Article Center - ماقالە مەركىزى - ئاجايىپ مەكتەپ ھاياتى
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:قىشتا يىسە پايدا قىلىدىغان 3 خىل يىمەكلىك
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:ئۇلۇغ قۇربان ھېيىتنىڭ كېلىپ چىقىشىنى بىلىۋېلىڭ!
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:نېمە ئۈچۈن ئاياللار توڭغاق كېلىدىغانلىقىنى بىلەمسىز
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:ئۇخلاشتىن بۇرۇن يىيىشكە بولمايدىغان يەتتە خىل يېمەكلىك
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:ئاچچىق ئانار ئىچ سۈرۈشنى توختىتىدۇ
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:ساغلاملىق يېمەكلىكى ــ قوناق ئۇنى
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:ئاياللارغا پايدىلىق ئۈچ خىل خۇش پۇراق
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:تاماكا چېكىش ئوزۇقلۇقلارنىڭ قوبۇل قىلىنىشىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ
 

تېمىسى مەزمۇنى باھا
 

ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:ئۈزۈك تاقىغان ئورۇنغا مىكروبلار ئوڭاي يۇشۇرۇنۇۋالىدۇ
ئۈزۈك تاقىغان ئورۇنغا..
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:يازدا ئاياللاردا دائىم كۆرۈلىدىغان پىسخىكىلىق كېسەللىكلەر
يازدا ئاياللاردا دائى..
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:خانىم – قىزلار كۈندە ئۈچ قېتىم قاقاقلاپ كۈلۈپ بېرىش كېرەك
خانىم – قىزلار كۈندە ئۈ..
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:تاماقتىن كېيىن قىلىشقا بولمايدىغان يەتتە ئىش
تاماقتىن كېيىن قىلىشق..
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:دېھقان
دېھقان
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:ئەرلەر قىلىشنى ئەڭ خالايدىغان 9 خىل خىزمەت
ئەرلەر قىلىشنى ئەڭ خال..
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:ئەنگىلىيەدە ئەر-ئاياللار بىر يىلدا 312 قېتىم ئۇرۇشىدىكەن
ئەنگىلىيەدە ئەر-ئايال..
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:كۆز قاپىقىنىڭ بىشارىتىگە سەل قارىماڭ
كۆز قاپىقىنىڭ بىشارىت..
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:ئەڭ ياخشى ياش باسقۇچى
ئەڭ ياخشى ياش باسقۇچى
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:سەۋزىنى كۆپ يەپ بەرسە ، ئۆپكە راكىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ
سەۋزىنى كۆپ يەپ بەرسە ..
 
 

    


ئاجايىپ مەكتەپ ھاياتى

تەنتەربىيە مۇسابىقىسى ئاخىرلىشىپ خېلى كۈنلەر ئۆتتى. ھېلىقى بوئېنىس -ئايرىسنىڭ كابىي مۆشىكىدىن بېيىغان توپاق، ئىنەكتىن ئايرىلغاندەك ئالامەت ئېچىنىشلىق ئايرىلىپ كەتتۇق. ئۇ ماڭقا مەندىن كىچىك بولغان بىلەن ئادەمنى <دەرياغا ئاپىرىپ سۇغارماي ياندۇرۇپ كېلىش>كە خېلى يامانكەن. بىر كۈنى مەكتەپتىن قايتىپ خەلىق باغچىسىغا بېرىپ كۆزۈمگە ئىشەنمەيلا قالدىم. نۇرگۈل بىلەن بىرسى ھەدەپ <رومانتىك مۇھەببەت> فىلىمىنى ئىشلەۋاتقان ئىكەن. غەزەپتىن <ئامرىكا يادرو بومبىسى>غا ئايلىنىپ قالدىممۇ بىلمەيمەن. پۈتۈن بەدىنىم تىترەپ ،نەپەسلىرىم سىقىلىپ،يۈرەكلرىم دۇمباق چېپلا كەتتى. ئاستا ئارقىدىن بېرىپ ھېلىقى ھەزىلەكنىڭ تۇمشىقىغا بىرنى تەپتىم. نۇرگۈلنىڭ چېچىنى تۇتۋېلىپ قېلىن ئېڭەكلىرىگە ئىككى ئۈچ <شاپلاق قېقى>بېرىۋەتتىم. باياقى خۇمپەر تۇمشىقىنى تۇتقىنىچە ئۇششۇقلۇق قىلىپ يېتىۋالدى. ھىم، تازا تاياق كۆرمىگەن سالپۇمۇ نىمە بۇ، مۇھەببىتىنىڭ ئالدىدا تۇغقان خوتۇندەك يېتىۋىلىشتىن ئۇيالماي! نۇرگۈل ھۆڭرەپ يىغلاپ تۇرۇپ <ئابدۇۋارىس ،خاپا بولماڭ،مەن...بۇ...بۇ...> دەپلا قالدى. ئىززا تاتماي گەپ قىلغىنىغا شاپلاقتىن يەنە بىرنى مۇكاپات بەردىم ۋە قولۇمنى شىلتىپ تۇرۇپ كۆزۈمدىن يوقۇلۇشقا ئىما قىلدىم. ئۇ ئەرۋاھتىن قورقۇپ ئىشتىنىغا سىيۋەتكەن پەدىگە پات-پات ئارقىغا قاراپ قويۇپ تىكىپلاۋاتتى. ھا...ھا...ھا.....زىناخورلارنى نەق مەيداندا تۇتۋالسا ئەجەپ پەيزى بولىدىكەن جۇمۇ! ئەمدى نۆۋەت يېتىۋالغان خۇمپەرگە كەلدى. ئۇنىڭ ئالدىغا بېرىپ چىرايلىقچە <ھە! نوچى! سەن نۇرگۈل بىلەن ئارلاشقىلى قانچە ئۇزۇن بولغان ؟ ئېيتە ھارىمى!> ئۇنىڭ ئاغزى گەپكە كەلمەيلا قالدى، خە، غوجا ئاكىسىدىن خېلى قوققان چېغى< مە..مەن...مېنى كە..كەچۈرگىن ئابدۇۋارىس ئاكا، بىز سېنىڭدىن بۇرۇنلا ئارلاشقان...> بۇ گەپنى ئاڭلاپ ۋاقتى ئۆتۈپ كەتكەن تاۋۇز شاپىقى يەۋالغاندەكلا بوپ قالدىم. ئەسلى گۇناھ ئۇنىڭدىكەندە...شۇنداق بولىسمۇ بۇ خۇمپەرنى بىر ئەدەپلەپ قويۇشۇم كېرەك. <تۇرە ئورنۇڭدىن! >ئۇ قانغا بويالغان يۈزىنى قاماللىغىنچە ئالدىمغا كەلدى ۋە بەك خىجىل بوپ كەتتىمۇ بېشىنى باشقا ياققا بۇرىۋالدى، ئادەمنىڭ ئىچىنى ئاغرىتىپ..< بوپتۇ، خىجىل بولما. بۇنداق ئىش دىگەن ئادەتتىكى گەپ ھەقايسىڭ ئېشەك بولغاندىكىن! ئشەك دىگەننىڭ مۇشۇنداق قىلمىسا نىمىگە ئېشەك بولدۇ ھە! بوپتۇ، ئۆزەڭنى كۆپ ئاسرا، بۆرەكنى كۈچلەندۈردىغان دورىلارنى كۆپ ئىستىمال قىپ تۇر...يەنە بىر گەپ بۇنىڭدىن كىيىن كۆزۈمگە 2-لەپ كۆرۈنگۈچى بولما! ئاڭلىدىڭمۇ ھارىمى!> ئۇ پەس ئاۋازدا <ھەئە،ھەئە ئاڭلدىم> دەپ يولىغا مېڭىۋىدى ،مۈرىسىدىن بىرنى تارتىپ تۇمشىقىنى ئۆزۈمگە قارىتىپ تۇرۇپ گويا ۋارتاغا توپ كىرگۈزگەن پەدىگە باشتىن بىرنى بەردىمدە ئۆيگە قايتىپ كەتتىم. ئۇ ھەزىلەك تۇمشىقىنى تۇتۇپ ئۆلدىمۇ-ياكى تىرلدىمۇ بىلمدىم. ئىشقىلىپ ھايات! بىزنىڭ باش باشتەكلا باش !  شۇنداقتىمۇ سەل ئاغرىپ تۇردۇ..... ئەمدى بۇ ئازاپنى قانداق ئۇنتارمەن؟  ئەڭ ياخشىسى مابەتتتىن بىرنى تاپاي. شۇندىلا ئۇنتۇپ كېتىشكە پايدىسى تېگىپ قالار....<ئابدۇۋارس، تامىقىڭنى يە، نىمە بولدۇڭ؟ چىرايلىرىڭ ساغىرىپ كېتىپتىغۇ؟> ئەستا، بۇنداق سۇئالنى سورىمسىكەن دەيمەن. ئادەمنىڭ قوقاقلىرىنى قورۇپ. ھەقانچە ئانام بولسىمۇ! ئاچچىقىمدا قانچە چىنە تاماق يىگىنىمنىمۇ بىلمەيمەن. ئەتە تېخى مەكتىپىمىزنىڭ <ھەجىۋى ماقالىلەر مۇسابىقىسى >بار. قاملاشمىغاندەك ھېلىقى پىسا قاتلىمىسى مېنى نامزاتلىققا تاللىدى. ئاچچىقىم كەلسە ھېكايەمنىڭ ئوتتۇرسىغا ئۇنىڭ ھېلىقى ئىككى چوققىسىنىمۇ قوشۇپ بىر كۈلكىگە قويىمەن. ئەمچەك بولار ئۇنداقمۇ يوغان بولامدۇ؟ تۇغماسمىكىن دىسە، ئۆگەي-ئۆز بولۇپ ئىككى بالسى بار. ئۇھ...بولدىلا، نىمىنى يازارمەن؟  ھەي...شۇ خىيال بىلەن نىمنى يازغىنىم ئېسىمدە يوق. مەكتەپكە بېرىپ 1-سائەت دەرىسكە كىرىشىم بىلەنلا پىسا قاتلىمسىنىڭ ماقالەمنى ئوقۇغۇسى كېپ كەتتى. ئۇنىڭغا خاتىرەمنى تۇتقۇزۇپ قويدۇم.ئەمما ئىككى قۇر ئوقۇپلا تولا كۈلۈپ ئوقۇيالماي، ئافرىقىلىققا بەردى. ئۇمۇ پوق يەۋالغان ساراڭدەك كۈلۈپ ئوقۇيالمدى. ئاخىرى ئۆزۈم ئوقۇشقا مەجبۇر بولدۇم. ماقالەمدە ئاساسلىقى بۇلتۇر مەكتەپنىڭ 10كۈن ئەمگەككە چىقىش ،پاختا تېرىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش جەريانىدىكى ئىشلار بولۇپ، بۇنى ھەجىۋىيلەشتۈرۈپ يازغان ئىدىم. بۇنى ئۆزۈم كۈلمەي تۇرۇپلا ئوقۇۋەتتىم. بالىلار بولسا قاقاقلاپ كۈلۈپ، مېنىڭ 1-لىككە ئېرىشىشىمگە قاتتىق ئىشەنىچ تۇرغۇزدى. چۈشتىن كىيىن مۇسابىقە باشلاندى. بەزىلەر قىززىق شېئىر ئوقۇسا يەنە بەزىلەر ئېلان دەمدۇ ئىشقىلىپ ئادەمنىڭ قىچىقى كېلدىغان بىرنەرسىلەرنى ئوقۇپ ئاخىرى ماڭىمۇ نۆۋەت كەلدى. بۇ سورۇندا مېنىڭ ئاساسلىق رەقىبلىرمدىن بولغان مارۇشا، بوئېنىس-ئايرىس مۆشىكى ۋە ھېلىقى ئېشەكلەرمۇ بار. بۇلارنى ئويلىسام چىرايىمغا ھېچقانداق كۈلكە ئولاشماي ئۆز تەبىئىيتىمگە ماس كەلمىگەن چىراينى شەكىللەندۈرۋالمەن. ھەي....بوپتۇ، ئىرادىلىك ياشاي. مەن چوقۇم غەلبە قازىنىمەن! < نۆۋەتتە 1-يىللىق 2-سىنىپتىن ئابدۇۋارىس غوپۇر ئۆزىنىڭ ھەجىۋى ماقالسىنى ئوقۇيدۇ! قېنى ئابدۇۋارىس مەرھەمەت!> زالغا چقىپ قارىسام پەستە2000غا يېقىن ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلار پاقا تەشكەن سويمىدەك ماڭا قاراپ تۇرۇپتۇ. بەزىلەر مېنى بەك تونۇغاچقىمىكىن <بۇ بالىنىڭ ئاۋازى بەك چىرايلىق، چوقۇم 1-بولىدۇ.. بۇ ھېلىقى مۇسابىقىدە ئىشتىنى سېلىنىپ كەتكەن بالا شۇغۇ ھى...ھى...ھى...تېخى گازىر چېقىشىچۇ، ھا...ھا...ھا... بەك قىززىقچى بۇ!> ئانناڭنى! ماقالىنى ئوقۇماي تۇرۇپ غەيۋىتىمنى قىلشىىدا! بوپتۇ بىر باشلىۋېتەي!



<مېنىڭ بىر كۈنۈم>

بۈگۈن كۈنلەرنىڭ بىر كۈنى. كېچىدىن چۈش كۆردۈممۇ ،كۆرمىدىممۇ بىلمەيمەن. ئىشقىلىپ سەھەر ئورنۇمدىن تۇرسام كۆزۈم ئوچۇق تۇرىدۇ. سەھەرلىك چېيىمنى يېتىم باقى مىتەڭ ئىچكەندەك يالاپ-يالاپ ئىچتىمدە ،دەررۇ ئىستىرىلكىسى چۈشۈپ قالغان سائىتىمگە قارىدىم. ئاپلا ، ۋاقىت توشۇپ كېتىپتۇ! بۈگۈن ساۋاقدېشىم يۈسۈپنىڭ ئېتىزىدا پاختا تېرەتتۇق. بۇنىڭ مەھەللىسى تولىمۇ يىراق. يوللىرى قېرى قوينىڭ ئاچچىق ئۈچىيىدەك ئۇزۇن ۋە ئەگرى بۈگرى. بېرىپ بولغۇچىمۇ زاسۈيلىرىم خېلى چايقىلىدۇ. ئەڭ ياخشىسى ۋېلىسپىتمنى تېزراق چاپتۇراي! خىت قوتۇر! يولدا كېتىپ بارىمەن...سۈرئېتىم بەلكىم 99قا چىقاي دەپ قالدى. يولدىكى نەرسىلەرنى سۈرىتمنىڭ تىزلىكىدىن كۆرگىلىمۇ بولمايدۇ. مانا قۇدۇق مەھەللىسىدىن ئۆتۈپ، ئۇزۇنبۇلاق كەنتىگىمۇ كەلدىم. يېقىنراق يولدا ماڭاي دەپ، ئېلى شوجاڭنىڭ ئۆينىڭ بېقىنىدىكى ئېشەك تولا ئېغىناپ توپا چىقىرۋاتقان بىر يولغا كىرىپ قاپتىمەن. بار كۈچۈم بىلەن سۈرئەتنى ئاستىلاتماي كېتىپ بارغىنىمدا ، ۋېلىسپىتىمنىڭ ئالدى چاقى بىر قورام تاشقا ئۈسۋالدى دە، بىرنى چىچچاڭ ئېتىپ مېنى خېلى بىر يەرگە چۆرىۋەتتى. موللاق ئېتىپ يۈرۈپ گويا ياۋا غازدىن قورقۇپ تۆت پۇتىنى مىدىراتماي، چىڭ تۈگۈلۈپ قالغان ھېندونۇزىيەنىڭ چار پاقىسىدەكلا دۈم چۈشتۈم. ۋېلىسپىتىم بولسا  يولنىڭ سول تەرىپىدىكى خەندەككە <ئەلۋىدا!!!> دىگىنچە  ئېسىلىپ قالدى. ئاھ..قەدىرلىكىم دىگىنمچە ئۇنىڭغا قولۇمنى ئۇزاتتىم. ئەپسۇس ئۇ ئاللىبۇرۇن ،بەك قېرىپ كەتكەچكىمۇ ئۆلىۋېلىشنى تاللىغان ئىكەن. شۇنىڭ بىلەن ئۆزىنى پاتقاقلىق ئارىسىغا <مەندىن رازى بول!>دەپ ۋارقىرغىنىچە چۈشۈپ كەتتى. ماڭا ئەمدى نىمە ئامال؟ ئامال يوق ئۇنى ئۇنمىغانغىمۇ-ئۇنماي يولغا سۆرەپ ئەپ چىقتىم. تاش بىلەن ئۇرۇپ ،تولا ۋارقىرتىپ يۈرۈپ ، كىسىيىپ قالغان يەرلىرىنى تۈزىتىپ يەنە يولغا چىقتىم. بۇ ۋەقەلەرنى ئۆز كۆزىدە كۆرۈپ تۇرغان ئېلى شوجاڭ ،بىزنىڭ ئالاھىدە دوستلۇق مۇناسىۋىتىمىزدىن تەسىرلىنىپ كىچىك تەرەتنى ئىشتىنىغا قويۋەتكىنىنىمۇ بىلمەي قاپتۇ. ئاخىر يۈسۈپنىڭ ئېتىزى تەرەپكە كېتىدىغان بىر يولغا چىقتىم. يولدا مەكتەپكە ماڭغان مەكتەپ باللىرى ،ۋېلىسپىتىمنىڭ كىسىيىپ، ماكچىيىپ قالغان ئېچىنىشلىق ھالىتىنى ۋە مېنىڭ يىرتىلىپ جۇل-جۇل بوپ كەتكەن كىيملىرىمنى كۆرۈپ، كالدۇر-كۇلدۇر بىر نىمىلەرنى دەپ ،ئاغزىغا قاغا چىچىپ قويسىمۇ بىمالال تاقاشماي كىرىپ كەتكۈدەك كۈلۈپ كەتتى. ئاخرى ئېتىزلقىقا كەلدىم. بىزنىڭ مالىم ئاللىبۇرۇن كېلىپ بولغان ئىكەن. بەلكىم كېچىدىن پاشا بىلەن پاراڭلىشىپ چىققاندەكمۇ كۆرۈندۇ. ئېڭەكلىرىگە قىممەتلىك يالدامىلارنى قالدۇرۇپ قويۇپتۇ. بۇ كەڭ كەتكەن ئېتىزلىققا قارىسام ،سەل-پەل  كۆڭلى ئېچىلىپ قالغۇدەك يەرلىرى كۆپكەن. ئەمما بۇ پاختىلارنى قاچانمۇ تېرىپ بولارمىز دەپ، بىچارە بېشىمغا بىر تال ئاق چاچ پەيدا بولدى. قاتتىق ھەيران بولۇپ،قولۇمغا ئېلىپ قارىسام ،بېقىنمغا باغلاپ قويغان يۈسۈپنىڭ بوز ئېشىكىدىن چۈشكەن ئىكەن. مانا-ھەش پەش دىگۈچە بىر خالتا پاختا تېرىپ بولدۇم. ئېغىرراق كەلسۇن دەپ،يوشۇرۇنچە قېتىغا يوغان داڭگالدىن بىرنى سېلىۋەتتىم. بەزى ئاغىنلەر تېخى كېچىدىن قويۋەتمەي ساقلاپ قويغان كىچىك تەرەتلىرىنى جوۇرۇلدىتىپ خالتا ئىچىگە قويۇپلاۋەتى. كېۋەزلىك ئاررىسىغا تاۋۇز تېرىلغان بولۇپ ،باشتا كۆزىمىزگە گۆھەر كۆرۈنۈپ  شاپاقلىرى بىلەن قوشۇپلا يەپ كەتتۇق.  كىيىنچە زېرىكىپ، ئاتوم بومبىسى ئېتىشىنى تەكرار-تەكرار مەشىق قىلدۇق. بۇنداق تەسىرلىك ئويۇنلار بەلكىم تارىختا بىر بولۇشى مۇمكىن. ئاتە-ئات، ئاتە-ئات...يادىمدا يوق ،يۈسۈپنىڭ قېرى دادىسىنىڭ كاللىسىغىمۇ بومبىدىن بىرسىنى تەككۈزۈپ قويدۇم. بۇ قېرى دەماللىققا ئېغىر ئالغاندەك قىلغان بىلەن، كىيىنچە بىزنىڭ ئويۇنىمىزغا قېتىلىپ بومبا ئېتىشقا خېلى پىششىپ قالدى.  10مو يەرنىڭ نەچچە يۈزلىگەن تاۋۇزلىرىنى ئاشۇنداق قەبىھ ئويۇنلىرمىز بىلەن چېقىپ تۈگەتتۇق. چۈشتە تاماق پىشىتى. يۈسۈپنىڭ ئاپىسى بىلەن ھۆرمەتلىك مالىمىمىز بىرلىشىپ ئىجات قىلغان <ئىشتان باغ لەغمەن>لىردىن ھەر بىرىمىزگە ئىككى تەخسىدىن بەردى. كىيىنچە يۈسۈپنىڭ ئوبۇرناسى يېتىشمەي ، ئۆچرەتتە تۇرۇپ ئوبۇرنا ساقلىدۇق. گاھىدا بەزىلەرنىڭ يىغىلىپ قالغان تەيفىڭ بورانلىرىدىن كىچىككىنە ئوبۇرنا تىترەپ كېتەتتى. گاھىدا ئۆگىزسىدىن پۇررىدە قىلىپ توپا چىقىپ كېتەتتى. ئىشقىلىپ بۇ ئىجادى لەغمەن مەخسۇس ئافرىقا ھىندىئانلىرىغا ماس كەلگۈدەك! ....چۈشتىن كىيىن يەنە پاختا تېرىشقا باشلىدۇق. نىمىشقىدۇر قاتتىق ئۇيقۇم كەلدى. خالتىنى بېشىمغا قويدۇمدە، سەكراتقا چۈشكەن بىمارلارغا مەخسۇس ياسالغان ھېلىقى ئۆلۈم كارۋېتىدەك..كېۋەزلەرنى دەسسەپ يۈرۈپ ، ھېچكىم كۆرمەيدىغان يەردە ئۇيقۇغا كېتىپتىمەن. بىر چاغدا قارىسام،كۈن ئولتۇرۇپ كېتىپتۇ. بالىلارغا قارىسام ھەممىمسى بىرنىملەرنى ئىزدەپ تاققا-تۇققۇ بىر نىملەرنى دىگىلى تۇرۇپتۇ. ئالدىغا بارسام مالىمنىڭ قاتتىق ئاچچقى كېپ كەتتى، ئۇلار مېنى ئىزدەپتىكەن ئەمەسمۇ! شۇنىڭ بىلەن تەرگەن پاختامنى بىر جىڭلىۋىدى، بۈگۈنگە قارتا ئاران 9.8كېلو تېرىپتىمەن. سىنىپ بويىچە ئەڭ ئاز تەرگىنى مەن بوپتىمەن. بۇنىڭدىن قاتتىق مەمنۇن بولۇپ يۈگەن دەقىقىلەردە مالىم ئامبۇردەك قوللىرى بىلەن كەپسىز قۇلاقلىرىمنى ،چۈشتىكى ئىشتان باغ لەغمەننى سوزىغاندەك سوزۇپ تۇرۇپ< ئابدۇۋارىس، سىز بۇنداق لەقۋالىق قىلسىڭىز كىيىنچە سىزگە خوتۇن چىقمىغۇدەك> دەپ، ناھايتى ئېسىل ھېكمەتلىرىنى بېغىشلىما قىلدى. مەنمۇ ھەم چوقۇم تىرشىپ ئەتىكى كۈنلۈكتە 0.2كېلوگىرام ئاشۇرۇپ تېرىشكە قەسەم بەردىم. تېخى كۆپچىلىكنىڭ ئالدىدا دوڭفاڭ تېرەكتۇردەك يېقىملىق ئاۋازىم بىلەن <خوراز چىللايدۇ> دىگەن ناخشىنى ئېيتىپ بېرىپ ئاران قۇتۇلدۇم. شۇنداق قىلىپ ھاسراپ-ھۆمۈدەپ يۈرۈپ ئۆيگە قايتىپ كەلدىم. بۇ بىر كۈن مەن ئۈچۈن ئالامەتلا ئېسىل بىر كۈن. مەن چوقۇم ئېتىزلىقلاردا باغلاپ قويغان يۈسۈپنىڭ بىر-بىردىن چىرايلىق ،كېلىشكەن ئېشەكلىرىنى، ھېلىقى بومبا خۇمار قېرى دادىسىنى، ئۆرۈلۈپ كېتەي دىگەن ئوبۇرناسىنى، ئىشتان باغ لەغمەنلىرنى، قوقاقنى قورۇتىدىغان گىگانىت پاشىلىرىنى مەڭگۈ-مەڭگۈ سوقۇر ئۈچەيلىرىمدە ياد ئېتىپ تۇرىمەن! .......
ماقالەم تۈگىشى بىلەنلا گۈلداراس چاۋاكلار ياڭرىدى. بالىلارغا قارىسام تولا كۈلۈپ، تونۇرغا چۈشۈپ چىققاندەك تەرلەپ كېتىپتۇ. مۇسابىقىنىڭ نەتىجىسى چىققۇچە، مەكتىپىمىزنىڭ داڭلىق ئېشەك مىجەز ناخشىچىمىز رىسالەت، ئابدۇللا ئابدۇرېھىمنىڭ <توغراق>دىگەن ناخشىسىنى ئېيتىپ بەردى. ئەمما ئەڭ ئاخىرقى كۈچەپ ئېيتىدىغان يېرىگە  كەلگەندە، ئاۋازى يەتمەي تاس قالدى بىرنى ئوسۇرۋەتكىلى!  ئىشقىلىپ بۇنداق كۈچەۋاتقان چاغدا ئوسۇرۋېتىدىغان بولسا ،چوقۇم كوسارغۇ ئادەتتىكى گەپ، نەچچە قات نىيۇزەيكۇ ئىشتاننىمۇ پەرىمۇ-پەرە قىلۋاتىدۇ ھە! چۈنكى رىسالەتنىڭ ئاۋازى چىرايلىق بولغىنى بىلەن، كاسسسىى ،پىسا قاتلىمسىنىڭ كاسسسىسسىدىن 0.9999999ھەسسسە چوڭ! ماقالە نەتىجىسى ئېلان قىلىندى:
<بۇ مۇسابىقىدە، چىنلىق ناھايتى ئەكىس ئەتتۈرۈلگەن ،1-يىللىق 2-سىنىپتىكى ئابدۇۋارس غوپۇرنىڭ مېنىڭ بىر كۈنۈم ناملىق بايان ماقالىسى بىرىنجى،3-يللىق5-سىنىپتىكى مېلىكىزاتنىڭ  مېنىڭ ئاكام ناملىق بايان ماقالىسى ئىككىنجى، 2-يللىق 2-سىنىپتىكى ئەمەتجان ھوشۇرنىڭ كوچىىدكى پاراڭلار ناملىق كۈلدۈرگىسى 3-دەرىجىلىككە ئېرىشتى! قېنى چاۋاك!>  ھىم! بۇ قەلەندەرلەر يەنە قەلەم قاپچۇقىدىن بىرنى، ئون كويلۇق قەلەمدىن بىرنى، خاتىرە دەپتەردىن ئىككىنى بېرىپ مۇكاپاتنى تاماملىدى...ئېسىت جاپا تارتىپ كېكەچلىمەي ئوقۇپ كەتكەنلرىم...ئۇھ....

5-قىسىم تۈگىدى.
ئۆرۈكجان بارلىق كۈلكە خۇمارلار ئۈچۈن بىر ئۆمۈر خىزمەت قىلىدۇ!
2009-يىلى دېكابىر. كورلا. (ئۆرۈكجان)
خىزمىتىم ئالدىراش، مەيلىمچە بولسا بۇ ھېكايەمنى 10 قىسىم بىلەن ئاياغلاشتۇرغۇم بار.ئەمما تورغا چىقىشقا ۋاقتىم يوق. 6-قىسىمىنى نەچچە رەت يوللىغان بولساممۇ مۇۋاپىقىيەتلىك بولماي...ئارماندا قالدىم....ھېكايىنى ياقتۇرغان دوستلارغا تەشەككۈر...مەن قەيەردە...قايسى توربەتتە بولاي <ئۆرۈكجان> دىگەن تەخەللۇسۇم ۋە خارەكتېرىم قەتئىي ئۆزگرمەيدۇ! ھەممىڭلارغا ئامەت تىلەيمەن! ئامان بول ،"مىسرانىم!"

         كۆرۈلۈشى:411     قوشۇلغان ۋاقتى:2010-3-27 19:25:46يوللىغۇچى ئەزا:askar124

    
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يوللانمىدى ، سىزنىڭ تۇنجى ئىنكاس يوللىغۇچى بولىشىڭىزنى قارشى ئالىمىز !

ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:سىرلىقلىقىڭىزنى يوقاتماڭ
سىرلىقلىقىڭىزنى..
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:چاچ چۈشۈشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئامىللار
چاچ چۈشۈشنى كەلت..
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:ھەددىدىن زىيادە رومانتىكلىقمۇ كىشىنى بىزار قىلىدۇ
ھەددىدىن زىيادە ..
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:سەۋزە ئۆپكىنى ئاسرايدۇ
سەۋزە ئۆپكىنى ئا..
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:مېۋە پوستى بىلەن...
مېۋە پوستى بىلەن..
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:دۇنيادىكى ئەڭ توغرا پىسخېكا سىنىقى
دۇنيادىكى ئەڭ تو..
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:ئاياللارنىڭ جورا تاللاشتىكى يېڭى چارىسى
ئاياللارنىڭ جورا..
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:«ئەر-خوتۇنلار ئوخشىشىپ كېتىدۇ» نىڭ ھەقىقىي سىرى
«ئەر-خوتۇنلار ئو..
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:ئەر -ئاياللار ھەققىدە قىزىقارلىق پاراڭلار
ئەر -ئاياللار ھەق..
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:ھازىرنىڭ ئۆزى بەخىت
ھازىرنىڭ ئۆزى بە..
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:تەنھالىق ئىنسانغا نىسبەتەن‹‹يۇشۇرۇن قاتىل ››ئىكەن
تەنھالىق ئىنسانغ..
ئەڭ يېڭى رەسىملىك ماقالە:ساپما كەشنىڭ زىيىنى تولا
ساپما كەشنىڭ زىي..

ئالدىنقى ماقالە:ئىپـپەت- نـومـۇسنىڭ قـەدرى يـوقـالدىـمـۇ؟
كېيىنكى ماقالە:تۇنجۇققان سۇيگۇ
{ كۆچۈرۈش } { بېسىپ چىقىرىش }
 
بۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭبۇنى چېكىپ كۆرۈڭ

شىرىنىم ئەسەر سەھىپىسى (2010 - 4 - 16)  新ICP备10001556号