|
ئۈزۈك تاقىغان ئورۇنغا.. | يازدا ئاياللاردا دائى.. | خانىم – قىزلار كۈندە ئۈ.. | تاماقتىن كېيىن قىلىشق.. | دېھقان | ئەرلەر قىلىشنى ئەڭ خال.. | ئەنگىلىيەدە ئەر-ئايال.. | كۆز قاپىقىنىڭ بىشارىت.. | ئەڭ ياخشى ياش باسقۇچى | سەۋزىنى كۆپ يەپ بەرسە .. | |
|
|
|
|
|
| |
|
تولا يۆتۈلۈپ دېمى كېسىلىپ نەپەس يېتىشمەي گېلى بوغۇلۇپ ،يەنە بىر تەرەپتى يۈرىكى كۆكرىكىگە پاتماي قېلىۋاتقاندەك چىڭقىلىپ ئاغرىق كىرىپ كېتىۋاتقان، ئورنىدىن تۇرسىلا يىقىلپ چۈشىدىغاندەك بېشى قېيىپ،پۇت -قوللىرى تىترەپ،مېڭىشقا پەقەتلا ماغدۇرى قالمىغان نىساخان ئانا بۇنداق يېتىۋەرسە كېسەل ئازابىدىن تېخىمۇ قىينىلىپ كېتىدىغانلىقىنى ئويلاپ،،كارۋاتنىڭ قىرغىقىنى قولى بىلەن چىڭ تۇتقىنىچە ئاستا پەسكە چۈشۈپ ئورنىدىن تۇرۇپ، دوختۇرخانىغا بارماقچى بولدى، لېكىن بىرنەچچە چامدام مېڭىپلا بېشى قېيىپ كارۋاتنىڭ قىرغىقىنى ئىتتىكلا تۇتىۋالدى ۋە كارۋاتقا ئاستا ئولتۇرىۋالدى،مىڭ مۇشاققەتلەر بىلەن ئۈچ بالىنى بېقىپ قاتارغا قوشۇپ ،ھالا بۈگۈنگە كېلىپ قېرىغاندا مۇشۇنداق يالغۇزچىلىقتا قالغانلىقىغا كۆڭلى بۇزۇلۇپ ، كۆزلىرىدىن تاراملاپ ياش قۇيۇلدى ۋە كۆز ياشلىرىنى ئاستاغىنە سۈرتىۋەتتى. - ھەي ، خوشنام تۇرسۇنگۈل ئەر -ئاياللار بولغان بولغان بولسا ، بۇنچىلىك قىينىىلپ كەتمەس ئىدىم، ئۇلار مېنىڭ بۇ ھالىمنى كۆرسە ئاللىقاچان دوختۇرخانىغا ئاپىرىپ بولغان بولاتتى، اللەھ -تاللا ئىگەم بالامنىڭ ئىنسابىنى بەرمىگەن بىلەن، خوشنامنىڭ ئىنسابىنى بېرىپ، ئېسىل خوشنىدىن بىرنى بېرىپتىكەن،ھېلىمۇ مۇشۇ كۆيۈمچان خوشنام بولغاچقا، ئۇلار ھالىمدىن خەۋەر ئېلىپ مېنى داۋاملىق يوقلاپ تۇرغاچقا ،مۇشۇ كۈنگە ئۇلاشتىم، بولمىغان بولسا نېمە كۈنلەرنى كۆرەتتىم، توۋا دەيمەن....!مىڭ مۇشەققەتلەر بىلەن دۇنياغا كۆز ئاچتۇرۇپ، نى ئارزۇ -ئارمانلار بىلەن ئەتىۋارلاپ باققان پەرزەنتىمدىن كۆرمىگەن مېھرىبانلىق، كۆيۈمچانلىقنى مۇشۇ ئاقۆكڭۈل خوشنامدىن كۆرىۋاتىمەن، اللەھ ئىگەم ئۇلارغا مەڭگۈ سالامەتلىك ۋە بەخت -ئامەتنى يار قىلسۇن..... ئۇلارنىڭ ئىنسابىغا رەھمەت....!،ھەي، ئۇلار يەتتە نەزىرنى تۈگتىپ بولۇپلا قايتىپ كېلىمىز دەۋاتاتتى، بەلكىم ئەتە -ئۆگۈنلەردە كېلىپ قالار، ئۇنىڭغىچە بۇنداق يېتىۋەرسەم بەك قىينىلىپ كېتىدىكەنمەن،ئەركىنگە يەنە بىر يېلىفون قىلىپ باقسام قانداق بولار...؟ ھەي، قالغان بالىلىرىم قېشىمدا بولغان بولسا......،رەھمەتلىك دادىسى، نېمىشقا مېنى ئۆزىڭىز بىلەن بىللە ئېلىپ كەتمەي ،يالغۇز تاشلاپ قويغانسىز، سىز بىلەن كەتكەن بولسام بۇنچىلىك ئازابلارغا قالماس ئىدىم.....- ئۆز -ئۆزىگە شۇنداق پىچىرلاپ ،خوشنىسى تۇرسۇنگۈلنىڭ تۈگەپ كەتكەن دادىسىغا دۇئا قىلغاچ ،ئۇنىڭ ئۆزىگە قىلغان ياردەملىرىنى خىيالىدىن ئۆتكۈزۈپ ،ئۈنسىز كۆز يېشى قىلۋاتقان نىساخان ئانا يېزىدا ئوقۇتقۇچىلىق قىلىۋاتقان قىزى بىلەن ئۈرۈمچىدىكى ئوغلىنىڭ ئۆزىنىڭ قېشىدا بولىشىنى ئۈمىد قىلغاچ ،بۇ ھالى بىلەن دوختۇرخانىغا ئۆزى يالغۇز بارالمايدىغانلىقىغا كۆزى يېتىپ، ئامالسىزلىقتىن كىچىك ئوغلى ئەركىنگە تېلىفون قىلىپ ئۆزىنى دوختۇرخانىغا بىرگە ئاپىرىشنى ئۆتۈنمەكچى بولۇپ ،تېلىفونغا قولىنى ئۇزۇتۇپ بولۇپ يەنە ئىتتىكلا تارتىۋالدى، چۈنكى بىرنەچچە كۈن ئالدىدا نەپەس ياللۇغى قوزغۇلۇپ قېلىپ ،پەقەتلا بولالماي كەتكەن نىساخان ئانا مىڭ مۇشاققەتلەر بىلەن ئوغلى ئەركىنگە تېلىفون قىلىغاندا << تېلىفون توختىۋېتىلدى>>دېگەن ئاۋاز ئاڭلىنىپ،ئامالسىزلىقتىن كېلىنى ئارزىگۈلگە تېلىفون قىلىپ ، ئۆزىنى دوختۇرخانىغا ئاپىرىشنىڭ گېپىنىڭ بېشىنى چىقىرىپ بولغۇچە ، ئۇنىڭ زەردە قىلغان ھالدا: - ۋاييەي، ئەسلى ئوغۇللىرىغا مېنى ئېپ بەرمەي، يېنىلىرىدا مەھكەم سېسىتىپ ساقلىسىلا بوپتىكەن، سىلىى ئۈچۈنلا مېڭىپ دوك بولۇپ كېتىدىغان بولدى ئۇ بىچارە ئوغۇللىرى، بالىلىرى يالغۇز شۇ بىرلىمىتى، يا ئۇ ئارزۇلۇق ئوغۇللىرىنى مەندىن كۈنلەپ، تولا يانلىرىغا ئاپىرىۋالاملا يا......!،- دەپ شۇنداق سېسىق ، ئاچچىق،نومۇسسىز گەپلەر بىلەن دوق قىلىپ تويغۇزۇپلا قويدى، ئالىي مەكتەپ تەربىيىسىگە ئىگە زىيالى كېلىنىنىڭ بۇ زەھەردەك گەپلەرنى ئاڭلىغان نىساخان ئانا تاس قالدى شۇ جايدىلا ئارقىسىغا ئۆرۈۈلپ چۈشكىلى،ئورنىدىن تۇرغۇدەك ھالى قالمىغان نىساخان ئانا . شۇ گەپلەر تەسىرىدىن يۈرەك ئاغرىقى قوزغۇلۇپ ئەسلىدىكى كېسىلى تېخىمۇ ئېغىرلىشىپ كەتتى.بۇ گەپلەرنى ئىچىگە پەقەتلا سىغدۇرالمىغان ئانا ئەتىسى ئوغلى ئەركىنگە تېلىفون قىلىپ قېشىغا كېلىپ كېتىشنى ئېيتتى. - مەن بەك ئالدىراش، قېشىڭغا بارغىلى چولام تەگمەيدۇ،نېمە گېپىڭ بار ئىدى؟ تېلىفوندىلا دېگىن ،- دېدى ئەركىن گەپنى ئۈزۈپلا، ئەسلى كېلىنىنىڭ گېپىنى دېمەيلا، ئۆزىنى دوختۇرخانىغا ئاپىرىشنى ئېيتماقچى ئىدى، لېكىن كېلىنىنىڭ گېپى يۈرىكىدە توختاپ قالغاچقا، ئۇنىڭ قىلغان زەھەردەك گەپلىرىنى يىغلاپ تۇرۇپ ئوغلىغا ئېيتتى . - ئارزىگۈلنىڭ گېپى خاتاما سېنىڭچە؟ دېمىسىمۇ يالغۇز مەنلا سېنىڭ بالاڭمىتىم؟ ئىشىڭ چىقسقىلا مېنى ئاۋارە قىلىسەن، <<مۇشۇ بالامنىڭمۇ ئىشى باردۇ>> دېگەننى ئويلاپمۇ قويمايسەن،سېنىڭچە ئارزىگۈل شۇنداق ئەسكى، بىشەم خوتۇن ئوخشىمامدۇ؟ ئۇنداق بولسا سېنىڭ كۆڭلۈڭنى خوش قىىلپ ، ئۇنىڭ بىلەن ئاجرىشىپ كېتىپ، بالامنى يېتىم قىلايمۇ؟ شۇنمداق قىلسام كۆڭلۈڭ ئارام تاپامدۇ؟داۋاملىق << ئارزىگۈل ئانى دېدى، مانى دېدى >> دەيسەن، سەن ئارزىگۈلنى پەقەتلا ياخشى كۆرمەيسەن، بولدى ،سەنلا خوش بولىدىغان ئىش بولسا ئۇنى قويىۋېتىپ، بالامنى تىرىك يېتىم قىلىپ ،سېنىڭ قېشىڭغا ئاپىرىپ بېرەي، ئەسكى ئاپىسىدىن ئايرىۋېتىلگەن يېتىم نەۋرەڭنى يېنىڭدا باقساڭ كۆڭلۈڭ يايراپ كېتەر بەلكىم......،!- دەپ خوتۇنىنىڭ گېپىدىنمۇ زەھەردەك گەپلەر بىلەن نىساخان ئانىغا دوق قىلىپ،ئۇنىڭ يۈرىكىنى مۇجۇدى، ئۆز ئوغلىنىڭ ئاغزىدىن چىققان بۇ گەپلەرنى ئاڭلىغان نىساخان ئانىنىڭ يۈرىىك مۇجۇپ ئاغرىدى، ھېلىمۇ ياخشى يۈرەك ئاغرىق دورىسى كارۋاتنىڭ قېشىدىكى ئۈستەل ئۈستىدىلا بولغاچقا ئىتتىك ئېلىپ ئاغزىغا سېلىۋالدى، بولمىغان بولسا نېمە ئالامەتلەر بولاتتىكىن تاڭ. شۇ ئىشلارنى كۆڭلىدىن ئۆتكۈزىۋاتقان ئانىنىڭ يەنە بىر قېتىم تېلىفونغا ئۇزىتىلغان قولى ئوغلىنىڭ يەنە بىر زەھەر گەپلىرىنى ئاڭلاپ ،ھۇشىدىن كېتىشىدىن ئەنسىرىگەندەك ئىتتىكلا تېلىفوندىن تارتىلدى.نىساخان ئانا شۇنداق ھەسرەتلىك كۆز يېشى ئىچىدە ئوغلى ئەركىننىڭ كىچىك ۋاقتىدىىك ئوماق ھالىتى، چۈچۈك تىللىرى، ئالى مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان ۋاقىتلاردىكى تىرىشچانلىقى، كۆيۈمچانىلىقى،ئالى مەكتەپنى پۈتتۈرپ خىزمەتكە قاتنىشىپ نى كۈندە ئارزىگۈل بىلەن تونۇشتى ،شۇ كۈندىن باشلاپ مىجەزىنىڭ ئۆزگەرگەنلىكى،توي قىلىشتىن بۇرۇن <<ئايرىم ئۆي ئالىمەن>> دەپ جىدەل قىلىپ يۈرۈپ ، ئەر -ئايال ئىككىسىنىڭ يىغىپ قويغان پۇللىرىنى ئۆزى ئالماقچى بولغان ئۆيگە تاپشۇرغانلىقىنى ،<<توينى ئارزىگۈلنىڭ دېگىنى بويىچە ئۆتكۈزىمەن >> دەپ، ئۆينى قۇرۇقداپ ،ھەتتا قەرز قىلىپ قويغانلىقى،<< تويدىكى قەرزلەرنى تۆلەيمىز >>دەپ رەھمەتلىك يولدىشىنىڭ تۈزۈكرەك داۋالىنالماي ، ئۇ ئالەمگە كەتكەنلىكى، ھەتتا رەھمەتلىك يولدىشى تۈگەپ كەتكەندىن كېيىن، دادىسىغا بېرىلگەن دەپنە پۇللىرى بىلەن 20 ئايلىق مۇئاشىنىمۇ ئوغلى ئەركىننىڭ ئېلىۋېلىپ ، ئۆزىگە ھەم ئاكا -ئاچىسىغا بىر تىيىنمۇ بەرمىگەنلىكى ....قاتارلىق ئىشلار خىيالىغا كېچىۋېلىپ<< مېھرىبان اللاھ، ئوغلۇمغا ئىنسھاپ -دىيانەت، مېھرى -ۋاپا ،كۆيۈم ئاتا قىل.....>>دەپ ،ھېقىقداپ يىغلاپ كارۋات قېشىدىلا يۈكۈنۈپ ئولتۇرۇپ دۇئا قىلدى، دۇئا قىلغانسېرى ئاچچىق يىغا ئىچ- ئىچىدىن ئۆرلەپ چىقتى، بارا -بارا نەپسى سىقىلىشقا باشلىغان نىساخان ئانا ئۆزىنىڭ بولالالمايۋاتقانلىقىن ھېس قىلىپ، ئىنجىقلىغىنىچە ئورنىدىن تۇرۇپ ،يۈرەك دورىسىغا قولىنى سۇندى، سۇندىيۇ قولى دورىغا يەتمەي يىقىلدى. دادىسىنىڭ يەتتە نەزىرىنى تۈگىتىپ قايتىپ كەلگەن تۇرسۇنگۈل نەرسە -كېرەكلىرىنى ئۆيگە ئەكىرىۋېتىپلا ، يولدىشىغا : - مەن نىساخان ئاچامنى كۆرۈپ چىقاي، بىچارە قانداقراق ئولتۇردىكىن؟ -دېدى-دە ،نىساخان ئانىنىڭ ئۆيىگە چىقىپ كەتتى.ئىشىكنى خېلى ئۇزۇنغىچە قېقىپ، ھېچقانداق تىۋىشنى ئاڭلىمىغاندىن كېيىن كۆڭلىدە << ئوغلى ئەركىننىڭ ئىنسابى كېلىپ ئاپىسىنى ئۆيىگە ياكى دوختۇرخانىغا ئېلىپ كەتكەن ئوخشايدۇ>> دەپ ئويلىغان تۇرسۇنگۈل ئارقىسىغا يېنىپ ئۆيىگە كىرىپ، نىساخان ئانىنىڭ ئۆيىنىڭ ئۆزىگە بەرگەن ئاچقۇچىنى ئېلىپ چىقىپ ئىشىكنى ئاچتى. ئايالىنىڭ ئەنسىز ھالدا توۋلىغان ئاۋازىنى ئاڭلىغان تۇرسۇنگۈلنىڭ يولدىشى يۈگۈرگىنىچە ئۆيگە كىرىپ، نىساخان ئانىنىڭ كارۋاتنىڭ قېشىدا دۈم ياتقىنىنى كۆردى-دە، دەرھال ئالدى بىلەن ئەركىنگە ،ئارقىدىن جىددىي قۇتقۇزۇشقا تېلىفون قىلدى.ئەركىن ئانىسىنىڭ ئۆيىگە كىرگەن ۋاقىتتا ،جىددى قۇتقۇزۇش خادىملىرى ئانىسىنى تەكشۈرىۋاتاتتى، ئۇنىڭغىچە تۇرسۇنگۈلنىڭ يىغا ئاۋازىنى ئاڭلىغان خۇلۇم -خوشنىلىرى بىردىن -ئىككىدىن يىغىلىشقا باشلىدى.جىددى قۇتقۇزۇش خادىملىرى تەكشۈرۈشنى تۈگەتكەندىن كېيىن << تۆنۈگۈن كۈندۈز سائەت ئىككى -ئۈچلەر ئەتراپىدا جان ئۈزگەن>>دەپ يەكۈن چىقاردى. تۇرسۇنگۈل ،ئۇنىڭ يولدىشى ۋە خۇلۇم -خوشنىلىرىنىڭ نەپرەتلىك كۆزلىرى ئاستىدا ، تۆنۈگۈندىن بېرى ئاپىسىغا بىر قېتىممۇ تېلىفون قىلىپ قويمىغان ياكى << ئاپا ، قانداقراق ئەھۋالىڭ ؟>>دەپ يوقلاپ كېلىپمۇ قويمىغان ئەركىننىڭ بېشى گۇناھكارلارچە پەسكە ئېگىلدى. << ئاپا، ۋاپاسىز ئوغلۇڭنى كەچۈر ،ئىنساپسىز ئوغلۇڭنى كەچۈر .....>>دەپ ئاپىسىغا ئېسىلىپ يىغلاۋاتقان ئەركىننى ،تۇرسۇنگۈلنىڭ يولدىشى قوپاللىق بىلەن تارتىپ: - بولدى يىغلىمىغىن ئەمدى، << تىرىكلىكىمدە ئەتمىدىڭ ياد، ئۆلگىنىمدە چەكمىگىن پەرياد>>دەپ ، يىغلىساڭمۇ ئورنىغا كەلمەيدۇ، ئاكاڭغا، ئاچاڭغا ۋە باشقا ئۇرۇق -تۇققانلارغا خەۋەر قىل....،-دېدى.پۇشايمان ياشلىرى تۆكىۋاتقان ئەركىن ھېقىقداپ يىغلىغىنىچە ئاكىسىغا، ئاچىسىغا ۋە باشقا ئۇرۇق -تۇققانلىرىغا ئاپىسىنىڭ ئۆلىمىنى خەۋەر قىلىش ئۈچۈن تېلىفوننى ئالدى |
كۆرۈلۈشى:380 | قوشۇلغان ۋاقتى:2010-3-27 19:35:59 | يوللىغۇچى ئەزا:askar124 |
|
| | بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يوللانمىدى ، سىزنىڭ تۇنجى ئىنكاس يوللىغۇچى بولىشىڭىزنى قارشى ئالىمىز ! |
سىرلىقلىقىڭىزنى.. | چاچ چۈشۈشنى كەلت.. | ھەددىدىن زىيادە .. | سەۋزە ئۆپكىنى ئا.. | مېۋە پوستى بىلەن.. | دۇنيادىكى ئەڭ تو.. | ئاياللارنىڭ جورا.. | «ئەر-خوتۇنلار ئو.. | ئەر -ئاياللار ھەق.. | ھازىرنىڭ ئۆزى بە.. | تەنھالىق ئىنسانغ.. | ساپما كەشنىڭ زىي.. | |
|
|
|
|