Article Center - ماقالە مەركىزى - سىنى چۇقۇم تاپىمەن
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:قىشتا يىسە پايدا قىلىدىغان 3 خىل يىمەكلىك
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:ئۇلۇغ قۇربان ھېيىتنىڭ كېلىپ چىقىشىنى بىلىۋېلىڭ!
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:نېمە ئۈچۈن ئاياللار توڭغاق كېلىدىغانلىقىنى بىلەمسىز
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:ئۇخلاشتىن بۇرۇن يىيىشكە بولمايدىغان يەتتە خىل يېمەكلىك
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:ئاچچىق ئانار ئىچ سۈرۈشنى توختىتىدۇ
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:ساغلاملىق يېمەكلىكى ــ قوناق ئۇنى
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:ئاياللارغا پايدىلىق ئۈچ خىل خۇش پۇراق
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:تاماكا چېكىش ئوزۇقلۇقلارنىڭ قوبۇل قىلىنىشىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ
 

تېمىسى مەزمۇنى باھا
 

ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:ئۈزۈك تاقىغان ئورۇنغا مىكروبلار ئوڭاي يۇشۇرۇنۇۋالىدۇ
ئۈزۈك تاقىغان ئورۇنغا..
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:يازدا ئاياللاردا دائىم كۆرۈلىدىغان پىسخىكىلىق كېسەللىكلەر
يازدا ئاياللاردا دائى..
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:خانىم – قىزلار كۈندە ئۈچ قېتىم قاقاقلاپ كۈلۈپ بېرىش كېرەك
خانىم – قىزلار كۈندە ئۈ..
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:تاماقتىن كېيىن قىلىشقا بولمايدىغان يەتتە ئىش
تاماقتىن كېيىن قىلىشق..
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:دېھقان
دېھقان
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:ئەرلەر قىلىشنى ئەڭ خالايدىغان 9 خىل خىزمەت
ئەرلەر قىلىشنى ئەڭ خال..
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:ئەنگىلىيەدە ئەر-ئاياللار بىر يىلدا 312 قېتىم ئۇرۇشىدىكەن
ئەنگىلىيەدە ئەر-ئايال..
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:كۆز قاپىقىنىڭ بىشارىتىگە سەل قارىماڭ
كۆز قاپىقىنىڭ بىشارىت..
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:ئەڭ ياخشى ياش باسقۇچى
ئەڭ ياخشى ياش باسقۇچى
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:سەۋزىنى كۆپ يەپ بەرسە ، ئۆپكە راكىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ
سەۋزىنى كۆپ يەپ بەرسە ..
 
 

    


سىنى چۇقۇم تاپىمەن

ئەكپەر بىلەن كۆرۈشمىگىلى بىر ئايدىن ئاشتى.تېلفۇنىغا تىلغۇن قىلسام،تېلفۇنى توختىۋېتىپتۇ، ئىجارە ئالغان ئۆيىگە بارسام،كۆچۈپ كېتىپتۇ.دوستى ئالىمدىن سورىسام<<ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشمىگىلى ئىككى ئايدىن ئاشتى،شۇڭا نەگە كەتكەنلىكىدىن خەۋرىم يوق.>>دىگەن جاۋاپ بىلەن پەقەت خەۋىرىنى ئالالمىدىم.ھېچ ئەقلىم يەتمەيدۇ،زادى نىمە ئىش بولغاندۇ؟مەندىن بىرەر سەۋەنلىك ئۆتكەنمىدۇ؟ ياق،ئويلاپ باقسام ئۇنىڭ زىتىگە كەلگۈدەك بىرەر ئېغىز گەپ-سۆز قىلغىنىم يادىمدا يوق...
توۋا،نىمە ئىشتۇ؟!يۈرۈگۈم ئەنسىز سوقۇپ،قاۋىقىم تارتىپ كىتۋاتىدىغۇ؟تېخى بۇ ئاز كەلگەندەك،تاڭ سەھەر ئۇپۇق قىزارغان،قۇياش چىقىش ئالدىدا تۇرغان ياز پەسلىنىڭ دەل بۈگۈنكىدەك شەنبە دەم ئېلىش كۈنۈمدە،ئەكپەر بىلەن كۆرۈشەلمەي ئىچىم پۇشۇپ تىتىلداپ تۇرسام،ئەتىگەندىلا بالكونغا قۇشقاچ كىلىپ ۋىچىرلاپ قۇلاق-مىڭەمنى يەپ،مېنى تېخىمۇ تىرىكتۈرگىلى تۇردىغۇ؟!<<چوقۇم شۇم خەۋەر ئېلىپ كەلدى.ھەي،مېنىڭ مۇشۇ ئاغزىمدىن بىرەر ئېغىز ياخشى گەپ چىقمايدۇ.نىمىلا بولسا ئاۋۇ ئەبلەخ قۇشقاچنى قوغلىۋېتەيچۇ!>>...مەن جەھلىم تۇتۇپ قۇلۇمدىكى نىمىكىنتاڭ،بىر نەرسىنى بالكونغا قارىتىپ بىرنى ئاتتىم.قۇشقاچقۇ ئۇچۇپ كەتتى،ئەمما،تاراڭىدە بالكوننىڭ ئەينىكىمۇ چېقىلىپ كەتتى.بىز ئولتۇرغان ئۆي بىرىنىچى قەۋەتتە بولغاچقا،ئۇدۇل قۇشنىمىز رابىيە ھەدەمنىڭ ئاۋازى سىرتىن ئاڭلاندى.
-ۋاي-ۋۇي،دىلنۇر.نىمە بولدى؟يەنە ئىنىڭىز بىلەن ئۇرۇشۋاتامسىز؟ھا ھا ھا ...
دىمىسىمۇ كۈندە ئىنىم بىلەن چاقچاقلىشىپ،ئۇرۇشۇپ تۇراتتىم.شۇنىڭ بىلەن قۇلۇمغا نىمە چىقسا شۇنى بالكونغا ئاتاتىم.بۇ مىجەزىمنى قوشنىلارنىڭ ھەممىسى بىلىپ كەتكەن ئىدى.ئۇلار بىز ئاچا-ئىنى ئىككىمىزگە<<بىر جۈپ تەپكەك توخولار>>دەپ ئات قويۋالغان ئىدى.
-دىڭ-داڭ،دىڭ-داڭ-ئىشىك قۇڭغۇرىقى چېلىندى.
مەن چاققانلىق بىلەن ئىشىكنى ئاچتىم.بىراق،بايا بالكونغا قارىتىپ ئاتقان نەرسەم،يولدا كېتۋاتقان بىرەسىنىڭ بېشىغا چۈشۈپ،مەن بىلەن ئۇرۇشقىلى چىقتىمىكىن دىگەن قورقۇنۇشۇممۇ بار ئىدى.
-ياخشىمۇسىز ھەدە؟سىزنىڭ خېتىڭىز.-پوچتىكەش بالا ئالدىمدا تۇراتتى.
-ھە،ئۆي،،،،،ئۆيگە كىرىڭ ئۇكام.جاپا چىكىپسىز،ئۇسسۇزلۇق ئىچۋېلىڭ.-مەن خەتنى ئېلىپ ئۇنى ئۆيگە تەكلىپ قىلدىم.باياقى قورقۇنۇشۇممۇ نەلەرگىدۇر غايىپ بولدى.
-رەھمەت.خوش ھەدە.
مەن پۇچتىكەش بالىنى ئۇزۇتۇپ قويۇپ،ئىشىكنى يېپۋاتتىم. ئاللىبۇرۇن خەتنىڭ ئەكپەردىن كەلگەنلىكىنى پەرەز قىلىپ،قەلبىم ھاياجان تۇيغۇسىغا چۆمۈلگەن ئىدى.<<ھەنىم بولسا مېنى ئۇنتۇپ قالماپتۇ،ئۇنىڭ يۈرۈگىدە مەن بار ئىكەنمەن.>>.مەن خوشاللىقىمدا،قىممەت باھالىق گۆھەر تېپۋالغاندەك خەتنى ئاچتىم.
ئەسسالاممۇئەلەيكۇم:
ئەقىدەمنى،پاك مۇھەببىتىمنى چىن دىلىمدىن بەرگەن،پەرىشتە سۈپەت ھەم قىزىلگۈلۈم دىلنۇر ياخشىمۇسىز؟كۈنلىرىڭىز خوشال ئۆتۋاتامدۇ؟ئىشلىرىڭىز ئۇتۇقلۇقمۇ؟خىزمەت ئىشلىرىڭىزچۇ؟....ئىشقىلىپ،ھەممە ئىشىڭىزنىڭ ئۇتۇقلۇق، نەتىجىلىك بولۇشىنى ئۇلۇغ ئاللاھدىن تىلەيمەن.
سىز بەلكىم،بىر ئاي ئىلگىركى جىممىدە،بىر ئېغىزمۇ گەپ قىلماي يۇقاپ كېتىشىمدىن ھەيران قالغانسىز؟قەلبىڭىزدە ماڭا بولغان ئۆچمەنلىكنىڭ،يىرگىنىشنىڭ،نەپرەت-غەزەپنىڭ يالقۇنلۇق ئوت ئۇچقۇنلىرى چاقناۋاتقاندۇ؟!تېخى،مىنى ھېلقى مۇھەببەتنى ئۇيۇن چاغلاپ كۆڭلى نازۇك قىزلىرىمىزنىڭ ئاجىز يۈرۈگىگە ئازار بېرىدىغان شاللاق،غۇرورى،ۋىجدانى يوق يىگىتلىرىمىزنىڭ قاتارىغا كۈرگۈزۋاتقانسىز؟! ...ئەلۋەتتە،بۇنىسى ئېنىق.بىراق،سەۋەپسىز ئىش بولمايدۇ دىلنۇر.قايسى بىر دانا كىشلىرىمىز<<شامال چىقمىسا،دەرەخ لىڭىشمايدۇ.سەۋەپسىز قىل تەۋرىمەيدۇ.>>دەپ ناھايتتى توغرا ئېيتقان ئىكەن.مېنىڭ جىمىدە يوقاپ كىتىشىمنىڭ مەلۇم سەۋەبى بار.بۇنى تۈۋەندىكى قۇرلارنى ئوقۇغاندىن كېيىن ھەممىنى چۈشۈنۈپ يىتىسىز.
بۇندىن ئۈچ ئاي بۇرۇن،بىر چۈشلۈكى دوستۇم ئالىم بىلەن تاماق يەۋاتاتتىم.توساتتىم تاماقنى يەپ بولۇپلا يادۇرۇشقا باشلىدىم.بۇرۇن كەيپىياتىمدا مۇنداق ئىش بۇلۇپ باقمىغاچقا ئۆزۈممۇ بەك ھەيران قالدىم.ئالىم قاتتىق قورقۇپ كېتىم مېنى دوختۇرغانىغا ئېلىپ باردى.ھازىر دوختۇرلاردا بىمارنىڭ كۆڭلۈنى ئاياش دىگەندىن ئەسەرمۇ قالماپتۇ.ئالدىمدىلا <<ئاشقازان راكى ئاخىرقى باسقۇچ>>دىمەسمۇ،كاللامدىن تۈتۈن چىقىپ كەتتى.كۆزلىرىمنى بىر قەۋەت تۇمان قاپلاپ،يەردە تىزلىنىپ ئولتۇرپ قالدىم.بۇ ۋاقىتتىكى كەيپىياتىمنى سىز تەسەۋۋۇر قىلىپ بىلەلمەيسىز.سىز ھېلقى<<جۇدۇن>>دىگەن كىنو قىلىمىنى كۆرگەنمۇ؟مېنىڭ تەغدىرممۇ،شۇ كىنو قىلىمىنىڭ يەنە بىر كۆرۈنۈش كارتىنىسى ئىدى.
ئويلاپ بېقىڭ دىلنۇر.ئۆزىنىڭ ساقايماس كىسەلگە گىرىپتار بولغانلىقىنى بىلىپ تۇرۇپ،يەنە ئۇنىڭغا باشقىلار بىلەن مۇھەببەتنىڭ،سۆيگۈنىڭ دېڭىز ئوكيانلىرىدا،شېرىن كوچا-دوقمۇشلىرىدا لەيلەپ يۈرۈشكە پۇرسەت بۇلامدۇ؟!بۇلۇشنىغۇ بۇلىدۇ،لېكىن ئۆزى سۆيگەن مەلكە سۈپەت پەرىشىنىڭ قەلبىنىمۇ ئازاپقا تولدۇرۇپ،پىغان دەرياسىغا غەرىق قىلىپ تۈگەشتۈرۋېتىدۇ.كىممۇ ئۆزى سۆيگەن دىلبىرىنىڭ كۆڭلىنى ئازاپلاشنى خالايدۇ دەيسىز.بۇنىڭغا ھەقىقى ئىنسان دەپ ئاتالغان بەندلارنىڭ كۆڭلى ئۇنمايدۇ ئەلۋەتتە.مەن سىزدىن يۇشۇرۇپ،ئىككى ئاي سىزنىڭ ئالىڭىزدا ھېچنىمە بولمىغاندەك قىياپەتتە يۈرۈشكە تىرىشتىم.بۇنىڭ ھەممىسى سىزدىن قانداق يىراقلىشىشنى بىلەلمىگەنلىكىم سەۋەپ ئىدى.سىز تور يازغۇچىسى ئەزىز ئىمىر يانغىننىڭ<<مۇز تۇتقان يۈرەك>>دىگەن ئاۋازلىق ئەسرىنى ئاڭلىغان بۇلۇشىڭىز مۇمكىن.توۋا،ئۇ ئەسەردىكى پىرسۇناژنىڭمۇ ئىسمى ئەكپەر ئىدى-ھە!قىزىق.مەن سىزنىڭ ئەسەردىكى خالئايدەك ئۆزىڭىزنى تاشلاپ ئۆز بەختىڭىزنى نابۇت قىلىشىڭىزنى زىنھار خالىمايمەن.
مەن ئالىمغا كىسلىمنى سىزگە دىمەسلىكنى ئۆتۈنۈپ،ئۇنى مىڭ تەسلىكتە قايىل قىلدىم.ئىجارە ئالغان ئۆيۈمنى قايتۇرۇپ،بۇ شەھەردىن بەكمۇ يىراق بولغان بىر دوختۇرخانىدا ۋاقىتلىق جېىنىمنى ساقلاپ تۇرماقتىمەن.بىلىسىز،مېنىڭ يا ئانام،يا دادام،يا ئاكام-ئاچام،ئىنى-سىڭلىممۇ يوق.دىمەك،سىزدىن باشقا بۇ دۇنيادا تارتۇشقۇدەك ھېچنىمەم يوق.بىراق،مەن بۇ دۇنيادىن كېتىشتىن قورقمايمەن. چۈنكى،قېرى بولساقمۇ،ياش بولساقمۇ  قاچانلا بولسا بىرلا ئۆلۈم.پەقەت بىرلا ئىشتىن يەنى ئۆزۈڭىزنى تاشلىۋېتىشىڭىزدىن ئەنسىرەيمەن.مەيلى سىز ئىشىنىڭ،ئىشەنمەڭ سىزگە ۋەسيىتىم شۇ.
ئاقكۆڭۈل بۇلۇڭ،نادان بولماڭ.سىزغۇ بىر پەرىشتە قىز.شۇڭا سىزنى شەيتان سۈپەت مەلئۇنلارنىڭ ئالداپ كېتىپ يامان يولغا ئەكىرىپ كېتىشىدىن ئەنسىرەيمەن.سىزگە ۋاپادار،غۇرۇرلۇق ئەركەكلەرنىڭ ئۇچراپ قېلىشىنى ئاللاھدىن تىلەيمەن.
يەنە بىر ئىش.كۈلۈپ ياشاڭ،دۇنياغا ھەر دائىم مۇھەببەتلىك قاراڭ.
خەير-خوش خەتنى مۇشۇ يەدردە ئاخىرلاشتۇراي.بەخىتلىك بۇلۇڭ!!!
سىزنى مەڭگۈ سۆيۈپ:
=======ئەكپەردىن
ئۇنىڭ خېتىنى يېنىش-يېنىشلاپ ئوقۇماقتىمەن.ھەر بىر دانە-دانە قىلىپ يېزىلغان ئۈنچىدەك قۇرلارنى ئوقۇغىنىمدا،قەلبىم،پۈتۈن بەدىنىم بەزگەك كىسىلى تەگكەن ئادەملەردەك تىتىرمەكتە.كۆزلىرىمدىن سۈپسۈزۈك ياشلار يۈزلۈرىمگە دومىلاپ چۈشۈپ نەلەرگىدۇر غايىپ بولماقتا.قوللىرىم تەسۋىرلىگۈسىز ھاياجان دەستىدىن تىتىرمەكتە.
مانا،خەتنىمۇ ئوقۇپ بولدۇم.ئىختىيارسىز ئۆز-ئۆزۈمگە پىچىرلىماقتىمەن...مەن ئۇنى تاپىمەن،چوقۇم تاپىمەن.ئۇنىڭغا قەلبىمدىكى يۈرەك سۆزلىرىم بولغان مۇنۇ گەپلەرنى دەيمەن.
راست،سېنىڭ كۈجۈم-كۈجۈم قەبرىستانلىقتىن ئورۇن ئېلىشىڭنى خالىمايمەن.چۈنكى،يىراقلارغا كەتكەنلەر كىلىدىكەن،بىراق،يەتتە كەتمەن تۇپىنى يىگەن ئادەم كەلمەيدىكەن.ئەمما،جان ئالغۇچى ئەزرايىل،ئۆتكۈر قېلىچىنى ئىگىز كۈتۈرۈپ جان ئالغىلى كەلگەندە ئاجىز بەندىنىڭ نىمە ئامالى بولسۇن!نىمە دىگەن توغرا ئېيتىلغان سۆز-ھە!<<دۇنياغا تەۋەللۇت بولغىنىمىزنىڭ ئۆزى ئۆلگۈنىمىز.>>.
مەن <<ئۆلۈم>>دىگەن سۆزنى ئويلىغىنىمدا،كىچىكىمدە ئاپام باققان توخونىڭ چۈجىلىرى ئىسىمگە كىلىدۇ.چۈنكى،ھازىرلا چۇكۇلداپ ئويناۋاتقان چۈجىلەر،كىسەل تەككەنمۇ ئەيتاۋۇر شۈمشىيىپلا ئۆلۈپ قالاتتى.تىرەكلەرنىڭ،دەرەخلەرنىڭ تۈۋىنى كولاپلا كۈمۋېتەتتۇق.مېنىڭ نەزرىمدىكى ئۆلۈم،ئاشۇنداق چۈجىنىڭ ئۆلۈپ قېلىشىدەك ئاددى ئىدى.
مەن ھېس قىلدىم ھەم بېشىمدىن ئۆتكۈزدۈم.دۇنيادىكى ئىنساننىڭ ئۆلۈمى نەقەدەر قايغۇلۇق، قورقۇنۇچلۇق-ھە!
ھازىرلا بىر-بىرى بىلەن چاقچاقلىشىپ،بىر قازاننىڭ ئېشىنى يەپ،بىر ئانىدىن تۇغۇلۇپ،بىر-بىرنىڭ مىھر-مۇھەببىتىدىن تەڭ بەھرىمان بولغان قېرىنداشلار،پۈتۈن ۋۇجۇدىكى مىھرىنى بالىلارغا بېغىشلاپ،بالام دەپ بىر ئۆمۈر جاپا تارتىپ تاماسىز كەتكەن ئاتا-ئانىلار،بىزنى داغدا قالدۇرۇپ،بۇ دۇنيادىن ۋىدالاشسا ئۆزۈڭنى سايدا ئۆسكەن بىر تال يىگانە تىكەندەك ھېس قىلىسەن ئەلۋەتتە.ئۆلۈك چۈجىنى كۈلۈپ تۇرۇپ كۈمۈپ قويىدىكەنمىز،توۋا ئادەمنى يىغلاپ تۇرۇپ يەرلىككە قويىدىكەنمىز.

ئۆلگەن چۈجىدەك ئەمەسكەن ئاددى،
ئىنسان يەتتە كەتمەن تۇپا يىگەندە.
مونچاقتەك ياشلاردىن دىللاردا ماتەم،
خەير-خوش ئەلۋىدا ھايات دىگەندە.


قەلىبلەردىكى مۇھەببەت سۆيگۈ ئاجايىپ بۇلدىكەن.بىر جۈپ يۈرەكنىڭ ياخشى كۆرۈشى،سېھىرلىك ئۈزۈلمەس رېشتىنىڭ مەڭگۈ بىر بۇلىشى نەقەدەر مۇقەددەس-ھە!سەكراتقا چۈشكەن ئاشىقىدىن ۋەسىيەتنامە ئاڭلاش نەقەدەر قاباھەتلىك-ھە!بىر جۈپ ئېچىلغان قىزىل ئەتتىرگۈلگە سوغوق ئېقىم تىگىپ سولاشتۇرۇپ قويغاندەك...
ماڭا ۋەسيەتنامە ئاڭلاتما!سەن مەندىن ئاڭلا،،،،،،،،ياق،ئىككەيلەنلا بىر-بىرىمىزدىن ئاڭلىمايلى.ئۆلسەك تەڭ ئۈلەيلى.

ۋەسىيەت خېتىڭنى قالدۇرما ماڭا،
بىر يۇمران باغرىمنى قىلمىسۇن تىتما.
مۇھەببەت ئەقىدەم باغلاندى ساڭا،
مېنىڭدىن مىنۇتلاپ زادى ئايرىلما.

سەن بولغاچ يۈرەكتە سۆيگۈ ۋىسالى،
سېزىمەن ھاياجان پەرى مىسالى.
پەرۋازىم كۈندە بۇلار قۇت بايرام،
نەقەدەر جەڭگىۋار دۇنيانىڭ ھالى
.

سەنسىز قەلبىمدە بولمايدۇ كۈلكە،
ئوخشايمەن يىگانە سولاشقان گۈلگە.
تۇرمۇشۇم،ھاياتىم غېرىبان كۈلبە،
مەھكۇممەن تەنھالىق باسقان شۇ چۆلگە

         كۆرۈلۈشى:430     قوشۇلغان ۋاقتى:2010-3-27 19:33:52يوللىغۇچى ئەزا:askar124

    
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يوللانمىدى ، سىزنىڭ تۇنجى ئىنكاس يوللىغۇچى بولىشىڭىزنى قارشى ئالىمىز !

ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:سىرلىقلىقىڭىزنى يوقاتماڭ
سىرلىقلىقىڭىزنى..
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:چاچ چۈشۈشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئامىللار
چاچ چۈشۈشنى كەلت..
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:ھەددىدىن زىيادە رومانتىكلىقمۇ كىشىنى بىزار قىلىدۇ
ھەددىدىن زىيادە ..
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:سەۋزە ئۆپكىنى ئاسرايدۇ
سەۋزە ئۆپكىنى ئا..
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:مېۋە پوستى بىلەن...
مېۋە پوستى بىلەن..
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:دۇنيادىكى ئەڭ توغرا پىسخېكا سىنىقى
دۇنيادىكى ئەڭ تو..
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:ئاياللارنىڭ جورا تاللاشتىكى يېڭى چارىسى
ئاياللارنىڭ جورا..
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:«ئەر-خوتۇنلار ئوخشىشىپ كېتىدۇ» نىڭ ھەقىقىي سىرى
«ئەر-خوتۇنلار ئو..
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:ئەر -ئاياللار ھەققىدە قىزىقارلىق پاراڭلار
ئەر -ئاياللار ھەق..
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:ھازىرنىڭ ئۆزى بەخىت
ھازىرنىڭ ئۆزى بە..
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:تەنھالىق ئىنسانغا نىسبەتەن‹‹يۇشۇرۇن قاتىل ››ئىكەن
تەنھالىق ئىنسانغ..
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:ساپما كەشنىڭ زىيىنى تولا
ساپما كەشنىڭ زىي..

ئالدىنقى ماقالە:ئاي كۇلگەن كېچە
كېيىنكى ماقالە:غېرىپ ئاننىڭ ئۆلىمى
{ كۆچۈرۈش } { بېسىپ چىقىرىش }
 
بۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭ

شىرىنىم ئەسەر سەھىپىسى (2010 - 4 - 16)  新ICP备10001556号