(ھېكايە)
ئوسمان قاۋۇل
1
تۆپەئاتا ئېگىزلىكىدىكى يالتىراپ تۇرغان كۈمۈش چوققىلار دېرىزىدىن كۆزگە ئالاھىدە تاشلىنىپ تۇراتتى. ھاۋا شۇنچە دىمىق بولسىمۇ ئىشخانامدا ئولتۇرۇپ ئاشۇ بەھەيۋەت چوققىلارغا نەزەر سالسام، ئۆزۈمنى سالقىنداپ قالغاندەك سېزەتتىم. بۈگۈن ئۇنىڭ ئارامبەخش سۈلكىتىگە بىر ھازا قاراپ تۇرغاندىن كېيىن، تېلېفون تۇرۇپكىسىغا ئىككىنچى قېتىم قول ئۇزاتتىم – يۇ، يەنە ئىككىلىنىپ قالدىم...
بىز تاسادىپىيلا ئۇچراشقان ۋە تونۇشقانىدۇق. قار لەپىلدەپ يېغىۋاتقان بىر كۈنى ئىشتىن قايتتىم. ئاپتوبۇس بېكىتىدە ئادەم جىق ئىدى. ھاۋانىڭ بۇنداق ئۆزگىرىشىدىن بىخەۋەر يالاڭراق كىيىنىۋالغاچقا، توڭلىغىنىمدىن كىشىلەر ئارىسىغا قىسىلىپ دالدىلىنىشقا مەجبۇر بولدۇم. شۇ چاغدا بېشىمدا زەڭگەر رەڭلىك بىر كۈنلۈك پەيدا بولدى. بۇ كۈنلۈك ماڭا باھار تۇيغۇسى ئاتا قىلدى. شۇ تۇيغۇنىڭ تۈرتكىسىدە كۈنلۈك ئىگىسىگە قارىدىم، ئوماققىنە بىر قىز يېنىمدا تۇراتتى. ئۇ ماڭا ‹‹تەڭ دالدىلىنايلى›› دېگەندەك قاراپ قويدى. ئۇنىڭ تەبەسسۈمىدىن، بولۇپمۇ تال – تال كىرپىكلىرى ئارىسىدىكى قاپقارا كۆزلىرىدىن چاقنىغان سەمىمىي نۇردىن تەمتىرەپ كەتتىم .
— رەھمەت سىزگە.
— توڭۇپ كېتىپتىكەنسىز، شۇڭا...
قىزنىڭ كۆيۈمچانلىقى مېنى تېخىمۇ ھودۇقتۇرۇپ قويدى .
— بۈگۈن ئەجەب تۇيۇقسىزلا ياغدىغۇ بۇ قار...
— ياخشى بولدى، زۇكام تارقىلىپ قاملاشمىغىلى تۇرغان.
قىز ماڭىلا ئەمەس ھەممە كىشىگە كۆيۈنۈۋاتاتتى.
— مۇشۇ ئەتراپتا ئىشلەمسىز؟
— ھەئە، ئاۋۇ دوختۇرخانىدا.
گەپ شۇ يەرگە كەلگەندە ئاپتوبۇس كەلدى، ئۇ ‹‹كەچۈرۈڭ›› دېگىنىچە كۈنلۈكىنى ئاۋايلاپ يىغىپ ئاپتوبۇسقا چىقتى. ئۇ ماڭا قانداق تۇيۇقسىز ئۇچرىغان بولسا، يەنە شۇنداق كېتىپ قالدى. شۇنىڭدىن كېيىن مەن خۇددى يېگانە ئارالدا ئېزىپ قالغان بېلىقچىدەك گاراڭ بولۇپ قالغانىدىم. ئۇنىڭ يا ئىسمىنى بىلمەيتتىم، يا دوختۇرخانىغا ئىزدەپ كىرەلمەيتتىم. بىر كۈنى خىيال بىلەن قىزغۇچ، سېرىق، ئالىبۇلىماچ غازاڭلارنى شىرىقلىتىپ دەسسەپ كېتىۋاتسام، مېنى سېغىندۇرغان، ئوي – خىيالىمنى ئەسىر قىلىۋالغان ئاشۇ تونۇش چىراي، يېقىملىق گەۋدىگە ئۇچراپ قالدىم.
— ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم!
ماڭا جان كىرگەنىدى، بىراق چىرايىدىن ھارغىنلىق چىقىپ تۇرغان قىز سالىمىمنى ئىلىك ئالماي ئالدىمدا تاقلا توختاپ قالدى .
— نېمە بولدىڭىز؟ مېنى تونۇيالمىدىڭىزمۇ؟
— مېنى بىرەرسىگە ئوخشىتىۋاتامسىز – يا؟
— ھەئە، ھېلىقى قار ياغقان كۈنى ماڭا زەڭگەر كۈنلۈك بىلەن شەپقەت يەتكۈزگەن قىزغا ئوخشىتىۋاتىمەن؟
— ھە، سىزمىتىڭىز؟! كەچۈرۈڭ.
— نەدىن كېلىۋاتىسىز؟
— بىر ئاغرىقنىڭ كېسىلىنى كۆرگىلى ئۆيىگە بارغان، ئەھۋالى تازا ياخشى ئەمەس، شۇنىڭ خىيالى بىلەن بولۇپ كېتىپتىمەن.
— كېرەك يوق، ئۇ يىگىت قارىغاندا سىزنىڭ ...
مەن ئۇنى ئۇستىلىق بىلەن چېكىپ بېقىشقا جۈرئەت قىلدىم.
— ۋاي – ۋۇي، نېمىلەرنى دەپ كەتتىڭىز؟ ئۇ 70 كە كىرىپ قالغان ئادەم. كونا قوشنىمىز ئىدى، بالىلىرى ئۆيلۈك – ئوچاقلىق بولۇپ كېتىپ، ئەر – خوتۇن ئىككىسى يالغۇز قاپتۇ، بىز بۇرۇن بەك ياخشى ئۆتكەن.
— ھە، مۇنداق دەڭ، مەن تېخى سىزنى ...
— نېمە دەپ قالغان؟
— دوختۇر.
كاللا دېسە پاقالچاق دېگەندەك بېرىلگەن بۇ جاۋابىمدىن ئىككىلىمىز كۈلۈشۈپ كەتتۇق. بۇ كۈلكە بىزنى كۆڭۈل ئازادىلىكىگە ئېرىشتۈرگەندەك قىلدى. شۇڭىمىكىن ئەمدى قىز گەپ باشلىدى.
— نەدە ئىشلەيدىغانلىقىڭىزنى سورىسام بولامدۇ؟
— سەھىيە ئىدارىسىدە ئىشلەيمەن.
— بىر سىستېمىدا ئىكەنمىز.
ئۇ ماڭا شۇنداق مۇلايىم كۆرۈنۈشكە باشلىدى. ئۇنىڭدىن ئايرىلغۇم يوق ئىدى. شۇڭا تاماققا تەكلىپ قىلغۇم كەلدى.
— تاماقلانغاچ بىر دەم پاراڭلاشساق بولامدۇ؟
— پاراڭلىشىشقا تاماقلىنىش شەرتمىدى؟!
— ئۇنداققۇ ئەمەس.
— ئەمىسە بولدىغۇ، ماڭغاچمۇ پاراڭلىشالايمىز.
قىزنىڭ ھەرىكەت، سۆز ئورامىدىكى سۈلكىتى مېنى ھودۇقتۇرماقتا ئىدى.
— ئىسمىڭىزنى سورىسام بولامدۇ؟
— ئىسمىم بىلال، كەسپىم تەرجىمان، تېخى بويتاق.
مەن قىزغىن ئىدىم، ئۇ كۈلۈپ تۇراتتى.
— ۋۇي، ئۇنچە جىق جاۋاب بەرگىدەك سوئال سورىغىنىم يوققۇ؟
— سىزدىن سىر تۇتقۇم كەلمىدى.
— نېمىشقا ئەمدى؟
— بەلكىم سىز مەيىن شامالدەك ياكى يېقىملىق ناخشىدەك جەلپكار بولغىنىڭىز ئۈچۈندۇر.
— ئوھوي، بۇ گەپمۇ؟ شېئىرمۇ؟
— نېمە دېسىڭىز مەيلى.
— نورمال ئادەم ھېچقاچان يۈزىدىن يۈزىگە ماختىلىشنى خالىمايدۇ.
ئۇنىڭ بۇ گېپى مېنى سەگەكلەشتۈرۈپ قويدى.
— مەنمۇ ئىسمىڭىزنى سورىسام بولامدۇ؟
— ئىسمىم زىلالە.
بىز تاغدىن – باغدىن پاراڭلىشىپ ئازراق ماڭغاندىنكېيىن، ئۇ ئىشىم بار، دەپ ئالدىراپ كېتىپ قالدى. نېمىسىنى دەي، يۈرىكىممۇ ئۇنىڭ بىلەن كەتكەندەك ئىدى.
2
بىر ئايدىن بۇيان ئاشقازىنىم ئاغرىپ تولىمۇ قىينالدىم. دوختۇرخانىغا باراي دېسەم قولۇمدىكى تەرجىمە ئىشى تۈگىمىگەنىدى. بىر كۈنى قورسىقىم ئېسىلىپ قېلىپ، ئامالسىز دوختۇرخانىغا بېرىشقا مەجبۇر بولدۇم. نومۇر ئېلىپ ئىچكى كېسەللەر بۆلۈمىگە كىردىم – دە، تۇرۇپلا قالدىم. بۇ يەردە ئۇزاقتىن بۇيان خىيالىمدىن چىقمىغان زىلالە ئاپئاق خالات كىيىپ پەرىشتىدەك ئولتۇراتتى.
— ۋۇي بۇ سىزغۇ، نېمە بولدىڭىز؟
— ئاشقازىنىمدىن چاتاق چىقتى.
— بۇ يەردە ئولتۇرۇڭ، تەكشۈرۈپ باقاي.
ئۇ ئەھۋالىمنى سوراپ بىلىۋالغاندىن كېيىن دورا، ئوكۇل يازغاچ گېپىنى داۋاملاشتۇردى.
— نېمىشقا بالدۇرراق كەلمىدىڭىز؟!
— ئۇ، بۇ ئىشلار بىلەن شۇ...
— ھېلىمۇ ياخشى ئاشقازىنىڭىز تېشىلىپ كەتمەپتۇ؟
ئۇ رېتسېپ يېزىپ بولغاندىن كېيىن دىققەت قىلىدىغان ئىشلارنى تاپىلاپ ئوبدان ئارام ئېلىشىمنى ئەسكەرتتى. غەيرىي ھال كۆرۈلسە ئۆزى بىلەن ئالاقىلىشىشىمنى ئېيتىپ، تېلېفون نومۇرىنى دەپ بەردى.
لەپىلدەپ ياغقان قار ئاپتوبۇس بېكىتىنى ئاپئاق لىباسقا پۈركىگەنىدى. كوچىدا ئىنس – جىن كۆرۈنمەيتتى...
زىلالە ئىككىمىز بىكەتتە قىزىق چاقچاقلىشىپ پىخىلدىشىپ كۈلۈشكىنىمىزچە ھەممىنى ئۇنتۇغانىدۇق. يۇلتۇزلار لەمپىلەردە، يول گىرۋەكلىرىدە، مەنزىرە دەرەخلىرىدە جىمىرلايتتى. زىلالىنىڭ مامۇق پەلتۇسى، ئۇزۇن ئاق شارپىسى ۋە تال – تال كىرپىكلىرى ئاشۇ جىمىرلاشلارغا قېتىلىپ كەتكەنىدى. ئىسسىق بىر تىنىق، ئىللىق بىر سېزىم، يېڭى بىر تۇيغۇ بارلىقىمنى ئىلكىگە ئېلىۋالغانىدى. نېرىدىكى دوختۇرخانا بىناسى غايەت زور ‹‹تىتانىك›› ناملىق پاراخوت بولۇپ، زىلالە ئىككىمىزنى يىراق ئوكيان باغرىدا ئېلىپ كېتىۋاتاتتى...
— رۇسى، – دەيتتىم مەن.
— جېك، – دەيتتى ئۇ.
يىراقتىن ‹‹مۇھەببەتنىڭ چېگرىسى يوق›› دېگەن ناخشا تولىمۇ سۇس ئاڭلىناتتى...
ئۇيقۇنىڭ تاتلىقلىقىدا تاڭ ئاتقاننىمۇ سەزمەپتىمەن. ئويغانسام قورسىقىم ئېچىپ ئۈچەيلىرىم تارتىشىپ كېتىپتۇ. چۈشۈمنىڭ شېرىنلىكىچۇ تېخى! راستىمنى ئېيتسام، مەن ئۇنىڭغا باغلىنىپ قالغاندەك ئىدىم. گەپ قىلاي دېسەم جۈرئەت يوق، كۈنلەر مەستخۇشلۇق ئىچىدە ئۆتۈۋاتاتتى. تەشنا كۆڭلۈمگە بەرھەم تاپماقچى بولۇپ يەنە ئۇنى خىيال قىلدىم. ئىشخانامنىڭ دېرىزىسىنى ئۇلۇغ ئېچىپ، تۆپەئاتا ئېگىزلىكىدىكى كۈمۈش چوققىلارغا نەزەر سالدىم. ئۇ خىيالىمدا خۇددى مۇشۇ كۈمۈش چوققىلاردەك گۈزەل تارتىملىق، سېھرى سىرلىق ساھىبجامال ئىدى. مەن بۇ ساھىبجامالنى ناھايىتى تەستە چاي ئىچىشكە تەكلىپ قىلدىم. سىرتتا يامغۇر يېغىۋاتاتتى. مەن كىرگەندە ئۇ چايخانىنىڭ دېرىزىسى يېنىدىكى ئۈستەلدە سىرتتىكى شۈمشەرىگەن گۈللەرگە قاراپ جىمجىت ئولتۇراتتى. مەن ئۇنىڭ جىملىقىنى بۇزدۇم.
سىم – سىم يامغۇر.
گۈزەل مەنزىرە.
مۇكەممەل سەنئەت.
توغرا، جاھاننى قانداق تەسەۋۋۇر قىلسىڭىز ئۇ ھېسسىي ئالىمىڭىزدە شۇ نەرسىگە ئايلىنىدۇ. ئەگەر ئۇنى غەم – قايغۇغا تولغان، دەپ قارىسىڭىز ئۇ ئەندىشىگە، مەردلىككە تولغان، دەپ قارىسىڭىز ئۇ خاتىرجەملىككە ئايلىنىدۇ.
خىيالدىن سىلكىندىم. تۇيۇقسىز ئۇنىڭ خۇددى ھېكمەتتەك روھىي دۇنيايىمغا سىڭىپ كېتىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلماقتا ئىدىم.
3
چۈشتە يېغىشقا باشلىغان يامغۇر ئىشتىن چۈشۈشكە يېقىن سەل پەسەيدى. ئاستا ئورنۇمدىن تۇرۇپ دېرىزە ئالدىغا يەنە كەلدىم. سىم – سىم يامغۇرنىڭ تامچىلىرى چېكەمگە چۈشۈۋېدى، سەگىگەندەك بولدۇم. تۆپەئاتا ئېگىزلىكىدىكى كۈمۈش چوققىلار ھەسەن – ھۈسەننىڭ شولىسىدا سۇس قىزىرىپ، تولىمۇ گۈزەل تۈسكە كىرگەنىدى. شەھەرنىڭ يامغۇردىن كېيىنكى مەنزىرىسىنىڭ بۇنداق چىرايلىق بولىدىغانلىقىنى تۇنجى رەت كۆرۈۋاتقاندەك ھۇزۇرلاندىم. جەلپكار كۈمۈش چوققىلارغا قارىغانچە روھىم ئۇرغۇپ، غەيرىتىم ئاشتى. ئورنۇمغا كېلىپ تۇرۇپكىغا قايتا قول ئۇزاتتىم. قارشى تەرەپ ھايالشىمايلا تېلېفوننى ئالدى.
— زىلالە تىنچلىقمۇ؟
— تىنچلىق، تېخى ئىشتىن چۈشمەپسىزغۇ؟
— شۇ، كەچتە بىردەم مۇڭداشساق ۋاقتى بارمىدۇ، دەپ تېلېفون قىلىشىمتى.
— كەچۈرۈڭ، كەچتە بالامنى ئالغىلى چوڭ ئۆيگە باراتتىم، دادىسىغا تاماق ئېتىمەن تېخى.
— ھە، بالامنى... تاماق... بولىدۇ، بولىدۇ.
— خوش ئەمىسە، ئۆزىڭىزنى ئاسراڭ!
— خو...ش
ئاسمان – زېمىن ئاستىن – ئۈستۈن بولۇپ كەتكەندەك تۇيۇلدى. ئەتراپتىن ‹‹ئۇنىڭ ئائىلىسى، بالىسى بار!›› دېگەن سادالار كېلىۋاتاتتى. بۇ سادالاردىن دەماللىققا كۆز ئالدىم قاراڭغۇلاشتى، كېيىن تەمكىنلەشتىم. نەزەرىمنى ئۆزۈم چوقۇنغان چوققىلاردىن رېئاللىقىمىزدىكى ئاددىي يۇلتۇزلارغا ئاغدۇردۇم. بۇلارنىڭ ئىچىدە زىلالىنىڭمۇ يۇلتۇزى بار، گەرچە بۇ جەلپكار يۇلتۇزغا ئېرىشەلمىسەممۇ، ئۇنىڭغا مەڭگۈلۈك گۈزەللىك ۋە بەخت تىلەيمەن!