرىپ قالدىڭىزما؟ ئەمسە تاماق يەپ دوختۇرخانىغا چىقىپ تەكشۈرتۈپ بېقىڭ، ئۇكۇل ئالمىسىڭىز بولمايدۇ جۇمۇ؟ دىدى ئۇ جىددىيلىشىپ، پىشانەمنى تۇتۇپ قويۇپ.
-ھاھاھا... ئىشەندىڭىزما؟ ساپساق تۇرمامدىم، قىززىپ قاپتىمەنمۇ؟
-ساراڭ، ئادەمنى شۇنداقمۇ قورقىتامسىز؟ قىززىپ قالماپسىز. تۇرۇڭ دەيمەن. ئىشقا چىقمىسىڭىز بولمايدۇ. تېخى تاماق يىمىدىڭىز ھەقاچان مەن تاماق ئەتكەن چىقىپ تامىقىڭىزنى يەۋېلىڭ.
-نىمانداق قىلىسىز؟ بىر دەم ئۇخلىۋالايچۇ؟ دېدىم ئىرىنچەكلىك بىلەن -مەندىن خاپا بولمىدىڭىزمۇ؟
-ئۇنى كېيىنچە ھېسابلىشىمەن سىز قاقباش بىلەن، دېدى ئۇ پىشانەمدىن نۇقۇپ قويۇپ، -بولۇڭ تۇرۇڭ ئورنىڭىزدىن.
-سىز بۇنداق قاراپ تۇرسىڭىز مەن قانداق تۇرالايمەن.مىنىڭ تېخى كىيىم يوق جۇمۇ؟ ھېلى خىجىل بولۇپ قالىسىز.
-ھې ھې ھې...كۆرمىگەندەك گەپ قىلىدىكەنسىز.
-ھە؟ نەرىمنى كۆرۈپ قالغان؟
- يۈزىڭىزنى. بولدى مەن چىقىپ كەتتىم تىز ئورنىڭىزدىن تۇرۇڭ ھە؟
-ماقۇل.
شۇنداق ياخشى ئۆتىۋاتقان كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئۇنىڭ يولدىشى مىنى چاقىرىپ چىقتى. كېيىن بىز بەك قاتتىق ئۇرۇشۇپ كەتتۇق. ئۇ مەندىن بەستىلىك ئىدى. مەن ھەم ئۇرۇشۇپ باقمىغاچقا بەكلا زىيان تارتىۋالدىم.
"كۈلقىز" نىڭ تويى بولغان چاغدا ھەممەيلەن مىنى "كۈلقىز"نى ياخشى كۆرىدىكەن دەپ ئويلاپ قاپتۇ، ھەتتا "شەھلا"مۇ شۇنداق. چۈنكى"كۈلقىز" توي قىلىدىغان ئالدىنقى كۈنى مەن ئۇنىڭ تەكلىپىگە ئاساسەن بىر كۈن بالدۇر بېرىپ ئۇنىڭ ئىشلرىغا ياردەملەشتىم. "شەھلا"بىلەن يەنە بىر نەچچە كۈن پاراڭلاشماي ئۆتۈپ كەتتۇق. بۇنى چۈشەندۈرۈش ماڭا بەكمۇ تەسكە چۈشتى، بۇ چاغدىكى ھېسىياتىمنى مەندىن بۆلەك ھېچكىم بىلمەيتى. ھەممەيلەن پەقەت "كۈلقىز" ياخشى كۆرىدىكەن، ئۇنىڭ ئىشقىدا مۇشۇنداق بولۇپ قالدى دەپ ئويلايتى. ھەتتا "شەھلا"مۇ شۇنداق. ئىدارىدىن چىقىپ كېتىشىمنى "شەھلا" ئۈزلۈكسىز توسۇپ تۇراتتى. مىنى كۆرەلمەي قېلىشىدىن قورقتىمىكىن. شۇ چاغلاردا ئۆيدىكىلەر بىلەن ئۇرۇشۇپ ھەم ئۆيدىن، ھەم ئىدارىدىن كۆڭلۈم سۇ ئىچمىگەچكە يىراقراق بىر يەرگە چىقىپ كاللامنى ئېچىپ كېلىشنى ئويلىدىم. ھەم بۇ پىكرىمنى "شەھلا"غا ئېيتتىم. "شەھلا" مىنى ئانچە توسۇپ كەتمىدى، توسقىنى بىلەنمۇ پايدىسى يوق بولاتتى، چۈنكى مەن قارار قىلىپ بولغان ئىشنى تېخى ھېچكىم توسىيالىغان ئەمەس. شۇنىڭ بىلەن ھېچكىمگە بىلدۈرمەي بىر نەچچە كۈن تەييارلىق قىلىپ، بىر جۈمە كۈنى چۈشتىن كېيىن يولغا چىقتىم. مىنىڭ سىرتقا چىقىپ كەتكىنىمنى كۆرگەنلەر كۆپ بولسىمۇ، ھېچكىم مىنىڭ يىراققا ماڭىدىغىنىمدىن خەۋەرسىز ئىدى. ھەتتا "شەھلا" مۇ بىلمەيتى. سىرتقا ئۆزۈمنىڭ يىقىن دوستۇم بىلەن بىرگە چىقىپ كەتتىم. ئۇنىڭ ئىككى ئاغىنىسى بىر نەچچە كۈن ئىلگىرى چىقىپ كەتكەنىكەن. بىزمۇ ئۇلار بىلەن تېلىفۇندىلا كۆرۈشۈپ،تېزلا تېپىشىۋالدۇق. ئەتىسىلا "شەھلا" چىقىپ كەتكىنىمنى تۇيۇپ تېلىفۇن قىلىپتۇ، بىر نەچچە ئېغىز گەپ قىلمايلا يىغلىۈىنىچە خوش دىمەيلا تېلىفۇننى قويىۋەتتى. كۆڭلۈم بەكلا يېرىم ئىدى. بىر نەچچىمىز ئىككى كۈن شەھەر ئويناپ، ھاراق ئىچىپلا يۈردۇق، بىرگە يۈرگەن ئاشىق-مەشۇقلارنى كۆرسەم ئىچىم ئاچچىق بولۇپ كۆز چاناقلىرىمغا ياش تۇشۇپ كىتەتتى. بىر نەچچە كۈن ئۆتكەندىن كېيىن ئۇنىڭ بىر دوستى "بازار ئايلىنىپ كىلەي" دەپ ماڭغان پېتى ئۆيىگە كېتىپتۇ، چىقىپ كېتىپ ئەتىسى بىزگە تېلىفۇن قىلىپ، ئۆزىنىڭ ئۆيىدە ئىكەنلىكىنى ئېيتتى، يەنە بىر ئاغىنىسى بولسا "قارا جەمىيەت"تىكى بالىلار بىلەن ئارلىشىپ "قارا جەمىيەت"نىڭ ئەزاسى بولۇپ كەتتى. بۇ ناتۇنۇش شەھەدە شەھەر بىلمەيدىغان يىقىن دوستۇم بىلەن ئىككمىز تىكەندەك يالغۇزلا قالدۇق. نىمە ئىلاج بىر يەر تېپىپ ئىشلىدۇق، ئۆمرۈمدە بۇنداق ئېغىر ئىش قىلىپ باقمىغاچقا ئىشنى تىز قىلالمىدىم، ئىش ئىگىسى ئاڭا ئاچچىق سۆزلىگىلى تۇردى. ئاغىنەممۇ چىدىماي ئىككى كۈن ئىشلەپلا ماڭا بۇ يەردە ئىشلىمەسلىك تەكلىپىنى بەردى.
-بۇ يەردىن چىقىپ كىتەيلى ئاداش، سىنىڭمۇ بۇ يەردە جېنىڭ بەك قىينىلىپ كېتىۋاتىدۇ.
-ئۇغۇ شۇ لىكىن ئاداش چىقىپ كەتسەك نەدە يېتىپ قوپىمىز؟ قورسىقىمىزگىغۇ بازاردىن يەرمىز، لىكىن بازارنىڭ تامىقى شۇنچىلىك قىممەت تۇرسا قىينىلىپ قالارمىزمىكىن؟ تېخى نوپۇسىمىز بۇيەردە بولمىسا تەكشۈرۈشنىڭ قاتتىقلىقىدا جىڭموما يەپمۇ قالمايمىز دەپ كىم ئېيتالايدۇ؟ ئەگەر راسلا بۇ ئۆلگۈر يەردە يېتىپ قالساق بىز بىلەن ھېچكىمنىڭ كارى بولمايدۇ.
يۇرقا بارساقمۇ نىمە ئات نە نۇمۇس ئەمەسمۇ؟
- بۇ گېپىڭمۇ راست، لىكىن مەن سېنىڭ بۇنداق خارلىنىپ قېلىۋاتقىنىڭغا چىدىماي قېلىۋاتىمەن.
-بوپتۇلا چىدىماي نىمە ئىلاج؟ ئۆزىمىزنىڭ بىر ئوبدان يۇرتىدا يۈرمەي بۇ نەس باسقان يەرگە كەلگەندىن كېيىن ئۆزىمىزگە ئاز، كىمدىن كۆرىمىز؟
-ماقۇل، ئەتە بىر كۈن كۆرۈپ باقايلى، ئەگەر ئۇلار يەنە ساڭا بىرنىمە دەيىغان بولسا ئۇلارنىڭ كۆرىدىغان كۈنى بار.
-ئاچچىق بىلەن ھېچ ئىشنى ھەل قىلغىلى بولمايدۇ، ئۆزۈڭنى بېسىۋېلىپ ئېغىر بېسىقلىق بىلەن ئىش كۆرگىن، ساڭا بىر ئىش بولۇپ قالسا مەن ئاتا- ئاناڭغا نىمە دەپ جاۋاپ بېرىمەن؟
-بوپتۇ ئەمسە ئەگەر ساڭا يەنە بىر نەرسە دېسە مەن ئۇلارنىڭ يۈزىگە تۈكۈرۋېتىمەن، سەنمۇ كەينىمدىن مەن بىلەن بىرگە ماڭ.
-ماقۇل.
بىز شۇنداق كىلىشۋېلىپ ئەتىسى داۋاملىق ئىشلەۋەردۇق. بىراق ئۇلار يەنە توختىماي تەنە قىلغىلى تۇردى.
-ماۋۇ ئاقنانچى ئاداشنى كۆرمەمدۇ؟ ھەي كۈچەپ كۈچەپ تارتماي نىمىگە ئىنجىقلاپ تۇرىسەن. -بۇنداق قىلساڭلا سىلىنى قىز بالا ياراتمايدۇ جۇما. - ھەي كۈچەپ ئېتىڭلا ھە. نان يە دېسە بىز بىلەن تەڭ يەيدىكەنسىلە، يىگەن نانغا چۇشلۇق ئىش قىلىڭلا ھە؟ كۈچەپ ئېتىڭلا خىش ئۆگزىگە چىقمايۋاتىدۇ......
ئاغىنەمنىڭ سەۋىر قاچىسى توشۇپ كەتتى بولغاي ئاچچىقلاپ: -تۈفىي! ماڭە ئاداش كىتىمىز. نىمە دەيدۇ ماۋۇ... ھۇ ئاناڭنى... خەپ جۇمۇ خەپ...
-ھەي ئاغىزىڭغا بېقىپ سۆزلە جۇمۇ.
-قانداق قىلاتتىڭ؟ ۋاي سەن جىم تۇرە ئاداش دېدى ئۇ مىنىڭ گەپ قىلماقچى بولغىنىمنى كۆرۈپ. -سەنلەر ئىشلەيدىغان ئادەم تاپالماي يۈرىشۋاتىسەن، بوپتۇ دەپ نەچچە كۈندىن بۇيان چىداپ ئىشلەۋاتسا نىمە تۈگىمەيدىغان گەپ بۇ؟ ھە قانداق قىلاتتىڭ؟ ئۇ دىگەن "تور"چى سەنلەردەك نىمىلەرنى كۆزگە ئىلىپمۇ قويمايتى. ھەددىڭدىن ئېشىشما مانا ھازىر تېلىفۇن قىلىدىغان بولساق سەنلەرنى بىردەمدە بارار ماكانىڭغا ئاپىرىپ قويىمىز؟
-كىمىڭنى كۆزگە ئىلمايسەن؟ ماۋۇ ماڭقىلارنى كۆرمەيدا. مەن ساڭا گەپ قىلمىغاندىن كېيىن ئىششىڭنى قىلمامسەن؟
بۇلارنىڭ گەپلىرىنى ئاڭلاپ ئاچچىقتىن بۇغۇلۇپ قالاي دەۋاتاتتىم، لىكىن ئاچچىقىم كەلسىلا تىلىم كالۋالىشىپ، كېكەچلەپ كىتەتتىم، بىراق شۇنداق راۋان گەپ قىلدىم.
-ۋۇ ئاناڭنى...  ماۋۇ ھاراملىقلارنىڭ تايىقى كەمكەن. شۇنداق دىدىم.
-قېنى نوچى بولساڭ شۇنداق قىلىپ باقمامسەن پو ئاتماي.
-پۇشايمان قىلىشما.توختاپ قالغان تېلىفۇننى ئېلىپ "سۆزلەشتىم". ھە ئاكا سەن نەدە؟ يقىن ئەتراپتا بولساڭ تېز كىلە، قانچىلىك ئادەم باشلاپ ئەكەلسەك مەيلى. ماۋۇ ئىككى ھاراملىقنىڭ كۆزىدىن ئوت چىقىرۋىتەيلى. دەپ "تېلىفۇننى قويدۇم".
-ھەي ئۇنداق قىلىشمايلى، بوپتۇ بىزدىن خاپا بولماڭلار، بىزمۇ مۇشۇ ئىشنى بالدۇرراق تۈگىتەيلى دىگەن. ئاچچىق بىلەن بىر ئىشنى ھەل قىلغىلى بولمايدۇ. دېدى باياتتىن بېرى گەپ قىلماي تۇرغان ئىلمىيرەك بىرى.
-ئىششىڭنى قىلىش، پۇلىمىزنى بېرىش كېتىمىز. دېدىم مەن مەغرۇر قىياپەتتە.
-قېنى ئاكاڭ كەلسۇنچۇ؟ دېدى يەنە بىرى
-ماقۇل ھە تېلىفۇننى قۇلۇمغا ئالدىم.
-بولدىلا مانى ئېلىڭلار، بولسا بىر نەچچە كۈن ئىشلەپ بېرىڭلار، بولمىسا ئاكاڭلىمۇ كېلىپ يۈرمىسۇن. دېدې ھېلىقى ئىلمىيرەكى پۇلنى چىقىرىپ.
-ماڭە ئاداش تۇللۇق ئالىمىز. كىمىڭنى بوزەك تېپىپ قالدىڭ؟
-ھە بولمامسان قېنى ئاكاڭ؟
-ئاكامنى كۆرگۈڭ بار ئوخشىمامدۇ؟ "تېلىفۇن ئۇردۇم" ۋاي نىمە قىلىپ يۈرىسەن؟ تېز كەلمەمسەن؟ بولە ماۋۇلا بىزنى بەكلا ئانى تېپىپ كەتتى.
-ھەي گەپ بولسا چىرايلىق دېيىشەيلى دېدى ھېلىقى ھاكاۋۇر
-نېمىنى چىرايلىق دېيىشىدۇ؟ پۇلنى ساق بەرگەندە مىنىڭ باشقا گېپىم يوق.
-تۇللۇققۇ؟ دېدى ئىلمىيرەكى پۇلغا بىر قارىۋېتىپ ماڭا قايتا سۇنۇپ.
-بۈگۈنكىنىمۇ بېرىسەن. "تېلىفۇنغا دېدىم" ھە ئەمسە ئون مىنۇتتا كېلىپ بول ھە؟ "تېلىفۇننى قويدۇم"
-بولدى، بولدى بولدى، مۇشۇنى ئالامتىڭ؟ ئالە مانى. دېدى ھاكاۋۇرى پۇل قوشۇپ. ئاكاڭغا تېلىفۇن قىل كەلمىسۇن.
-ئاغىنەمنىڭكىچۇ؟
-ئالە مانىمۇ.يەنە پۇل قوشتى.
-ھە ماۋۇ ئىشىڭ جايىدا. دېدىم مەن پۇلنى قولۇمغا ئېلىپ ساناپ بېقىپ ئاكامغا "قايتا تېلىفۇن قىلدىم" ھە نەگىراق كەلگەنئىدىڭ؟...  ھە بوپتۇ ئەمسە خاپا بولماي قايتىپ كەتكىن پۇلىمىزنى ئالدۇق،... ياق بولدى پۇلنى ئېلىپ بولغاندىن كېيىن ئۇلارنى يەنە تەتۈر قىينىمايلى، ئۇلارنىڭ ئەدىپىنى ئۆزىمىز بەردۇق....ھە ماقۇل خوش ئاۋارە قىلدىم. قايتىپ ماڭدۇق
-يەنە بىر نەچچە كۈن ئىشلەپ بەرسەڭلا بولمامدۇ؟ دېدى ھاكاۋۇ
-بولدى باشقا ئادەم تېپىۋېلىش، ساڭا قانداق ئادەم چىداپ ئىشلىيەلەيدىكىن؟ دېدى ئاغىنەم ئاندىن ماڭا ئاستا پىچىرلاپ سەن راستلا "مىسران"غا تېلىفۇن قىلدىڭما؟
-ۋاي ياقەي تېلىفۇنۇم توختاپ قالغان تۇرسا، ھەم ئاكامغا تېلىفۇن قىلساممۇ، بىر كۈن يول مېڭىپ كەلسە يەنە كەتسە ئىككىمىزنىڭ ئۈچ كۈن ئىشلىگەن پۇلىمىز كىراسىغا ئاران چىقىشا. ھې ھې ھې...
-بەك ئوخشاتتىڭ جۇمۇ ھې ھې ھې... ئاندىن يۇقىرى ئاۋازدا توۋلاپ قويدى ھەي XXX,yyyبۇ تېلىفۇن توختاپ قالغان! ھا ھا ھا...
ئىككمىز شۇنداق دىيىشىپ كۈلگىنىمىزچە چىقىپ كەتتۇق. ئۇلار بەلكىم ئۆزىنىڭ ئالدانغانلىقىنى بىلىشىپ ئاچچىقتىن ئۆتى يېرىلىپ كىتەي دىگەندۇ؟ شۇنىڭ بىلەن ئاغىنەم ئىككىمىز باشقا بىر يەردە ئىشلىدۇق، خەنزۇنىڭ قولىدىكى بۇ ئىشقۇ ياخشى ئىدى بىراق بۇ يەردە ئىشلەيدىغانلار نىڭ كۆپىنچىسى نەشە چىكىدىغان ئىلگىرى ھەر خىل سەۋەپلەر بىلەن تۈرمىدە ئىشلىگەنلەر ئىكەن

         كۆرۈلۈشى:319     قوشۇلغان ۋاقتى:2010-3-27 19:39:11يوللىغۇچى ئەزا:askar124

    
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يوللانمىدى ، سىزنىڭ تۇنجى ئىنكاس يوللىغۇچى بولىشىڭىزنى قارشى ئالىمىز !

ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:سىرلىقلىقىڭىزنى يوقاتماڭ
سىرلىقلىقىڭىزنى..
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:چاچ چۈشۈشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئامىللار
چاچ چۈشۈشنى كەلت..
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:ھەددىدىن زىيادە رومانتىكلىقمۇ كىشىنى بىزار قىلىدۇ
ھەددىدىن زىيادە ..
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:سەۋزە ئۆپكىنى ئاسرايدۇ
سەۋزە ئۆپكىنى ئا..
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:مېۋە پوستى بىلەن...
مېۋە پوستى بىلەن..
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:دۇنيادىكى ئەڭ توغرا پىسخېكا سىنىقى
دۇنيادىكى ئەڭ تو..
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:ئاياللارنىڭ جورا تاللاشتىكى يېڭى چارىسى
ئاياللارنىڭ جورا..
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:«ئەر-خوتۇنلار ئوخشىشىپ كېتىدۇ» نىڭ ھەقىقىي سىرى
«ئەر-خوتۇنلار ئو..
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:ئەر -ئاياللار ھەققىدە قىزىقارلىق پاراڭلار
ئەر -ئاياللار ھەق..
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:ھازىرنىڭ ئۆزى بەخىت
ھازىرنىڭ ئۆزى بە..
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:تەنھالىق ئىنسانغا نىسبەتەن‹‹يۇشۇرۇن قاتىل ››ئىكەن
تەنھالىق ئىنسانغ..
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:ساپما كەشنىڭ زىيىنى تولا
ساپما كەشنىڭ زىي..

ئالدىنقى ماقالە:زەھەر چەككۇچىنىڭ ئۈلۈمى
كېيىنكى ماقالە:چۇش ۋە رىئاللىق
{ كۆچۈرۈش } { بېسىپ چىقىرىش }
 
بۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭ

شىرىنىم ئەسەر سەھىپىسى (2010 - 4 - 16)  新ICP备10001556号