|
ئۈزۈك تاقىغان ئورۇنغا.. | يازدا ئاياللاردا دائى.. | خانىم – قىزلار كۈندە ئۈ.. | تاماقتىن كېيىن قىلىشق.. | دېھقان | ئەرلەر قىلىشنى ئەڭ خال.. | ئەنگىلىيەدە ئەر-ئايال.. | كۆز قاپىقىنىڭ بىشارىت.. | ئەڭ ياخشى ياش باسقۇچى | سەۋزىنى كۆپ يەپ بەرسە .. | |
|
|
|
|
|
| |
|
ئۇ ئادەملەر توپىدا بىر قەدەم-بىر قەدەم ئېلىپ ماڭماقتا، ھايات ئۇنىڭ ئۈچۈن ئەمدى تولىمۇ مەنىسىز، ئۇ ئۆزى ئۈچۈن ئەڭ قىممەتلىك نەرسىسىدىن ئايرىلدى. كەچمۇ كىردى، ئۇ تولىمۇ ھارغان ئىدى، ئۇ قەدەملىرىنى توختىتىپ يەردە ئولتۇرۇپ قالدى، يۇم-يۇم يىغلىدى، ھىچكىمنىڭ ئۇنىڭ بىلەن كارى بولمىدى... تۇيۇقسىز شۇنداق بىر قول ئۇنىڭ بېشىنى ئاستا سىيلاپ تۇرۇپ:"قىزىم، سىزگە بىر ئىش بولدىمۇ قانداق؟"دەپ سورىدى. ئاينۇر بېشىنى ئاستا كۆتۈردى، قارىسا ياشانغان بىر مىھرى ئىسسىق موماي ئىكەن.بۇ موماي ئۇنىڭ ئۆز مومىسىغا بەكمۇ ئوخشايدىكەن.ئاينۇر ئۆزىنى تۇتىۋالالماي،تېخىمۇ قاتتىق يىغلاپ كەتتى.موماي ئۇنى ئاستا يۆلەپ تۇرغۇزۇپ ئۆيىگە ئاپاردى. موماي چاي دەملىدى. ئاينۇر بولغان ھەممە ئىشلارنى بۇ مومايغا سۆزلەپ بەردى. موماي بولغان ئىشلارغا ئۆكۈنۈپ يىغلاپ تۇرۇپ:"بىچچارە قىزىم، بوپتۇ بۇمۇ تەغدىر، مىنىڭ باشقا بالام يوق، بىر ئوغلۇم بولسا دائىم ئۆيگە كىرمەيدۇ. مەن مەھەللىدە كىچىك بىر تۇرمۇش بۇيۇملىرى دۇكىنى ئاچىمەن. سىز ئەمدى مەن بىلەن بىللە تۇرۇپ، شۇ دۇكاننى سىز ئېچىڭ، مەنمۇ ياشىنىپ قالدىم.ماغدۇرۇم يوق. يالغۇزلۇق تارتىپ كەتتىم. ماڭا ھەمرا بولغىدەك باشقا ئادەم بولمىسىمۇ بولمايدۇ"دىدى. ئاينۇر مىھرىبان ئايىمخان موماينىڭ باغرىغا ئۆزىنى ئاتتى.ئايىمخان موماي ئاينۇرغا نۇرغۇن نەسىھەت قىلىپ رىغبەتلەندۈردى.ھايات يولىنى قايتا باشلاشقا، ھەرگىزمۇ ئەخمىقانە ئىشلارنى ئويلىماسلىققا تەربىيە قىلدى. شۇنداق قىلىپ ئاينۇر ئايىمخان موماينىڭ ئۆيىدە تۇردى. ئايىمخان مومايغا ئۆي ئىشلىرىنى قىلىپ، كىر-قاتلىرىنى يۇيۇپ، تاماق ئىتىپ بىرەتتى، ئاندىن دۇكانغا قارايتتى.ئايىمخان مومايمۇ ئاينۇردىن بەكمۇ رازى بولدى، ئۇنىڭ ئىشچانلىقىدىن سۆيۈندى، ئۇنى ئۆز قىزىدەك ئامراق كۆرەتتى.ئاينۇرمۇ شۇنداق ئىدى. كىيىن ئاينۇر ئۆزى قىلغان لەغمەن پىلتىسى، ھەرخىل خېمىر ھەم كەسكەن چۆپلەرنى دۇكانغا سالدى. ئالدىرغان كادىر-ئىشچىلار دۇكاندىن تەييار خېمىر ھەم كەسكەن چۆپلەرنى تولا ئالىدىغان بۇلۇپ، بازىرى چىقتى. بۇنىڭدىن مومايمۇ شۇنداق خوشال بولدى، كىچىك ماگىزىندىن نۇرغۇن كىرىم كىردى. ئۇلار كۈنلىرىنى خاتىرجەم ئۆتكۈزىۋاتاتتى. ئاينۇرمۇ بۇرۇنقى ئىشلارنى بارا-بارا ئۇنتۇپ كەتتى. بىر كۈنى ئىشىكنى بىرسى شۇنداق سەت چەكتى.ئاينۇر بېرىپ ئىشىكنى ئاچسا، 24-25ياشلار چاممىسىكى ناتۇنۇش بىر يىگىت :"ۋوي ۋوي خاتا كىرمىگەندىمەن؟ بىزنىڭ ئۆيمۇ يا بۇ؟ شۇ ئىكەنغۇ، سىز كىمۇ يي خان؟"دەپ سورىغاچ ئۆيگە كىردى. ئاينۇرمۇ ھەيران بۇلۇپ؛"سىز ئۆزىڭىز كىم؟"دەم سورىدى.بۇ يىگىت:"مەن شۇ مۇشۇ ئۆينىڭ خوجايىنىغۇ. موماي يوقما ئۆيدە؟"دىدى. "كىمكەن كىرگەن قىزىم؟"دەپ ئىچكىركى ئۆيدىن چىققاچ سورىدى ئايىمخان موماي ھەم جايىدا تۇرۇپلا قالدى :"ئۆي ئىسىڭدە بار ئىكەن ھە. كەلدىڭمۇ؟ ھە قىزىم ئاينۇر مانا بۇ مەن سىزگە گىپىنى قىلىپ بەرگەن ئوغلۇم. ئىسمى جۈرئەت بولىدۇ."دىدى.ئاينۇر جۈرئەتكە قاراپ بېشىنى لىڭشىتىپ كۈلدى. جۈرئەت:"ئاپا، كىمۇ بۇ خان؟ ھەجەپ كۆزنىڭ يېغىنى يىگۈدەك گۈزەل ئىكەن دىسە.بىزنىڭ ئۆيدە تۇرامدۇ بۇ خان؟"دەپ ھىجايدى. ئايىمخان موماي ئاچچىقلاپ:"تىلىڭنى تارت، سەت چاق-چاق قىلغۇچى بولما. ئىسمى ئاينۇر، سەندەك ۋاپاسىز ئوغلۇم باقمىغان قېرى ئايالنى مۇنۇ پەرىشتىدەك قىزىم ئۆز كۆرۈپ باقتى."دىدى. جۈرئەت ئەسلى ئاق چىكىشنى ئۆگىنىۋالغان ئىدى.ئۇ ئۆيدىكى پۇللارنى ھەم پۇلغا يارىغىدەكلا نەرسىلەرنى ئېچىقىپ ساتتى. ئاينۇر ئۇنى شۇنچە توسسىمۇ، ئاينۇرنى ئىتتىرۋىتىپ چىقىپ كىتەتتى.جاھاننىڭ ھىچقانچە خوۋلىقىنى كۆرمىگەن بۇ بىچچارە جاپاكەش ئاجىز ئايىمخان موماي، ئوغلىنىڭ قىلغان پەس ئىشلىرىغا تولا يىغلاپ، تولا ئاچچىق يۇتۇپ، يۇشۇرۇن يۈرەك سانجىقى تۇيۇقسىز قوزغىلىپ قېلىپ، بۇ دۇنيادىن مەڭگۈلۈك خوشلاشتى. نەزىرنى مەھەللىدىكى جامائەت تەڭ ئۇزاتتى. جامائەت جىنازىنى يەرلىككە قويغىلى ئېلىپ ماڭغاندا،ئاينۇر يۇم-يۇم يىغلاپ كەتتى. ئاينۇر ئەمدى بىردىن-بىر باش پاناھى،يۆلەنچۈكى،ھەمراھى بولغان بۇ مومايدىنمۇ ئايرىلىپ قالغان ئىدى. جۈرئەت مومايدىن قالغان ئەڭ ئاخىرقى بۇ ئۈچ ئېغىزلىق ئۆينىمۇ سېتىۋەتتى. ئاينۇرنىڭ ئەمدى تۇرغۇدەك ماكانى قالمىدى. ئۇ باشقىلارغا يالئۇرۇپ يۈرۈپ، بىر ئاشخانىدا قاچا-قۇچا يۇيدى.ھەم مۇشۇ يەردە يېتىپ قۇپۇپ ئىشلىدى. بىر كۈنى ئاشخانىنىڭ ئەر خوجايىنى ئاينۇرنى چاقىرىپ:"سىڭلىم،بۈگۈن ھەدىڭىز ئۆيدە يوق ئىدى. باللارغا قارايدىغان ئادەم يوق. بولسا سىز بېرىپ بىرە سائەت قاراپ بەرسىڭىز، مۇئاشىڭىزنى قۇشۇپ بىرىمەن."دىدى. ئاينۇر:"بولدى، پۇل قۇشۇپ بىرىمەن دىمەڭ قاسىمكا، مەن بېرىپ قاراپ بىرەي."دىدى. ئاشخانىنىڭ خوجايىنى ئاينۇرغا يامان نىيەتتە بولغانلىقىدىن خەۋەرسىز ئاينۇر ئۆيگە كەلدى. ئەمما ئۆيدە باللار يوق، ئۇ ئەمدىلا چىقاي دەپ تۇرىشىغا ئاشخانا خوجايىنى كىرىپ كەلدى ،ھەم ئاينۇرنىڭ قانچىلىك قارشىلىق قىلغىنىغا قارىماي، ئۇنى مەجبۇرى ھالدا دەپسەندە قىلدى. "يىتىمنىڭ ئاغزى ئاشقا تەگسە، بۇرنى قاناپتۇ"دىگەن شۇ دە. ئاشخانا خوجايىنىڭ ئايالى بۇ ئىشنى بىلىپ قېلىپ، ئاينۇرغا بىر موچەن بەرمەي ھەيدىۋەتتى.ئاينۇر بۇ يەردىنمۇ مەجبۇر ھالدا ئايرىلدى. يەنە بىر قېتىم دەپسەندە بولغان ئاينۇر تولىمۇ تولىمۇ خورلۇق ھېس قىلدى. قان-قان يىغلىدى. ئۆز بەدىنىدىن ئۆزى سەسكىندى. نۇرغۇن نەرسىلەر سىغقان بۇ كەڭرى جاھاندا، بۇ بىچچارە قىز سىغقىدەك جايمۇ چىقماسمۇ؟ ئېھ، ۋاپاسىز دۇنيا، كىمگىمۇ ۋاپا قىلارسەن؟ ياخشى ئادەملەرگە راستلا كۈن يوقمىدۇ؟ ئاينۇر نىشانسىز ماڭماقتا... ئۇ ئۆلىۋىلىش نىيىتىگە كەلدى.ھەم يانچۇقىدىقى پارچە پۇللارنى يىغىپ چاشقان دورىسى سېتىۋالدى.ھەم بىر ئادەم يوق تار كوچىغا كىرىپ، ئەمدى دورىنى ئىچەي دەپ تۇرىشىغا، نەچچە ئەر كىشى ئۇنى كۆتۈرگەن پېتى ئېلىپ ماڭدى. ئاينۇر بۇ يەرگە كىلىپ بىلدىكى، بۇ پاھىشخانا ئىكەن. نىمە دىگەنمۇ شورپىشانە قىز بۇ؟ ئۇ ئامالسىزلىقتىن مەجبۇرىي ھالدا بۇ يولغا ماڭدى. بۇ يەرنىڭ خوجايىنى ئاينۇرنى بەكلا ئارزۇلايتتى. چۈنكى ئاينۇر چىرايلىق ھەم يېڭى كەلگەن بولغاچقا، ئۇنىڭ بازىرى چىقتى. بۇزۇق ئەرلەر ئۇنى دەپلە بۇ يەرگە كىلەتتى. ئاينۇرنىڭ روھى ئۆلدى. ئىلگىرى باشقىلار ئۇنى مەجبۇرىي دەپسەندە قىلغان بولسا، ھازىر ئۇ پۈتۈنلەي ئۆز مەيلىچە بولدى. ئۇ ئۆزىنى ئەمدى مەڭگۈ پاكىزلانمايدىغان مەينەت ئەخلەت كۆلچىكىگە ئوخشىتاتتى. ئۇ تاماكا چىكىشنى، ھاراق ئىچىشنى ئۆگەندى. بۇرۇن شۇنچە يۈزى تۆۋەن ئاخلاقلىق بۇ قىز ئەمدىلىكتە ئىنتايىن قىلىقسىز بىر قىزغا ئايلاندى. ئۇنىڭ ئۈچۈن ھەممە ئىشلار بەرىبىر بۇلۇپ قالدى. بىرسى ئۇنىڭغا "ھازىر ئۆلىسەن" دىسىمۇ ئۇ خىيالىدا يوق تۇرىدىغاندەك ئىدى. ھايات ئۇنىڭ ئۈچۈن ئاللىقاچان مەنىسىنى يوقاتقان. شۇڭا ئۇ ياشىسا ياشىمىسا بەرىبىر ئىدى. بۇ يەردىكى قىزلارمۇ ھەرخىل قىسمەتلەرگە دۇچار بۇلۇپ كىرگەنلەر ئىدى.بۇ يەردىكى گۈلمىرە ئىسىملىك بىر قىز ئاينۇر بىلەن يېقىن ئۆتەتتى. گۈلمىرەمۇ دادىسى-ئاپىسىدىن كىچىك يىتىم قالغاچقا، تېزلا جەمىيەتكە چىقىپ كەتكەن ئىدى. ئۇ يىگىتى بىلەن ئىچكىرگە چىقتى. باشتا يىگىتى بىر ئاشخانىدا كاۋاپچىلىق قىلدى. كىيىن ئوغۇرلۇق، قىمارنىڭ ھەممىسىنى قىلدى.كىيىن ئاق چىكىپ، خۇمارى تۇتقاندا پۇل يوق گۈلمىرەنى بىر پاھىشخانىغا سېتىۋەتتى. ئەمدىلا18 گە كىرگەن بۇ كىچىك قىزمۇ ئامالسىزلىقتىن مۇشۇ يولغا ماڭدى.يىگىتى بولسا ئاقنى كۆپ چىكىپ قېتىپ ئۆلدى. كىيىن ئىچكىردىكى خوجايىنى ئۇنى ھازىرقى خوجايىنىغا سېتىۋەتكەن ئىدى. بۇ قىزمۇ ئاق چىكەتتى. ئاينۇرمۇ ئۇنىڭدىن ئاق چىكىشنى ئۆگەندى.
ئەمدى گەپنى غەيرەتتى ئاڭلايلى: ئايقىز ئاپپاينىڭ مۇشۇ كۈنلەردە بەكلا مىجەزى يوق، بوشاپ كەتكەن ئىدى. ئۇ بىر كۈنى غەيرەتكە:"بالام،مىنىڭ كېسىلىم ئۆزەمگە ئايان، بولسا بالدۇراق ئۆيلىنىۋالساڭ، مەن سىنىڭ تويۇڭنى كۆرۈپ بولسىمۇ كەتسەم ئارمىنىم يوق ئىدى.تۇققىنىمىزنىڭ قىزى نىگارە بەكمۇ ياخشى چوڭ بولغان قىز. ئۆزى مۇئەللىم، يۈزى بەك تۆۋەن. ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشۈپ باققىن بولمىسا."دىدى. غەيرەت:"ماقۇل ئاپا.خاتىرجەم بۇلۇڭ.ئىشلىرىم ئازىراق بىكار بولسىلا."دىدى. لىكىن غەيرەت تېخىچە ئاينۇرنى ئۇنتىمىغان ئىدى. لىكىن ئامال قانچە؟ ئاينۇرنىڭ قەيەردە ئىكەنلىكىنى كۆپ سۈرۈشتۈرە قىلىپ، ھىچنەردىن تاپالمىدى. لىكىن ئۇنى ئىزدەشنى توختاتمىدى. غەيرەت خىزمەت ئىشى بىلەن ئۈرۈمچىگە باردى.ئۇ يولدا كىتىۋىتىپ بىر مىھمانخانا ئىچىدىن چىققان تۇنۇش بىر چىراينى ئۇچىراتتى.ئۇ ئاينۇر ئىدى.ئاينۇرنىڭ يېنىدا گۈلمىرە تۇراتتى. غەيرەت ماشىنىدىن چۈشۈپ ئاينۇرنىڭ ئالدىغا يۈگۈردى. :"ئاينۇرمۇ سىز ئاينۇر."غەيرەت ئاينۇرنىڭ بىلىكىنى چىڭ تۇتغانچە ئۇنىڭدىن سورىدى. ئاينۇر ھىچ ئىپادىسىزلا:" خاتا تۇنىۋالدىڭىزمۇ يا؟ ۋوي ھەجەپ كىلىشكەن يىگىت ئىكەنغۇ بۇ؟ پاھ"دىدى.غەيرەت كۆزلىرىگە ئىشەنمەيلا قالدى.شۇنچىلىك چاكىنا كىيىم كىيىۋالغان،تىنىدىن گۈپۈلدەپ كىلىۋاتقان ئەتتىر،ھاراق،تاماكا...ئارلىشىپ پۇراۋاتقان بەدبۇي پۇراق ، غەيرەتنىڭ بۇ قىزنىڭ ئاينۇر ئىكەنلىكىگە ئىشەنگۈسى كەلمىدىيۇ ئەمما يۈرەكلىرىنىڭ بىر يەرلىرىدىن ئۇنىڭ ئاينۇر ئىكەنلىكىنى تۇنىغان ئىدى. ئاشىقلارنىڭ يۈرىگى تۇتاش بولىدۇ ئەمەسمۇ. "توۋا،نىمانچە ئۆزگىرىپ كەتتىڭىز ئاينۇر. بۇ سىزمۇ ؟ يۈرۈڭ سىز بىلەن ئوبدان پاراڭلىشىمەن.". "قۇلۇمنى قۇيىۋىتىڭ بالاڭزا چەيدو. خاتا تۇنىۋاپسىز دىدىمغۇ سىزنى." "ياق سىز شۇ ئاينۇر، يۈرۈڭ مەن بىلەن..." "ئەمىسە ھەقنى دىيىشىۋىلىپ ماڭمايمىزمۇ بالاڭزا چەيدو ؟ بىر كىچىلىكىگە قانچە بىرەلەيسىز زادى؟ ئويناپ تاشلاپ قاچماقچىمۇ يا؟" "نىمە دەۋاتىسەن؟پاسكىنا"دەپ غەيرەتنىڭ چاڭڭىدە ئۇرۇلغان بۇ بىر شاپىلاقتىن ئاينۇر يەرگە يىقىلدى. ئاينۇر يەردە ئولتۇرۇپ سەت كۈلۈپ:"ھە سىمىسەڭمۇ مەن پاسكىنا شۇ ، ئۆزەمنى پاكىز دەۋەلمىدىمغۇ. ھا...ھا..."دىدى غەيرەتكە بۇ ئىشلار بەكمۇ ئېغىر كەلگەن ئىدى. ئۇ ئاينۇرنىڭ قولىدىن تارتقىنىچە ئۇنى سۆرەشتۈرۈپ يېقىن ئەتراپتىكى بىر چايخانىغا كىردى. "نىمە ئىچىسز؟"سورىدى غەيرەت. ئاينۇر خىيالىي تۇرۇپ:"ھاراق بولسا قۇيىڭە" "نىمە دەۋاتىسىز؟ ئېيتىڭە، قانداق قىلىپ بۇ يولغا مېڭىپ قالدىڭىز؟"دەپ سورىدى غەيرەت تىترەپ تۇرۇپ. ئاينۇر بولسا ھىچ ئىپادىسىز جىم ئولتۇراتتى.ئۇ بىر تال تاماكىنى سومكىسىدىن ئېلىپ تۇتاشتۇردى.غەيرەت تاماكىنى ئاينۇرنىڭ قولىدىن سىلكىپ ئالدى دە يەرگە دەسسەپ مىجىۋەتتى. ئاينۇر بولسا ئادەم مەڭسىتمىگەندەك بىرنى كۈلۈپ قويدى. غەيرەتنىڭ قايتا-قايتا زورلاپ سورىشى بىلەن ئاينۇر بولغان ئىشلارنىڭ ھەممىسى ئۇنىڭغا بىرمۇ-بىر قىلىپ دەپ بەردى. غەيرەت ئاڭلاپ ئۆزىنى تۇتىۋالالماي يىغلاپ كەتتى :"بوپتۇ،ئۆتكەن ئىش ئۆتتى، ئەمدى ھاياتىڭىزنى قايتا باشلاڭ، ئىشىنىمەن سىز چۇقۇم دەس تۇرالايسىز."دىدى. ئاينۇر يەنىلا ئىپادىسىز:"نىمە؟ ھا...ھا...ھەجەپ كۈلكۈلىك گەپ قىلدىڭىز ھە.ھاياتىڭىزنى قايتا باشلاڭ دەمسىز؟ مىنىڭ ھاياتىم ئاللىقاچان ئۆلگەن.ھايات مەن ئۈچۈن ئاللىقاچان مەنىسىنى يوقاتقان، شۇڭا مەن ياشىسام ياشىمسام بەرىبىر. مەن بەلكىم ساقايماس بىر مەينەت كېسەللەرگىمۇ گىرىپتار بۇلۇپ بولغاندىمەن. مىنى تۆۋەن كۆرمەي پاراڭلاشقىنىڭىزغا رەھمەت، مەن قايتاي، خۇمارىم تۇتتى."دىدى ئەپشەپ تۇرۇپ. "نىمە؟سىز ئاق چەكتىڭىزما؟"دەو سورىدى غەيرەت. "ھەئە، مىنى خوش قىلىدىغان بىردىنبىر ھەمرايىم شۇ تۇرسا.ھا...ھا..."دەپ كۈلگەچ چىقىپ كەتتى ئاينۇر. غەيرەت ئۇنىڭ ئارقىسىدىن ئەلەم بىلەن قاراپلا قالدى.غەيرەت قايتىپ كىتىدىغان كۈنى، ئاينۇر بىلەن بىللە كۆرگەن گۈلمىرەنى ئۇچىراتتى. گۈلمىرە غەيرەتكە بىر پاچە ئاينۇردىن قالغان خەتنى تۇتقۇزدى ھەم ئاينۇرنىڭ يوقاپ كەتكەنلىكىنى ئېيىتتى. غەيرەت يولسا ماڭغاچ خەتنە ئوقىدى: "غەيرەت ياخشىمۇسىز؟ سىزگە گەپ قىلغۇدەك سالاھىتىممۇ يوق ئىدى. مەن شۇنچىلىك بۇلغاندىم. ئۆزەمنى كەچۈرەلمەيمەن. سىز بۇ خەتنى كۆرگەن چېغىڭىزدا بەلكىم مەن بۇ ۋاپاسىز دۇنيادىن خوشلاشقان بۇلىمەن. لىكىن بۇرۇن سىزنى سۆيگەن ئىدىم، كۆڭلۈمنى سىزدىن باشقا ھىچكىمگە بەرمىگەن ئىدىم. ئەپسۇس، مىڭ ئەپسۇس، بۇرۇنقى ئاينۇر ئاللىقاچان ئۆلدى. سىزنى ئەمدى سۆيۈش ماڭا نىسىپ بولمايدۇ. بەخىتلىك بۇلۇڭ. خەير..." غەيرەت خەتنى قاتلاپ يالچۇقىغا سالدى.ھەم كۆزلىرىدىن سەزمىگەن ھالدا ئىككى تامچە ياش سىرغىپ چۈشتى.
بۈگۈن ئەسقەت بىلەن چىمەننىڭ تويى بۇلۇپ، غەيرەت ئەسقەتكە قولداش بولغان ئىدى. توي مۇراسىمى شۇنداق خوشال ئۇزىدى. بۇ ئىككىسىنىڭ مۇرات-مەخسىتىگە يەتكەنلىگىنى كۆرگەن غەيرەت ئۇلار ئۈچۈن بەكمۇ خوشال بۇلۇپ كەتتى. بۇرۇن غەيرەت، ئاينۇر ،ئەسقەت، چىمەن تۆتى قوش توي قىلماقچى بولغان ئىدى. ئەمدى بۇلار بىر چۈش خالاس... مانا بۈگۈنمۇ ئايقىز ئاپپاي يەنە غەيرەتكە:" قارا، دوستۇڭ ئەسقەتمۇ توي قىلدى بالام. سەنمۇ توي ئىشىڭنى ئويلىشىپ قوي. ئەتە-ئۆگۈن تويۇڭنى كۆرەلمەي ئۆلۈپ قالماي يەنە."دەپ تاپا قىلدى. غەيرەت:"ماقۇل ئاپا ماقۇل، ھېلىقى نىگارە دىگەن قىزنىڭ تېلفۇن نۇمۇرىنى دەپ بىرە ئەمىسە. ئۇنىڭ بىلەن ئەتە كۆرۈشەي."دېدى. "ھە ئەمدى بۇ ئىشىڭ جايىدا بولدى بالام. ئۇنىڭ يۈزى تۆۋەن، ئەخلاقلىق، بەكمۇ ياخشى قىز. ئوقۇغان قىز باشقىچە بولىدۇ ئەمەسمۇ!"دەپ خوش بولدى ئاپپاي. ئەتىسى چۈشتىن كىيىن، غەيرەت تېلفۇندا نىگارە بىلەن دىيىشىپ قويغان ۋاقىتتا "دىدار چايخانىسى" غا كىلىپ نىگارەنى ساقلىدى.ئارقىدىنلا نىگارەمۇ كەلدى. "سىزنى كۆپ ساقلىتىۋەتتىممۇ قانداق؟"دەپ سورىدى نىگارە تارتىنىپ. "ياقەي، مەنمۇ بايىلا كەلدىم تېخى."دىدى غەيرەت. شۇنداق قىلىپ بۇ ئىككى ياش قىزغىن پاراڭلارغا چۈشۈپ كەتتى. نىگارە تولىمۇ خۇشخۇي يېقىملىق قىز ئىدى. ئۇلار تېزلا چىقىشىپ قالدى. ئۇزۇنغا قالماي يۈردى. نىگارە غەيرەتكە بەكمۇ كۈيىنەتتى.غەيرەت ئىشلىگەن ۋاقىتلىرىدا، ئۇنىڭغا ئوخشىتىپ تاماق ئىتىپ ئاپىرىپ بېرەتتى. ئايقىز ئاپپاي بەكلا ئاغرىقجان بۇلۇپ قالدى، شۇڭا ئۇلارنى "تېز توي قىلىڭلار"دەپ ئاالدىرتىۋاتاتتى. نىگارە دەم ئالغاندا ئايقىز ئاپپاينىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالاتتى. غەيرەتنىڭ كۆڭلىمۇ ئاستا-ئاستا نىگارەگە مايىل بۇلۇپ قالدى. شۇنداق قىلىپ غەيرەت بىلەن نىگارە توي قىلىپ، بەخىتلىك تۇرمۇش قۇردى. ئۇلارنىڭ ئوماق پەرزەنتى يادىكارمۇ بۇ دۇنياغا كۆز ئاچقان شۇ خوشال مىنۇتلاردا، ئايقىز ئاپپاينىڭ سالامەتلىگى يار بەرمەي بۇ ئالامدىن خوشلاشتى.
ئاينۇرنىڭ يوقاپ كەتكەندىن كىيىنكى ھاياتىغا نەزەر سالايلى: ئۇ يۇرتىغا قايتىپ كىلىپ، تاپقان پۇللىرىنىڭ ھەممىسىنى يىتىم-يىسىرلارغا بۆلۈشتۈرۈپ بىرىۋەتتى. ئۇ ئاپىسىنىڭ قەبرىسىگە بېرىپ قان-قان يىغلاپ تۇرۇپ: "ئاپا، جېنىم ئاپا، قوينىڭىزنى كەڭ ئېچىڭ. بىتەلەي قىزىڭىز سىزنىڭ يېنىڭىزغا بېرىش ئالدىدا تۇرماقتا... كىچىگىمدە يۈزلىرىمنى سىيلاپ تۇرۇپ، پىشانىللىرىمگە سۆيۈپ تۇرۇپ:"جېنىم قىزىم، اللاھ بەختىڭنى بەرسۇن."دەپ دۇئا قىلاتتىڭىز، ئەمدى بىلسەم، سىزنىڭ مىھرىبان قوينىڭىزدا ئەللەيلىنىپ ياتقان شۇ غەمسىز ۋاقتىم مىنىڭ ئەڭ بەخىتلىك ۋاقتىم ئىكەنتۇق، ئەمدى ئۇ بەخىت كەلمەيدۇ ئاپا..." ئۇنىڭ يۈرەكنى ئىزىدىغان ئېچىنىشلىق يىغىسى ئاستا-ئاستا جىمجىت تەبىئەت قوينىغا سىڭىپ كەتتىى. ئۇنىڭ ئاغزىدىن ئاق كۆپۈكلەر چىقتى. مەيىن شاماللار ئۇنىڭ چاچلىرىنى ئۇچۇرماقتا، ئۇ بولسا قەبرىنى تېخىچە چىڭ قۇچاقلىقىنىچە دۈم ياتماقتا... تۇپراق بېشى تېخىمۇ سۈرلۈك تېخىمۇ غېرىپ بۇلۇپ كەتتى. يولدىن ئۆتكەن كەچكەنلار بۇ ئىگىسى يوق جەسسەتكە قاراپ، "توۋا" دىگىنىچە ياققىلىرىنى تۇتۇپ قېلىشتى. ئۇنى مەھەللىدىكى ياخشى نىيەتلىك ئادەملەر يۇيۇپ-تاراپ يەرلىككە قويدى.
خاتىمە:
كىم-كىمدىن قالمىغان جاھان بۇ دەيسىز، كىلىدىغانلار كىلىدۇ، كىتىدىغانلار كىتىدۇ. ھايات شۇنداق:ئۇنىڭدا ياشاۋاتقان ئىنسانلار مەيلى شاھ ياكى گاداي بولسۇن، مەيلى ئوڭ ياكى ساراڭ بولسۇن، مەيلى ئەر ياكى ئايال بولسۇن، مەيلى چوڭ ياكى كىچىك بولسۇن ھەممىسى ئۆزىگە خاس نام ۋە ئىز قالدۇرىدۇ. ھاياتتا ئۆتمۈش بىلەن ھازىر، گۈزەللىك بىلەن رەزىللىك، يۇرۇقلۇق بىلەن قاراڭغۇلۇق، بايلىق بىلەن نامراتلىق، سەمىمىيەتلىك بىلەن ساختىلىق، مۇھەببەت بىلەن نەپرەت بىر-بىرىگە كەسكىن سېلىشتۇرىلغان ھالدا مەۋجۈت بۇلۇپ تۇرىدۇ. مانا شۇلارنىڭ يىغىندىسى "ھاياتنىڭ ھەقىقىتى" دەپ ئاتىلىدۇ.
بەزىلەرنى سۆز بىلەن، بەزىلەرنى كۆز بىلەن، بەزىلەرنى پۇل بىلەن، بەزىلەرنى سۆيگۈ بىلەن ئالدايدۇ بۇ رەھىمسىز دۇنيا... |
كۆرۈلۈشى:540 | قوشۇلغان ۋاقتى:2010-3-27 19:27:50 | يوللىغۇچى ئەزا:askar124 |
|
| | بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يوللانمىدى ، سىزنىڭ تۇنجى ئىنكاس يوللىغۇچى بولىشىڭىزنى قارشى ئالىمىز ! |
سىرلىقلىقىڭىزنى.. | چاچ چۈشۈشنى كەلت.. | ھەددىدىن زىيادە .. | سەۋزە ئۆپكىنى ئا.. | مېۋە پوستى بىلەن.. | دۇنيادىكى ئەڭ تو.. | ئاياللارنىڭ جورا.. | «ئەر-خوتۇنلار ئو.. | ئەر -ئاياللار ھەق.. | ھازىرنىڭ ئۆزى بە.. | تەنھالىق ئىنسانغ.. | ساپما كەشنىڭ زىي.. | |
|
|
|
|