|
ئۈزۈك تاقىغان ئورۇنغا.. | يازدا ئاياللاردا دائى.. | خانىم – قىزلار كۈندە ئۈ.. | تاماقتىن كېيىن قىلىشق.. | دېھقان | ئەرلەر قىلىشنى ئەڭ خال.. | ئەنگىلىيەدە ئەر-ئايال.. | كۆز قاپىقىنىڭ بىشارىت.. | ئەڭ ياخشى ياش باسقۇچى | سەۋزىنى كۆپ يەپ بەرسە .. | |
|
|
|
|
|
| |
|
شاڭخەيگە كەلگەندىن كىيىن ،بۇ يەردىكى ئۇيغۇرلار ئاچقان داڭلىق بىر رىستۇراندا كاتتا توي مۇراسىم ئۆتكۈزدۇق ،توي مۇراسىمىز شۇنچىلىك كاتتا ئۆتكۈزۈلدىكى ، يېزىمزدىكى بايلارنىڭ باللىرنىڭ تۇيمۇ بۇنچىلك كاتتا ئۆتكۈزۈلمەس،تۇيمىزغا گۈلچىھرەنىڭ مۇشۇ شەھەردىكى تۇنۇش بىلشلىرى،دوسلىرى،يۇرتلۇقلىرى قاتناشتى،توي كۈنمىز خىل كۆپ يىگىتلەر بىلەن تۇنۇشتۇمكۆرمىسەم چىديالماس بوپ قالغان شۇ كۈنلەردە يۇرتۇمنى ،خۇتۇن باللىرمنى،ئاتا-ئانامنى تاشلاپ گۈلچىھرە بىلەن دۆلتىمىزدىكى ئاساسلىق شەھەرلەدىن بىرى بولغان شاڭخەيگەكەلدىم.شاڭخەيگە كەلگەندىن كىيىن ،بۇ يەردىكى ئۇيغۇرلار ئاچقان داڭلىق بىر رىستۇراندا كاتتا توي مۇراسىم ئۆتكۈزدۇق ،توي مۇراسىمىز شۇنچىلىك كاتتا ئۆتكۈزۈلدىكى ،يېزىمزدىكى بايلارنىڭ باللىرنىڭ تۇيمۇ بۇنچىلك كاتتا ئۆتكۈزۈلمەس،تۇيمىزغا گۈلچىھرەنىڭ مۇشۇ شەھەردىكى تۇنۇش بىلشلىرى،دوسلىرى،يۇرتلۇقلىرى قاتناشتى،توي كۈنمىز خىل كۆپ يىگىتلەر بىلەن تۇنۇشتۇم .توي قىلغان كۈنمىزدىن باشلاپ مىنىڭ كۇلىچىلق ھاياتىم باشلاندى . تويمىزنى تۈگتۈپ بىر ھەپتىگىچە گۈلچىھرە ماڭا ھەمرا بۇلۇپ شاڭخەينىڭ ئەڭ چىرايلىق يەرلىرنى،داڭلىق ئۇيغۇر ئاشخانلىرنى،ساياھەت رايۇنلىرنى،دېڭىز بويلىرنى ،كاتتا سودا سارايلارنى كۆرسىتىپ ساياھەت قىلدۇردى،ماڭ ياققان ھەممە نەرسىنى غىڭ قىلماي ئېلىپ بەردى.بىز خۇشال خۇرام شىرىن كۈنلىرمىزنى مانا مۇشۇنداق باشلىدۇق،بىر ھەپتىدىن كىيىن ئۇ ئوقەتلىرى بىلەن تۇلمۇ ئالدىراش بۇلۇپ كەتتى،كۈندىزى بەزى ۋاقىتلاردىلا بىرەر دوستىنىڭ توي،چايلىرى بولسا بىللە رىستۇرانلارغا بىرگە بارمىز،بولمىسا ئۇنىڭ ماڭا ھەمرا بۇلدىغىنغا ۋاقتى يوق .سودا ئىشلىرى بىلەن ئالدىراش،نىمە سودا دىدىڭىزما ،بۇنداق چوڭ شەھەرلەردە بىزدەك ئادەملەرگە ھالال تىجارەت قىلپ جان باقدىغان ئىش كەمدىن كەم ئۇچراپ قالدۇ،بۇرۇن كىلپ ئاشخانا ئېچىپ ،كاۋاپچىلىق قىلدىغانلاردىن باشقا كۆپ قىسم ئادەملەر زەھەر سودىسى ،ياكى يانچۇقچۇلۇق قىلپ جان باقمىز،بۇ يەردە بۇ كەسپلەرگە تۇلمۇ چىرايلىق قىلپ نام بىرلگەن،زەھەر سودىسى قىلدىغانلار ئوقەتچىلەر،يانچۇقچۇلۇق قىلدىغانلار بازار ئوينايدىغانلار دىيلىدۇ،مەنمۇ ئەڭ دەسلەپ ئايالىم گۈلچىھرە ئوقەت قىلمەن دىسە نىمە ئىش قىلدىكىن دەپتىمەن،كىينچە ئۇنىڭ زەھەر سودىس قىلدىغىننى بىلدىم،بۇرۇنقى زەھەر دىگەن نىجس نەرسە،ئۇنى ساتقۇچى ئىپلاس كىشلەر دەيدىغان قارشىممۇ گۈلچىھرە بىلەن توي قىلپ پۇلنىڭ دۆلتىنى،كارامەتلىرنى كۆرگەندىن كىيىن ئۆزگىرىپ،بۇ ئوقەتنىمۇ يۈركى بارلار قىلدىغان سودا،زەھەرنىمۇ باي بۇلۇشتىكى كۇزۇزر دەپ ھىساپلايدىغان، كاللام تۇلمۇ ئۇچۇق كۇلىچى بوپ كەتتىم. گۈلچىھرە كۈندىزلىرى ئالدىراش ،سەھەردىلا ئىجارە ئالغان ئۈيمىزدىن چىقىپ كەتسە كەچتە تۇتام- تۇتام پۇللارنى كۈترۈپ كىرەتتى،مەن بولسام ئۆيدە بىكار يېتىپ تىلۋىزۇر كۈرەتتىم،زىركسەم،ھاشىم ئۇچقۇر بىلەن تىلفۇندا ئۇزۇندىن ئۇزۇنغا سۆزلىشىپ،ئىچ پۇشقۇمنى چىقراتىم،كىينچە گۈلچىھرەنىڭ دەۋتى بىلەن كۇچلارنى ئايلىنىپ كىردىغان،خادلىغان نەرسىلىرمنى سېتۋالدىغان بولدۇم،بۇنىڭدىنمۇ زىركسەم تۇيمىزدا تۇنۇشقان ھېلقى كونا كۇلىچى يىگىتلەر بىلەن قاۋاقخانلارغا، بەزمەخانلارغا بېرىپ كۈڭۈل ئاچدىغان بولدۇم ،مەندەك ئىش كۆرمىگەن پۇلدار كۇلىچى بىلەن ئۇلارمۇ يېقىن بوپ كەتتى،بىردەم كۈرۈشمىسەك چىداشمايدىغان،ئۈزمىز كۈرشەلمىسەكمۇ تىلفۇندا بولسىمۇ كۈرشىدىغان بولدۇق.كىينچە بارا- بارا بۇ ئۇيۇن تاماشىلاردىن زىركىپ بىرەر ياتاققا كىرۋېلىپ قىمار ئوينايدىغان بولدۇق.بۇرۇن يېڭى كەلگەندە كۈنەلمەي زىرككەن بولسام ئەمدى كۈنۈپ كونراپ قالدىم،كۈنۈپ قالغاندىن كىيىن بولسا ئۈزۈممۇ تۇيمايلا يېزامنى، ئاتا -ئانامنى ،ئوغلۇمنى،ئايالىم چولپاننى ئەسلەپ قالاتىم ،ۋەيتەنگە بېرىپ خۇڭاپۇجاڭ دەرياسىنى كۆرسەم خۇددى زەرەپشان دەرياسى بۇيدا ،ئولتۇرغاندەك تۇيلۇپ كىتەتتى،لىكىن بۇ دەريا بۇيدا يۇرتۇمدىكدەك توغراق يۇلغۇنلار يوق ،قىرغاقلارغا ئۇرلۇپ ئېقۋاتقان دەرياغا قارغىنمچە زەرەپشانىڭ گۈزەل مەنزىرسىى،مىھرىبان ئانام،جاپاكەش بەللىرى مۈكچەيگەن دادام،شۇ ئۇماق ئوغلۇم ،چولپانىڭ چىرايلىق كۆزلىرى ئىسمگە ئېلىپ كۈزۈم ياشقا تۇلاتتى،ئۆز-ئۈزۈمنى بەزلەشكە باشلايتىم ،بولدى قىل،سەن ئۇلارنى ئەسلىمە ،سەن گۈلچىھرەنى ئويلا،بۇ گۈزەل شەھەر تۇرمۇشىڭنى ئويلا ،ئەگەر گۈلچىھرە بولمىسا سەن بۇنچە چىرايلىق،تەرەققى قىلغان ،داڭلىق شاڭخەي شەھەرىگە كىلەلەمتىڭ،ئايرۇپلاندا ئولتۇرۇشنى خيالىڭغا كەلتۈرەلەمتىڭ،ماۋۇ كىيۋاتقان كىيملىرڭنى پەقەت خەقنىڭ ئۇچسىدا كۈرەتىڭ،ماۋۇ يانچۇقۇڭدىكى پۇللارنى ھۈكمەتكە نەچچە ئاي سادىق چاكار بۇلۇپ ئىشلىسەڭ ،ئاندىن ئالاتىڭ،ماۋۇ ۋەيتەنگە كىلپ ياغاچ ئۇرۇندۇقتا ئولتۇرۇپ ئاۋۇ كۈرۈنۈپ تۇرغان داڭلىق دۇڭفاڭ مىنزۇ مۇنارىنى،پۇدۇڭ تەرەقىيات رايۇننىڭ كىچلىك مەنزىرسىنى ئۇخلىساڭ چۈشۈڭدە،ياكى بولمىسا بىرەر كىنو،خەۋەرلەردىلا كۈرەتتىڭ ،مانا ھازىرچۇ پەقەت گۈلچىھرە بولغاچقىلا،شۇ بايلىق پەرشتەڭ بولغاچقىلا سىنىڭ پۈتۈن خام خىيالىرىڭ رىئانلىققا ئايلاندى ،سەن يۇرۇتۇڭدىكلەر،ئۇرۇق تۇققانلىرىڭ،ئاتا-ئاناڭ بىر ئۈمۈر كۈرۈپمۇ باقمايدىغان يەرلەرنى كۆردۈڭ.تۇتام-تۇتام پۇللار سەن ئۈچۈن ھىچ نىمە ئەمەس ،خالغىنىڭنى قىلسەن،بارغۇڭ بار يەرگە بارسەن، ئالغۇڭ بار نەرسىنى ئالسەن يەنە سىنىڭ نىمەڭ كەم ؟بولدى قىل ئەخمەق !-دەيتىم ئۈزۈمگە.شۇ زىركىشلىك كۈنلىرمدە ھاشىم ئۇچقۇرمۇ يۇرتۇمدىن بۇ يەرگە قايتىپ كەلدى،ئۇنى كۈرۈش بىلەنلا مانا ئەمدى زىركمەيدىغان بولدۇم دەپ بەكمۇ خۇشال بولدۇم ،نىمىلا بولمىسۇن ئۇ بۇ يەرگە مەندىن بۇرۇن كەلگەن،بۇ يەرگە پىششىق،ئۇمۇ كۆڭلۈمنى چۈشەنگەندەك كىلپلا مەن بىلەن كۈندە كۈرشۈپ تۇردى،ئۇنىڭ ئايالىمۇ كىلىپلا ئالدىراش بوپ كەتتى ،ھاشىم ئۇچقۇرنىڭ ئايالى يۇرتىكلەر ئېيتقاندەك چوڭ باينىڭ قىزى بولماستىن بەلكى مۇشۇ شەھەردىكى داڭلىق مۇشتۇمزورنىڭ قىزى ئىدى ،ئۇ مىنىڭ ئايالىمدەك ئوقەت قىلمايتى،ئۇنىڭ بىر نەچچە پىشقان كىچىك ئوغرىللىرى بۇلۇپ بازار ئوينايتى ،ئۇنىڭ تاپاۋىتمۇ مىنىڭ ئايالىمنىڭكىدىن قېلىشمايتى،،ھاشىم ئۇچقۇر بىلەن مەن ئالغان چىرايلىق سەتەڭ،قۇلدىن ئىش كىلدىغان خۇتۇنلارنىڭ دۆلتىنى كۈرۈپ ياشاۋەردۇق ،كۈنلىرمىز ،ھاراق ئىچىش،كۈڭۈل ئېچىش،قىمار ئويناش بىلەن ئۆتتى،مانا ئەنە دەپ ئولتۇرۇپ مىنىڭ بۇ يەرگە كەلگىنمگە 2يىلدىن ئاشقان شۇ كۈنلەردە ئۈزۈممۇ ھىس قىلماستىن خەنزۇچە سەۋيەم ئۈسۈپ كەتتى.خەنزۇچە سۆزلەڭ دىسە خىلى -خىلى ئۇقغان مىن كاۋ خەنلەردىن قېلىشمىغدەك بوپمۇ قالدىم،خەنزۇچە سەۋيەم ئاشقاندىن كىيىن بىزنىڭ باردىغان سورۇنلىرمىزنىڭمۇ دەرجىسى كۈترىلدى،بۇرۇنقىدەك ئۇيغۇرلانىڭ رىستۇرانلىردا ئىچىپ ئولتۇرماستىن خەنزۇلارنىڭ ھەتتا چەت ئەلىكلەرنىڭ ئاچقان بەزمەخانلىردا سورۇن تۈزدىغان بوپ كەتتۇق،بىر نەچچە داڭدار سەتەڭلەر بىلەنمۇ تۇنۇشۇپمۇ قالدۇق ،ئۇلارمۇ ھاشىم ئۇچقۇر بىلەن ماڭا بەك ئامراق بۇلۇپ كىتشتى،چۈنكى يانچۇق توم ،ئۈزمىز مەرت،كىلشكەن تۇرساق،كىينچە بۇ سەتەڭلەردىنمۇ،ھاراقتىنمۇ زىرىكىپ نەشە چىكدىغان بۇلۋالدۇق،نەشىنمۇ بىرەر يىلدەك چەكتۇق،نەشنىڭ كەيپىمۇ تېتماس بولدى،ھاشىم ئۇچقۇرنىڭ پىكرى بۇينچە زەھەر چىكپ باقماقچى بولدۇق،دەسلەپ ئىككى،ئۈچ كۈندە بىرەر قېتىم چەكتۇق،كىينچە كۈندە بىرەر قېتىم چەكتۇق،بارغانسىرى چەكمىسەك تۇرالمايدىغان كۈندە نەچچە قېتىم چىكدىغان ھالەتكىمۇ كەلدۇق،چەكمەي قالساق كۈزمىزدىن ياش ئېغزىمىزدىن شۆلگەي ئېقىپ توختىماس بولدى،بەدەنلىرمىز سانچىلىپ ئاغرىپ بىئارام بۇلۇپ يۈردۇق،ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ زەھەرنىڭ خۇمارى،كەيپى بىزنى ئۈزگە بەن قىلدى،ئۇنى چەككەن كۈنلىرمىز شغۇنچىلك روھلۇنۇپ،خىيالىمىزدا جەننەت ھۇزۇرى سۈرگەندەك بۇلۇپ قالاتتۇق،ئايالىم گۈلچىھرە مىنڭ زەھەرگە ئۈگۈنۈپ قالغىنمنى بىلگەن دەسلەپكى كۈنلەردە ماڭا ئانچە قاتتىق تەگمىدى،مىنى چەكمەڭ دىگەن گەپنىمۇ قىلمىدى ،مىنى ۋاقتىدا چىكدىغان تاماكام بىلەن تەمىنلەپ تۇردى ،ئەڭ دەسلەپ قەغەزدە بەڭ قىلپ چەككەن بولسام كىينچە خۇمارىم ئېغىرلاپ ئۇكۇل قىلپ ئۇردىغان بولدۇم ،ئۇنىڭ قارشىچىمۇ زەھەرنىمۇ پۇلى بار نوچىلار چىكەلەيمىش،مەن چەكسەم ئۇنىڭ ئوقەتچى دوسلىرى ئالدىدا يۈزى يۇرۇق بۇلارمىش، ،ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇمۇ مال ئەۋرىشكىسنى كۆرسەتكىلى خەقنى ئىزدەپ ئاۋارە بۇلۇپ يۈرمەيدۇ- دە،مانا ئەمدى بىز سىپىمۇ، تىغمۇ ئۈزدىن زەھەر ئەتكەسچىسى بولدۇق،ئۇ ساتدۇ ،مەن ئەۋرىشكىسنى كۈرمەن .مىنىڭ زەھەردىن غىمىم يوق چىكىپ يۈرىۋەردىم .كۇلىغا كىلپ 3يىلدىن ئاشقاندا يۇرتۇمىزغا بىر قېتىم باردۇق ،مەن بۇرۇن خيال قىلغىنمدەك داڭلىق ماركىلق پىكاپتىن بىرنى ھەيدەپ ،ئايالىم گۈلچىھرەنى قونچاقتەك ياساپ يېزىمىزغا باردىم،ھەممە كىشى ماڭا ھەۋەس قىلپ قاراپ قالدى،ھاشىم ئۇچقۇرغا ھۆرمەت قىلغاندەك ھۆرمەت قىلدى،لىكىن ئاتا -ئانام ،مىنىڭ بۇ ئىشلىرمنى قوللىمدى،ئاپارغان سوۋغا،سالاملىرمنى قۇبۇلمۇ قىلمىدى ،ئايالىم گۈلچىھرەنى كىلنىمىز دەپ ئىتراپمۇ قىلمىدى،ئۇلارنىڭ قارشىچە ئايالىم گۈلچىھرە بۇزۇق خۇتۇن ئىدى،قانچە چۈشەندۈرۈپ يالۋۇرساممۇ ئۇلار جاھىللىق قىلپ بىزنى قوغلاپ چىقاردى.مەيۈسلۈك بىلەن گۈلچىھرەنى ئېلىپ شەھەرگە قايتىپ ككىلپ ھېلقى داچىدا بىر مەزگىل تۇرۇدۇق،چىكىش ئۈچۈن ئەكەلگەن زەھەر تۈگەپ ھەر تەرەپتىن مال ئىزدەيتىم،بۇ يەردە مال تاپماق بەكمۇ مۈشكۈل ئىكەن ئاخىرى ،قوزغۇلۋاتقان خۇمارىمغا چىديالماي يەنە شاڭخەيگە قايتىپ كەلدۇق.مىنڭ ئىشرەتلىك كۈنلىرىم يەنە باشلاندۇ،گۈلچىھرەنىڭ ئوقىتمۇ بۇرۇنقىدەكلا ياخشى ،ھىچنىمدىن غىمىم يوق،ئاق چىكمەن،ئوينايمەن،ئايالىمنىڭ تاپقان پۇلنى خاتىرجەم خەجلەيمەن . قايتىپ كىلپ بىر يىلدىن ئاشقاندا ھاشىم ئۇچقۇر يۇرۇتقا بىر قېتىم بېرىپ كەلدى،ئۇنىڭ ئېيتىشچە دادام ئۈلۈپ كىتپتۇ،ئانام چولپان بىلەن بىرگە تۇرۋېتىپتۇ،ئوغلۇممۇ مەكتەپتە ئۇقۋېتىپتۇ،دادامنىڭ ئۈلۈم خەۋرىنى ئاڭلاپ كۆڭلۈم يۇلمۇ يېرىم بولدى،قانغىچە يىغلىدىم،ئۈزۈمنىڭ بىر ئۇغۇل تۇرۇپ دادامنىڭ ئۈلمىدىمۇ تۇرالمىغنىمدىن،ئۇنىڭ جىنازىسنىمۇ كۈترەلمىگىنمدىن بەكمۇ ئەپسۇسلاندىم ،بۇ كۆڭلۈمنىڭ يىرملىقى بىر قېتىملىق زەھەر خۇمارىمنىڭ بېسلىشى بىلەن تەڭ،بىر نەچچە پۇتۇلكا پىۋا ئىچىپ خاتىرەمدىن ئۇنتۇلدى.كەيىپ ساپالىق تۇرمۇشۇم يەنە بىر مەزگىل داۋام قىلدى،لىكىن بۇ داۋاملىشىش ئۇزۇنغا بارمىدى،ئايالىم گۈلچىھرە زەھەر سودىسى قىلۋاتقاندا ساقچىلارغا تۇتلۇپ قېلىپ،تۈرمىگە تاشلاندى،ئۇ كىرىپ قالغان دەسلەپكى كۈنلەردە ئۈيمىزدە قالغان ماللارنى چىكىپ كۈن ئۆتكۈزدۈم ،ئۇ مالمۇ تۈگەپ پۇلغا ئېلىپ چەكتىم،يېتىپ يىسە تاغ توشماس دىگەندەك گۈلچىھرە بار ۋاقىتتا بىلنەشمىگەن چىقىم مانا ئەمدى تازا بىلنگىلى تۇردى،ئالتە ئايغا قالمايلا گۈلچىھرەدىن قالغان نۇرغۇن پۇلنى چىكىپ تۈگەتىم .بۇرۇنقى شاھزادىلەرچە تۇرمۇشۇم پۇلدىن ،گۈلچىھرەدىن ئايرىلغاندىن كىيىن دىۋانىلەرچە تۇرمۇشقا ئايلاندى.يانچۇقتا پۇل يوق،ھېلقى كۇلىچى ئاغىنلىرممۇ ماڭا قارماس بولدى،ھاشىم ئۇچقۇرمۇ بۇرۇنقىدەك كۈندە كىلپ مىنى يوقلىمايدىغان بولدى،پەقەت بىر نەچچە كۈندە بىرەر قېتىم ئاشخانغا ئاپرىپ تاماق ئېلىپ بىرشكە ياردى،شۇنداق قىينىلۋاتقان كۈنلىرمدە ماۋۇ ئىجارە ئالغان ئۈيۈمنىڭ ۋاقتى تۇشۇپ ،سىرىتلا قالدىم ياتاقتا يېتىشقا پۇل يوق ئامالسىز باغچىلاردا يول بۇيدىكى ئورمانلىقلاردا كۈن ئۆتكۈزۈشكە مەجبۇر بولدۇم .زەھەر خۇمارىم بىلەن ئاچلىق بىرلىشىپ مىنى تۇلمۇ قىينىدى،نەم يەرلەردە يېتىش ،ئاق چىكىپ زىئىپلەشكەن تىنمنى تېخمۇ زەئىپلەشتۈرۋەتتى . بىرەر ئاشخانلاردا ئىشلەپ جان باقماقچىمۇ بولدۇم، لىكىن مەندەك چىكەرمەن بەڭگىنى ئىشلىتىدىغان ئادەم نەدە دەيسىز ،ئۇلار ماڭا بىرەر ۋاق تاماق بىرپلا مىنى چىقىرۋىتشتى،يۇرتۇمغا قايتىپ كەتمەكچى بولدۇم،لىكىن قايتىپ كىتدىغانغىمۇ كىراغا پۇل يوق،گۈلچىھرە بىلەن مىنىڭ ئارمىزدا پەقەت نىكاھلا بار،توي ختمىز يوق بولغاچقا ئۇنىڭ يۇرۇتكى مال مۈلكىگە مىنىڭ ئىگدارچىلق قىلش ھۇقۇقۇم يوق ،ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ بۇلغانغان بەدنىمنى،بۇلغانغان ۋىجدانىمنى ئاشۇ بۇلغانمىغان زىمنغا ئاپرىشقا يۈزۈم چىدمىدى ،تۈنگۈن خۇمارىم تۇلمۇ قاتتىق تۇتتى،كۈزۈمدىن ياش، بۇرنۇمدىن سۇ ئېقىپ ،پۈتۈن بەدنىمگە بىر نەرسە سانچىلغاندەك ئاغرىپ ،قۇرسۇقۇم مۇجلۇشقا باشلىدى،مىنىڭ بۇ تۇرقۇم بەئەينى رۇھى كىسەللىكلەر دوختۇرخانسىدىكى كىسەللەرگە ئوخشاپ قالدى،ياتقان ئورمانلىقتىن سىرتقا مىڭ تەستە چىقتىم،يول بۇيدىكى ئامىۋى تلفۇندا ئاغىنەم يۇرتۇدېشىم ھاشىم ئۇچقۇرغا،ياق ياق ھاشىم لوبەنگە تىلفۇن ئۇردۇم،ئۇ تىلفۇننى تەستە ئالدى،مەن ئۇنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلاپلا كىچىك بالدەك مىشلداپ يىغلاشقا باشلىدىم، ئۈزۈمنى پەقەت تۇتۋالالمىدىم ،ئۇنىڭغا ئەڭ چىرايلىق گەپلەرنى قىلدىم ،يالۋۇردۇم،ئۇنىڭ ماڭا رەھمى كەلدىمۇ قانداق ئايالىنىڭ قول ئاستىدىكى كىچىك بىر ئوغرىدىن ئازراق زەھەر ۋە پۇل ئەۋەتىپتۇ،زەھەرنى كۈرۈش بىلەن گۈلقەقەلىرم ئېچلىپ ،پۇت -قۇلۇمغا ماغدۇرمۇ كىرىپ كەتتى ،دۇرخاندىن زەھەرنى ئۇكۇل قىلىپ ئۇرۇشقا ئىشلتىدىغان ئىشپىرستىن بىرنى،مىنرال سۇدىن بىر پۇتۇلكا سېتۋالدىم ،يول بۇيدىكى قۇيۇق ئورمانلىققا كىردىم ،ھاشىم ئۇچقۇرنىڭ ئەۋەتكەن خىلى كۆپ زەھرىنىڭن ھەمىسنى ئىشپىرسقا سېلىپ ئازراق سۇدا ئىرتىم ،ئۇكۇلنى ئۇردىغانغا تۇمرۇمنى ئىزدىىدىم ،نەچچە ۋاقىتىن بىرى تۇلا ئۇكۇل ئۇرغاچقىمۇ پۇت-قۇلۇمنىڭ ساق تۇمۇرلىرى قالمىغان ئىكەن،ئاخىر قاتتىق تۇتقان خۇمارىمنى بېسىش ئۈچۈن، قاراملىق قىلپ ئۇكۇلنى بوينۇمدىكى چوڭ گۈرەن تۇمرۇمغا سانچىدىم ،زەھەر سۇيۇقلىقى ئاستا-ئاستا تۇمۇرۇمغا كىرشكە باشلىدى ،تەسۋىرلىگىسىز بىر خىل لەززەت پۈتۈن ۋۇجۇدۇمنى قاپلىدى ،كۈزۈم ئاستا-ئاستا يۇملۇشقا باشلىدى .تىنىم بەك ئاجىزلاپ كەتكەچكىمۇ ،ۋە ياكى بۇقېتىملىق زەھەرنىڭ مىقدارى سەل كۆپ بوپ كەتىمۇ قانداق ئىسمگە كىلەلمىدىم،قۇلاق تۈۋىمدىكى ئەللەي ناخشىسىنىڭ مۇڭى قۇشلۇپ تېخمۇ قاتتىق ئۇخلاشقا باشلىدىم،مانا يۇرتۇم،مانا شاۋقۇنلاپ ئېقۋاتقان زەرەپشان،مانا يۇلغۇنلۇق ئارسىسىكى مىھرى ئىسسىق ئۈيمىز،يىنك شامالدا تەۋرىنۋاتقان قۇمۇشلار.....ئەنە ئوغلۇم غۇلاچلىرنى كەڭ يېيىپ -دادا..دىگنىچە مىنىڭ يېنىمغا يۈگرەپ كەلمەكتە،ئايالىم چولپان بولسا ھېلقى كونا چىلەكنى كۈترۈپ دەريا بۇيغا سۇغا ماڭدى ...كۈزۈم چىڭ يۇمۇلدى..مانا ئەتىدىكى شاڭخەينىڭ كۈندىلىك خەۋەرلەر گىزتىگە مىنىڭ يامغۇردىن كىينكى نەم ئورمانلىقتا،يامغۇر سۇلىرى ئېقۋاتقان ئېرىق بۇيىدا تۈگۈلۈپ ياتقان ،ئۇرۇق ،جانسىز ، جەسىدىمنىڭ سۈرتى،يۇغان خەتلىك قىلپ،ئۇرۇق تۇققانلىرمنىڭ ،تۇنۇش- بىلشلىرمنىڭ تۇنۋېلىپ جەسىدىمنى ئەكىتىشنى تەۋسىيە قىلپ ئىلانلار بېسىلغان ،ئۇيغۇرلارنىڭ چوڭ ئاشخانلىردا كىشلەر قۇلقىنى قۇلقىغا يېقشىپ ،مىنىڭ شۇ بىچارە تۇرقۇمنى سۈرتىمدىن كۈرۈ پ كۇسۇلداشماقتا،تۇنۇش بىلشلەر بولسا ئىچ ئاغرىتماقتا،مىنڭ بىرەر مۇسۇلمانلار زاراتگارلىقدا جەسىدىمنى قۇيۇپ قۇيۇش ئۈچۈن بىر بىرى بىلەن مەسلەىھەتلىشىپ ،ئاز تۇلا پۇل يىغىش قىلپ ،ئەرزەنرەك يەرلىك ئېلىشنىڭ مەسلەھەتنى قىلشماقتا ،بىلمەيدىغانلار شۇ بىر زەھەر چىكدىغان بىر بەڭگى ئۈلۈپ قاپتۇ دىيشمەكتە...قۇلاق تۈۋمدە ئەللەي ناخشىسى،زەرەپشانىڭ شارقىرغان ئاۋازى ،بۇرنۇمدا ياۋا گۈللەرنىڭ مەستخۇش پۇرقى............ |
كۆرۈلۈشى:453 | قوشۇلغان ۋاقتى:2010-3-27 19:37:41 | يوللىغۇچى ئەزا:askar124 |
|
| | بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يوللانمىدى ، سىزنىڭ تۇنجى ئىنكاس يوللىغۇچى بولىشىڭىزنى قارشى ئالىمىز ! |
سىرلىقلىقىڭىزنى.. | چاچ چۈشۈشنى كەلت.. | ھەددىدىن زىيادە .. | سەۋزە ئۆپكىنى ئا.. | مېۋە پوستى بىلەن.. | دۇنيادىكى ئەڭ تو.. | ئاياللارنىڭ جورا.. | «ئەر-خوتۇنلار ئو.. | ئەر -ئاياللار ھەق.. | ھازىرنىڭ ئۆزى بە.. | تەنھالىق ئىنسانغ.. | ساپما كەشنىڭ زىي.. | |
|
|
|
|